كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 11-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىدىن قانداق مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىدىن قانداق مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ۋىجدانىڭىزنى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا ماس تە‌ربىيىلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 11-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏

11-‏دە‌رس

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىدىن قانداق مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن بىز يولباشچىلىققا مۇ‌ھتاج؟‏

موُقه‌دده‌س كىتابنىڭ ئه‌مه‌لىيه‌تته پايدىلىنىلغان پرىنسىپلىری:‏ ئانا بېخه‌ته‌رلىك به‌لبېغىنی پايدىلىنىۋاتىدوُ؛‏ دادىسی بىله‌ن بالىسی ۋېلوسىپېد دوُبوُلغىسىنی پايدىلىنىۋاتىدوُ؛‏ هامىلدار ئايال،‏ بېخه‌ته‌رلىك قائىدىلىرىگه ئه‌مه‌ل قىلىۋاتقان ئىشچی

مۇ‌ققە‌ددە‌س كىتابنىڭ پرىنسىپلىرى بېخە‌تە‌رلىك قائىدىلىرىنى ئورۇ‌نلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9)‏.‏

ياراتقۇ‌چىمىز بىزدىن كۆپ ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىكتۇ‌ر.‏ ئۇ خۇ‌ددى مېھرىبان بىر ئاتىغا ئوخشاش،‏ بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئۇ بىز ئىنسانلارنىڭ ئۇ‌نىڭغا تايانماي،‏ ئۆز خاھىشىمىز بويىچە ياشىشىمىزنى مە‌قسە‌ت قىلمىغان (‏يە‌رە‌مىيا 10:‏23)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ گويا كىچىك بالا ئاتا-‏ئانىسىنىڭ يولباشچىلىقىغا مۇ‌ھتاج بولغاندە‌ك،‏ بىز ھە‌ممىمىز خۇ‌دانىڭ يولباشچىلىقىغا مۇ‌ھتاجدۇ‌رمىز (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرى دە‌ل خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن يولباشچىلىقتۇ‌ر.‏ ئۇ بىز ئۈچۈن قىممە‌تلىك سوۋغات.‏​‏—‏ 2-‏تىموتىي 3:‏16-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌ن ۋە قائىدە-‏پرىنسىپلىرى بىزگە بۈگۈنكى كۈندە تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولىنى ئۆگىتىىدۇ ۋە كە‌لگۈسىدە قانداق قىلىپ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ خۇ‌دا بىزنى ياراتقان ئىكە‌ن،‏ ناھايىتى تە‌بئىيكى ئۇ‌نىڭ يولباشچىلىقىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ۋە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىز لازىم.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 19:‏7،‏ 11؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرى دېگە‌ن نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرى بولسا ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌ردۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ قانۇ‌نلار ئادە‌تتە مۇ‌ئە‌ييە‌ن شارائىتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 22:‏8)‏.‏ ئالاھىدە بىر ئە‌ھۋالدا مە‌لۇ‌م قائىدە-‏پرىنسىپنى قانداق قىلىپ ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىشنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇ‌م پە‌م-‏پاراسە‌ت،‏ يە‌نى تە‌پە‌ككۇ‌ر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشلىتىشىمىز لازىم (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏10–‏12)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتلىق خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن بىر سوۋغات،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ شۇ ئاساسىي پرىنسىپ خىزمە‌ت ئورنىدا،‏ ئۆيدە ۋە سە‌پە‌رگە چىققاندا بىزگە يولباشچى بولۇ‌پ،‏ بىزنى بىخە‌تە‌رلىك تە‌دبىرى قوللىنىشقا يېتە‌كلە‌يدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 100:‏3-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ قايسى ئىككى قائىدە-‏پرىنسىپ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم؟‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىككى پرىنسىپنىڭ بە‌كمۇ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى تىلغا ئالغان.‏ بىرىنچىسى،‏ ئىنسان ھاياتىنىڭ مە‌قسىتى بولسا خۇ‌دانى تونۇ‌ش،‏ ئۇ‌نى سۆيۈش ۋە ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش ئىكە‌نلىكىنى ئاشكارا قىلغان.‏ ھە‌ربىر قارارنى چىقارغاندا بۇ بىرىنچى پرىنسىپنى ئويلاپ كۆرۈشىمىز لازىم (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏6)‏.‏ كىم بۇ پرىنسىپ بويىچە ياشىسا،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌پ،‏ ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌ت ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.‏​‏—‏ مە‌تتا 22:‏36–‏38‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئىككىنچى قائىدە-‏پرىنسىپ،‏ بىزنى باشقىلار بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شقا يېتە‌كلىيە‌لە‌يدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4–‏7)‏.‏ مۇ‌شۇ ئىككىنچى پرىنسىپنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىشنى خالىساق،‏ خۇ‌دانىڭ باشقىلارغا مۇ‌ئامىلە قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم.‏​‏—‏ مە‌تتا 7:‏12؛‏ 22:‏39،‏ 40‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرى قانداق قىلىپ بىزگە پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

به‌ختلىك ئائىله

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئاساسىدا ئائىلىنى ئىناق-‏ئىتتىپاق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ (‏كولوسىلىقلار 3:‏12–‏14)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە،‏ نىكاھتا باغلىنىش ۋاقىتلىق ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە ئۈزۈلمە‌س بولسۇ‌ن،‏ دېگە‌ن يولباشچى پرىنسىپنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئائىلىنى قوغدايدۇ.‏​‏—‏ يارىتىلىش 2:‏24-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرى بويىچە تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش،‏ بىزنىڭ ماددىي مۇ‌ھتاجلىقىمىزنى قامداش ۋە كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خوجايىنلار ھە‌مىشە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سە‌مىمىيلىك ۋە تىرىشچانلىق پرىنسىپلىرى بويىچە ياشايدىغانلارنى خىزمە‌تكە قوبۇ‌ل قىلىشنى خالايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏4،‏ 26؛‏ ئىبرانىيلار 13:‏18)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە ئىگە بولغان زۆرۈر لازىمە‌تلىكلە‌ر بىلە‌ن قانائە‌ت ھاسىل قىلىش ۋە خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى ماددىي نە‌رسىلە‌ردىن ئە‌زىز كۆرۈشنى ئۆگىتىدۇ.‏​‏—‏ مە‌تتا 6:‏24،‏ 25،‏ 33؛‏ 1-‏تىموتىي 6:‏8–‏10-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش بىزنىڭ تە‌ن-‏ساغلاملىقىمىزنى قوغدايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏30؛‏ 22:‏24،‏ 25)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ھاراقكە‌شلىككە قارشى بولغان قانۇ‌نىغا قۇ‌لاق سېلىش،‏ بىزنى ئېغىر كېسە‌للىكلە‌ر ۋە ھادىسىلە‌ردىن قوغدايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏20)‏.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا مۇ‌ۋاپىق مىقداردا شاراب ئىچىشنى ئە‌يىبلىمە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏15؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏10)‏.‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرى بىزگە پە‌قە‌ت ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنىلا ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە ئوي-‏خىياللىرىمىزنى ھە‌م قوغداشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق بىزگە پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97–‏100)‏.‏ لېكىن،‏ خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار پە‌قە‌ت ئۆزىنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تى ئۈچۈنلا خۇ‌دانىڭ قانۇ‌ن-‏ئۆلچە‌ملىرىنى ھۆرمە‌تلە‌پلا قالماستىن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى ئۇ‌لۇ‌غلاش ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏​‏—‏ مە‌تتا 5:‏14–‏16‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 12 ۋە 13-‏بابلىرىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش