3-باب
خۇدانى سۆيگەنلەرنى دوست تۇتۇش
«كىمكى دانالار بىلەن ھەمراھ بولسا دانا بولادۇر». — پەندى-نەسىھەت 13:20، (ب ج).
1–3. (1) مۇقەددەس كىتابتا، رەت قىلغىلى بولمايدىغان قايسى ھەقىقەت ئىپادىلەنگەن؟ (2) بىزگە ياخشى تەسىر قىلىدىغان دوستلارنى قانداق تاپالايمىز؟
بەزى تەرەپلەردىن، ئادەملەرنى بۇلۇتقا ئوخشىتىش مۇمكىن؛ بۇلۇت ئەتراپىدىكى ھەرقانداق سۇيۇقلۇق جىسىمنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئالغاندەك، بىزمۇ ئىختىيارسىزلا يېقىن دوستلىرىمىزنىڭ كۆزقارىشى، ئۆلچەملىرى ۋە مىجەز-خۇلقلىرىنى ئاسانلا ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈۋالىمىز.
2 رەت قىلغىلى بولمايدىغان بۇنداق ھەقىقەت مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق ئىپادە قىلىنغان: «كىمكى دانالار بىلەن ھەمراھ بولسا دانا بولادۇر ئەمما كىمكى جاھىللار بىلەن شېرىك بولسا خاراب بولادۇر» (پەندى-نەسىھەت 13:20، ب ج). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ھەمراھ» سۆزى مەلۇم كىشى بىلەن ئاندا-ساندا ئالاقە قىلىپ تۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئالاقە قىلىشنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.a مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇشۇ ئايىتىگە ئىزاھات بېرىلگەن بىر پايدىلىنىش كىتابى مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم كىشىگە ھەمراھ بولۇش، ئوتتۇرىدا سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە يېقىنلىق ھېس-تۇيغۇسى بار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ». بىز سۆيگەن كىشىمىزنى دوراشقا ئامراق. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز سۆيگەن كىشىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق باغلاپ تۇرغاچ، ئۇلار بىزگە ياخشى ياكى يامان تەسىر قىلالايدۇ.
3 خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ياخشى تەسىر قىلىدىغانلارنى دوست تۇتۇشىمىز مۇھىم. قانداق قىلىپ شۇنداق دوست تۇتالايمىز؟ ئاددىيلا قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا سۆيگەنلەرنى سۆيۈش ئارقىلىق خۇدا دوست تۇتقان كىشىلەرنى ئۆزىمىزگە دوست تۇتالايمىز. ئويلاپ كۆرۈڭ، دوست تۇتۇشقا، يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان مىجەز-خۇلق، ئەخلاق-پەزىلەتلەرگە ئىگە كىشىلەردىنمۇ ئارتۇقراق ياخشى كىشىلەر بارمۇ؟! تۆۋەندە، يەھۋانىڭ قانداق كىشىلەرنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. يەھۋانىڭ كۆزقارىشىنى ئېنىق بىلسەك، ياخشى دوستلارنى تاپالايمىز.
خۇدا سۆيگەن كىشىلەر
4. نېمە ئۈچۈن، يەھۋانىڭ دوست تاللاشتا ئۆزگىچە ھوقۇقى بار؟ يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئىبراھىمنى دوستۇم، دەپ ئاتىغان؟
4 دوست تۇتۇشقا كەلسەك، يەھۋا دوست تاللاشقا ئۆزگىچە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوقمۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇ پۈتكۈل كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى يەنى ھوقۇقلۇق ئىگىسى. شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ئاجايىپ كاتتا ئىمتىيازدۇر. ئۇنداقتا، يەھۋا قانداق كىشىلەرنى ئۆزىگە دوست بولۇشقا تاللايدۇ؟ ئۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىغان ۋە ئىمان-ئېتىقادتا تەۋرەنمەي تۇرغانلارغا يېقىنلىشىدۇ. مەسىلەن، ئىبراھىم پەيغەمبەر شۇنداق ئىمان-ئېتىقادلىق كىشىلەرنى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك مىسالىدۇر. خۇدا، ئىبراھىم پەيغەمبەرنى ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. دەرۋەقە، بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىمان-ئېتىقادنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.b ئەمما، ئىبراھىم «ئېتىقادى ۋەجىدىن ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى»، ھەمدە «ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى» (ئىبرانىيلار 11:17–19). ئىبراھىمنىڭ شۇنداق كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادى ۋە ئىتائەتچانلىقى سەۋەبلىك، يەھۋا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئۇنى دوستۇم، دەپ ئاتىغان. — يەشايا 41:8؛ ياقۇپ 2:21–23.
