45-ناخشا
ئالغا باس!
(ئىبرانىيلار 6:1)
1. ئالغا باس، ئالغا باس، ئىماندا يېتىل!
قابىلىيەتلىك بول، خۇدا خىزمىتىنى قىل!
تىرىشىپ ۋەز ئېيتقىن، ئۆستۈر ماھارەت؛
خۇدا بېرەر بەرىكەت.
ۋەز ئېيتىش ھەممىمىز ئۈچۈن بۇرچ،
ئەيسادەك ۋەز ئېيت، چىقار زور كۈچ.
تايانغىن خۇداغا، ھەرگىز يىقىلما؛
چىڭ تۇر ھەققانىيلىقتا.
2. ئالغا باس، ئالغا باس، سەن گۇۋاھلىق بەر!
يەتكۈز بارچە مىللەتكە مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر!
پادىشاھ يەھۋانى ماختاشقا قاتناش،
سەن ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز ئېيتىپ.
دۈشمەن ئۇرۇنار قورقۇتۇشقا.
داۋاملىق ۋەز ئېيتقىن، سەن قورقما.
خۇش خەۋەر! خۇدا شاھلىقى كەلمەكتە.
ۋەز ئېيت ھەر ئەل خەلقىگە.
3. ئالغا باس، ئالغا باس، داۋاملىق ۋەز ئېيت،
ئىشچى ئاز، ئىشلار كۆپ، ئۆستۈر ئېسىل ماھارەت.
خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا ئەگەش.
ھەقىقىي خۇشاللىق تاپ.
قىزغىن ۋەز ئېيت، كۆرسەت مۇھەببەت.
قەلبلەرنى ئويغات، ھەقنى ئۆگەت.
ياردەم بەر، ئىماندا يېتىلسۇن ئۇلار.
شۇندا، ھەق نۇر چېچىلار.
(فىلىپىلىكلەر 1:27؛ 3:16؛ ئىبرانىيلار 10:39-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).