41-ناخشا
يەھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادەت قىل!
(ۋەز 12:1)
1. خۇدا ئامراق سىلەرگە ئەي ياشلار،
ئۇ سىلەرگە كۆپ غەمخورلۇق قىلار،
ئاتا-ئانا ۋە دوستلار ئارقىلىق
قىلار سىلەرگە ئۇ مېھرىبانلىق.
2. كۆيۈمچان ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر!
بولما ۋاپاسىز، نائەھلى تۇزكور.
خۇدا ۋە ئىنسانلارنى خۇش قىلساڭ؛
ياڭرار ياشلىقتا خۇشال كۈي-ناخشاڭ.
3. ياش ۋاقتىڭدا خۇدانى ياد قىلغىن!
ھەقنى سۆيۈپ، ئىماندا چىڭ تۇرغىن!
يەھۋاغا بېغىشلا سەن ئۆزۈڭنى،
بولار بەكمۇ خۇرسەن ئۇنىڭ كۆڭلى.
(زەبۇر 71:17؛ مەرسىيە 3:27؛ ئەفەسلىكلەر 6:1–3-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).