5. ساداقەتمەنلىك بىلەن بويسۇنغۇچىلارغا يەھۋا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟
5 پەرۋەردىگار يەھۋا، ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىتائەتچان بولۇشنى ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. ئۇ، ئۇنىڭغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساداقەتمەن بولۇشنى، ھەرقانداق ئىشتىن مۇھىم ئورۇنغا قويغۇچىلارنى سۆيىدۇ (2-سامۇئىل 22:26). مۇشۇ كىتابنىڭ 1-بابىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، يەھۋاغا بولغان چىن سۆيگۈ- مۇھەببىتى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىتائەت قىلىشنى تاللىغان كىشىلەر يەھۋانى چەكسىز خۇرسەن قىلالايدۇ. پەندى-نەسىھەت 3:32-ئايەت، (ب ج): «توغرا كىشىلەر بىلەن ئۇنىڭ خۇش [رازىلىقى] باردۇر»، دەيدۇ. ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋانىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنۇپ ياشىغانلارنى، ئۇ ئۆز ‹چېدىرىدا› مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەھۋا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىنى ۋە خالىغان ۋاقىتتا دۇئا قىلىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. — زەبۇر 15:1–5.
6. ئەيساغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟ ئۆز ئوغلى ئەيسانى سۆيگەنلەرگە نىسبەتەن يەھۋا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟
6 يەھۋا، ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچىلەرنى سۆيىدۇ. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز» (يۇھاننا 14:23). سىز ئەيسا مەسىھكە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق ئىپادىلىيەلەيسىز؟ ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق. ئەلۋەتتە، بۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا ۋەز ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇشىغا ياردەم بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (مەتتا 28:19، 20؛ يۇھاننا 14:15، 21). گەرچە سىز نامۇكەممەل بولسىڭىزمۇ، مەسىھ «ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن»، دەپ قالدۇرغان نەمۇنىگە ئاساسەن گەپ-سۆزىڭىزدە ۋە ئىش-ھەرىكىتىڭىزدە، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۇنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلىيەلەيسىز (1-پېترۇس 2:21). ئەيسانى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلار، يەھۋانىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
7. خۇدا دوست تۇتقانلارنى دوست تۇتۇش نېمە ئۈچۈن دانالىق؟
7 ئىمان-ئېتىقاد، ساداقەتمەنلىك، ئىتائەتچانلىق ۋە ئەيساغا ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت — يەھۋا دوست تۇتماقچى بولغانلاردا، شۇنداق سۈپەتلەرنىڭ بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەرقايسىمىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى سورىشىمىز كېرەك: ‹مېنىڭ دوستلىرىمدا شۇنداق سۈپەتلەر ۋە ئۆلچەملەر بارمۇ؟ يەھۋا دوست تۇتقانلارنى دوست تۇتتۇممۇ؟› شۇنىڭدەك سوئاللارنى سوراش دانالىقتۇر. شۇنداق ئىلاھىي سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قىزغىنلىق بىلەن ۋەز ئېيتىدىغانلار، بىزگە ياخشى تەسىر قىلىپ، بىزنى داۋاملىق يەھۋانى خۇرسەن قىلىپ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. — «كىم ياخشى دوست؟»، دېگەن 33-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللاردىن ساۋاق ئېلىش
8. (1) نائومى بىلەن ئۇنىڭ كېلىنى رۇت؛ (2) بابىلوندا ئەسىرلىكتە تۇرغان ئۈچ ئىبرانىي ياش يىگىت (3) ۋە پاۋلۇس بىلەن تىموتىي ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن دوستلۇق مۇناسىۋەت، سىزدە قانداق تەسىرات قالدۇردى؟
8 ياخشى دوست تاللاشنىڭ قانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا، مۇقەددەس كىتابتا نۇرغۇن مىساللار بار. سىز نائومى بىلەن ئۇنىڭ كېلىنى رۇت؛ دانىيال پەيغەمبەر بىلەن بىرگە بابىلوندا ئەسىر بولۇپ تۇرغان ئۈچ ياش يىگىت ۋە پاۋلۇس بىلەن تىموتىي ئوتتۇرىسىدىكى بولۇپ ئۆتكەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ھەققىدە ئوقۇيالايسىز (رۇت 1:16؛ دانىيال 3:17، 18؛ 1-كورىنتلىقلار 4:17؛ فىلىپىلىكلەر 2:20–22). ئۇنداقتا، داۋۇت بىلەن يوناتان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋەتنى كۆرۈپ باقايلى.
9، 10. داۋۇت بىلەن يوناتان ئىككىسىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى، نېمە شۇنچە مۇستەھكەم باغلىغان؟
9 مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: داۋۇت جولياتنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، «يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتنىڭ كۆڭلىگە باغلاندىكى ئۇنى ئۆز جېنىدەك دوست تۇتتى» (1-سامۇئىل 18:1، ب ج). شۇ چاغدا باشلانغان مۇستەھكەم دوستلۇق رىشتى، ئۇلارنىڭ ياش پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇشىغا قارىماي، تاكى يوناتان جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈپ كەتكۈچە داۋام قىلغانc (2-سامۇئىل 1:26). ئۇ ئىككىسىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى نېمە شۇنچە مۇستەھكەم باغلىغان؟
10 داۋۇت بىلەن يوناتاننىڭ دوستلۇق رىشتىنى، ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە ساداقەتمەنلىكى باغلاپ تۇرغان. ھەر ئىككىلىسىنىڭ خۇدانى مەمنۇن قىلىش ئىستىكى ۋە ئاجايىپ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەن ئىدى. داۋۇت گەرچە ياش بولسىمۇ، قورقماستىن يەھۋانىڭ ئىسمىنى قوغداشقا بولغان باتۇرلىقى ۋە قىزغىنلىقى ئارقىلىق يوناتاننى تەسىرلەندۈرگەنلىكى شەك-شۈبھىسىزدۇر. داۋۇتنىڭمۇ يوناتاننى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەنلىكىدە شەك يوقتۇر. چۈنكى، يوناتان ياشتا چوڭ بولسىمۇ، ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللىغان ۋە شەخسىيەتچىلىك قىلماستىن، داۋۇتنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويغان. مەسىلەن، داۋۇت يوناتاننىڭ ئاتىسى بولغان رەزىل پادىشاھ سائۇلدىن قېچىپ چۆل-باياۋاندا يۇشۇرۇنۇپ يۈرگەندە، يەنى ھاياتىدىكى ئەڭ جاپالىق كۈنلەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. يوناتان ئۆز دوستىغا ساداقەتمەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى خۇدا بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈپ» قوللىغان ئىدى (1-سامۇئىل 23:16، ب ج). ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى كېلىپ، داۋۇتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئىلھام بەرگەندە، داۋۇتنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە!d
11. داۋۇت ۋە يوناتاننىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاققا ئىگە بولدىڭىز؟
11 داۋۇت ۋە يوناتاننىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاققا ئىگە بولدۇق؟ شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دوستلار ئوتتۇرىسىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئورتاق مەنىۋىي يەنى روھىي قىممەت كۆزقارىشى بولۇش زۆرۈر. بىز ئۆزىمىز بىلەن ئورتاق ئىمان-ئېتىقادقا، ئەدەب-ئەخلاق قىممەت كۆزقارىشىغا ۋە خۇداغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ئىستىكىگە ئىگە كىشىلەرگە يېقىنلاشساق، ئۆزئارا ئوي-پىكىر، ھېس-تۇيغۇ ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز (رىملىقلار 1:11، 12). بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن شۇنىڭدەك دوستلارنى تاپالايمىز. ئۇنداقتا، بۇ دېگىنىمىز، جامائەت يىغىلىشىغا كەلگەن ھەربىر كىشى بىز بىلەن يېقىن دوست دېگەنلىكمۇ؟ ياق، ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.
