كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 9-‏14 ب.‏
  • تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ باھا بە‌رمە‌ڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ باھا بە‌رمە‌ڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مىللىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ
  • باي-‏كە‌مبە‌غە‌للىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ
  • ئادە‌منىڭ يېشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ
  • ئادىل ھۆكۈم قىلىڭ
  • يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا بىر بولغاندە‌ك،‏ بىزمۇ بىر بولايلى!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 9-‏14 ب.‏
يە‌ھۇ‌دىيلار كورنىلىينىڭ ئۆيىگە كىرىۋاتىدۇ

تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ باھا بە‌رمە‌ڭ

‏«تۈرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار،‏ ھۆكۈمىڭلار ئادىل بولسۇ‌ن» (‏يوھان 7:‏24)‏.‏

ناخشىلار:‏ 54،‏ 43

تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌ردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

  • ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35

  • لاۋىيلار 19:‏15

  • تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏12

1.‏ يە‌شايا ئە‌يسا ھە‌ققىدە نېمىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ؟‏

يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئە‌يسا ھە‌ققىدىكى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان سۆزلىرى بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ.‏ يە‌شايا ئە‌يسا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ كۆزى بىلە‌ن كۆرگىنىگە ئاساسە‌ن ھۆكۈم چىقارمايدۇ،‏ ياكى قۇ‌لىقى بىلە‌ن ئاڭلىقىنىغا ئاساسە‌ن كېسىم قىلمايدۇ» (‏يە‌شايا 11:‏3،‏ 4)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر نېمە ئۈچۈن بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ؟‏ چۈنكى،‏ بىز ئادە‌ملە‌ر بىر-‏بىرىنى كە‌مسىتىدىغان ۋە تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان دۇ‌نيادا ياشاۋاتىمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز تاشقى كۆرۈنۈشكە قاراپ سوتلىمايدىغان مۇ‌كە‌ممە‌ل سوتچى ئە‌يساغا بە‌كمۇ مۇ‌ھتاج!‏

2.‏ ئە‌يسا بىزگە قانداق بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن ۋە بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 ھە‌ر كۈنى بىز باشقىلار ھە‌ققىدە ئوي-‏پىكىرلە‌رنى يە‌كۈنلە‌يمىز.‏ بىراق،‏ بىز ئە‌يساغا ئوخشاش مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌ڭا باشقا ئادە‌ملە‌رگە نىسبە‌تە‌ن مۇ‌كە‌ممە‌ل ئوي-‏پىكىردە بولالمايمىز.‏ كۆرگە‌نلىرىمىز بىزگە ئاسانلا تە‌سىر قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دە‌پ بۇ‌يرىغان:‏ «تۈرىگە [تاشقى كۆرۈنۈشىگە] قاراپ ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار،‏ ھۆكۈمىڭلار ئادىل بولسۇ‌ن» (‏يوھان 7:‏24)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا بىزنىڭ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشىمىزنى ۋە باشقىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىزنى خالايدۇ.‏ بۇ ماقالىدە ئوي-‏پىكرىمىزگە تە‌سىر قىلىدىغان ئۈچ نە‌رسىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز:‏ ئادە‌منىڭ ئىرقى ياكى مىللىتى،‏ بايلىقى ۋە يېشى.‏ شۇ ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تتە ئە‌يسانىڭ بۇ‌يرۇ‌غىغا قانداق قۇ‌لاق سېلىپ،‏ باشقىلارنى تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماسلىقنى ئۆگىنىمىز.‏

مىللىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ

3،‏ 4.‏ ئا)‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن پېترۇ‌س يات خە‌لقلە‌رگە بولغان كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏ ئە)‏ يە‌ھۋا پېترۇ‌سقا قانداق يېڭى ھە‌قىقە‌تنى ئېچىپ بە‌رگە‌ن؟‏

