30-تەتقىق ماقالىسى
ئۆتمۈشتىكى بېشارەتلىك سۆزلەر سىز ئۈچۈن مۇھىم!
«مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا ... دۈشمەنلىك سالىمەن».—يارىت. 3:15.
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
بۇ ماقالىدەa
1. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۋا نېمە قىلدى؟ (يارىتىلىش 3:15)
ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا گۇناھ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەھۋا مۇھىم بىر بېشارەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۈمىد بەردى. ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىن ئوقۇڭ.
2. نېمە ئۈچۈن بۇ بېشارەت ئىنتايىن مۇھىم؟
2 بۇ بېشارەت مۇقەددەس كىتابنىڭ بىرىنچى كىتابىدا يېزىلغان. ئەمما، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇقەددەس كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا كىتابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ بېشارەت بىلەن باغلىنىشى بار. خۇددى مونچاقلارنى بىر-بىرلەپ بىر يىپقا ئۆتكۈزۈپ، بىر تىزىق مارجاننى باغلىغاندەك، يارىتىلىش 3-باب 15-ئايەتتىكى سۆزلەر، مۇقەددەس كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر كىتابنىڭ مەزمۇنىنى بىر ئاساسىي خەۋەرگە باغلىغان. يەنى، ياراتقۇچى بىر قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىپ، ئىبلىس شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق رەزىللىك قىلغۇچىلارنى ھالاك قىلىدۇb. بۇ يەھۋانى سۆيىدىغانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر بەرىكەت!
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەت توغرىسىدا تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىمىز: ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەر كىملەر؟ بۇ بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟ بۇنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
بېشارەتتە كىملەر تىلغا ئېلىنغان؟
4. يىلان كىم ۋە بۇنى قانداق بىلىمىز؟
4 يارىتىلىش 3:14، 15-ئايەتلەردە، «يىلان»، يىلاننىڭ «ئەۋلادى»، «ئايال» ۋە ئايالنىڭ «ئەۋلادى» تىلغا ئېلىنغان. مۇقەددەس كىتاب ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇc. ئاۋۋال يىلان ھەققىدە سۆز باشلايلى، ھەقىقىي يىلان يەھۋانىڭ ئېرەم باغدا نېمە دېگەنلىرىنى چۈشىنەلمەيتتى. شۇڭا، يەھۋانىڭ ھۆكۈمى چوقۇم ئەقىللىق يارىتىلغان بىرىگە قارىتىلغان بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا، يەھۋا كىمگە سۆزلىگەن؟ ۋەھىيلەر 12:9-ئايەت، يىلاننىڭ كىملىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئايەتتە، «قەدىمقى يىلان» ئىبلىس شەيتان ئىكەنلىكى ئېنىق سۆزلەنگەن. ئەمما يىلاننىڭ ئەۋلادى كىملەر؟
يىلان
شەيتان ئىبلىس. ئۇ ۋەھىيلەر 12:9-ئايەتتە «قەدىمقى يىلان» دەپ ئاتالغان (4-ئابزاسقا قاراڭ)
5. كىملەر يىلاننىڭ ئەۋلادىنى تەشكىل قىلغان؟
5 بىر شەخسنى ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۈلگە قىلىشقا بارچە كۈچى بىلەن تىرىشقانلار ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتا بەزىدە ئەۋلاد ئىبارىسى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇ شەخسنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتالغان ئىدى. شۇڭا،يىلاننىڭ ئەۋلادى — ساداقەتسىز پەرىشتىلەر ۋە شەيتانغا ئوخشاش ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى تۇرىدىغان ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە نۇھنىڭ زامانىدا ئاسماندىكى ۋەزىپە ئورنىدىن ۋاز كەچكەن پەرىشتىلەر، شۇنىڭدەك ئاتىسى شەيتانغا ئوخشاش ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغان رەزىل ئىنسانلار بار.—يارىت. 6:1، 2؛ يۇھاننا 8:44؛ 1-يۇھاننا 5:19؛ يەھۇدا 6.