يېقىن دوست تاللاش
12، 13. (1) نېمە ئۈچۈن، ھەتتا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن دوست تاللاشتا ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك؟ (2) مىلادى بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەت قانداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن؟ شۇ سەۋەبلىك، ئەلچى پاۋلۇس قانداق كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن؟
12 ھەتتا جامائەتتە، ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن ئالاقە قىلىدىغان دوست تاللاشتا ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. بۇ نېمە دېگەن گەپ، دەپ ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ ھەرگىز ھەيران قالماڭ. چۈنكى، خۇددى بىر تۈپ مېۋىلىك دەرەختىكى مېۋىلەرنىڭ بەزىلىرى يەنە باشقىلىرىغا قارىغاندا سەل كېيىنرەك پىشقىنىغا ئوخشاش، جامائەتچىلىكنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقاد جەھەتتىن ئۆسۈپ، پىشىپ يېتىلىشىگە كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەرقانداق بىر جامائەتتە ئەزالارنىڭ ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەرق بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز (ئىبرانىيلار 5:12–6:3). ئەلۋەتتە، بىز جامائەتنىڭ يېڭى ئەزالىرىغا ۋە ئىمان-ئېتىقادتا ئاجىز بولغانلارغا سەۋر-تاقەتلىك ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىمىز. — رىملىقلار 14:1؛ 15:1.
13 بەزىدە، جامائەتتە بېرىش-كېلىش قىلىشتا دىققەت قىلىشقا چاقىرىلىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بەلكىم بەزىلەر ئېتىقادچىلارنىڭ قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ياكى دائىم ئاچچىقلىنىشى ۋە ئاغرىنىشى مۇمكىن. مىلادى بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەت شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. گەرچە جامائەتتىكى كۆپچىلىك كىشىلەر ساداقەتمەن بولغان بولسىمۇ، مەلۇم بىر قىسىملار نامۇناسىپ ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلغان. كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتتە، ئايرىم ئېتىقادچىلار مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى تەلىملەرگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەلچى پاۋلۇس كورىنت جامائىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار» (1-كورىنتلىقلار 15:12، 33). پاۋلۇس، ھەتتا جامائەتتىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىن بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە تىموتىينىمۇ ئاگاھلاندۇرغان ۋە تىموتىينى شۇنداق كىشىلەر بىلەن يېقىن دوست بولۇشتىن ئېھتىيات قىلىشقا ئۈندىگەن. — 2-تىموتىي 2:20–22.