3 ئە‌لچى پېترۇ‌س قە‌يسە‌رىيە‌دە باشقا مىللە‌تتىن بولغان كورنىلىينىڭ ئۆيىگە چاقىرىلغاندا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏17—‏29)‏.‏ پېترۇ‌س كىچىكىدىن باشقا مىللە‌تلە‌رنى ناپاك دە‌پ ھېسابلىغان.‏ ئە‌مما،‏ يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر ئۇ‌نىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ خۇ‌دا پېترۇ‌سقا غە‌لىتە بىر كۆرۈنۈشنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏9—‏16)‏.‏ پېترۇ‌س ئاسماندىن يوغان ناپاك جانىۋارلارغا تولغان داستىخاننىڭ چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌نىدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئاسماندىن:‏ «پېترۇ‌س،‏ بۇ‌لارنى سويۇ‌پ يە!‏»،‏ دېگە‌ن بىر ئاۋازنى ئاڭلىغان.‏ لېكىن،‏ پېترۇ‌س بۇ‌نى رە‌ت قىلغان.‏ بۇ ئاۋاز ئۇ‌نىڭغا يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دا تازىلاپ،‏ ھالال قىلغان نە‌رسىنى،‏ ئە‌مدى ھارام دېمە».‏ پېترۇ‌س كۆرگە‌نلىرىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نمە‌ي ئويلىنىپ تۇ‌رغاندا،‏ كورنىلىي ئە‌ۋە‌تكە‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئالدىغا يېتىپ كە‌لگە‌ن.‏ شۇ چاغدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ پېترۇ‌سقا كورنىلىينىڭ ئۆيىگە بېرىشنى بۇ‌يرىغان،‏ شۇ‌ڭا پېترۇ‌س شۇ كىشىلە‌ر بىلە‌ن بىللە يولغا چىققان.‏

4 ئە‌گە‌ر پېترۇ‌س تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلغان بولسا،‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ كورنىلىينىڭ ئۆيىگە بارمايتتى.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار يات خە‌لقلە‌رنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇ‌غىسىدىن ئاتلىمايتتى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پېترۇ‌س نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ئۆيىگە بارغان؟‏ گە‌رچە پېترۇ‌س يات خە‌لقلە‌رنى كە‌مسىتكە‌ن بولسىمۇ،‏ كۆرگە‌ن غە‌لىتە كۆرۈنۈش ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ كۆرسە‌تمىسى ئارقىسىدا ئۇ ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌نىدى.‏ كورنىلىينىڭ سۆزىنى تىڭشاپ بولغاندىن كېيىن،‏ پېترۇ‌س:‏ «خۇ‌دانىڭ ھە‌رقانداق ئادە‌منى،‏ مە‌يلى ئۇ قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر تە‌ڭ كۆرىدىغانلىقىنى،‏ ئىخلاسمە‌ن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىنى ئە‌مدى چۈشە‌ندىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏ مۇ‌شۇ يېڭى كۆرسە‌تمە پېترۇ‌سنى بە‌كمۇ ھاياجانلاندۇ‌رغانىدى.‏ بۇ ئۆزگۈرۈشلە‌ر بارلىق مە‌سىھىيلە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

5.‏ ئا)‏ يە‌ھۋا بارلىق مە‌سىھىيلە‌رنىڭ نېمىنى چۈشىنىشىنى خالايدۇ؟‏ ئە)‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى بىلسە‌كمۇ،‏ قە‌لبىمىزدە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنىڭ يىلتىزى قالغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

5 يە‌ھۋا پېترۇ‌سنىڭ مىسالى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھە‌ممە كىشىنى تە‌ڭ كۆرىدىغان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى بارلىق مە‌سىھىيلە‌رگە چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رگە ئۇ‌لارنىڭ ئىرقى،‏ مىللىتى،‏ قە‌بىلىسى ياكى تىلىغا قاراپ مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ.‏ بىز يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنسە‌ك ۋە ئۇ‌نىڭ نە‌زە‌رىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلساق،‏ ئۇ بىزنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 3:‏26—‏28؛‏ ۋە‌ھىي 7:‏9،‏ 10)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز بۇ‌نى ئاللىقاچان بىلىسىز.‏ بىراق،‏ سىز باشقىلارنى كە‌مسىتىشنى ئادە‌ت قىلىۋالغان ئائىلىدە ياكى دۆلە‌تتە چوڭ بولغان بولسىڭىزچۇ؟‏ گە‌رچە سىز ھە‌ممىسىنى تە‌ڭ كۆرىمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىسىڭىزمۇ،‏ باشقىلارنى كە‌مسىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سى قە‌لبىڭىزدە يىلتىزىدىن پۈتۈنلە‌ي قومۇ‌رۇ‌لماي قالدىمۇ؟‏ ھە‌تتا پېترۇ‌س باشقىلارغا خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە كىشىنى تە‌ڭ كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆزى يە‌نىلا باشقىلارنى كە‌مسىتكە‌ن (‏گالاتىلىقلارغا 2:‏11—‏14)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشنى توختىتىپ،‏ ئە‌يسانىڭ بۇ‌يرۇ‌غىغا قانداق بويسۇ‌نالايمىز؟‏

