كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م20 يانۋار 14-‏19 ب.‏
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ
  • ئاغرىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە
  • پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىسىلغاندا
  • يېشىمىز چوڭ بولغاندا
  • يە‌ھۋا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرە‌مدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە نە‌زە‌ر سالىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ك‌م20 يانۋار 14-‏19 ب.‏

3-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ

‏«ئۇ چۈشكۈن بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئە‌سكە ئالدى»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 136:‏23.‏

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا!‏

بۇ ماقالىدەa

1،‏ 2.‏ يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ ۋە بۇ ئۇ‌لارغا قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

مۇ‌نداق ئۈچ مىسالنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر كۈندىن-‏كۈنگە سالامە‌تلىكىنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدىغان ئېغىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولدى.‏ 50 ياشتىن ئاشقان ئىشلە‌مچان بىر بۇ‌رادە‌ر ئىشتىن بوشىتىلدى ۋە قانچە تىرىشىپ باقسىمۇ،‏ باشقا ئىش تاپالمايۋاتىدۇ.‏ ياشانغان سادىق ئايال قېرىنداش سالامە‌تلىكى ناچار بولغاچقا،‏ يە‌ھۋاغا بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك خىزمە‌ت قىلالمايۋاتىدۇ.‏

2 شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تنىڭ بىرىگە دۇ‌چ كە‌لسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى بىر تىيىنغا يارىمايدىغاندە‌ك ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا خۇ‌شاللىقىڭىزنى يوقۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزنى ھۆرمە‌ت قىلماسلىقىڭىز ۋە باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىڭىز بۇ‌زۇ‌لۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

3.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ قول ئاستىدىكىلە‌ر ئىنسان ھاياتىغا قانداق قارايدۇ؟‏

3 شە‌يتانغا ئوخشاش،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌رمۇ ئىنسان ھاياتىنى قە‌دىرلىمە‌يدۇ.‏ شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى ھېچقاچان مۇ‌ھىم دە‌پ ھېسابلىمىغان.‏ ياۋۇ‌ز شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نمىسا،‏ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ھاۋا-‏ئانىغا ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولىسە‌ن،‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى سودا-‏سېتىق،‏ سىياسىي ۋە دىنىي تۈزۈملە‌ر شە‌يتاننىڭ قولى ئاستىدا.‏ شۇ‌ڭا،‏ تىجارە‌تچىلە‌ر،‏ سىياسىيونلار ۋە دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ ئىنسان ھاياتىنى قە‌دىرلىمە‌يدىغانلىقىدىن ھە‌يران بولمايمىز.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا بولسا،‏ ئۇ بىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى بىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۆزۈمىزنى كېرە‌كسىز ھېس قىلغان ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 136:‏23؛‏ رىملىقلار 12:‏3)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز:‏ (‏1)‏ ئاغرىققا مۇ‌پتىلا بولغاندا،‏ (‏2)‏ پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىسىلغاندا ۋە (‏3)‏ يېشىمىز چوڭ بولغاچقا،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن ھېچقانداق كېرىكىم يوق دە‌پ ئويلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ

5.‏ ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا قىممە‌ت-‏باھالىق ئىكە‌نلىكىنىڭ قانداق ئىسپاتلىرى بار؟‏

5 گە‌رچە تۇ‌پراقتىن يارىتىلغان بولساقمۇ،‏ بىز خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئوچۇ‌م توپىغا قارىغاندا،‏ كۆپ قىممە‌ت-‏باھالىق (‏يارىت.‏ 2:‏7)‏.‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىمىزنىڭ بە‌زى سە‌ۋە‌بلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يە‌ھۋا ئىنساننى ياراتقاندا،‏ ئۆزىگە خاس ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى ئە‌كس ئە‌تتۈرۈش قابىلىيىنى ئىنسانغا بە‌رگە‌ن (‏يارىت.‏ 1:‏27)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزگە يە‌ر يۈزى ۋە ھايۋاناتلارنى باشقۇ‌رۇ‌شنى تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ بىزنى ھە‌ممە يە‌ر يۈزىدىكى مە‌ۋجۇ‌داتلاردىن يۇ‌قىرى ئورۇ‌نغا قويغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 8:‏4—‏8.‏

6.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌رنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنىڭ يە‌نە قانداق ئىسپاتى بار؟‏

6 ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلغاندىن كېيىنمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىنسانىيە‌تنى قە‌دىرلە‌شنى توختاتمىغان.‏ يە‌ھۋا بىزنى شۇ‌قە‌دە‌ر سۆيدىكى،‏ ھە‌تتا يە‌ككە-‏يېگانە ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بە‌رگە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9،‏ 10)‏.‏ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئاساسىدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھى سە‌ۋە‌بىدىن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رنى،‏ يە‌نى «ھە‌ققانىيلار ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنى» تىرىلدۈرىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزنى قە‌دىرلىشىگە سالامە‌تلىك ياكى ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالىمىز ۋە يېشىمىز تە‌سىر قىلمايدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 10:‏34،‏ 35.‏

7.‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنىڭ يە‌نە قانداق دە‌لىللىرى بار؟‏

7 يە‌ھۋا بىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنىڭ يە‌نە دە‌لىللىرى بار.‏ ئۇ بىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلدى ۋە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىمىزنى بايقىدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44)‏.‏ بىز يە‌ھۋاغا يېقىنلاشقانسېرى،‏ ئۇ‌مۇ بىزگە يېقىنلاشتى (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا يە‌نە ۋاقتى ۋە كۈچىنى ئايىماي تە‌لىم بېرىش ئارىلىق بىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ ھازىر قانداق ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى ۋە كېلە‌چە‌كتە قانداق ئادە‌م بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىپ تە‌ربىيىلە‌يدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏11،‏ 12)‏.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئە‌مە‌سمۇ؟‏

8.‏ زە‌بۇ‌ر 18:‏27—‏29ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر قىيىنچىلىقلىرىمىزغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

8 بە‌زى كىشىلە‌ر داۋۇ‌ت پادىشاھنى ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س،‏ دە‌پ قارىسىمۇ،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ بۇ‌نى بىلىش داۋۇ‌تنىڭ ئېغىر كۈنلە‌ردە ئۆزىنىڭ ۋە‌زىيتىگە مۇ‌ۋاپىق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 16:‏5—‏7)‏.‏ ئۆزۈمىزنى كېرە‌كسىز ھېس قىلغاندا ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ۋە‌زىيىتىمىزگە باشقىچە قاراپ،‏ ئۇ‌لارنى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 18:‏27—‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ھېچنە‌رسە توسالغۇ بولالمايدۇ (‏رىملىقلار 8:‏31)‏.‏ ھازىر يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ئۈچ ۋە‌زىيە‌تنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئاغرىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە

كوللاژ:‏ بۇ‌رادە‌ر ئاغرىۋاتقاندا سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىلە‌ن كۈرە‌شمە‌كتە.‏ 1.‏ ئۇ دوختۇ‌رخانىدا كارۋاتتا بېشىنى تۇ‌تۇ‌پ ئولتۇ‌رىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئۇ خۇ‌ش كە‌يپىياتتا.‏

خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌ش سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏9—‏12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9.‏ ئاغرىقلار بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

9 ئاغرىقلار تۈپە‌يلىدىن چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ،‏ ئۆزۈمىزنى ھېچكىمگە كېرىكىمىز يوقتە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ باشقىلار ئاغرىۋاتقىنىمىزنى كۆرگە‌ندە ياكى بىز باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ بە‌لكىم خىجالە‌ت بولىدىغاندىمىز.‏ ھە‌تتا باشقىلار ئاغرىۋاتقىنىمىزنى بىلمىسىمۇ،‏ بۇ‌رۇ‌ن قىلغان ئىشلارنى ھازىر قىلالماچقا،‏ نۇ‌مۇ‌ستا قالغاندە‌ك ھېس قىلىدىغاندىمىز.‏ شۇ‌نداق قىيىن ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋا بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ.‏ قانداق قىلىپ؟‏

10.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏25-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئاغرىغاندا بىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

10 ئاغرىغاندا «ياخشى سۆز» كۆڭلىمىزنى كۆتۈرە‌لە‌يدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان سۆزلە‌ر،‏ مە‌يلى ئاغرىق بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن يە‌نىلا قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىمىزنى يادىمىزغا سالىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏19؛‏ 41:‏3)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دانىڭ سۆزىنى قايتا-‏قايتا ئوقۇ‌ساق،‏ يە‌ھۋا سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز بىلە‌ن كۈرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

11.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر يە‌ھۋادىن قانداق تە‌سە‌للى ئالغان؟‏