14. پاۋلۇسنىڭ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى ئۆز ئىچىگە ئالغان قائىدە- پرىنسىپلارغا قانداق رىئايە قىلالايمىز؟
14 پاۋلۇسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى قايسى قائىدە-پرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ ئۇلارغا قانداق ئەمەلىي رىئايە قىلالايمىز؟ مەيلى جامائەت ئىچىدىكى ياكى سىرتىدىكى بولسۇن، بىزنى چىرىكلەشتۈرۈپ يامان يولغا باشلايدىغانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىشمىز كېرەك (2-سالونىكالىقلار 3:6، 7، 14). بىز خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قوغدىشىمىز زۆرۈر. يادىڭىزدا بولسۇنكى، بىز بۇلۇتقا ئوخشاش يېقىن دوستلىرىمىزنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە مىجەز-خۇلقلىرىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈۋالىمىز. خۇددى بۇلۇتنى سىركىگە (ئاچچىق سۇ) چىلاپ، بۇلۇتنىڭ پەقەت سۇنى سۈمۈرۈپ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىش مۇمكىن بولمىغاندەك، يامان تەسىر قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلساق، ئۇ كىشىلەرنىڭ بىزگە ياخشى تەسىر قىلىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس! — 1-كورىنتلىقلار 5:6.
ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ياخشى دوستلارنى تاپالايسىز
15. جامائەتتە ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن دوستلارنى قانداق تاپالايمىز؟
15 خۇداغا شۈكرى، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن بىزگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇتۇشىمىزغا كۆپ پۇرسەت بار (زەبۇر 133:1). ئۇنداقتا، جامائەتتە ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن دوستلارنى قانداق تاپالايسىز؟ پەقەت سىز داۋاملىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان سۈپەتلەرنى ۋە مىجەز-خۇلقلارنى يېتىلدۈرسىڭىز، سىز بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتىكىلەر تەبىئىيلا سىزگە يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، يېڭى دوست تۇتۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇنۇپ بېقىشىڭىز كېرەك (34-بەتتىكى «ياخشى دوست تاپتۇق»، دېگەن رامكىغا قاراڭ). سىز قانداق ئېسىل سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرمەكچى بولسىڭىز، شۇنداق سۈپەتكە ئىگە كىشىلەرنى دوست تۇتۇڭ. مۇقەددەس كىتابتىكى: «كەڭ قورساق» بولۇڭلار، دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ مىللىتى، ئىرقى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىماي، ئۇلارغا دوستلۇق قولىڭىزنى سۇنۇڭ (2-كورىنتلىقلار 6:13؛ 1-پېترۇس 2:17). پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تەڭتۇشلىرىنى دوست تۇتۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماڭ. ئېسىڭىزدە بولسا، يوناتان بىلەن داۋۇتنىڭ يېشى خېلىلا چوڭ پەرق قىلاتتى. نۇرغۇن ياشتا چوڭلار ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە دانالىقى بىلەن دوستلۇقنى ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلالايدۇ.
ئارىدا سۈركىلىش پەيدا بولغاندا
16، 17. ئەگەر ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز مەلۇم تەرەپلەردىن بىزنى رەنجىتسە، نېمە ئۈچۈن جامائەتتىن ئايرىلماسلىقىمىز كېرەك؟
16 جامائەتتە ئېتىقادچىلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمىغاچ، ئارىلاپ-ئارىلاپ مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. مەلۇم بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتقان سۆزى ياكى قىلغان ئىش-ھەرىكىتى كۆڭلىمىزنى رەنجىتىشى مۇمكىن (پەندى-نەسىھەت 12:18). بەزىدە مىجەزى كېلىشمەسلىك، خاتا چۈشىنىپ قېلىش ياكى پىكىردە بىرگە كېلەلمەسلىك خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق زىددىيەتنىڭ پۇتلاپ يىقىتىشى سەۋەبلىك جامائەتتىن ئايرىلىش توغرىمۇ؟ ئەگەر يەھۋانى ۋە ئۇ سۆيگەن كىشىلەرنى چىن قەلبىمىزدىن ھەقىقىي سۆيسەك، بۇنداق قىلمايمىز.
