38-ناخشا
يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
(زەبۇر 55-باب)
1. قۇلاق سال، ئەي تەڭرى يەھۋا،
سەن ئۆزۈڭنى يوشۇرما.
قەلب سۆز، دۇئايىمنى ئاڭلا،
تىنچ-ئامانلىق بەر ماڭا.
(قايتۇرما)
يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
ئۇ مەدەتكاردۇر ساڭا.
ئىشەنچىڭنى كۈچەيتەر ئۇ؛
باشلار سېنى ھەق يولغا.
2. قانىتىم بولسا كەپتەردەك،
خەۋپتىن قاچاتتىم ئۇچۇپ،
قۇتقاز مېنى دۈشمەنلەردىن،
ماڭا سەن قالقان بولۇپ.
(قايتۇرما)
يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
ئۇ مەدەتكاردۇر ساڭا.
ئىشەنچىڭنى كۈچەيتەر ئۇ؛
باشلار سېنى ھەق يولغا.
3. ئىزدەپ يەھۋادىن پاناھلىق،
قىلاي ئۇنىڭغا نىدا.
ئۇ بولار دەرتلەرگە دەرمان؛
كۈچ بېرەر ياۋاشلارغا.
(قايتۇرما)
يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
ئۇ مەدەتكاردۇر ساڭا.
ئىشەنچىڭنى كۈچەيتەر ئۇ؛
باشلار سېنى ھەق يولغا.
(زەبۇر 22:5؛ 31:1–24-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).