43-دەرس
ھاراق-شارابلارغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ھاراق-شاراپقا بولغان كۆزقاراشلىرى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ئاندا-ساندا دوست-يارەنلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئازغىنە ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلىرى قەتئىي ئىچمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر مەست بولغىچە ئىچىدۇ. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھاراق-شارابقا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟
1. ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش خاتامۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ھاراق-شاراب ئىچىشنى ئەيىبلىمەيدۇ، ئەكسىچە شارابنى خۇدا بەرگەن سوۋغاتلار قاتارىدا تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شاراب» (زەبۇر 104:14، 15). مۇقەددەس يازمىلاردا خۇداغا سادىق بەزى ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.—1-تىموتىي 5:23.
2. مۇقەددەس كىتاب ئىچىدىغانلارغا قانداق نەسىھەت بېرىدۇ؟
يەھۋا ھاراق-شارابنى كۆپ ئىچىشنى ۋە ھاراقكەشلەرنى ئەيىبلەيدۇ (گالاتىيالىقلار 5:21). ئۇنىڭ سۆزىدە: «شارابخور بىلەن . . . ئارىلاشمىغىن» دېيىلگەن (پەندى-نەسىھەت 23:20). شۇڭا، مەيلى باشقىلار بىلەن ياكى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچەيلى، ھەرگىزمۇ كۆپ ئىچمەسلىكىمىز، يەنى ئەقىل-ھوشىمىزنى يوقۇتۇپ، سۆز-ھەرىكەتلىرىمىزنى كونترول قىلالمىغۇدەك ۋە تەن-سالامەتلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە ئىچمەسلىكىمىز كېرەك. ئەگەر قانچىلىك ئىچىشنى كونترول قىلالمىساق، ئەڭ ياخشىسى ئىچىشنى پۈتۈنلەي تاشلىشىمىز لازىم.
3. باشقىلارنىڭ قارارىنى قانداق ھۆرمەتلىيەلەيمىز؟
ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش-ئىچمەسلىكنى ھەربىر ئادەم چوقۇم ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. بىز ھاراق-شارابنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشنى تاللىغانلارنى ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز كېرەك. شۇنىڭدەك، ئىچمەيدىغانلارغا بېسىم قىلماسلىقىمىز لازىم (رىملىقلار 14:10). ئەگەر ئىچىش باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلسە، بىز ئىچمەسلىكنى تاللايمىز (رىملىقلار 14:21-نى ئوقۇڭ). چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب بىزگە: «ھېچ كىم ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسۇن»،— دەپ نەسىھەت بېرىدۇ.—1-كورىنتلىقلار 10:23، 24-نى ئوقۇڭ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ھاراق-شاراب ئىچىش-ئىچمەسلىكنى ياكى قانچىلىك ئىچىشنى قارار قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچىشنى تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىڭىز، نېمىلەرنى قىلسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
4. ئىچىش-ئىچمەسلىكنى قارار قىلىڭ
ھەزرىتى ئەيسا ھاراق-شاراب ئىچىشكە قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ كۆرسەتكەن تۇنجى مۆجىزە ئۈستىدە ئويلاڭ. يۇھاننا 2:1–11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھ كۆرسەتكەن مۆجىزىدىن، ئۇنىڭ ھاراق-شارابقا ۋە ئىچىدىغانلارغا بولغان كۆزقارىشى ھەققىدە نېمە ئۆگىنەلەيمىز؟
ئەيسا مەسىھ ھاراق-شاراب ئىچىشنى ئەيىبلىمىگەن. ئۇنداقتا، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىغانلارغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشى كېرەك؟
مەسىھ ئەگەشكۈچىسىنىڭ ھاراق ئىچىش ئەركىنلىكى بار بولسىمۇ، ئۇ ھەمىشە ئىچسە، ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. پەندى-نەسىھەت 22:3-نى ئوقۇڭ، ئاندىن ئىچىش-ئىچمەسلىكنى قارار قىلىشقا تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ:
قاتناش قوراللىرىنى ھەيدىمەكچى ياكى ماتورلۇق ئۈسكىنىلەرنى ئىشلەتمەكچى بولىسىڭىز؛
ھامىلدار بولسىڭىز؛
دوختۇر ھاراق ئىچمەسلىكنى ئېيتقان بولسا؛
قانچىلىك ئىچىشنى كونترول قىلالمىسىڭىز؛
قانۇن ھاراق ئىچىشىڭىزگە يول قويمىسا؛
يېنىڭىزدا ئۆتمۈشتە ھاراققا خۇمار بولغان، ئەمدى ھاراقنى ئېغىزىغا ئالماسلىقنى قارار قىلغان كىشى بار بولسا.