17 يەھۋا ياراتقۇچىمىز ۋە ھاياتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگۈچىدۇر. شۇڭا، ئۇ بىزنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە چىن ساداقىتىمىزگە لايىقتۇر (ۋەھىيلەر 4:11). ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەت خۇدانى خۇرسەن قىلغاچ ۋە ئۇنى تەشكىللەشنى خۇدا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغاچ، بارچە ساداقىتىمىز بىلەن جامائەتنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىمىز زۆرۈر (ئىبرانىيلار 13:17). شۇنداق ئىكەن، ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز مەلۇم تەرەپلەردىن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، كۆڭلىمىزنى رەنجىتسە، ئۇنى باھانە قىلىپ نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن جامائەتتىن ئايرىلماسلىقىمىز كېرەك. بىزنى رەنجىتكەن يەھۋا ئەمەس تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ جامائىتىدىن ئايرىلالايمىز؟ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز، بىزنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ خەلقىدىن ئايرىلىشقا ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ! — زەبۇر 119:165.
18. (1) نېمە، جامائەتتە ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ (2) كەچۈرۈشكە تېگىشلىك بولسىلا، كەچۈرۈم قىلىش قانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ؟
18 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت، بىزنى جامائەتتە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. يەھۋا، ئۆزى سۆيگەن كىشىلەرنىڭ چوقۇم مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى سۆيۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىنى ئەپۇ قىلايلى. ھەمدە شۇنى ئەستە ساقلايلىكى، بىز ھەممىمىز مۇكەممەل ئەمەس، خاتالىق سادىر قىلىمىز (پەندى-نەسىھەت 17:9؛ 1-پېترۇس 4:8). سۆيگۈ-مۇھەببەت داۋاملىق كەڭ قۇرساق بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (كولوسىلىقلار 3:13). لېكىن، ھەمىشە كەڭ قۇرساق، كەچۈرۈمچان بولۇش ئاسان ئەمەس. ئەگەر سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنىڭ بىزنى تىزگىنلىشىگە يول قويساق، كۆڭلىمىزدە ئاداۋەت ساقلاپ، ئۆزىمىزنى رەنجىتكەن كىشىنى جازالايمەن، دەپ ئويلايمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاداۋەت ساقلاش ئۆزىمىزگە زىيانلىق. كەچۈرۈشكە تېگىشلىك بولسىلا، كەچۈرۈم قىلىش كۆپ پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ (لۇقا 17:3، 4). شۇنداق قىلساق، كۆڭلىمىز خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ، جامائەتتە داۋاملىق تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، پەرۋەردىگار يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزماي ساقلىيالايمىز. — مەتتا 6:14، 15؛ رىملىقلار 14:19.
مۇناسىۋەت قىلىشنى ئۈزۈش
19. قانداق كىشى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى ئۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ؟
19 بەزىدە، جامائەتتىكى مەلۇم كىشى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى ئۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. سەۋەبى، ئۇ كىشى خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزغان ۋە خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ توۋا قىلمىغاچ، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن ياكى خاتا دىنىي تەلىملەرنى تەرغىپ قىلىپ ۋە ياكى جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆز ئىمان-ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكەن. خۇدانىڭ سۆزى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، شۇنداق ‹كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلار كېرەك›، دەپ بۇيرۇغانe (1-كورىنتلىقلار 5:11–13؛ 2-يۇھاننا 9–11). ئەگەر، ئۇ كىشى ئۇرۇق-تۇغقان ياكى يېقىن بېرىش-كېلىش قىلىشقان دوست-يارەنلەر بولسا، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى ئۈزۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا، مەيدانىمىزدا تەۋرەنمەي، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئادىل قانۇنىغا بولغان ساداقىتىمىزنى بارچە نەرسىلەردىن ئۈستۈن قويىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىزمۇ؟ شۇنى ئەستە ساقلاڭ، يەھۋا ساداقەتمەنلىك ۋە ئىتائەتچانلىقنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ.