يىلاننىڭ ئەۋلادى
يەھۋا خۇداغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى چىقىدىغان رەزىل روھىي مەۋجۇداتلار ۋە ئىنسانلار (5-ئابزاسقا قاراڭ)
6. نېمە ئۈچۈن «ئايال»نىڭ ھاۋا-ئانا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس؟
6 ئەمدى، «ئايال» كىم ئىكەنلىكىنى بىلەيلى. ئۇ ھاۋا-ئانا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. نېمە ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس؟ پەقەت بىرلا سەۋەبنى ئويلاپ كۆرەيلى. بېشارەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: بۇ ئايالنىڭ ئەۋلادى يىلاننىڭ بېشىنى «يانجىيدۇ». بىز مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، يىلان — روھىي شەخس شەيتان، ھاۋا-ئانىنىڭ نامۇكەممەل ئەۋلادىنىڭ ئۇنىڭ بېشىنى يانجىشىغا كۈچ-قۇدرىتى يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، شەيتان قانداق ھالاك قىلىنىدۇ؟
7. ۋەھىيلەر 12:1، 2، 5، 10-ئايەتلەر، يارىتىلىش 3: 15-ئايەتتىكى ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؟
7 يارىتىلىش 3: 15-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئايالنىڭ كىملىكى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاخىرقى كىتابىدا ئاشكارىلانغان (ۋەھىيلەر 12:1، 2، 5، 10-نى ئوقۇڭ). ئۇ يەر يۈزىدىكى ئايال ئەمەس! ئۇنىڭ پۇتىدا ئاي، بېشىدا 12 يۇلتۇز تاجى بار. ئۇ ئايال ئالاھىدە بىر بالا، يەنى خۇدا پادىشاھلىقىنى تۇغدى. بۇ پادىشاھلىق ئاسماندا، شۇڭا ئايالمۇ چوقۇم ئاسماندا بولۇشى كېرەك. بۇ ئايال يەھۋاغا سادىق پەرىشتىلەردىن تەشكىل تاپقان ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئاسماندىكى قىسىمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.—گالاتىيا. 4:26.
ئايال
يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئەرشتىكى بۆلىكىنى تەشكىل قىلىدىغان سادىق روھىي مەۋجۇداتلار (7-ئابزاسقا قاراڭ)
8. كىم ئايالنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ۋە ئۇ قاچان شۇنداق بولغان ئىدى؟ (يارىتىلىش 22:15–18)
8 خۇدانىڭ سۆزى يەنە ئايالنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنى ئېنىقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئارىسىدىن تۇغۇلۇشى كېرەك ئىدى (يارىتىلىش 22:15–18-نى ئوقۇڭ). بۇ بېشارەتتە ئېيتىلغاندەك، دەل شۇ سادىق كىشى ئەيسانىڭ ئاتا-بوۋىسى بولغان (لۇقا 3:23، 34). ئەمما، ۋەدە قىلىنغان ئەۋلاد ئىنساندىن كۆپ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇندىلا، ئۇ ئىبلىس شەيتاننى يانجىپ يوق قىلالايتتى. شۇڭا، ئەيسا تەخمىنەن 30 ياشتا، مۇقەددەس روھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خۇدانىڭ روھىي ئوغلى سۈپىتىدە مەسىھ قىلىنغان. ئۇ مەسىھ قىلىنغاندا، ئاشۇ ئايالنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئاساسلىق قىسمىغا ئايلانغان ئىدى (گالاتىيا. 3:16). ئەيسا ئۆلتۈرۈلۈپ، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، خۇدا «شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى ئۇنىڭغا تاج قىلىپ كىيدۈرۈپ»، «ئاسمان ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ھوقۇق»نى بەردى. بۇ ھوقۇق شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.—ئىبرانىي. 2:7؛ مەتتا 28:18؛ 1-يۇھاننا 3:8.
ئايالنىڭ ئەۋلادى
ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان 144000 مايلانغان (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
9، 10. (1) يەنە كىملەر ئايالنىڭ ئەۋلادىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئۇلار قاچان شۇنداق بولىدۇ؟ (2) كېيىنكى نۆۋەتتە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
9 ئەمما، ئەيسادىن سىرت، يەنە ئايالنىڭ ئەۋلادىنىڭ قوشۇمچە قىسىمى بار. ئەلچى پاۋلۇس بۇ قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغان يەھۇدىي ۋە يەھۇدىي ئەمەس مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەسىھكە مەنسۇپ بولساڭلار، ئۇنداقتا سىلەر ھەقىقەتەن ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ۋەدىگە مۇۋاپىق مىراسخورلار بولىسىلەر» (گالاتىيا. 3:28، 29). يەھۋا بىر ئېتىقادچىنى مۇقەددەس روھى بىلەن مەسىھ قىلغاندا، ئۇ ئاشۇ ئايالنىڭ ئەۋلادىنىڭ بىر قىسىمى بولىدۇ. شۇڭا، ئايالنىڭ ئەۋلادى مەسىھ ئەيسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان 144000 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان (ۋەھىي. 14:1). بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئاتىسى، يەھۋا خۇداغا ئوخشاش كۆزقاراش ۋە ئىش-ھەرىكەتتە بولۇشقا تىرىشىدۇ.
10 ھازىر يارىتىلىش 3:15-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنى ئېنىقلاپ چىقتۇق، يەھۋانىڭ بۇ بېشارەتنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى قىسقىچە كۆرۈپ چىقايلى.