6.‏ ئا)‏ كە‌مسىتىشنى يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌پ تاشلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئە)‏ ئاقساقالنىڭ خېتى ئۇ ھە‌ققىدە نېمىنى ئاشكارىلىغان؟‏

6 بىزدە كە‌مسىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ئازىراق بولسىمۇ بار-‏يوقلىقىنى بايقاش ئۈچۈن،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌دا سۆزىدىن ئالغان بىلىمىمىز بىلە‌ن ئۆزۈمىزنىڭ كۆزقارىشىمىزنى سېلىشتۇ‌رۇ‌پ كۆرۈشىمىز لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏105)‏.‏ بىز ئۆزۈمىز ھېس قىلالمىغان قانداقتۇ بىر كە‌مسىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىزدە بار-‏يوقلىقىنى يېقىن بىر دوستلىرىمىزدىن سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 2:‏11،‏ 14)‏.‏ بۇ يامان ئىللە‌ت قە‌لبىمىزدە چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ئۆزۈمىزمۇ بايقىماي قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىر ئاقساقال شۇ‌نداق بىر ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ بە‌يتە‌لگە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئە‌ر-‏ئايال ھە‌ققىدە خە‌ت ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئائىلە بېشى نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر تۆۋە‌ن كۆرىدىغان قە‌بىلىدىن چىققانىدى.‏ بۇ ئاقساقال شۇ قېرىنداش ھە‌ققىدە كۆپ ياخشى سۆزلە‌رنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن،‏ مۇ‌نداق دە‌پ قوشۇ‌پ قويغان:‏ «گە‌رچە بۇ قېرىنداش [مۇ‌شۇ مىللە‌تتىن] چىققان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ھايات تە‌رزى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىدىن باشقىلار شۇ‌نى كۆرۈۋېلىشى مۇ‌مكىنكى،‏ [مۇ‌شۇ مىللە‌تكە] تە‌ۋە ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى پاسكىنا مۇ‌ھىتتا ياكى ناچار تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتىدا ياشىمايدۇ».‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا مە‌يلى قانچە كۆپ مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالمايلى،‏ قە‌لبىمىزنىڭ چوڭقۇ‌ر قاتلاملىرىدا قانداقتۇ بىر كە‌مسىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنىڭ قېلىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،‏ بىز ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرۈشكە ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نە نېمە ئىش قىلالايمىز؟‏

7.‏ «باغرىمىزنى كە‌ڭ» ئاچقانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

7 ئە‌گە‌ر «باغرىمىزنى كە‌ڭ ئاچساق»،‏ كە‌مسىتىشنىڭ ئورنىنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىگە‌للە‌يدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏11—‏13)‏.‏ سىز پە‌قە‌ت ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ئىرق،‏ مىللە‌ت،‏ قە‌بىلە ياكى تىلدا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى خالامسىز؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ قۇ‌چاق ئېچىپ،‏ ھە‌رخىل مىللە‌تتىن چىققان قېرىنداشلار بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلسىڭىز ياكى ئۇ‌لارنى مېھمانغا چاقىرسىڭىز بولىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏14،‏ 15)‏.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە قە‌لبىڭىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولۇ‌پ،‏ كە‌مسىتىشنىڭ ئىزىمۇ قالمايدۇ.‏ ھازىر تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ،‏ ھۆكۈم قىلىشنىڭ يە‌نە باشقا تە‌رىپىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

باي-‏كە‌مبە‌غە‌للىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ

8.‏ لاۋىيلار 19:‏15تىن بايلىق ياكى كە‌مبە‌غە‌للىك ئادە‌ملە‌رگە بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىۋالالايمىز؟‏

8 ئادە‌ملە‌رنىڭ باي ياكى كە‌مبە‌غە‌ل بولۇ‌شى بىزنىڭ باشقىلارغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ لاۋىيلار 19:‏15تە:‏ «سە‌ن بولساڭ كە‌مبە‌غە‌لگە يان باسماي،‏ بايغا يۈز-‏خاتىرىمۇ قىلماي،‏ بە‌لكى راستلىق بىلە‌ن ئۆز قوشناڭغا ھۆكۈم قىلغىن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏

9.‏ سۇ‌لايمان قانداق ئاچچىق ھە‌قىقە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ن ۋە بۇ بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏

9 بىر كىشىنىڭ باي ياكى كە‌مبە‌غە‌ل بولۇ‌شى باشقىلارغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ سۇ‌لايمان مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ يېتە‌كچىلىكى بىلە‌ن مونۇ ئاچچىق ھە‌قىقە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ن:‏ «نامرات كىشى ھە‌تتا ئۆز قوشنىسىغىمۇ يامان كۆرۈنە‌ر.‏ باينىڭ دوستى بولسا،‏ كۆپتۇ‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏20)‏.‏ بۇ تە‌مسىل بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر بىز ئېھتىياتچان بولمىساق،‏ كە‌مبە‌غە‌ل قېرىنداشلىرىمىزدىن قېچىپ،‏ باي قېرىنداشلار بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا تىرىشىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنىڭ باي ياكى كە‌مبە‌غە‌للىكىگە قاراپ،‏ ھۆكۈم چىقىرىش بە‌كمۇ خە‌تە‌رلىك؟‏

10.‏ ياقۇ‌پ مە‌سىھىيلە‌رنى نېمە ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان؟‏

10 بىز قېرىنداشلىرىمىزنى باي-‏كە‌مبە‌غە‌للىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلساق،‏ جامائە‌تتە بۆلگۈنچىلىكنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌بچى بولىمىز.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ بە‌زى جامائە‌تلە‌ردە شۇ‌نداق ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياقۇ‌پ مە‌سىھىيلە‌رنى بۇ ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان ‏(‏ياقۇ‌پ 2:‏1—‏4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ جامائە‌تتە بۆلگۈنچىلىكلە‌رنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ باي-‏كە‌مبە‌غە‌للىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟‏

11.‏ كىشىلە‌رنىڭ مال-‏دۇ‌نياسى ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە تە‌سىر قىلامدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

11 بىز چوقۇ‌م قېرىنداشلىرىمىزغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا بىر ئادە‌مگە ئۇ‌نىڭ باي ياكى كە‌مبە‌غە‌للىكىگە قاراپ مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ.‏ پۇ‌لىمىزنىڭ ياكى مال-‏مۈلكىمىزنىڭ كۆپ بولۇ‌شى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە ھېچقانداق تە‌سىر قىلمايدۇ.‏ راست،‏ ئە‌يسا مونۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقان:‏ «باي ئادە‌مگە ئاسمان پادىشاھلىقىغا كىرمە‌ك تە‌س بولىدۇ».‏ بىراق،‏ ئۇ بايلار ھە‌رگىزمۇ كىرە‌لمە‌يدۇ دېمىگە‌ن (‏مە‌تتا 19:‏23‏)‏.‏ ئە‌يسا يە‌نە:‏ «كە‌مبە‌غە‌للە‌ر،‏ بە‌ختلىكسىلە‌ر،‏ چۈنكى خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى سىلە‌رگە مە‌نسۈپ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان ئىدى (‏لۇ‌قا 6:‏20)‏.‏ لېكىن،‏ بۇ كە‌مبە‌غە‌ل ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئە‌يسانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئالاھىدە بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌يساغا ئە‌گە‌شمىگە‌ن كە‌مبە‌غە‌ل ئادە‌ملە‌رمۇ نۇ‌رغۇ‌ن بولغان.‏ شۇ‌ڭا ناھايىتى ئېنىقكى،‏ بىر كىشىنىڭ مال-‏دۇ‌نياسىغا قاراپ،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە ھۆكۈم قىلالمايمىز.‏

12.‏ يازمىلار باي-‏كە‌مبە‌غە‌ل ھە‌ر ئىككىسىگە نېمە ئۆگىتىدۇ؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئارىسىدا بايلارمۇ،‏ كە‌مبە‌غە‌للە‌رمۇ بار.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا چىن قە‌لبىدىن خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ يازمىلاردا باي ئادە‌ملە‌رگە مونۇ نە‌سىھە‌ت يېزىلغان:‏ «ئۆزگىرىدىغان بايلىققا تايانماي،‏ بە‌لكى.‏.‏.‏ خۇ‌داغا تايىنىڭ» ‏(‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏17—‏19نى ئوقۈڭ)‏.‏ خۇ‌دا سۆزى يە‌نە ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە خىزمە‌تچىلىرىنى،‏ مە‌يلى باي ياكى گاداي بولسۇ‌ن،‏ پۇ‌لپە‌رە‌سلىكتىن ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏9،‏ 10)‏.‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولساق،‏ ئۇ‌لارنىڭ باي-‏كە‌مبە‌غە‌للىكىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئادە‌منىڭ يېشىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش توغرىمۇ؟‏ بۇ‌نى ھازىر كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئادە‌منىڭ يېشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ

13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا چوڭلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىلغان؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ياشانغان كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌ش دائىم تىلغا ئېلىنغان.‏ لاۋىيلار 19:‏32دە:‏ «ئاق چاچلىق كىشىنىڭ ئالدىدا قوپۇ‌پ تۇ‌رۇ‌پ،‏ قېرى كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ،‏ تە‌ڭرىڭدىن قورقۇ‌پ تۇ‌رغىن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏31دە بولسا:‏ «ھە‌ققانىيە‌ت يولىدا ئاقارغان چاچ ئادە‌منىڭ شۆھرە‌ت تاجىدۇ‌ر»،‏—‏ دېيىلگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىيغا ياشانغان قېرىنداشلارغا قوپال سۆزلىمە‌سلىكنى ۋە ئۇ‌لارنى ئۆز ئاتىسىدە‌ك كۆرۈشنى ئېيتقانىدى (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 5:‏1،‏ 2)‏.‏ گە‌رچە تىموتىي يېشى چوڭ قېرىنداشلارغا مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە يېتە‌كچىلىك قىلىش ھوقۇ‌قىغا ئىگە بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌ردائىم مېھرىبانلىق بىلە‌ن ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

14.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تتە ئۆزۈمىزدىن چوڭ كىشىنى تۈزىتىش ئورۇ‌نلۇ‌ق بولىدۇ؟‏

14 ئە‌گە‌ر ياشانغان بىر ئېتىقادچى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ گۇ‌ناھ قىلسا ياكى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان بىر ئىشنى تە‌رغىپ قىلسىچۇ؟‏ بىرى ياشانغان ياكى ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر كىشى بولسىمۇ،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار قە‌ستە‌ن گۇ‌ناھ قىلسا،‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھىغا كۆز يۇ‌ممايدۇ.‏ يە‌شايا 65:‏20دىكى (‏ي‌د)‏ پرىنسىپقا دىققە‌ت قىلايلى:‏ «گۇ‌ناھكار يۈز ياشقا كىرسىمۇ،‏ لە‌نە‌تكە ئۇ‌چرايدۇ».‏ ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌ر كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيدىنمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش پرىنسىپنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (‏ھە‌زە‌كىيال 9:‏5—‏7)‏.‏ بىرىنچىدىن،‏ بىز «ئە‌زە‌لدىن بولغۇ‌چى» يە‌ھۋاغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشىمىز لازىم (‏دانىيال 7:‏9،‏ 10،‏ 13،‏ 14)‏.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن نە‌سىھە‌تكە مۇ‌ھتاج ئادە‌منى،‏ ھە‌تتا ئۇ ياشتا چوڭ بولسىمۇ،‏ تۈزىتىشتىن قورقمايمىز (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏1)‏.‏

ياشتا چوڭ ئاقساقاللار ياش بۇ‌رادە‌رنى ھۆرمە‌ت بىلە‌ن تىڭشاۋاتىدۇ

ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌مسىز؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ياش قېرىنداشلارغا كۆرسە‌تكە‌ن ھۆرمىتىدىن بىز قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

15 ئە‌گە‌ر بىر قېرىنداش تېخى ياش بولسىچۇ؟‏ ئۇ ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌رمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىيغا:‏ «ھېچكىم سېنى ياش دە‌پ كە‌مسىتمىسۇ‌ن.‏ ئە‌مما،‏ سادىقلار ئۈچۈن گېپىڭدە،‏ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭدا،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭدە،‏ ئېتىقادىڭدا ۋە پاكلىقىڭدا ئۈلگە-‏ئىبرە‌ت بولغىن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏12)‏.‏ پاۋلۇ‌س بۇ سۆزلە‌رنى تىموتىيغا يازغاندا،‏ ئۇ تە‌خمىنە‌ن 30 ياشتا ئىدى.‏ تىموتىينىڭ يېشىغا قارىماستىن،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نىڭغا مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رغان.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ياش قېرىنداشلارنىڭ يېشى ئۇ‌لارغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا تە‌سىر قىلماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ ئە‌يسا 33 ياشقا كىرگىچە قانچىلىك كۆپ ئىشلارنى قىلغان!‏

