كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 مارت 13-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 مارت 13-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

نېمە ئۈچۈن 2-‏سامۇ‌ئىل 21:‏7–‏9-‏ئايە‌تلە‌ردە «مىفىبوشە‌تكە داۋۇ‌ت پادىشاھ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تتى» دېيىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ كېيىن مىفىبوشە‌ت ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇ‌رۇ‌لغانلىقى يېزىلغان؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بۇ ئۈزۈندىسىنى تېز ئوقۇ‌غاندا،‏ مە‌زكۇ‌ر سوئال سورايدۇ.‏ لېكىن بۇ ئۈزۈندىدە مىفىبوشە‌ت ئىسىملىك ئىككى ھە‌رخىل كىشى ھە‌ققىدە ئېيتىلىدۇ.‏ نېمىلە‌ر يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقساق،‏ ساۋاق ئالالايمىز.‏

ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇ‌لنىڭ يە‌تتە ئوغلى ۋە ئىككى قىزى بار ئىدى.‏ تۇ‌نجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوناتان ئىدى.‏ كېيىنرە‌ك سائۇ‌لنىڭ توقىلى رىزپاھتىن مىفىبوشە‌ت ئىسىملىك ئوغلى تۇ‌غۇ‌لغان.‏ قىزىقارلىق يېرى،‏ يوناتاننىڭمۇ مىفىبوشە‌ت ئىسىملىك ئوغلى بولغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ پادىشاھ سائۇ‌لنىڭ مىفىبوشە‌ت ئىسىملىك ھە‌م ئوغلى ھە‌م نە‌ۋرىسى بار ئىدى.‏

شۇ ۋاقىتتا سائۇ‌ل ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشىغان گىبېئونلۇ‌قلارنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ ئېنىقكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىبىرلىرى ئۆلتۈرۈلگە‌ن ئىدى.‏ بۇ ناتوغرا بولغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى يە‌شۇ‌ئانىڭ زامانىغا نە‌زە‌ر سالساق،‏ ئىسرائىل يولباشچىلىرى گىبېئونلۇ‌قلار بىلە‌ن كېلىشىم تۈزگە‌ن ئىدى.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 9:‏3–‏27.‏

پادىشاھ سائۇ‌لنىڭ زامانىدىمۇ بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە ئىدى.‏ سائۇ‌ل كېلىشىمگە قارشى يول تۇ‌تۇ‌پ،‏ گىبېئونلۇ‌قلارنى تامامە‌ن قىرىپ تاشلاشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ نە‌تىجىسىدە،‏ سائۇ‌ل ۋە ئۇ‌نىڭ جامائىتىدىكىلە‌ر قانخورلۇ‌ققا ئە‌يىبلىك بولدى (‏2-‏سام.‏ 21:‏1)‏.‏ كېيىن داۋۇ‌ت پادىشاھ بولغان.‏ ئامان قالغان گىبېئونلۇ‌قلار ئۇ‌نىڭغا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ داۋۇ‌ت ئۇ‌لاردىن سائۇ‌لنىڭ ئاشۇ دە‌ھشە‌تلىك قىلمىشى ئۈچۈن قانداق كاپارە‌ت بېرىش كېرە‌كلىكىنى سورىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بۇ زېمىننى بە‌رىكە‌تلىشىگە يول ئاچقان بولالاتتى.‏ گىبېئونلۇ‌قلار پۇ‌ل سوراشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارنى يوقىتىشنى مە‌قسە‌ت قىلغان ئادە‌منىڭ يە‌تتە ئوغلى ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلغان (‏سانلار 35:‏30،‏ 31)‏.‏ داۋۇ‌ت ئۇ‌لارنىڭ ئىلتىماسىنى ئورۇ‌نلىغان.‏—‏2-‏سام.‏ 21:‏2–‏6.‏

ئۇ ۋاقىتتا سائۇ‌ل بىلە‌ن ئوغلى يوناتان جە‌ڭدە قازا قىلغان.‏ ئە‌مما يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشە‌ت ھايات ئىدى.‏ بىر پاجىئە‌لىك ۋە‌قە تۈپە‌يلىدىن،‏ ئۇ بالىلىق چېغىدىن مېيىپ بولۇ‌پ قالغان.‏ ئېنىقكى،‏ ئۇ بوۋىسىنىڭ گىبېئونلۇ‌قلارغا قارىتا قىرغىنچىلىققا قاتناشمىغان.‏ داۋۇ‌ت يوناتان بىلە‌ن دوستلۇ‌ق كېلىشىمنى تۈزگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ھە‌م يوناتاننىڭ ئە‌ۋلاتلىرىغا،‏ شۇ جۈملىدىن مىفىبوشە‌تقا پايدىلىق ئىدى (‏1-‏سام.‏ 18:‏1؛‏ 20:‏42)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «سائۇ‌لنىڭ ئوغلى يوناتان بىلە‌ن داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا قە‌سە‌م ئىچىشكە‌نلىكتىن،‏ يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشە‌تكە داۋۇ‌ت پادىشاھ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تتى».‏—‏2-‏سام.‏ 21:‏7.‏

خوش،‏ داۋۇ‌ت گىبېئونلۇ‌قلارنىڭ ئىلتىماسىغا قانداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ سائۇ‌لنىڭ ئىككى ئوغلىنى،‏ ئۇ‌لاردىن بىرى مىفىبوشە‌ت ئىدى،‏ ۋە بە‌ش نە‌ۋرىسىنى ئۇ‌لارنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغان (‏2-‏سام.‏ 21:‏8،‏ 9)‏.‏ داۋۇ‌تنىڭ بۇ ئىش-‏ھە‌رىكىتى شۇ يە‌ردىكى قانخورلۇ‌قنى توختاتقان.‏

بۇ ھېكايە پە‌قە‌ت تارىخىي ۋە‌قە‌لا ئە‌مە‌س.‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىدا:‏ «بالىلار ھە‌م ئاتىلىرىنىڭ گۇ‌ناھى ئۈچۈن ئۆلتۈرمىسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېنىق يېزىلغان (‏تە‌كرار.‏ قا 24:‏16)‏.‏ ئە‌گە‌ر سائۇ‌لنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بە‌ش نە‌ۋرىسى قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بولمىغان بولسا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا داۋۇ‌تنىڭ ئۇ‌لارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇ‌رۇ‌لۇ‌شى قارارىغا ھە‌رگىزمۇ رازى بولماتتى.‏ سە‌ۋە‌بى شۇ قانۇ‌ندا:‏ «ھە‌ركىم ئۆز گۇ‌ناھى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ ئېنىقكى،‏ سائۇ‌لنىڭ يە‌تتە ئە‌ۋلادى گىبېئونلۇ‌قلارغا قارىتا قىرغىنچىلىققا قاتناشقان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى گۇ‌ناھى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏

بۇ ھېكايىدىن كۆرۈۋاتىمىزكى،‏ كىشى يول-‏يورۇ‌ققا ئە‌مە‌ل قىلدىم دە‌پ ئېيتىپلا ياكى ئويلاپلا،‏ ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ.‏ ئۇ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكار بولىدۇ.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت كىتابىدا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «باسقان قە‌دە‌ملىرىڭگە دىققە‌ت قىل،‏ شۇ‌ندىلا ماڭغان بارچە يوللىرىڭ توغرا بولار».‏—‏پە‌ند.‏ نە 4:‏24–‏27؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 5:‏15.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش