تەرجىمىھال
بىز يەھۋاغا ھەرگىزمۇ «ياق» دېمەسلىكنى ئۆگەندۇق
تەيفۇن بورىندىن كېيىن دەريا لاي-پاتقاق ۋە يوغان تاشلارغا تولغان ئىدى. بىزنىڭ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈشىمىزگە توغرا كەلگەن، بىراق دولقۇنلاپ ئاققان دەريا سۈيى كۆرۈكنى ئېقىتىپ كەتكەن ئىدى. يولدۇشۇم خارۋىي، مەن ۋە تەرجىمانىمىز قاتتىق قورقۇپ، ئۆزۈمىزنى ئامالسىز قالغاندەك قىلدۇق. بىز دەريانى كېسىپ ئۆتۈشكە باشلىغاندا، قارشى تەرەپتىكى قېرىنداشلار ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئاۋۋال بىزنىڭ كىچىك ماشىنىمىزنى يۈك توشۇيدىغان يوغان ماشىنىغا باستى. ئاندىن بىز ئۆزۈمىزنىڭ كىچىك ماشىنىمىزغا ئولتۇردۇق. ماشىنىمىز ئارقان ياكى زەنجىرلەر بىلەن باغلانمىغانلىقتىن، يۈك ماشىنىسى تېز ئېقىۋاتقان دەريادىن ئۆتۈش ئۈچۈن ماشىنا ئاستا مېڭىشقا باشلىدى. بۇ دەريانى كېسىپ ئۆتۈشكە كۆزۈمىز يەتمەيتتى. بىز يەھۋاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىپ، دەريادىن ئامان-ئېسەن ئۆتتۇق. بۇ ۋەقە 1971-يىلى يۈز بەرگەن. بىز تۇغۇلغان يۇرتىمىزدىن ئىنتايىن يىراق، تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا بولغان ئىدۇق. كېلىڭلار، مەن سىلەرگە بىزنىڭ ھېكايىمىزنى ئېيتىپ بېرەي.
يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىش
ھەمراھىم خارۋىي تۆت ئاكا-ئۇكىنىڭ چوڭى بولغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى 1930-يىلى ئىقتىسادىي ئەھۋال قىيىن ۋاقىتلاردا غەربىي ئاۋسترالىيىدىكى مىدلاند جانكىشىن شەھىرىدە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان. خارۋىي يەھۋانى ياخشى كۆرۈپ، 14 يېشىدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. كۆپ ئۆتمەي، ئۇ جامائەتتىكى تاپشۇرۇقلارنى ھەردائىم قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرۇشنى ئۆگەنگەن. بىر قېتىم، ئۇ بالا چېغىدا، ئۇنىڭغا «كۈزىتىش مۇنارى»نى ئوقۇڭ دېگەندە، ئۇ ئۇنى رەت قىلغان، چۈنكى ئۆزىنى نالايىق دەپ ھېسابلىغان. بىراق، بىر بۇرادەر خارۋىيغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەردە بىرسى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا سىزگە قانداقتۇ بىر ئىشنى تاپشۇرسا، سىزنى ئۇنىڭغا لايىق دەپ ئويلايدۇ».—2-كورىنت. 3:5.
مەن ئاپام، ھەدەم بىلەن ئەنگلىيىدە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلدۇق. بېشىدا مېنىڭ دادام قارشى تۇرغان، كېيىنرەك ئۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلدى. دادامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، مەن 10 ياشقا تېخى يەتمەي چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋە ئاندىن ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇشقا مەقسەت قويدۇم. ئەمما، دادام مەن 21 ياشقا تولمىغىچە، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشۇمغا رۇخسەت قىلمىغان. ئەمما، مەن كۈتۈشنى خالىمىدىم. مەن 16 ياشقا تولغاندا، دادامنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاۋسترالىيىگە تۇرمۇشقا چىققان ھەدەم بىلەن ياشايمەن، دەپ كېتىپ قالغان. ئاخىرىدا، مەن 18 ياشقا كىرگەندە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى باشلىدىم.
1951-يىل، بىزنىڭ توي كۈنىمىز
ئاۋسترالىيىدە مەن خارۋىينى ئۇچراتتىم. بىز ئىككىلىمىز مىسسىئونېر بولۇشنى خالىغان. بىز 1951-يىلى تويىمزنى قىلىدۇق. ئىككى يىل پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، بۇرادەرلەر بىزگە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى تاپشۇردى. بىز غەربىي ئاۋسترالىيىدىكى چوڭ تېررىتورىيىدە خىزمەت قىلاتتۇق، شۇڭا بىز ماشىنا بىلەن پات-پات قۇرغاق چۆلنى ۋە ئادەملەر ئاز كېلىدىغان رايونلارنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.
