قۇشۇمچە ئىزاھات
جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش
گۇناھ قىلىپ، گۇناھىغا توۋا قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى يېقىن دوست-بۇرادىرىمىز جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلسە، كۆڭلىمىز ھەقىقەتەن كۆپ ئازابلىنىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىگە قايتۇرغان ئىنكاسىمىز، خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قانچىلىك سادىق ئىكەنلىكىمىزنى ئاشكارا قىلىدۇ.a جامائەتتىن چىقىرىۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە سوئالنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى.
جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب: «ئۆزىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شەھۋانىي، ئاچكۆز، بۇتپەرەس، تۆھمەتخور، ھاراقكەش ياكى ئالدامچى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلارنى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماسلىقىڭلارنى»، بۇيرۇغان (1-كورىنتلىقلار 5:11). مۇقەددەس كىتاب يەنە: «ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر» بولسا، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرىنى «ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار. چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر»، دەپ ئاگاھلاندۇرغان (2-يۇھاننا 9–11). شۇڭا، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايمىز، بۇ ئۇلار بىلەن ئىمان-ئېتىقاد ياكى باشقا ئىشلار ھەققىدە گەپ-سۆز قىلىشمايمىز، دېگەنلىكتۇر. «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 1981-يىل 9-ئاي 15-كۈن سانى 25-بەتتە، مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئاددىي سالام-سەھەت سۆزلىرى پاراڭلىشىشنىڭ ھەتتا دوستلىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. ئۇنداقتا، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە شۇ تۇنجى قەدەمنى بېسىشنى خالايمىزمۇ؟»
ھەرقانداق ئالاقىدە بولماسلىق ھەقىقەتەن شۇنچە بەك زۆرۈرمۇ؟ شۇنداق. بۇنىڭ مۇنداق ئۈچ سەۋەبى بار. بىرىنچى، مۇشۇ بىزنىڭ ئاللاغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئۆزىمىزگە قولايلىق بولغاندىلا، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىپ قالماي، بەلكى قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىمىز. پەرۋەردىگارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز، بىزنى ئۇنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشقا ئۈندەيدۇ. ئاللا ئادىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنلىرى بىزگە زور پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ (يەشايا 48:17؛ 1-يۇھاننا 5:3). ئىككىنچى، قىلغان گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشىدىن قەتئىي يىراق تۇرۇش — ئۆزىمىز ۋە جامائەتنىڭ ئىمان-ئېتىقاد ۋە ئەخلاق جەھەتتىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جامائەتنىڭ شان-شۆھرىتىنى قوغدايدۇ (1-كورىنتلىقلار 5: 6، 7). ئۈچىنچى، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپىنى مەھكەم تۇتساق، ھەتتا جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشىگە پايدىلىق. جامائەت ئاقساقاللىرى كۆرگەن چارە-تەدبىرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىسەك، ئاقساقاللارنىڭ قىلغان ياردىمىنى قوبۇل قىلماي كېلىۋاتقان ئاشۇ كىشىنىڭ قەلبى يۇمشىشى مۇمكىن. چۈنكى، يېقىن كىشىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدىن مەھرۇم قېلىش — ئاشۇ كىشىنىڭ «ئەقلىگە كېلىپ»، ئۆزىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، يەھۋانىڭ قوينىغا قايتىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. — لۇقا 15:17.
ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقىنىمىز جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسىچۇ؟ شۇنداق ئەھۋالدا، قانداشلىق رىشتىمىز يەھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىزنى قىيىن سىناققا دۇچار قىلىدۇ. جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقىنىمىزغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز لازىم؟ بۇ يەردە، دۇچ كېلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ بولغىلى بولمايدۇ. لېكىن، ئىككى خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
بىرىنچى خىل ئەھۋال، چىقىرىۋېتىلگەن كىشى يەنىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بىر كىشى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمىگەچ، ئائىلىدە كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىسى داۋاملىشىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ تاللىغان يولى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئىمان-ئېتىقاد يولىدا مېڭىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يەھۋاغا سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرغان ئائىلە ئەزالىرى، شۇ جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئائىلە ئەزاسىنى ئىبادەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشتۇرمايدۇ. مەسىلەن، ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇپ مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگەندە، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئائىلە ئەزاسى بىر ياندا ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا بولىدۇ. لېكىن، سۆزلەپ پىكىر بايان قىلىشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. ئەگەر جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگىنى تېخى بالا بولسا، ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا تەلىم-تەربىيە بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار مېھرىبانلىق بىلەن پەرزەنتىگە، مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا تەلىم بەرسە بولىدۇ.b — پەندى- نەسىھەت 6:20–22؛ 29:17.
ئىككىنچى خىل ئەھۋال، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشى ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر ئۆيدە ياشىمايدۇ. ئائىلىنىڭ مۇھىم ئىشلىرى سەۋەبلىك، چىقىرىۋېتىلگەن ئائىلە ئەزاسى بىلەن ئالاقىلىشىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلمىسا، ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ساقلىنىشقا قەتئىي تىرىشىش كېرەك. يەھۋاغا سادىق بولغان ئائىلە ئەزالىرى، بىر ئۆيدە ياشىمايدىغان شۇ چىقىرىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقىنى بىلەن ئالاقە قىلىشىشقا باھانە-سەۋەب ئىزدىمەيدۇ. ئەكسىچە، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا سادىق بولغانلار ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىگە بويسۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ سادىقلىقنى ساقلىشى گۇناھكار كىشىگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، چۈنكى كۆرۈلگەن چارە-تەدبىردىن ئاشۇ كىشى تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.c — ئىبرانىيلار 12:11.
a مۇشۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى، ئۆزلىكىدىن جامائەتنى تاشلاپ كەتكەن كىشىلەرگىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ.
b جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ياشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 2001-يىل 10-ئاي 1-كۈن سانى 16-17-بەتلىرى ۋە 1988-يىل 11-ئاي 15-كۈن سانى 20-بېتىگە قاراڭ.
c مۇقەددەس كىتابنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 1988-يىل 4-ئاي 15-كۈن سانى 26-31-بەتلىرى ۋە 1981-يىل 9-ئاي 15-كۈن سانى 26-31-بەتلىرىگە قاراڭ.