29-ناخشا
ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
(زەبۇر 26-باب)
1. ئەي، خۇدايىم، قەلبىمنى كۆزەتكىن؛
ئىشەنچ باغلاپ، سادىق بولدۇممۇ تەكشۈرگىن.
كۆزەت مېنى، سەن مېنى سىنىغىن؛
قەلبىمنى پاكلىغىن، ياشاي ساڭا يېقىن.
(قايتۇرما)
ئەي يەھۋا! مەن قارار قىلدىم شۇنى،
يۈرەي مەڭگۈ ساقلاپ ساداقەتمەنلىكنى.
2. يالغانچىلار بىلەن ئولتۇرمايمەن؛
ھەقنى كەمسىتكەنلەر بىلەن دوست بولمايمەن.
يامان قاتارى جېنىمنى ئالما؛
پارىخور، جىدەلخورنى ئاياپ ئولتۇرما.
(قايتۇرما)
ئەي يەھۋا! مەن قارار قىلدىم شۇنى،
يۈرەي مەڭگۈ ساقلاپ ساداقەتمەنلىكنى.
3. يەھۋا، سۆيدۈم ھۇزۇرۇڭ-ئۆيۈڭنى.
قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن ھەق ئىبادىتىڭنى.
ئايلىنىمەن قۇربانلىق سۇپاڭنى،
ئاڭلىتاي يەر-جاھانغا شۈكۈرلىرىمنى.
(قايتۇرما)
ئەي يەھۋا! مەن قارار قىلدىم شۇنى،
يۈرەي مەڭگۈ ساقلاپ ساداقەتمەنلىكنى.
(زەبۇر 25:2-ئايەتكە ھەم قاراڭ).