بىز مۇراد-مەقسىتىمىزگە يەتتۇق
1955-يىل، يانكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى
1954-يىلى بىز گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 25-قارارلىق سىنىپىغا تەكلىپ قىلىندۇق. بىزنىڭ مىسسىئونېر بولۇش ئارزۇيىمىز يېقىندا ئەمەلگە ئاشىدۇ! بىز نيۇيوركقا كېمىدە يېتىپ كېلىپ، مۇقەددەس كىتابنى پۇختا تەتقىق قىلىشنى باشلىدۇق. گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇشتىن باشقا، ئىسپان تىلىنىمۇ ئۆگىنىشىمىز كېرەك ئىدى. بۇ خارۋىي ئۈچۈن قىيىن بولغان، چۈنكى ئۇ «ر» دېگەن ھەرىپنى تەلەپپۇز قىلالمىغان.
ئوقۇش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلار ياپونىيىدە ۋەز قىلىشنى خالايدىغانلارغا ياپون تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆز ئىسىملىرىنى تىزىملىككە يېزىپ قويۇشى ھەققىدە ئېلان قىلغان. لېكىن، بىز بارىدىغان جاينى يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئۆزى تاللىسۇن، دەپ قارار قىلدۇق. كۆپ ئۆتمەي، گىلىئاد مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى ئالبېرت شىرېدېر ئىسىملىرىمىزنى شۇ تىزىملىككە يازمىغانلىقىمىزنى بىلىۋالغان. ئۇ بىزگە: «بۇ ھەققىدە كۆپرەك ئويلاپ بېقىڭلار»،— دەپ ئېيتقان. بىز يەنە ئىككىلەنگەن ۋاقىتتا، شرېدېر بۇرادەر: «بىز باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سىلەرنىڭ ئىسىمىڭلارنى بۇ تىزىملىككە يېزىپ قويدۇق. ياپون تىلىنى ئۆگىنىشنى سىناپ كۆرۈڭلار»،— دېگەن. بۇ تىلنى ئۆگىنىش خارۋىي ئۈچۈن ئاسانراق بولغان ئىدى.
1955-يىلى بىز ياپونىيىگە يېتىپ كەلگەندە، شۇ دۆلەتتە پەقەت 500 ۋەز ئېيتقۇچى بولغان ئىدى. خارۋىي 26 ياشتا، مەن بولسام 24 ياشتا بولغان ئىدۇق. بىز پورت شەھىرى كوبېغا تەيىنلەندۇق، شۇ يەردە بىز تۆرت يىل ۋەز قىلدۇق. ئاندىن بىز قايتىدىن جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلىقىمىزدىن بەك خۇشال بولدۇق، بىز ناگويا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلدۇق. بىز ۋەزىپىلىرىمىز بىلەن باغلىنىشلىق ھەممە نەرسىلەرنى، شۇ جۈملىدىن قېرىنداشلارنى، تاماقنى ۋە ئەتراپىدىكى تەبىئەتنىمۇ ياخشى كۆرەتتۇق. ئەمما، كۆپ ئۆتمەي، يەھۋاغا «ياق» دېمەسلىك ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت پەيدا بولدى.
يېڭى ۋەزىپىنىڭ يېڭى قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىشى
1957-يىل، ياپونىيىدىكى كوبې شەھىرىدە مەن، خارۋىي ۋە باشقا مىسسىئونېرلار
جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ياپونىيىدىكى بەيتەل بىزنى تەيۋەنگە بېرىپ ئامىس، دېگەن يەرلىك خەلقكە ۋەز قىلىشقا تەييارمۇسىلەر؟ دەپ سورىغان. شۇ يەردە ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەر پەيدا بولغان ئىدى. شۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن راۋان ياپونچە سۆزلەيدىغان بىر بۇرادەر كېرەك ئىدىa. بىز ياپونىيىدىكى خىزمىتىمىزنى ياخشى كۆرەتتۇق، شۇڭا بۇ قارار بىز ئۈچۈن قىيىن بولغان. بىراق، خارۋىي تاپشۇرۇقلارنى ھەرگىز رەت قىلماسلىقنى ئۆگەنگەنلىكتىن، بىز شۇ يەرگە بېرىشقا كېلىشتۇق.
بىز 1962-يىلى نويابىر ئېيىدا تەيۋەنگە كەلگەندە، شۇ يەردە 2271 ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ كۆپىنچىسى ئامىس مىللىتىدىن ئىدى. ئەمما، باشتا بىزگە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش كېرەك ئىدى. بىزدە پەقەت بۇ تىلنى ئۆگىتىدىغان كىتاب ۋە ئىنگلىز تىلىنى بىلمەيدىغان مۇئەللىم بار ئىدى، بىراق بىز بۇ تىلنى ئۆگەندۇق.
تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي، خارۋىي بەيتەلگە تەيىنلىنىپ، بۇ دۆلەتتىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان ئىدى. بەيتەل كىچىك بولغاچقا، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالىغان ۋە ئايدا ئۈچ ھەپتە ئامىس بۇرادەرلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشقا ئۈلگۈرەلىگەن. يەنە ئۇ بەزىدە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلغان ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا نۇتۇقلارنى ئېيتقان. خارۋىي ياپونچە نۇتۇقلارنى ئېيتالايتتى ۋە ئامىس قېرىنداشلارمۇ ئۇنى ياخشى چۈشىنەلەيتتى. بىراق، ھۆكۈمەت جامائەت يىغىلىشلىرىنى پەقەت خەنزۇچە ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغان. شۇڭا، خارۋىي ئۈچۈن نۇتۇقلارنى خەنزۇچە ئېيتىش قىيىن بولغان. ئۇ نۇتۇقلارنى ئېيتقاندا، بىر بۇرادەر ئۇنى ئامىس تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
شۇ ۋاقىتتا تەيۋەن ھەربىي ھالەتتە تۇرغان. شۇڭا، چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇرادەرلەر ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. رۇخسەتلەرنى ئېلىش ئاسان بولمىغان ۋە بەزىدە بۇنى ئۇزۇن ۋاقىت كۈتۈشكە توغرا كېتەتتى. ئەگەر ساقچىلار چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەپتىگىچە رۇخسەت بەرمىگەن بولسا، خارۋىي رۇخسەت ئالغىچە ساقچىخانىدا ئولتۇراتتى. ساقچىلار چەت ئەللىك ئادەمنىڭ كۈتۈپ ئولتۇرۇشىدىن خىجىل بولۇپ، تېزلا رۇخسەت بېرەتتى.
بىرىنچى قېتىم تاغقا چىقىشىم
تەيۋەندە ۋەز قىلىش ئۈچۈن كىچىك دەريادىن ئۆتۈۋاتىمىز
قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، بىز تاغقا چىقىپ دەريالاردىن ئۆتۈپ، ئادەتتە بىر سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يول يۈرەتتۇق. مېنىڭ بىرىنچى قېتىم تاغقا چىققان ۋاقتىم ئېسىمدە. تېزلا ناشتىلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەتىگەن سائەت 30:5دا بىز يىراقتىكى بىر يېزىغا قاراپ ماڭغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇق. كېيىن، بىز كەڭ دەريادىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقتۇق. بۇ تاغ شۇنچە تىك ئىدىكى، ھەتتا ئالدىمدا تاغقا چىقىپ كېتىۋاتقان بۇرادەرنىڭ تاپىنى كۆرەلەيتتىم.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە، خارۋىي بىرنەچچە يەرلىك بۇرادەرلەر بىلەن ۋەز قىلغان، مەن بولسام كىچىك يېزىدا ياپونچە سۆزلەيدىغانلارغا يالغۇز ۋەز قىلاتتىم. سائەت بىرلەردە، ماغدۇرسىز ھېس قىلىشقا باشلىدىم، چۈنكى مەن تاماق يېمىگىلى بىرنەچچە سائەت بولغان ئىدى. مەن ئاخىرى خارۋىي بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا باشقا بۇرادەرلەر بولمىغان. ئۇ بىرنەچچە ژۇرناللارنى ئۈچ خام تۇخۇمغا ئالماشتۇرغان. خارۋىي ماڭا بىر تۇخۇمنى تۆشۈك قىلىپ، ئۇنى قانداق شوراپ يېيىشنى كۆرسەتتى. بۇ ئىشتىھانى ئاچمايدىغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، مەن ئۇنى يېگەن. ئۈچىنچى تۇخۇمنى كىم يەيدۇ؟ ئۇنى مەن يېگەن، چۈنكى مەن ھوشۇمدىن كەتسەم، خارۋىي مېنى تاغدىن ئېلىپ چۈشەلمەيمەن، دەپ ئويلىغان ئىدى.
كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدا يۇيۇنۇش
بىر چوڭ يىغىلىشتا كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدىم. بىز ئىبادەت زالىنىڭ يېنىدىكى بىر بۇرادەرنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق. ئامىس خەلقى يۇيۇنۇشنى مۇھىم سانىغاچ، رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بىزنىڭ يۇيۇنۇشىمىز ئۈچۈن ھەممە شارائىتىنى يارىتىپ قويغان. خارۋىينىڭ قولى بوش بولمىغاچ، ئۇ بىرىنچى مېنىڭ يۇيۇنۇشىمنى سورىغان. يۇيۇنۇش ئۈچۈن بىر چېلەك سوغۇق سۇ، بىر چېلەك ئىسسىق سۇ، يەنە بىر داس بولغان. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنىڭ ئايالى ئۇلارنى بىز تۇرغان ئۆينىڭ سىرتىغا قويۇپ قويغان، بىراق ئۇلار ئىبادەت زالىدا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۇرادەرلەرگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن توسۇپ قويۇش ئۈچۈن پەردە سورىدىم. ئۇ ماڭا بىر پارچە نىپىز كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يالتىراق پلاستىكنى ئېلىپ كەلدى. مەن ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ يۇيۇنماقچى بولدۇم، بىراق ئۇ يەردىكى غازلار قاشادىن بېشىنى تىقىپ، يېقىنلاشقان ئادەملەرنى چىشلەيدىكەن. «بۇرادەرلەر ئۆز ئىشى بىلەن شۇنچىلىك بەنت، مۇمكىن مەن يۇيۇنۇۋەرسەم ئۇلار مېنى بايقىمايدۇ. ئەگەر يۇيۇنمىسام ئۆي ئىگىسىنى رەنجىتىپ قويىمەن. ھە، مەيلى، يۇيۇناي!»— دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە. مەن يۇيۇنۇشنى باشلىدىم.
ئامىس خەلقىنىڭ مىللىي كىيىمى
ئامىس خەلقى ئۈچۈن ئەدەبىيات
خارۋىي ئامىس قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز ۋە ئۇلانىڭ تىلىدا بېسىلغان ماتېرىياللار بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. يېقىندا ئامىس تىلىنىڭ لاتىنچە ئۆز ئېلىپبەسى پەيدا بولدى، شۇڭا بىز قېرىنداشلارنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويساق، بۇ ئەمەلىي ياردەم بولىدۇ، دەپ ئويلىدۇق. بۇ بىر چوڭ ئىش بولغان، ئەمما ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇلار يەھۋا خۇدا توغرىسىدا كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى. ئامىس تىلىدا ماتېرىياللار تەخمىنەن 1966-يىلىدىن باشلاپ يورۇق كۆرگەن، «كۈزىتىش مۇنارى» بولسا، 1968-يىلىدىن تارتىپ نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە.
ئەمما، ھۆكۈمەت خەنزۇچە بولمىغان ماتېرىياللارنىڭ بېسىپ چىقىرىلىشىنى چەكلىگەن. قىيىنچىلىقلاردىن نېرى بولۇش ئۈچۈن ئامىس تىلىدا «كۈزىتىش مۇنارى» ھەرخىل شەكىلدە بېسىپ چىقىرىلغان. مەسىلەن، بىز بىراز ۋاقىت ئامىس ھەم خەنزۇچە قوش تىللىق «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنى ئىشلەتكەن. كىمدۇ بىرسىنىڭ سوئاللىرى پەيدا بولسا، خۇددى يەرلىك ئادەملەر خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئاشۇ قەدىرلىك قېرىنداشلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى بىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئامىس تىلىدا كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى چىقارماقتا.—ئەلچى. 10:34، 35.
تازىلىنىش جەريانى
تەخمىنەن 20 يىلچە، ئامىس قېرىنداشلار خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىمىغان. ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى قائىدە-پرىنسىپلارنى ئانچە تولۇق چۈشەنمىگەچكە، بەزىلىرى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان، ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچكەن، تاماكا چەككەن ۋە بېتېل غوزىكىنى [ئەپيۇن گۈلى غوزگىكە ئوخشاش] چاينىغان. خارۋىي ئېتىقادداشلارنىڭ بۇ نەرسىلەرگە قارىتا خۇدانىڭ كۆزقارىشىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپلىگەن جامائەتلەرنى زىيارەت قىلغان. بۇ ماقالىنىڭ باشلىنىشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋەقە، بۇنداق زىيارەت سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن ئىدى.
كەمتەر قېرىنداشلار ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا تەييار ئىدى. ئەپسۇسكى، نۇرغۇنلىرى بۇنى قىلىشنى خالىمىغان، شۇڭا، تەيۋەندە 20 يىلنىڭ ئىچىدە ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانى 2450تىن 900 ئادەمگە چۈشۈپ قالغان. بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلغان. بىراق، بىز يەھۋانىڭ ناپاك تەشكىلاتنى ھەرگىزمۇ بەرىكەتلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۇق (2-كورىنت. 7:1). ئاخىرى، ناپاك ئادەتلەر تازلىنىپ يوققا چىقىرىلغان ۋە يەھۋانىڭ بەرىكىتى بىلەن ھازىر تەيۋەندە 11000دىن كۆپرەك ۋەز ئېيتقۇچى بار.
1980-يىلدىن كۆپ ئۆتمەي، ئامىس تىلىدىكى جامائەتلەرنىڭ روھىي ئەھۋالى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، شۇ سەۋەبتىن خارۋىي خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيدىغانلارغا ۋەز قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتىنى چىقىرالىغان. ئۇ بىرنەچچە ئايال قېرىنداشلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشقا ياردەم بەرگەن. ئېسىمدە، خارۋىي بۇ ئەر كىشىلەرنىڭ بىرى تۇنجى قېتىم دۇئا قىلغاندا، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتقان. مەنمۇ كۆپلىگەن سەمىمىي ئايال كىشىلەرنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىمدىن بەك خۇشال. يەنە مەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەتكەن بىر كىشىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى بىلەن بەيتەلدە بىللە خىزمەت قىلغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم.
قايغۇلۇق پەيت
ئەپسۇس، مەن ئۆمۈرلۈك جۈپتىمدىن ئايرىلدىم. 59 يىل بىللە ياشىغان، قەدىرلىك ھەمراھىم خارۋىي راك كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلىپ، 2010-يىل، 1-يانۋاردا ۋاپات بولدى. ئۇ تەخمىنەن 60 يىل خۇداغا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان. مەن تېخىچە ئۇنى بەكمۇ سېغىنىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئاجايىپ ئىككى دۆلەتتە خىزمەت قىلغانلىقىمدىن خۇشال بولدۇم. بىز ئاسيادىكى ئىككى قىيىن تىلدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالدۇق، ئەمما خارۋىي بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تىللاردا يېزىشنى ئۆگەنگەن.
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، يېتەكچى كېڭەش يېشىم چوڭ بولغانلىقتىن، مېنىڭ ئاۋسترالىيىگە قايتىشىمنى قارار قىلغان. مېنىڭ بېشىمغا بىرىنچى بولۇپ كەلگەن ئويۇم: «مېنىڭ تەيۋەندىن ئايرىلغۇم يوق». بىراق، خارۋىي مېنى يەھۋاغا «ياق» دېمەسلىككە ئۆگەتكەن، شۇڭا، مەنمۇ بۇنىڭغا «ياق» دېمىگەن ئىدىم. كېيىنرەك، مەن بۇ قارارنىڭ نەتىجىسى دانا بولغانلىقىنى كۆردۈم.
بەيتەلدە ئېكسكۇرسىيىلەرنى ياپونچە ۋە خەنزۇچە ئۆتكۈزۈدىغانلىقىمدىن خۇشالمەن
ھازىر مەن ئاۋسترالىزىيادىكى بەيتەلدە ھەپتە ئارىلىقىدا خىزمەت قىلىمەن ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يەرلىك جامائەت بىلەن ۋەز قىلىمەن. بەيتەلگە زىيارەتكە كەلگەنلەرنى ياپونچە ۋە خەنزۇچە ئېكىسۇرسىيە قىلدۇرغانلىقىمدىن بەك خۇشالمەن. مەن يەھۋا بەرگەن تىرىلدۈرۈش ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمەن. خۇدانىڭ سۆزىگە دائىم قۇلاق سېلىپ، ھەرگىزمۇ «ياق» دېمەسلىكنى ئۆگەنگەن ھەمراھىم خارۋىي يەھۋانىڭ ئېسىدە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.—يۇھاننا 5:28، 29.
a گەرچە خەنزۇ تىلى ھازىر تەيۋەندە ھۆكۈمەت تىلى بولسىمۇ، ياپون تىلى نەچچە ئون يىل ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن، تەيۋەندىكى ھەرخىل مىللەت كىشىلىرى تېخىغىچە ياپون تىلىدا سۆزلىشەتتى.