توي زىياپىتى ياكى دوستلار ئولتۇرۇشلىرىدا، مېھمانلارغا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى قويۇپ بەرسەم بولامدۇ؟ قارار چىقىرىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇ فىلىمنى كۆرۈڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ.
رىملىقلار 13:13 ۋە 1-كورىنتلىقلار 10:31، 32-نى ئوقۇڭ. ھەربىر ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
بۇ پرىنسىپ يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارنى چىقىرىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ھەربىر مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى ئىچىش-ئىچمەسلىكنى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. ھەتتا بەزىدە ئىچىپ تۇرسىمۇ، بەزى ۋەزىيەتلەردە ئىچمەسلىكنى قارار قىلىشى مۇمكىن
5. قانچىلىك ئىچىشنى قارار قىلىڭ
ئەگەر ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەكچى بولسىڭىز، بۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ: گەرچە يەھۋا ھاراق-شاراب ئىچىشنى ئەيىبلىمىسىمۇ، ئەمما كۆپ ئىچىشنى ئەيىبلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ھوشىيا 4:11، 18-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
بىر كىشى بەك كۆپ ئىچسە، قانداق ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟ بىز كەمتەر بولۇپ، قانچىلىك ئىچىشنى ئېنىق بەلگىلەپ قويۇشىمىز لازىم. پەندى-نەسىھەت 11:2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
نېمە ئۈچۈن قانچىلىك ئىچىشنى ئېنىق بەلگىلەپ قويۇش بەك مۇھىم؟
6. كۆپ ھاراق ئىچىش ئادىتىنى تاشلاش
بىر كىشىگە بەك كۆپ ئىچىش ئادىتىنى تاشلاشقا نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
بۇ فىلىمدا، ھاراق دىمىترىينىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قانداق تەسىر قىلدى؟
ئۇ كۆپ ئىچىش ئادىتىنى دەرھاللا تاشلىيالىدىمۇ؟
ئۇ ئاخىرى ھاراق خۇمارىدىن قانداق قۇتۇلدى؟
1-كورىنتلىقلار 6:10، 11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ھاراقكەشلىك قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ؟
كۆپ ئىچىدىغان ئادەملەر بۇ يامان ئادىتىنى تاشلىيالايدىغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
مەتتا 5:30-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
قولىنى چېپىپ تاشلاش ھەققىدىكى مىسال، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كۆپ ھاراق ئىچىش ئادىتىنى تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىڭىز، نېمە قىلالايسىزa؟
1-كورىنتلىقلار 15:33-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
دوستلىرىڭىز قانچىلىك مىقداردا ئىچىشىڭىزگە قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «ھاراق-شاراب ئىچىش خاتامۇ؟»
بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇلاسە
يەھۋا ھۇزۇرلىنىشىمىز ئۈچۈن ھاراق-شارابنى سوۋغا قىلغان، بىراق ئۇ كۆپ ھاراق ئىچىش ۋە ھاراقكەشلىكنى ئەيىبلەيدۇ.
تەكرارلاش
مۇقەددەس كىتاب ھاراق-شاراب ئىچىش ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
ھاراق-شارابنى بەك كۆپ ئىچىش قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ؟
ھاراق-شاراب ئىچىش مەسىلىسىدە باشقىلارنىڭ قارارىغا قانداق ھۆرمەت قىلالايمىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ئۆسمۈرلەر ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ھەققىدە توغرا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
ھاراقخۇمارلىق ئادىتىنى تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان قانداق قەدەم-باسقۇچلار بار؟
«ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرگە توغرا كۆزقاراشتا بولۇش» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2010-يىل، 1-يانۋار)
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قەدەھ كۆتۈرۈپ، تەبرىك سۆزلىرىنى ئېيتسا بولامدۇ؟
«ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2007-يىل، 15-فېۋرال)
بىر كىشى ھاراقخۇمارلىق ئادىتىنى قانداق تاشلىغان؟ «دوستلىرىمنىڭ بىرى مېنى تېگى يوق تۇڭ دەپ ئاتىدى» ناملىق تەرجىمىھالنى ئوقۇڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-ماي)
a ھاراققا خۇمار بولغانلار شۇ ئادىتىنى تاشلاش ئۈچۈن دوختۇرلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن دوختۇرلار ھاراق خۇمارىدىن قوتۇلماقچى بولغانلارغا ھەرگىز ئىچمەسلىكىنى ئېيتىدۇ.