153-ناخشا
مەڭگۈ خۇشاللىق
(ئىبرانىيلارغا 13:15)
پاك دىل ئىنسانلارنى
كېچە-كۈندۈز ئىزدەيلى،
خۇشاللىق بېرەر مەڭگۈ
بۇ ئىشىمىز ئىزگۈ!
قول ئۈزمەي، تەر تۆكۈپ
ھەق ئۇرۇقىنى تەردۇق،
سەمىمىي يۈرەكلەردە
رەب ئۇنى ئۆستۈرەر.
(قايتۇرما)
بۇ شان-شەرەپ ناخشىمىزنى
بار جاھانغا ياڭرىتىمىز،
خۇدايىمىز رەب يەھۋانى
ئۇلۇغلايمىز باقى!
ھەقىقەتنى بىلگەن
كۆپ ئادەملەر ئۆزگەرگەن،
خۇشاللىق بېرەر مەڭگۈ
بۇ تەڭ كەلمەس سەزگۈ!
رەت قىلغانلارمۇ بار؛
ئاز ئەمەس ئاداشقانلار،
ئامما يەھ بۇيرىغاننى
خۇرسەن ئورۇنلايمىز.
(قايتۇرما)
بۇ شان-شەرەپ ناخشىمىزنى
بار جاھانغا ياڭرىتىمىز،
خۇدايىمىز رەب يەھۋانى
ئۇلۇغلايمىز باقى!
ھە، بىزگە تاپشۇردى
ئۇ جىددىي ۋەزىپىنى،
خۇشاللىق بېرەر مەڭگۈ
كۆرسىتىش چىن سۆيگۈ!
ئۆزى مەدەت بولار،
ئۇ بىزگە پاناھ بېرەر،
تېتىملىق سۆزلەر بىلەن
يەتكۈزۈڭ خۇش خەۋەر.
(قايتۇرما)
بۇ شان-شەرەپ ناخشىمىزنى
بار جاھانغا ياڭرىتىمىز،
خۇدايىمىز رەب يەھۋانى
ئۇلۇغلايمىز باقى!
(شۇنداقلا ئەلچ. 13:48؛ سال. 1-خ. 2:4؛ تىم. 1-خ. 1:11نى قاراڭ.)