13-ناخشا
شۈكۈر دۇئاسى
(زەبۇر 95:2)
1. ئالەم ئىگىسى، شەپقەتلىك خۇدا،
چىن دىلدىن ئوقۇي مەدھىيە ساڭا.
دۇئا-تىلاۋەت ئاڭلىغۇچى سەن،
سېنىڭ غەمخورلۇقۇڭغا مۇھتاجمەن.
بىز گۇناھكار بەكمۇ ئاجىز ئىنسان،
ئەپۇ قىل خۇدا! سەن كەچۈرۈمچان.
كۆر! ئوغلۇڭ تۆككەن قانغا ئاساسەن،
ئالدىڭغا كەلدۇق، تەلىم بەرگەيسەن.
2. پاھ، شۇنچە بەختلىك! سەن تاللىغانلار،
ئۇلار سەندىن ئىلىم-ھېكمەت ئالار.
تەلىم بەر، يولباشچى بولغىن ماڭا!
شۈكۈر ئېيتاي ئىبادەت جايىڭدا!
نىجاتكار خۇدا، كۈچۈڭ بەك ھەيۋەت،
چىڭ تۇراي ئىماندا! بەر جاسارەت.
خۇدا شاھلىقىڭنى مەدھىيىلەي،
يەر-جاھانغا خۇش خەۋەر يەتكۈزەي.
3. ئەي خۇدا! يەر-جاھان شادلىق قىلغاي؛
بارچە جاي ھەق ئىبادەتكە تولغاي.
پەزىلەت تاجىڭ، شاھلىقىڭ كېلەر،
ئاغرىق، ئۆلۈم، كۆز ياشنى تۈگىتەر.
رەزىللىكلەرنى ئوغلۇڭ يوق قىلار،
پاھ، مول بەر’كەت! دەپ ھەممە تەڭ توۋلار.
تەنتەنە بىلەن ئېيتىمىز ناخشا؛
ئۇلۇغ ئىگىمىز، پادىشاھ يەھۋا.
(زەبۇر 65:2، 4، 11؛ فىلىپىلىكلەر 4:6-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).