قۇشۇمچە ئىزاھات
تىجارەت ئىشلىرىدا پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش
ئەلچى پاۋلۇس 1-كورىنتلىقلار 6:1–8-ئايەتلەردە، ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەرز-شىكايەت ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. سەۋەبى، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كورىنت شەھىرىدىكى بەزى ئېتىقادچىلارنىڭ «خۇدانى تونۇمايدىغان سوراقچىغا ئەرز قىلىپ بارغىنى»، پاۋلۇسنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن (1-ئايەت). ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى، بۇ دۇنيانىڭ سوتچىلىرى ئالدىدا ئەمەس، بەلكى جامائەتنىڭ ئىچىدە ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنى كۆرسەتكەن. ئاۋۋال، مۇقەددەس كىتابنىڭ، نېمە ئۈچۈن بۇ نەسىھەتلەرنى بەرگەنلىكىنىڭ بىرقانچە سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاشۇ نەسىھەتكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان بەزى ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى.
ئەگەر سودا-سېتىق ئىشلىرىدا، ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولسا، شۇنى ئەستە ساقلاش كېرەككى، ئۆز ئالدىغا ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ يولى بىلەن ئىش تۇتۇش بەك مۇھىم (پەندى-نەسىھەت 14:12). ئەيسا مەسىھ كۆرسەتكەندەك، ئىشلار چوڭىيىپ، ئۇرۇش-جېدەللەرگە ئايلىنىپ كەتمەستە ھەل قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر (مەتتا 5:23–26). ئەپسۇسلىنارلىقى، بەزى ئېتىقادچىلار تالاش-تارتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەتتا دەۋالىشىپ سوتچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىشىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس: «ئەمەلىيەتتە، بىر-بىرىڭلار ئۈستىدىن دەۋالىشىش سىلەر ئۈچۈن چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر»، دېگەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ؟ ئاساسلىق سەۋەبى، شۇنداق دەۋالىشىشلار جامائەتچىلىكنىڭ نام-ئابرويىغا ۋە بىز ئىبادەت قىلىدىغان ياراتقۇچى ئاللانىڭ ئىسىم شەرىپىگە داغ تەگكۈزىدۇ. شۇڭا، پاۋلۇسنىڭ: «ئۆزئارا بەزىبىر ناھەقلىقكە ئۇچرىساڭلار ... نېمە بوپتۇ؟»، دېگەن سۆزىنى ئەستە ساقلىشىمىز زۆرۈر. — 7-ئايەت.
پاۋلۇس ھەمدە نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاللا يەھۋانىڭ ئېتىقادچىلار جامائىتىگە ياخشى چارە-تەدبىرلەرنى بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى توغرىسىدا بىلىم ئالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىلەردۇر، شۇڭا پاۋلۇس ئېيتقاندەك، ‹ھازىرقى تۇرمۇشتا›، ئۇلارنىڭ «ئېتىقادچىلار ئارىسىدا بۇ دەۋالارنى ھەل قىلغۇدەك» قابىلىيىتى بار (3–5-ئايەتلەر). ھەزرىتى ئەيسا تۆھمەت ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ئېغىر گۇناھقا باشلايدىغان تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈچ قەدەم باسقۇچىنى كۆرسەتكەن: بىرىنچى، ئىككى كىشى ئارىسىدىكى مەسىلىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش؛ ئىككىنچى، ئەگەر بىرىنچى قەدەم-باسقۇچ مەغلۇپ بولسا، بىر ياكى ئىككى گۇۋاھچىنى ئېلىپ بېرىش؛ ئۈچىنچى، ئەگەر ئىككىنچىسىمۇ مەغلۇپ بولسا، ئىشلارنى جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش. — مەتتا 18:15–17.
ئەلۋەتتە، جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى ئادۋۇكات ياكى سودىگەرلەر بولۇشى ناتايىن، ھەمدە ئۇلارنىڭ جامائەتتىكى خىزمىتى قانۇنىي ياكى سودا-تىجارەت مەسلىھەتلىرىنى بېرىش ئەمەس. ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارىسىدىكى تىجارەت تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈزۈملەرنى بەلگىلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار تالاش-تارتىش قىلىشقان قېرىنداشلارنىڭ مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. مۇرەككەپ ئەھۋاللاردا، بەلكىم ئۇلار رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ياكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىن مەسلىھەت سورىشى مۇمكىن. لېكىن، يەنە بەزىدە پاۋلۇسنىڭ نەسىھىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار قايسى ئەھۋاللار؟
بەزى ئەھۋاللاردا، قانۇن ئورۇنلىرىغا دەۋا قىلىش — پەقەت رەسمىيەت ياكى قانۇنىي زۆرۈرىيەت بولۇپ، مەسىلىنى شەخسىيەتچىلىك قوغلاشماي، تىنچ ھەل قىلىشنىڭ يولى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، نىكاھتىن ئاجرىشىش، پەرزەنتنى بېقىش ھوقۇقى ياكى پەرزەنتنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى تەلەپ قىلىش، سۇغۇرتا تۆلىمى تەلەپ قىلىش، ئىگىلىكنىڭ ۋەيران بولغانلىق ئىلتىماسى ۋە ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار پەقەت قانۇنىي يول بىلەنلا ھەل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئەھۋاللاردا ئەر ئېتىقادچى ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆز ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز-شىكايەتكە قارشى ئەرز قىلىشى مۇمكىن.a
ئەگەر ئېتىقادچىلارنىڭ سوتقا بېرىشى تالاش-تارتىش قىلىش روھىنى ئىپادىلىمىسە، بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ نەسىھىتىگە زىت ئەمەس.b بىراق، ئەڭ مۇھىمى، ئېتىقادچى يەھۋانىڭ ئىسمىنى مۇقەددەس قىلىپ، جامائەتنىڭ تىنچ-ئىتتىپاقلىقىنى ساقلىشى كېرەك. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى پەرق ئېتىشنىڭ بەلگىسى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇ «مېھىر-مۇھەببەت ... شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ». — 1-كورىنتلىقلار 13:4، 5؛ يۇھاننا 13:34، 35.
a ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردا، مەسىلەن بىر ئېتىقادچى باشقىلارنىڭ نومۇسىغا تېگىش، ھۇجۇم قىلىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ياكى ئوغرىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزسە، بۇنداق ئەھۋاللاردا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىش، ھەتتا سوت ئېچىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىشقا بېرىپ تاقىلىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس.
b كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 1997-يىل 3-ئاي 15-كۈن سانى، 17-22-بەتلىرىگە ۋە 1991-يىل 10-ئاي 15-كۈنى سانى، 25-28-بەتلىرىگە قاراڭ.