9-ناخشا
ئالقىشلاڭ خۇدايىمىز يەھۋانى!
(زەبۇر 145:12)
1. ئالقىشلاڭ! ماختاڭ يەھۋانى!
جاھان بىلسۇن خاس ئىسىمنى!
ئويغۇتۇڭ! ئاگاھلاندۇرۇڭ،
كەلمەكتە خۇدانىڭ چوڭ كۈنى.
جاكارلىدى يەھۋا، كەلدى پەيت، دەپ؛
يالغۇز ئوغلىنى شاھ تىكلەپ.
بارچە مىللەتكە خەۋەر يەتكۈزۈڭ
خۇدا بېرۇر بەرىكەت، دەپ.
(قايتۇرما)
ئالقىشلاڭ! ماختاڭ يەھۋانى!
جاھان بىلسۇن ئۇلۇغ ئىسىمنى!
2. ئالقىشلاڭ! جاراڭلىق توۋلاڭ!
خۇدا ئىسىمنى ئۇلۇغلاڭ!
چىن دىلدىن تەشەككۈر ئېيتىڭ،
خاس ئىسىمنى قورقماي جاكارلاڭ!
خۇدا ھەيۋەتلىك، ئىشلىرى ئۇلۇغ،
ھەممىگە مېھرىبان، كەمتەر.
ئۇنى چاقىرساق، ئۇ قۇلاق سالار،
مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر.
(قايتۇرما)
ئالقىشلاڭ! ماختاڭ يەھۋانى!
جاھان بىلسۇن ئۇلۇغ ئىسىمنى!
(زەبۇر 89:27؛ 105:1؛ يەرەمىيا 33:11-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).