20، 21. (1) جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى، نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ئىپادىلەش دەيمىز؟ (2) دوست تاللاشتا ئاقىلانە بولۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
20 جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ھەقىقەتەن يەھۋا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببەتتۇر. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ، توۋا قىلىشنى خالىمىغان گۇناھكارنى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش — يەھۋا، دېگەن بۇ مۇقەددەس ئىسىمغا ۋە شۇ ئىسىم ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەممىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ئىپادىلەشتۇر (1-پېترۇس 1:15، 16). شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش جامائەتنى قوغدايدۇ، يەنى ساداقەتمەن ئېتىقادچىلارنى قەستەن گۇناھ قىلغۇچىلارنىڭ يامان تەسىرىدىن بىخەتەر ساقلايدۇ ۋە ئۇلار بۇ رەزىللىكە تولغان دۇنيادا ياشىسىمۇ، جامائەتنى پاناھگاھ قىلىپ خاتىرجەم يەھۋاغا ئىبادەت قىلالايدۇ (1-كورىنتلىقلار 5:7؛ ئىبرانىيلار 12:15، 16). شۇنداق ئېغىر جازالاش گۇناھكارغا كۆرسىتىلگەن مېھىر-مۇھەببەتتۇر. بەلكىم، بۇنداق ئېغىر زەربە گۇناھكارنىڭ ئەس-ھوشىنى تېپىپ، يەھۋا خۇدانىڭ يولىغا قايتىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قەدەم-باسقۇچنى بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. — ئىبرانىيلار 12:11.
21 بىز رەت قىلالمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، يېقىن دوستلىرىمىز بىزگە كۈچلۈك تەسىر قىلالايدۇ. شۇڭا، بېرىش-كېلىش قىلىش ئۈچۈن دوست تاللاشتا ئاقىلانە بولۇش بەك مۇھىم. يەھۋا دوست تۇتقاننى دوست تۇتۇش، سۆيگەننى سۆيۈش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى دوستلارنى ئەتراپىمىزغا توپلىيالايمىز. ئۇلار بىزگە ياخشى تەسىر قىلىپ، بىزنى يەھۋانى خۇرسەن قىلىپ ياشاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
a «شېرىك»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبرانىيچە سۆز، يەنە «يېقىن تۇرغان» ۋە «دوست»، دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. — ھاكىملار 14:20، (ب ج)؛ پەندى-نەسىھەت 22:24، (ب ج).
b ئىبراھىمنى ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق، يەھۋا كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوغلىنى قۇربان قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن (يۇھاننا 3:16). ئىبراھىم قۇربانلىق قىلىشقا تەييار بولغاندا، يەھۋا ئىشلارغا ئارىلىشىپ، ئىسھاقنىڭ ئورنىغا بىر قوچقار بەرگەن ئىدى. — يارىتىلىش 22:1، 2، 9–13.
c داۋۇت جولياتنى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىدا، «تېخى بىر يىگىت» ئىدى، يوناتان ئۆلگەندە بولسا 30 ياشلارچە ئىدى (1-سامۇئىل 17:33؛ 31:2، ب ج؛ 2-سامۇئىل 5:4). يوناتان ئۆلگەندە 60 ياشلاردا بولۇپ، ئۇ داۋۇتتىن 30 ياش ئەتراپىدا چوڭ ئىدى.
d سامۇئىلنىڭ 1-كىتابى 23:17-ئايىتىدە، يوناتاننىڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرى بەش نۇقتىدىن ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن: (1) داۋۇتنى قورقماسلىققا ئۈندىگەن. (2) سائۇلنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا داۋۇتنى ئىشەندۈرگەن. (3) خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە، داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئېسىگە سالغان. (4) داۋۇتقا سادىق بولىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچكەن. (5) ھەتتا سائۇلمۇ يوناتاننىڭ داۋۇتقا بولغان ساداقىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
e جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن ياكى ئىمان-ئېتىقادىدىن ۋاز كەچكەن كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدىكى، «جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش» ناملىق قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.