كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 210-‏ب.‏-‏212-‏ب.‏ 4-‏ئابز.‏
  • ئىنسانلارنىڭ تېنىدە مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان ماددىي ئامىل بارمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئىنسانلارنىڭ تېنىدە مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان ماددىي ئامىل بارمۇ؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ‏«جان» سۆز-‏ئىبارىسىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىشلىتلىشى
  • ‏«روھ» سۆز-‏ئىبارىسىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىشلىتىلىشى
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 210-‏ب.‏-‏212-‏ب.‏ 4-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

ئىنسانلارنىڭ تېنىدە مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان ماددىي ئامىل بارمۇ؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر،‏ مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان بىر نە‌رسە تېنىمىزدە بار دە‌پ ئىشىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار،‏ ئىنسان ئۆلگە‌ندىن كېيىن مۇ‌شۇ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان ماددىي ئامىل تە‌ندىن چىقىپ داۋاملىق ياشايدۇ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بۇ ئېتىقاد كە‌ڭ تارقالغانلىق سە‌ۋە‌بتىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌لار ئويلىغاندە‌ك تە‌لىم بە‌رمە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە ناھايىتى ھە‌يران بولىشىدۇ.‏

‏«جان» سۆز-‏ئىبارىسىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىشلىتلىشى

بىز ئاۋۋال جان توغرىسىدا چۈشە‌نچىگە ئىگە بولايلى.‏ بە‌لكىم يادىڭىزدا بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسى ئاساسلىقى ئىبرانىي تىلى ۋە گېرىك تىللىرىدا يېزىلغان.‏ جان توغرىسىدا يېزىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرى ئىبرانىي سۆزى «نېفېش» (‏neʹphesh‏)‏ ياكى گېرىك سۆزى «پسىخى» (‏psy·kheʹ‏)‏ ئىشلىتىلگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ ئىككى سۆز مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا 800 قېتىمدىن كۆپ ئۇ‌چرايدۇ،‏ مۇ‌شۇ ئىبرانىيچە ۋە گېرىكچە سۆز-‏ئىبارىلىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق ئىشلىتىلگە‌نلىكى توغرىسىدا تە‌كشۈرۈپ تە‌تقىق قىلسىڭىز.‏ مۇ‌شۇ سۆزنىڭ ئاساسلىقى (‏1)‏ ئادە‌م،‏ (‏2)‏ ھايۋاناتلار ياكى (‏3)‏ بىر كىشى ياكى بىر ھايۋاننىڭ ھاياتىنى كۆزدە تۇ‌تقانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز مۇ‌شۇ ئۈچ مە‌نىنى كۆرسىتىدىغان ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئادە‌م‏.‏ «نۇ‌ھنىڭ كۈنلىرىدە .‏.‏.‏ ئاران بىرنە‌چچە يە‌نى سە‌ككىز جان سۇ بىلە‌ن قۇ‌تۇ‌لدى» (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏20)‏.‏ بۇ يە‌ردە جان سۆزى نۇ‌ھ،‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئوغۇ‌للىرىنىڭ ئاياللىرىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مىسىردىن چىقىش 1-‏​باب 5-‏​ئايە‌تتە:‏ «ياقۇ‌پنىڭ پۇ‌شتىدىن چىققان ھە‌ممىسى يە‌تمىش جان ئىدى» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان بولۇ‌پ،‏ بۇ يە‌ردە ياقۇ‌پنىڭ ئۇ‌رۇ‌ق-‏ئە‌ۋلادلىرىنىڭ سانىنىڭ 70 ئىكە‌نىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يە‌نە باشقا ئايە‌تلىرىدە ئىشلىتىلگە‌ن «جان» سۆزى ئادە‌منى كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يارىتىلىش 46:‏18؛‏ يە‌شۇ 11:‏11؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 27:‏37.‏

ھايۋاناتلار‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يارىتىلىش قىسمىدا مۇ‌نداق خاتىرلە‌نگە‌ن:‏ «خۇ‌دا سۆز قىلىپ:‏ سۇ‌لار بولسا مىدىرلايدىغان تىرىك جانىۋارلارنى [نېفېش] نۇ‌رغۇ‌ن چىقىرىپ ئۇ‌چارلىقلار يە‌رنىڭ ئۈستىدە ھاۋادا ئۇ‌چسۇ‌ن دە‌پ ئېيتتى.‏ خۇ‌دا سۆز قىلىپ:‏ يە‌ر بولسا تىرىك جانىۋارلارنى [نېفېش] ئۆز جىنىسلىرىگە مۇ‌ۋاپىق چىقىرىپ،‏ چارپاي مال بىلە‌ن ئۆمۈلە‌يدىغان جانۋار ۋە‌يا ياۋا ھايۋانلار بولسۇ‌ن ئۆز جىنىسلىرىگە مۇ‌ۋاپىق پە‌يدا قىلسۇ‌ن دېسە شۇ‌نداق بولدى» (‏يارىتىلىش 1:‏20،‏ 24)‏.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ بېلىقلار،‏ ئۇ‌چار-‏قۇ‌شلار،‏ ئۆي-‏ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار ھە‌ممىسى ئۇ‌خشاشلا ئىبرانىيچە «نېفېش» سۆز-‏ئىبارىسى بىلە‌ن تىلغا ئېلىنغان.‏ يارىتلىش 9:‏10؛‏ لاۋىيلار 11:‏46؛‏ ھە‌زقىيال 47:‏9-‏​ئايە‌تلە‌ردە،‏ ھايۋاناتلار ئوخشاشلا «نېفېش» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان.‏

ئادە‌منىڭ ھاياتى‏.‏ بە‌زى چاغلاردا «جان» سۆز-‏ئىبارىسى مە‌لۇ‌م بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «سېنىڭ جېنىڭنى ئىزدىگە‌ن كىشىلە‌ر ئۆلۈپ كە‌تتى» دېگە‌ن (‏چىقىش 4:‏19)‏.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ دۈشمە‌نلىرى نېمىنى ئىزدىگە‌ن ئىدى؟‏ ئۇ‌لار مۇ‌سانىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئىزدىگە‌ن.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ سۆزىنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى:‏ «ياخشى پادىچى مە‌ن ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن.‏ ياخشى قويچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى بېرۇ‌ر» (‏يۇ‌ھاننا 10:‏11)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ جېنىنى يە‌نى ھاياتىنى ئىنسانلار ئۈچۈن قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مۇ‌شۇ ئايە‌تتە،‏ «جان» سۆزى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئادە‌منىڭ ھاياتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌ردە،‏ «جان» سۆزىنىڭ ئىپادىلىگە‌ن مە‌نىسى توغرىسىدا كۆپ مىساللار كۆرسىتىلگە‌ن:‏ 1-‏پادىشاھلار 17:‏17–‏23؛‏ مە‌تتا 10:‏39؛‏ يۇ‌ھاننا 15:‏13؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 20:‏10.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چوڭقۇ‌رلاپ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھېچقانداق بىر ئايىتىدە «ئۆلمە‌س» ياكى «مە‌ڭگۈلۈك» سۆز-‏ئىبارىلىرى «جان» سۆزى بىلە‌ن باغلىنىپ ئىشلىتىلمىگە‌نلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار جان ئۆلىدۇ دە‌پ كۆرسىتىدۇ.‏ —‏ ھە‌زقىيال 18:‏4.‏

‏«روھ» سۆز-‏ئىبارىسىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىشلىتىلىشى

ئىبرانىي سۆزى «رۇ‌ئاخ» (‏ruʹach‏)‏ ۋە گېرىك سۆزى «پنېۋما» (‏pneuʹma‏)‏ بە‌زىدە چاغاتاي ئۇ‌يغۇ‌ر تىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىدا «روھ» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ئايە‌تلە‌رنىڭ ئۆزى ئاشۇ ئىبرانىي ۋە گېرىك سۆزلىرىنىڭ مە‌نىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئايۇ‌پ 34-‏​باب 14،‏ 15-‏​ئايە‌تلە‌ر:‏ «ئە‌گە‌ر ئۇ ئۆزى ئىنساننى قە‌ستلە‌پ ئۆز روھى [رۇ‌ئاخ] بىلە‌ن نە‌پىسىنى يىغىپ تارتىپ ئالسا .‏.‏.‏ ئىنسان ئۆزى يە‌نە تۇ‌پراققا يانماقچى بولۇ‌ر ئىدى» دە‌يدۇ.‏ ۋە ياقۇ‌پ 2-‏​باب 26-‏​ئايە‌ت:‏ «بە‌دە‌ن روھسىز ‏[پنېۋما] بولسا ئۆلۈك» دە‌پ كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ «روئاخ» ۋە «پنېۋما» بە‌دە‌نگە ھاياتلىق بېرىدۇ.‏

رۇ‌ئاخ سۆزى ئۇ‌يغۇ‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئايە‌تلە‌ردە «نە‌پە‌س» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ مۇ‌شۇ ئە‌ھۋالدا «رۇ‌ئاخ» بىر ئادە‌م ياكى ھايۋاننىڭ ھاياتلىق ھە‌رىكە‌ت كۈچىگە سىمۋول قىلىنغان.‏ بىز بۇ‌نى خۇ‌دانىڭ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كۈنىدىكى توپان سۈيى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدىن كۆرىۋالالايمىز:‏ «مانا مە‌ن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق نە‌پىسى [رۇ‌ئاخ] بار ھە‌ر قىسىم جىسىمنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يە‌ر يۈزىگە كە‌لتۈرۈرمە‌ن،‏ مۇ‌نىڭ بىلە‌ن يە‌ردىكىنىڭ ھە‌ممىسى ئۆلۈپ قالۇ‌ر» (‏يارىتىلىش 6:‏17؛‏ 7:‏15،‏ 22)‏.‏ شۇ‌نى كۆرۋالالايمىزكى،‏ رۇ‌ئاخ سۆز-‏ئىبارىسى كۆرۈنمە‌يدىغان ھە‌رىكە‌ت كۈچى (‏ھايات ئۇ‌چقۇ‌نى)‏ كۆرستىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ھە‌رىكە‌ت كۈچى بارلىق تىرىك مە‌خلۇ‌قاتلارغا ھاياتلىق بېرىدۇ.‏

رادىئونىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن ئېلېكتر كۈچى كېرە‌كلىك بولغاندە‌ك،‏ ئادە‌م بە‌دىنىگە ھاياتلىق كۈچى كېرە‌ك.‏ مۇ‌شۇ مىسالنى يە‌نە بىر قە‌دە‌م ئىنچكە ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئېلىپ يۈرۈشكە ئە‌پلىك بىر رادىئوغا باتارىيە سېلىپ ئۇ‌نى ئاچسىڭىز،‏ باتارىيە‌دە ساقلاقلىق ئېلېكتر كۈچى رادىئوغا ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.‏ بىراق باتارىيە بولمىسا،‏ رادىئو ئۆلۈك.‏ يە‌نە بىر تۈردىكى رادىئونى ئېلېكتر مە‌نبە‌سىدىن ئۈزۋە‌تسىڭىز،‏ ئۇ‌مۇ شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ رۇ‌ئاخ ۋە پنېۋما بولسا بىزنىڭ بە‌دىنىمىزگە ھاياتلىق ئېلىپ كە‌لگۈچى ھە‌رىكە‌ت كۈچ.‏ ئۇ ھە‌م ئېلېكتر كۈچىگە ئوخشاش،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ يوق ۋە ئوي-‏خىيال قىلالمايدۇ.‏ ئۇ بىر ھە‌رىكە‌ت كۈچى خالاس.‏ بىراق،‏ ئاشۇ ھە‌رىكە‌ت كۈچ يوق بولسا،‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كىتابىدا كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك بىزنىڭ بە‌دىنىمىز ‹تۇ‌پراققا يېنىپ كېتىدۇ›.‏

ئادە‌م ئۆلسە نېمە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ز 12-‏​باب 7-‏​ئايىتىدە:‏ «تۇ‌پراقتىن بولغان جىسىم تۇ‌پراققا يېنىپ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن روھ [رۇ‌ئاخ] خۇ‌دا تە‌رە‌پكە يانماستا ياراتقۇ‌چىڭنى ياد قىلغىن» دە‌پ بايان قىلىنغان.‏ رۇ‌ئاخ يە‌نى ھاياتلىق ھە‌رىكە‌ت كۈچى بە‌دە‌ندىن ئايرىلغاندا،‏ بە‌دە‌ن ئۆلىدۇ ۋە كە‌لگە‌ن جايى تۇ‌پراققا قايتىدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك ھاياتلىق ھە‌رىكە‌ت كۈچى خۇ‌دادىن كە‌لگە‌چكە خۇ‌داغا قايتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9)‏.‏ بۇ ھاياتلىق ھە‌رىكە‌ت كۈچى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكى،‏ بۇ بىر كىشى ئۆلسە ئۇ‌نىڭ كە‌لگۈسى ھاياتلىققا قايتىش ئۈمىدى يە‌ھۋا خۇ‌داغا باغلىق دېگە‌نلىكتۇ‌ر.‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى پە‌رۋە‌ردىگار خۇ‌دانىڭ قولىدادۇ‌ر.‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى بىلە‌ن رۇ‌ئاخ يە‌نى ھاياتلىق ھە‌رىكە‌ت كۈچى ئىنسانغا قايتۇ‌رلۇ‌پ بېرىلىپ،‏ ئۆلگە‌نلە‌ر قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ كە‌لگۈسىدە «گۆرلە‌ردىكى» ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئۇ‌خلاپ ئارام ئېلىۋاتقانلار ئۈچۈن نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىش كۆڭۈلنى قانچە تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زىدۇ،‏ ھە!‏ (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29)‏.‏ ئاشۇ تىرىلدۈرۈش ۋاقتىدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئۇ‌خلاۋاتقان ئۆلۈكلە‌رگە يېڭى بە‌دە‌ن بېرىپ،‏ ھاياتلىق ھە‌رىكە‌ت كۈچىنى ئۇ‌نىڭغا سېلىپ،‏ ئۇ‌نى ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىدۇ.‏ ئاشۇ ۋاقىت كىشىنى نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شال قىلىدۇ،‏ ھە!‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش