27-ناخشا
يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
(چىقىش 32:26)
1. ساختا دىنغا ئەقىدە قىلغاندا،
كۆڭۈل غەش، قايمۇقۇپ مەست يۈرگەنتۇق.
خۇدا شاھلىقى، دەپ ئاڭلىغاندا،
چەكسىز شادلىققا چۆمدۇق.
(قايتۇرما)
يەھۋا تەرەپتە تۇر؛
تاپ خۇشاللىق سەن.
ئۇنىڭ نۇرىدا يۈر؛
يالغۇز قالمايسەن.
ئېيت، خۇدا شاھلىقى
دانا ھۆكۈمەت.
مەسىھ ئېلىپ كېلۇر
ھۆرلۈك ۋە بەر’كەت.
2. چېچىپ شاھلىق خۇش خەۋەر ئۇرۇقى،
يەھۋاغا خۇشال خىزمەت قىلىمىز.
قېرىنداشلارنى خۇدا ئىسمىنى
جاكارلاشقا ئۈندەيمىز.
(قايتۇرما)
يەھۋا تەرەپتە تۇر؛
تاپ خۇشاللىق سەن.
ئۇنىڭ نۇرىدا يۈر؛
يالغۇز قالمايسەن.
ئېيت، خۇدا شاھلىقى
دانا ھۆكۈمەت.
مەسىھ ئېلىپ كېلۇر
ھۆرلۈك ۋە بەر’كەت.
3. شەيتان شىردەك ھۇۋلىسا، قورقمايمىز.
ئىشەنچ باغلىدۇق، مەدەتكار يەھۋا.
بولسا شەيتان مەككار، ئالدانمايمىز،
ماڭىمىز بىز ھەق يولدا.
(قايتۇرما)
يەھۋا تەرەپتە تۇر؛
تاپ خۇشاللىق سەن.
ئۇنىڭ نۇرىدا يۈر؛
يالغۇز قالمايسەن.
ئېيت، خۇدا شاھلىقى
دانا ھۆكۈمەت.
مەسىھ ئېلىپ كېلۇر
ھۆرلۈك ۋە بەر’كەت.
(زەبۇر 94:14؛ پەندى-نەسىھەت 3:5، 6؛ ئىبرانىيلار 13:5-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).