36-ناخشا
«خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن»
(مەتتا 19:5، 6)
1. قوشۇلدى ئۈچ ئارقان،
تەنتەنە ئىلكىدە،
خەلق ۋە خۇدا گۇۋاھتۇر،
مۇقەددەس قەسەمگە.
يىگىت دېگەن قىزىغا:
سۆيگەن ئايالىم سەن.
(قايتۇرما)
شۇڭا، «خۇدا قوشقاننى
ئىنسان ئايرىمىسۇن».
2. ئۇلار ئىزدەپ ھەقنى،
مۇقەددەس كىتابتىن،
بەرگەن نىكاھ قەسىمى
تىلەپ بەخت خۇدادىن.
قىز دېگەن يىگىتىگە:
سۆيگەن ھەق ئېرىم سەن.
(قايتۇرما)
شۇڭا، «خۇدا قوشقاننى
ئىنسان ئايرىمىسۇن».
(يارىتىلىش 2:24؛ ۋەز 4:12؛ ئەفەسلىكلەر 5:22–33-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).