بۇ بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىۋاتىدۇ؟
11. قايسى مەنىدە، شەيتان ئايالنىڭ ئەۋلادنىڭ «تاپىنىنى» چېقىپ يارىلاندۇرغان؟
11 يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەتكە ئاساسلانغاندا، يىلان ئايالنىڭ ئەۋلادىنىڭ «تاپىنىنى» چاقاتتى. بۇ بېشارەت، شەيتان يەھۇدىيلارنى قۇترۇتۇپ، رىملىقلارنىڭ قولى بىلەن خۇدانىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرگەندە ئەمەلگە ئاشتى (لۇقا 23:13، 20–24). خۇددى تاپىنى يارىلانغان كىشى بىر ئاز ۋاقىت ماڭالمىغانغا ئوخشاش، ئەيسا ئۆلتۈرۈلۈپ، قەبرىدە ئۈچ كۈن ياتقاندا، ئۇ ۋاقتىنچە ئىشىدىن توختاپ قالدى.—مەتتا 16:21.
12. قانداق ۋە قاچان يىلاننىڭ بېشى يانجىلىدۇ؟
12 ئەگەر يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەت، ئەيسانىڭ قەبرىدە قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بېشارەتكە ئاساسلانغاندا، ئەۋلاد يىلاننىڭ بېشىنى يانجىيدۇ. بۇ ئەيسانىڭ يارىلانغان تاپىنىنىڭ ساقىيىپ ئەسلىگە كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يارىسى ساقايدى! ئۇ ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى، ئەيسا ئۆلمەس روھى سەخش سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلدى. خۇدا بەلگۈلىگەن ۋاقىت-سائەت كەلگەندە، ئەيسا شەيتاننى يانجىپ، مەڭگۈگە يوق قىلىدۇ (ئىبرانىي. 2:14). مەسىھ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار يەر يۈزىدىكى خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يىلاننىڭ ئەۋلادىنى تامامەن يوق قىلىدۇd.—ۋەھىي. 17:14؛ 20:4، 10.
بۇ بېشارەتنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
13. بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمىز؟
13 ئەگەر سىز خۇدا خىزمەتچىسى بولسىڭىز ، بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى سىز ئۈچۈن پايدىلىق. ئەيسا ئىنسان سۈپىتىدە يەر يۈزىگە كەلگەن. ئۇ ئاتىسىنىڭ پەزىلىتىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن (يۇھاننا 14:9). شۇڭا، بىز ئەيسا توغرۇلۇق ئۆگىنىش ئارقىلىق يەھۋا خۇدانى تونۇپ، ياراتقۇچىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگەندۇق. بىز يەنە ئەيسانىڭ تەلىملىرىدىن ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنى قانداق يېتەكلاۋاتقانلىقىدىن كۆپ پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. ئۇ بىزگە يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەممىمىز ئەيسانىڭ ئۆلۈمى، يەنى تاپىنى يارىلانغانلىقى سەۋەبلىك پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمىز. قانداق قىلىپ؟ ياراتقۇچى يەھۋا مەسىھ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەندىن كېيىن، مەسىھ ئۆز قېنىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى «بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك» قىلىدىغان مۇكەممەل قۇربانلىق سۈپىتىدە يەھۋاغا سۇندى.—1-يۇھاننا 1:7.
14. يەھۋا ئېرەم بېغىدا ئېيتقان بېشارەتنىڭ دەرھاللا ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
14 يەھۋانىڭ ئېرەم بېغىدا ئېيتقان سۆزلىرى، بۇ بېشارەت تولۇق ئەمەلگە ئېشىشتىن ئاۋۋال، بىر مەزگىل ۋاقىتنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئايالنىڭ ۋەدە قىلىنغان ئەۋلادىنىڭ بارلىققا كېلىشى، شەيتاننىڭ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى جەم قىلىشى ۋە ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك ياكى دۈشمەنلىشىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ. بىزنىڭ بۇ بېشارەتنى چۈشىنىشىمىزنىڭ پايدىسى بار، چۈنكى ئۇ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شەيتاننىڭ كونتروللۇقىدىكى دۇنيانىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن، ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن (ماركۇس 13:13؛ يۇھاننا 17:14). بىز ھەقىقەتەن ئاشۇ بېشارەتنىڭ بۇ قىسىمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى 100 يىل ئىچىدە كۆردۇق. قانداق؟
15. نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئايالنىڭ ئەۋلادىغا بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى؟ بىراق، نېمە ئۈچۈن شەيتاندىن قورقۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق؟
15 1914-يىلى، ئەيسا مەسىھ پادىشاھ بولۇپ تەختتە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شەيتان ئاسماندىن تاشلاندى. ئۇ ھازىر يەر شارىدا ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇشىنى كۈتمەكتە (ۋەھىي. 12:9، 12). شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ بەك ئالدىراش يۈرىدۇ. شەيتان قەھرى-غەزەپ بىلەن، ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ (ۋەھىي. 12:13، 17). شۇ سەۋەبتىن، شەيتاننىڭ دۇنياسىنىڭ خۇدا خەلقىگە بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن قورقۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەكسىچە، بىزمۇ ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش قەتئىي ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېيەلەيمىز: «خۇدا بىز تەرەپتە تۇرسا، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟» (رىملىقلار 8:31). بىز يەھۋاغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ باغلىيالايمىز، چۈنكى كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەتنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولدى.
16–18. كۇرتىس، ئۇرسۇلا ۋە جېسسىكا يارىتىلىش 3:15-ئايەتنى چۈشىنىشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردى؟
16 يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى يەھۋانىڭ ۋەدىلىرى بىزنىڭ ھەر قانداق سىناقلارغا يۈزلىنىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. گۇئامدا مىسسىئونېرلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان كۇرتىس مۇنداق دەيدۇ: «تۇرمۇشۇمدا بەزى ۋاقىتلاردا، يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمنى سىنايدىغان قىيىن ئىشلارغا يولۇقتۇم. ساداقىتىمنى سىنىغان سىناقلار ۋە ئۈمىدسىزلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلدىم. ئەمما، يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەت ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئاسماندىكى ئاتامغا بولغان ئىشەنچىمنى ساقلىشىمغا ياردەم بەردى». كۇرتىس ياراتقۇچى يەھۋا بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.
17 يارىتىلىش 3:15-ئايەتنى چۈشىنىش، گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە رايونىدا ياشايدىغان ئۇرسۇلا ئىسىملىك قېرىنداشقا ياردەم بەرگەن. يەنى، ئۇ شۇ ئايەتنى چۈشەنگەندىلا، مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يېزىلغانلىقىغا قايىل بولغان. ئۇرسۇلا باشقا بارلىق بېشارەتلەرنىڭ بۇ بېشارەت بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق تەسىرلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋانىڭ ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئۆگەنگىنىمدە، بەك تەسىرلىنىپ، ئۇنى تېخىمۇ سۆيۈشكە باشلىدىم».
18 مىكرونېزىيىدىن جېسسىكا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتنى تاپقانلىقىمنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان ۋاقتىمدا، قانداق ھېس-تۇيغۇغا چۆمگەنلىكىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. بۇ بېشارەت، ياراتقۇچىمىز يەھۋا ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىمىزنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەستە ساقلىشىمغا ياردەم بېرىدۇ. يەنە بۇ بېشارەت، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش مەن ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يولى ئىكەنلىكىگە ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىمغا بولغان ئىشەنچىمنى كۈچەيتتى».
19. بېشارەتنىڭ قىسىمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟
19 كۆرگىنىمىزدەك، ھازىر يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەت ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. ئايالنىڭ ئەۋلادى بىلەن يىلاننىڭ ئەۋلادى ئېنىق ئاشكارە بولدى. ئايالنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى بولغان ئەيسانىڭ تاپىنى يارىلىنىپ ساقايدى ۋە ئۇ ھازىر كۈچ-قۇدرەتلىك، ئۆلمەس پادىشاھ. ئەۋلادنىڭ قوشۇمچە قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغانلارنى تاللاش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. بېشارەتنىڭ ئاۋۋالقى قىسىمى ئەمەلگە ئاشتى، شۇڭا ئاخىرقى قىسىمىنىڭ، يەنى يىلاننىڭ بېشىنى يانچىشنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز بار. پات-ئارىدا شەيتان يوق قىلىنغاندا، خۇدا خىزمەتچىلىرى شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ! شۇ ۋاقىت كەلگىچە، ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەڭ. ياراتقۇچىمىز ئىشەنچلىك خۇدادۇر. ئۇ ئايالنىڭ ئەۋلادى ئارقىلىق «يەر يۈزىدىكى بارچە خەلقلەر»نى سان-ساناقسىز بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.—يارىت. 22:18.
30-ناخشا يەھۋا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى
a بىز يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەتنى چۈشەنمىسەك، مۇقەددەس كىتابنى تولۇق چۈشىنەلمەيمىز. بۇ بېشارەتنى تەتقىق قىلىش يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىڭ بارچە ۋەدىلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتەلەيدۇ.
b «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»دىكى «مۇقەددەس كىتابنىڭ خەۋىرى» ناملىق B1 قوشۇمچىسىگە قاراڭ.
c «يارىتىلىش 3:14، 15-ئايەتلەردىكى شەخسلەر» دېگەن رامكىغا قاراڭ.
d «يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى بەزى مۇھىم ئىش-ۋەقەلەر» دېگەن رامكىغا قاراڭ.