16،‏ 17.‏ ئا)‏ ئە‌گە‌ر بىر قېرىنداش خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ياكى ئاقساقال بولۇ‌شقا لايىق بولسا،‏ ئاقساقاللار بۇ‌نى قانداق قارار قىلىدۇ؟‏ ئە)‏ قانداق ئە‌ھۋالدا شە‌خسىي كۆزقاراش ۋە يە‌رلىك ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا قارشى بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

16 بە‌زى خە‌لقلە‌رنىڭ مە‌دە‌نىيىتىدە يىگىتلە‌ر ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر بولالمايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بە‌زى ئاقساقاللار ھە‌تتا تە‌لە‌پلە‌رگە ماس بولغان ياشلارنىڭ خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ياكى ئاقساقال بولۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانچە ياشتىن باشلاپ خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ياكى ئاقساقال بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ھېچنە‌رسە ئېيتىلمىغان (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 3:‏1—‏10،‏ 12،‏ 13؛‏ تىتقا 1:‏5—‏9)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال ئۆز مە‌دە‌نىيىتىگە قاراپ،‏ بۇ ھە‌ققىدە قائىدە-‏ئۆلچە‌ملە‌رنى ئورناتسا،‏ ئۇ خۇ‌دا سۆزى بويىچە ئىش تۇ‌تمىغان بولىدۇ.‏ ئاقساقاللار ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا ياكى يە‌رلىك ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە ئاساسە‌ن ياشلارغا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرە‌ك (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16،‏ 17)‏.‏

17 ئە‌گە‌ر ئاقساقاللار خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ياكى ئاقساقاللارنى تە‌يىنلە‌شتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە تايانمىسا،‏ تە‌يىنلىنىشكە لايىق بولغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر تە‌يىنلە‌نمە‌ي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىر دۆلە‌تتە خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ۋە‌زىپىلىرىنى ياخشى ئورۇ‌نلىغان.‏ جامائىتىدىكى ئاقساقاللار بۇ ياش بۇ‌رادە‌ر ئاقساقال بولۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لە‌پلە‌رگە ماس كېلىدۇ دە‌پ ماقۇ‌ل كۆرسىمۇ،‏ بىراق ئۇ‌نىڭ ئاقساقال بولۇ‌شىنى تە‌ۋسىيە قىلمىغان.‏ چۈنكى،‏ جامائە‌تتىكى ياشتا چوڭ ئاقساقاللار بۇ بۇ‌رادە‌ر ئاقساقال بولۇ‌ش ئۈچۈن بە‌ك ياش كۆرۈنىدۇ دە‌پ ھېسابلىغان.‏ بە‌كمۇ ئە‌پسۇ‌س،‏ بۇ بۇ‌رادە‌رنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ،‏ ئۇ‌نى ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلىمىگە‌نىدى.‏ ئۆزۈمىزنىڭ كۆزقارىشىغا ياكى يە‌رلىك ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تايىنىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشتىن قە‌تئىي نېرى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

ئادىل ھۆكۈم قىلىڭ

18،‏ 19.‏ قېرىنداشلارغا يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قاراشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ باشقىلارنى كە‌مسىتمە‌سلىكنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ھە‌ردائىم خۇ‌دا سۆزىدىكى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شلارنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز مۇ‌ھىم.‏ شۇ نە‌سىھە‌تلە‌رگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ ئە‌يسانىڭ:‏ «تۈرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌غىغا ئىتائە‌ت قىلىمىز (‏يوھان 7:‏24)‏.‏

19 پات-‏يېقىندا پادىشاھىمىز ئە‌يسا مە‌سىھ پۈتكۈل ئادە‌مزات ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.‏ شۇ ۋاقىتتا «ئۇ كۆزى بىلە‌ن كۆرگىنىگە.‏.‏.‏ ياكى قۇ‌لىقى بىلە‌ن ئاڭلىقىنىغا ئاساسە‌ن» ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئادىل تە‌لە‌پلىرىگە ماس ھۆكۈم چىقىرىدۇ (‏يە‌شايا 11:‏3،‏ 4)‏.‏ بىز بۇ ئاجايىپ ۋاقىتنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىۋاتىمىز!‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارماڭ.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىرقى،‏ بايلىقى ۋە يېشىغا قاراپ ھۆكۈم چىقارمىغان.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكىگە قارىغان.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قارىشىمىز كېرە‌ك

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش