52-ناخشا
قەلبىڭنى چىڭ قوغدا!
(پەندى-نەسىھەت 4:23)
1. قەلبنى قوغدا، ھەق يولدا ماڭ!
تاپارسەن ھاياتلىق.
خۇدا تەكشۈرۈپ نىيەتنى،
بىلەر قەلبنى ئېنىق.
قەلبىمىز شۇنچە قۇۋ-مەككار،
باشلار خاتا يولغا.
ئەقىل ئىشلەت، باشلا قەلبنى
ھەق خۇدا يولىغا!
2. چىن دىلدىن دۇئالار قىلىپ،
ئىزدە ھەق خۇدانى!
ئېيت تەشەككۈر ۋە مەدھىيە
ھەم كۆڭۈل سۆزۈڭنى.
خۇدا بەرگەن بۇيرۇقلارغا
ئىتائەت قىلىش شەرت.
خۇرسەن قىل ئۇنى ھەر كۈنى،
كۆرسەت چىن ساداقەت!
3. قەلبنى چىرىكلىكتىن ساقلا؛
ھەق ئىشلارنى ئويلا!
خۇدا سۆزىنى قەلبكە ياز،
بېرەر ئۇ كۈچ قايتا.
يەھۋا سادىقلارنى سۆيەر؛
ئىشەنچ قىل بۇنىڭغا!
چىن دىلىڭدىن ئىبادەت قىل
مەڭگۈ ھەق خۇداغا!
(زەبۇر 34:1؛ فىلىپىلىكلەر 4:8؛ 1-پېترۇس 3:4-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).