54-ناخشا
ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
(ئىبرانىيلار 10:38، 39)
1. خۇدا بۇرۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن،
ئاگاھلاندۇرغان ئىنساننى.
ئۇ بۈگۈن مەسىھ ئارقىلىق ئۈندەر
توۋا قىلىشقا بىزنى.
(قايتۇرما)
چىن ئېتىقادىمىز بارمۇ؟
ئېتىقاد بىزنى قۇتقۇزار.
ئۇنى ھەر چاغ كۆرسەتتۇقمۇ؟
چىن ئېتىقاد جاننى ساقلاپ قالار.
2. بىز بويسۇنۇپ مەسىھ بۇيرۇقىغا،
ۋەز ئېيتايلى بارچە ئەلگە!
ھوشيار بولۇپ ھەقىقەتنى قوغداش،
بۇ بىز ئۈچۈن ۋەزىپە.
(قايتۇرما)
چىن ئېتىقادىمىز بارمۇ؟
ئېتىقاد بىزنى قۇتقۇزار.
ئۇنى ھەر چاغ كۆرسەتتۇقمۇ؟
چىن ئېتىقاد جاننى ساقلاپ قالار.
3. كەلمەكتە شۇ نىجاتلىق كۈنىمىز؛
دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا،
ئىشەنچ مۇستەھكەم، قورقمايمىز ھەرگىز،
چىڭ تۇرىمىز ئىماندا.
(قايتۇرما)
چىن ئېتىقادىمىز بارمۇ؟
ئېتىقاد بىزنى قۇتقۇزار.
ئۇنى ھەر چاغ كۆرسەتتۇقمۇ؟
چىن ئېتىقاد جاننى ساقلاپ قالار.
(رىملىقلار 10:10؛ ئەفەسلىكلەر 3:12؛ ئىبرانىيلار 11:6؛ 1-يۇھاننا 5:4-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).