11 خورخېنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ ياش چېغىدا ئېغىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولۇ‌پ،‏ سالامە‌تلىكى تېزلا ناچارلىشىپ كە‌تكە‌چ،‏ ئۇ ئۆزىنى كېرە‌كسىز ھېس قىلغان ئىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاغرىقىم سە‌ۋە‌بلىك قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شقا ياكى باشقىلار ماڭا كۆزقاراشتا بولىدۇ،‏ دە‌پ نۇ‌مۇ‌س ھېس قىلىشقا تېخى تە‌ييار ئە‌مە‌س ئىدىم.‏ ئە‌ھۋالىم بە‌كمۇ يامانلىشىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ھاياتىم قانداق ئۆزگىرىدۇ،‏ دە‌پ غە‌م قىلدىم.‏ مە‌ن ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ يە‌ھۋادىن يالۋۇ‌رۇ‌پ ياردە‌م سورىدىم».‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ خورخې سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېدى:‏ «ماڭا دىققىتىمنى يىغىش قىيىن بولغاچ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىرنە‌چچە ئايە‌تلە‌رنىلا ئوقۇ‌يالايتتىم.‏ مە‌ن زە‌بۇ‌ر كىتابىدىكى يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئايە‌تلە‌رنى ئوقاتتىم.‏ ھە‌ر كۈنى شۇ ئايە‌تلە‌رنى قايتا-‏قايتا ئوقۇ‌پ،‏ تە‌سە‌للى تاپتىم.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌شال كە‌يپىياتىمنى بايقاپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ ئىلھاملىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى.‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بە‌رگىنىگە كۆزۈم يە‌تتى!‏ ئۇ ئۆزۈمگە بولغان كۆزقارىشىمنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بە‌ردى.‏ يە‌ھۋانىڭ ئاغرىق بولۇ‌شىمغا قارىماستىن،‏ مېنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ سۆزىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شقا باشلىدىم».‏

12.‏ ئاغرىققا مۇ‌پتىلا بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

12 ئاغرىققا مۇ‌پتىلا بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ دە‌ردىڭىزنى چۈشىنىدىغانلىقا ئىشىنىڭ.‏ ئۆز ئە‌ھۋالىڭىزغا توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌شنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ئاندىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋانىڭ كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان ياخشى سۆزلىرىنى ئىزدە‌پ تېپىڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قانچىلىك قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئايە‌تلە‌رگە كۆڭۈل بۆلۈڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا ھە‌ممە سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە ئۆز ياخشىلىقىنى ئايىمايدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزىسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 84:‏11.‏

پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىسىلغاندا

كوللاژ:‏ بۇ‌رادە‌ر پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىسىلىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ ئۇ ئىشتىن بوشىتىلدى.‏ 2.‏ ئۇ ھە‌ر ھە‌پتىدە ئۆتىدىغان ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇ‌ۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئۇ ئايالى بىلە‌ن بىللە ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

ئىش تېپىش قىيىن بولغان چاغلاردا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ڭ (‏13—‏15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13.‏ ئائىلە بېشى ئىشتىن بوشىتىلسا،‏ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

13 ھە‌ربىر ئائىلە بېشى،‏ ئۆز ئائىلىسىنى تۇ‌رمۇ‌شتا ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌شنى خالايدۇ.‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تنى كۆز ئالىدىمىزغا كە‌لتۈرە‌يلى.‏ بۇ‌رادە‌رنىڭ ھېچ بىر خاتالىقى بولمىسىمۇ،‏ ئۇ ئىشتىن بوشىتىلغان.‏ ئۇ باشقا ئىشنى تېپىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ،‏ تاپالمايۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۇ ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىگە كۆز تىكىش ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز ۋە‌دىلىرىنى نېمە ئۈچۈن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌رقاچان ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ (‏يە‌شۇ‌ئا 21:‏45؛‏ 23:‏14)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىرىنچىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمىغا داغ چۈشىشىنى خالىمايدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى ۋە‌دە قىلغان ۋە شۇ ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شنى ئۆزىنىڭ بۇ‌رچى دە‌پ ھېسابلايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏1—‏3)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئائىلە ئە‌زالىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلمىسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ ماددىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشكە ۋە‌دە قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئاشۇ ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شىغا ھېچنە‌رسە توسالغۇ بولالمايدۇ!‏—‏مە‌تتا 6:‏30—‏33؛‏ 24:‏45‏.‏

15.‏ (‏1)‏ بىرىنچـى ئە‌سـىردىكـى ئېتـىقـادداشـلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ (‏2)‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏18،‏ 19-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

15 يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆز سۆزىدە تۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالساق،‏ ماددىي جە‌ھە‌تتىن قىينالغاندا،‏ ئۇ بىزگە چوقۇ‌م ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچلىك بولالايمىز.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى جامائە‌تنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئېتىقادداشلار دە‌ھشە‌تلىك زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ «ئە‌لچىلە‌ردىن باشقا ھە‌ممىسى … تارقىلىپ كە‌تتى» (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏1)‏.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌لار ماددىي تە‌رە‌پتىن قىينالغان.‏ ئۇ‌لار ئۆيلىرىدىن،‏ ئىشلىرىدىن ۋە تىجارە‌تلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى تاشلىمىغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىغان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏4؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏5،‏ 6؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏2،‏ 3)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ندە‌ك،‏ بىزنىمۇ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌لە‌يدۇ‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏18،‏ 19-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

