35-ناخشا
رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
(2-پېترۇس 3:15)
1. ئۇلۇغ يەھۋا، كۈچۈڭ زور ھەيۋەت،
سەن ھەقىقەت، چىن مۇھەببەت.
قاپلىغاچ رەزىللىك يەرنى،
خۇدا كۆڭلۈڭ بەك ئاغرىدى.
ھۆكۈم كۈنۈڭ كېچىكمەس سېنىڭ،
كۈنى كۆپ ئەمەس يامانلارنىڭ.
ئۈمىد، ئىشەنچ قىلدۇق ساڭا،
رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا.
2. نەزىرىڭدە مىڭ يىل بىر كۈندەك،
ئۆتۈپ كېتەر ئۇ شامالدەك.
چوڭ كۈنۈڭ يېقىندۇر، يەھۋا!
كېلەر كېچىكمەي ۋاقتىدا.
گەر ئۆچ بولساڭمۇ گۇناھكارغا،
سەن خۇرسەن، ئۇلار توۋا قىلسا.
زور ئۈمىد باغلىدۇق قايتا،
مەدھىيە ئېيتىمىز ئىسمىڭغا.
(لۇقا 15:7؛ 2-پېترۇس 3:8، 9-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).