كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 فېۋرال 31-‏ب.‏-‏32-‏ب.‏ 6-‏ئابز.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغان كىشىلە‌ر دانا قارارلارنى چىقىرىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 فېۋرال 31-‏ب.‏-‏32-‏ب.‏ 6-‏ئابز.‏
ياقۇ‌پ ئە‌ساۋنىڭ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىنى ئالغان

ياقۇ‌پ ئە‌ساۋنىڭ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىنى ئالغانلىقتىن مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادى بولدىمۇ؟‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

قە‌دىمدە ئىسرائىلدا ئە‌ر كىشىنىڭ مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادى بولۇ‌ش ئۈچۈن تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولۇ‌شى شە‌رت بولغانمۇ؟‏

بۇ‌رۇ‌ن بىز ئىبرانىيلارغا 12:‏16غا ئاساسلىنىپ،‏ مۇ‌نداق كۆزقاراشتا بولدۇ‌ق.‏ بۇ ئايە‌تتە ئە‌ساۋنىڭ ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س نە‌رسىنى قە‌دىرلىمىگە‌نلىكى»‏ ۋە ياقۇ‌پقا «بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈن ئۆز تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىنى بېرىۋە‌تكە‌نلىگى»‏ يېزىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياقۇ‌پ ئە‌ساۋنىڭ «تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىنى» ئالغاندا،‏ بۇ‌نىڭغا مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادى بولۇ‌ش ئىمتىيازىمۇ كىرگە‌ن دە‌پ ئويلىدۇ‌ق (‏مە‌تتا 1:‏2،‏ 16؛‏ لۇ‌قا 3:‏23،‏ 34)‏.‏

ئە‌مما مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا ۋە‌قە‌لە‌رنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلغاندا،‏ ئە‌ر كىشىنىڭ مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادى بولۇ‌ش ئۈچۈن تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولۇ‌شى شە‌رت بولمىغانلىقىنى كۆردۇ‌ق.‏ كېلىڭ،‏ بۇ ھە‌قتە بە‌زى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى قاراپ چىقايلى.‏

ياقۇ‌پنىڭ لىياھدىن تۇ‌غۇ‌لغان تۇ‌نجى ئوغلى روبېن بولدى.‏ راھىلە‌دىن تۇ‌غۇ‌لغان بىرىنچى ئوغلى بولسا يۈسۈپ ئىدى.‏ روبېن ئە‌خلاقسىزلىق قىلغاندا،‏ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىدىن ئايرىلىپ،‏ بۇ ھوقۇ‌ق يۈسۈپكە بېرىلدى (‏يارىتىلىش 29:‏31—‏35؛‏ 30:‏22—‏25؛‏ 35:‏22—‏26؛‏ 49:‏22—‏26؛‏ تارىخنامە 1-‏يازما 5:‏1،‏ 2)‏.‏ لېكىن،‏ مە‌سىھ روبېننىڭمۇ،‏ يۈسۈپنىڭمۇ ئە‌ۋلادى بولمىغان.‏ ئۇ ياقۇ‌پ بىلە‌ن لىياھنىڭ تۆرتىنچى ئوغلى يە‌ھۇ‌دانىڭ قە‌بىلىسىدىن چىققان (‏يارىتىلىش 49:‏10)‏.‏

لۇ‌قا 3:‏32دە مە‌سىھنىڭ باشقا بە‌ش ئە‌جدادى تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىرى تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولغان ئوخشايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بوئاز ئوبىدنىڭ،‏ ئوبىد بولسا يىشاينىڭ ئاتىسى بولغان (‏رۇ‌ت 4:‏17،‏ 20—‏22؛‏ تارىخنامە 1-‏يازما 2:‏10—‏12)‏.‏

يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇ‌ت بولسا،‏ تۇ‌نجىسى بولمىغانىدى.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ سە‌ككىز ئوغۇ‌لنىڭ كە‌نجىسى بولغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادى بولغانىدى (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 16:‏10،‏ 11؛‏ 17:‏12؛‏ مە‌تتا 1:‏5،‏ 6‏)‏.‏ داۋۇ‌تنىڭ ئوغلى سۇ‌لايمانمۇ تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولمىسىمۇ،‏ مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادى بولغان (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 3:‏2—‏5)‏.‏

بۇ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س دە‌پ قارالغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل باشقا قېرىنداشلىرىدا بولمىغان ئىمتىيازلارغا ئېرىشكە‌ن.‏ ئاتىسىدىن كېيىن تۇ‌تجى ئوغۇ‌ل ئائىلىنىڭ باشچىسى بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممە مىراسنىڭ ئىككى ھە‌سسىسى ئۇ‌نىڭغا بېرىلە‌تتى (‏يارىتىلىش 43:‏33؛‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 21:‏17؛‏ يە‌شۇ‌ئا 17:‏1)‏.‏

بىراق تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قى بىر ئوغۇ‌لدىن يە‌نە بىر ئوغۇ‌لغا ئۆتۈشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ئىبراھىم ئوغلى ئىسمائىلنى ئائىلىسىدىن يىراق يە‌رگە ئە‌ۋە‌تكە‌ندە،‏ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قى ئىسھاققا ئۆتكە‌ن (‏يارىتىلىش 21:‏14—‏21؛‏ 22:‏2)‏.‏ يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ روبېننىڭ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قى يۈسۈپكە ئۆتتى.‏

ئۇ‌نداقتا ئىبرانىيلارغا 12:‏16دە پاۋلۇ‌س نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ بۇ ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ھە‌م ئاراڭلاردا ھېچبىرى زىناخور،‏ ئە‌ساۋدە‌ك بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈن ئۆز تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىنى بېرىۋە‌تكە‌ن،‏ ھە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س نە‌رسىنى قە‌دىرلىمە‌يدىغان بولمىسۇ‌ن».‏

بۇ يە‌ردە پاۋلۇ‌س مە‌سىھنىڭ ئە‌جداتلىرى ھە‌ققىدە ئېيتمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ مە‌سىھىيلە‌رنى ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا «ئاياقلىرىڭلارغا تۈز يوللارنى ياساڭلار»،‏ شۇ چاغدا «ھېچكىم خۇ‌دانىڭ ئىنايىتىدىن مە‌ھرۇ‌م قالمايدۇ» دېگە‌ن.‏ ئېچىنارلىقى شۇ‌كى،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلسا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىنايىتىدىن ئايرىلاتتى (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏12—‏16)‏.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌لار «مۇ‌قە‌ددە‌س نە‌رسىنى قە‌دىرلىمە‌ي»،‏ ئۆز ھە‌ۋە‌سلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشنى خالىغان ئە‌ساۋغا ئوخشىغان بولاتتى.‏

شۇ زاماندىكى ئۆرپ-‏ئادە‌ت بويىچە،‏ تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل سۈپىتىدە ئە‌ساۋنىڭ يە‌ھۋاغا بە‌زىدە قۇ‌ربانلىقنى ئېلىپ كېلىش ئىمتىيازى بولغان (‏يارىتىلىش 8:‏20،‏ 21؛‏ 12:‏7،‏ 8؛‏ ئايۇ‌پ 1:‏4،‏ 5)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌ساۋ ھە‌ۋە‌سلىرىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ بىر قاچا تاماق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىدىن ئايرىلغانىدى.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ يە‌ھۋا ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادى ھە‌ققىدە بېشارە‌ت قىلىنغان ئازاپتىن قېچىشنى خالىغان (‏يارىتىلىش 15:‏13)‏.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ يالغان ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ئىككى ئايالنى ئالغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىسىنى قايغۇ‌غا سېلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س نە‌رسىلە‌رنى قە‌دىرلىمىگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تتى (‏يارىتىلىش 26:‏34،‏ 35)‏.‏ ئۇ ھە‌قىقىي خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان ئايالغا ئۆيلە‌نگە‌ن ياقۇ‌پتىن قانچىلىك پە‌رقلە‌نگە‌ن!‏ (‏يارىتىلىش 28:‏6،‏ 7؛‏ 29:‏10—‏12،‏ 18)‏.‏

ئە‌يسا ياتقان ئوقۇ‌رنىڭ يېنىدىكى يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌قە‌لە‌ردىن ئە‌يسانىڭ ئە‌جداتلىرى توغرىسىدا نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولغان بولسا،‏ باشقىلىرى ئۇ‌نداق بولمىغانىدى.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار بۇ‌نى چۈشە‌نگە‌ن ھە‌م ئېتىراپ قىلغان.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ يىشاينىڭ كە‌نجى ئوغلى داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادى بولغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏مە‌تتا 22:‏42‏)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش