كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 213-‏ب.‏
  • ‏«شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» دېگە‌نلە‌ر نېمە؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» دېگە‌نلە‌ر نېمە؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 213-‏ب.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

‏«شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» دېگە‌نلە‌ر نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى تېكىستىدە،‏ ئىبرانىچە سۆز «شېئول» ۋە گېرىكچە سۆز «ھە‌يدىس» 70 قېتىمدىن كۆپرە‌ك ئۇ‌چرايدۇ.‏ بۇ ئىككى سۆزنىڭ مە‌نىسى ئوخشاش بولۇ‌پ،‏ ھە‌ر ئىككىسى ئۆلۈم بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ كۆپلىگە‌ن تىللاردا ئىبرانىچە ۋە گېرىكچە سۆزلە‌رنىڭ توغرا مە‌نىسىنى ئىپادىلىيە‌لە‌يدىغان سۆز-‏ئىبارىلە‌ر بولمىغاچ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى تە‌رجىمىلىرىدە ئاشۇ سۆزلە‌ر «گۆر»،‏ «دوزاخ»،‏ «ئۆلۈكلە‌ر دىيارى» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ ئۇ‌يغۇ‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى،‏ ئە‌سلى ئە‌رە‌بچە «ئالە‌م بە‌رزە‌خ» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ خاتا تە‌رجىمە قىلغان.‏ «شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» دېگە‌ن مۇ‌شۇ ئىبرانىچە ۋە گېرىكچە سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسى نېمە؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ز 9-‏​باب 10-‏​ئايىتىدە:‏ «سە‌ن بارىدىغان شېئولدا [ئۇ‌يغۇ‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالە‌م بە‌رزە‌خ دە‌پ خاتا تە‌رجىمە قىلىنغان] خاھ [مە‌يلى] ئىش خاھ پىكىر قىلىش خاھ بىلىشلىك خاھ دانالىق يوقتۇ‌ر» دە‌پ بايان قىلىنغان.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تتىكى شېئول ئېنىق بىر جاي يە‌نى ئۆلگە‌نلە‌رنى كۆمىدىغان گۆرنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆلگە‌نلە‌رنى كۆمىدىغان جاي يە‌نى گۆر تىلغا ئېلىنغاندا،‏ باشقا ئىبرانىچە ۋە گېرىكچە سۆز-‏ئىبارىلە‌ر ئىشلىتىلگە‌ن.‏ «شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» سۆزلىرى ئىشلىتىلمىگە‌ن (‏يارىتىلىش 23:‏7–‏9؛‏ مە‌تتا 28:‏1‏)‏.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىر گۆر ياكى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر كۆمۈلىدىغان گۆرىستانلىق ئۈچۈن «شېئول» سۆزى ئىشلىتىلمىگە‌ن.‏ —‏ يارىتىلىش 49:‏30،‏ 31.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ «شېئول» قانداق جاينى كۆرسىتىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» ھە‌تتا نۇ‌رغۇ‌ن چوڭ گۆرىستانلىقتىنمۇ غايە‌ت چوڭ دە‌پ تىلغا ئېلىنغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌شايا 5-‏​باب 14-‏​ئايە‌تتە:‏ شېئول «ئۆزىنى كە‌ڭرىتىپ،‏ ئاغزىنى ھە‌ددىدىن زىيادە ئاچتى» دە‌پ يېزىلغان.‏ گە‌رچە شېئول ئاللىقاچان سان-‏ساناقسىز ئادە‌ملە‌رنى يۇ‌تۇ‌ۋالغان بولسىمۇ،‏ ئۇ بولدى تويدۇ‌م دېمە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 30:‏15،‏ 16)‏.‏ ھە‌رقانداق ئۆلۈكلە‌ر كۆمۈلىدىغان جاي يە‌نى گۆرىستانلىقلار پە‌قە‌ت چە‌كلىك ئۆلۈكلە‌رنىلا سىغدۇ‌رالايدۇ.‏ «شېئول [ئۇ‌يغۇ‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالە‌م بە‌رزە‌خ دە‌پ خاتا تە‌رجىمە قىلىنغان] بىلە‌ن ئۆلۈم .‏.‏.‏ تويمايدۇ‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏20)‏.‏ شېئول ھە‌رگىز توشۇ‌پ قالمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ چېكى يوق.‏ شۇ‌ڭا شېئول ياكى ھە‌يدىس مۇ‌ئە‌ييە‌ن بىر ئېنىق جاي ئە‌مە‌س.‏ ئۇ بىر سىموۋللۇ‌ق جاي بولۇ‌پ،‏ كۆپلىگە‌ن ئىنسانلار ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئۇ‌خلايدىغان مە‌ۋھۇ‌م جاي.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تىرىلىش توغرىسىدىكى تە‌لىمات «شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارىلە‌رنىڭ ئە‌سلى ئىبرانىي ۋە گېرىك تىللىرىدا نېمە مە‌نە ئىپادىلە‌يدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شېئول ۋە ھە‌يدىستىكى بارلىق ئۆلۈكلە‌ر تىرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇa (‏ئايۇ‌پ 14:‏13؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 2:‏31؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏13)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شېئول ۋە ھە‌يدىستىكى ئۆلۈكلە‌ر پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلغان كىشىلە‌رنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌نە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يارىتىلىش 37:‏35؛‏ زە‌بۇ‌ر 55:‏15)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تىرىلىش ھە‌ققىدە كە‌لگۈسىدە «ياخشىلار بىلە‌ن يامانلار قۇ‌پادۇ‌ر» دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15.‏

a ئە‌مما،‏ كە‌لگۈسىدە بە‌زىلە‌ر تىرىلدۈرۈلمە‌يدۇ.‏ ئاشۇ‌لار «شېئول» ۋە «ھە‌يدىس»تا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «گە‌ھە‌ننا»دا (‏ئۇ‌يغۇ‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جە‌ھە‌ننە‌م دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان)‏ بولىدۇ (‏مە‌تتا 5:‏30؛‏ 10:‏28؛‏ 23:‏33‏)‏.‏ گە‌ھە‌ننامۇ سىموۇ‌للۇ‌ق جاي بولۇ‌پ،‏ شېئول ۋە ھە‌يدىسقا ئوخشاش مۇ‌ئە‌ييە‌ن بىر ئېنىق جاي ئە‌مە‌س.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش