6-ناخشا
خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
(ئەفەسلىكلەر 6:18)
1. ئالەم ئىگىسى، يەھۋا ئاتا،
ئوقۇي مەدھىيە ئۇلۇغ ئىسمىڭغا.
شەپقىتىڭ كەڭ، چەكسىز تۈگىمەس،
سەن ئىشەنچلىك، قەتئىي ئۆزگەرمەس.
سەن ئىشەنچلىك، ئۆزگەرمەس،
شەپقىتىڭ كەڭ، تۈگىمەس.
2. ھەقنى سۆيدۈم، ياردەم تىلەيمەن،
ئىرادەڭنى قىلىشقا تەييارمەن.
مەن ئەمرىڭگە ماس ياشاي دەيمەن،
قوي پاداڭنى ئىزدەي، باقايمەن.
پادا ئىزدەي، باقايمەن،
ئەمرىڭگە ماس ياشايمەن.
3. سەندىن ئەقىل-پاراسەت كېلۇر،
خۇدا ياردەم بەر، سۆيگۈڭگە تولدۇر،
ئۈلگەم بول مېنىڭ! جاھان كۆرۇر،
مېھىر-شەپقەت، سۆيگۈڭنى بىلۇر.
جاھان كۆرۇر ۋە بىلۇر،
سۆيگۈڭ چاچقاچ مەڭگۈ نۇر.
(زەبۇر 143:10؛ يۇھاننا 21:15–17؛ ياقۇپ 1:5-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).