يېشىمىز چوڭ بولغاندا

كوللاژ:‏ ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداش ياشانغانلىقتىن كۆپ ئىش قىلالمايدۇ.‏ 1.‏ ھاسسىسىغا تايىنىپ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ ياش قېرىنداش بىلە‌ن ئاممىۋى سورۇ‌ندا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئۇ جامائە‌تتىكى كىچىك بالىلارغا سۈرە‌تلە‌رنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئۆزىنى ئىشە‌نچلىك ھېس قىلىپ،‏ كۈلۈمسىرە‌پ،‏ ئۆزىنى قە‌دىرلىك ھېس قىلىپ تۇ‌رىدۇ.‏

ھە‌تتا ياشانغان بولساقمۇ،‏ قولىمىزدىن كېلىدىغان نە‌رسىلە‌رگە دىققە‌تنى قاراتساق،‏ يە‌ھۋا سادىق خىزمىتىمىزنى چوقۇ‌م قە‌دىرلە‌يدۇ (‏16—‏18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن خىزمىتىمىز يە‌ھۋا ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

16 بىز ياشانغانسېرى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك خىزمە‌ت قىلالمايمە‌ن،‏ دە‌پ ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھمۇ ياشانغانسېرى،‏ بە‌لكىم شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان (‏زە‌بۇ‌ر 71:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

17.‏ جېرى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

17 جېرى ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرە‌يلى.‏ قېرىندىشىمىز ئىبادە‌ت زاللىرىنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىشنى ئۆگىتىدىغان تە‌ربىيىلە‌شكە تە‌كلىپ قىلىنغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ بارغۇ‌سى كە‌لمىگە‌نىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ يېشىم چوڭ،‏ مە‌ن بىر تۇ‌ل ئايال،‏ قولۇ‌مدىن ھېچنە‌رسە كە‌لمە‌يدۇ ۋە مېنىڭ ھېچ پايدام تە‌گمە‌يدۇ».‏ شۇ تە‌ربىيىلە‌شكە بېرىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال قېرىنداش يە‌ھۋاغا ئىچ سىرىنى تۆكۈپ دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئىبادە‌ت زالىغا كە‌لگىنىدە،‏ مە‌ن بۇ يە‌رگە بېكار كە‌لدىممېكىن،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ تە‌ربىيىلە‌شتە بىر ناتىق ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ماھارىتىمىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئۆگىنىشكە تە‌ييار بولۇ‌ش،‏ دە‌پ تە‌كىتلىگە‌ن.‏ جېرى قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭدە شۇ‌نداق ماھارە‌ت بار ئىكە‌نغۇ!‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنىڭ دۇ‌ئايىمغا جاۋاب بە‌رگىنىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ يىغلاپ كە‌تتىم.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنىڭدە ئۇ‌نىڭغا بە‌رگۈدە‌ك گۆھە‌ر كە‌بى بىر نە‌رسە بار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈردى ۋە ماڭا ئۆگىتىشنى خالىغانلىقىنى كۆرسە‌تتى.‏ شۇ تە‌ربىيىلە‌شكە كېتىۋاتقاندا روھۇ‌م چۈشكۈن،‏ ئۆزۈمنى كېرە‌كسىز ھېس قىلغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ يە‌ردىن قايتقىنىمدا ئىشە‌نچكە تولۇ‌پ،‏ قە‌دىر-‏قىممىتىم ئاشقاندە‌ك،‏ ھېس قىلدىم!‏»‏

18.‏ ياشانغان بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا خىزمىتىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنىمىز؟‏

18 ياشانغان بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلدىغانغا خىزمە‌ت بار (‏زە‌بۇ‌ر 92:‏12—‏15)‏.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئىشلىرىمىز ئۆزۈمىزگە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏لۇ‌قا 21:‏2—‏4)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ قولۇ‌ڭىزدىن كېلىدىغان نە‌رسىلە‌رگە دىققىتىڭىزنى قارىتىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارغا ئېيتالايسىز،‏ ئېتىقادداشلار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلالايسىز ۋە باشقىلارنى يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلالايسىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىز ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنى خالىغانلىقىڭىز ئۈچۈن،‏ سىزنى ئۆزىنىڭ خىزمە‌تدىشى دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏5—‏9.‏

19.‏ رىملىقلار 8:‏38،‏ 39-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

19 يە‌ھۋا خىزمە‌تچىلىرىنى ھە‌قىقە‌تە‌ن قە‌دىرلە‌يدۇ،‏ شۇ‌ڭا بىز ئۇ‌نىڭغا ئىنتايىن مىننە‌تدار!‏ ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ياراتقان ۋە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش كۆڭلىمىزنى ھە‌قىقىي قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11)‏.‏ بۇ دۇ‌نيا بىزنى كېرە‌كسىز،‏ دە‌پ قارىسىمۇ،‏ لېكىن يە‌ھۋا بىزدىن نۇ‌مۇ‌س قىلمايدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏16،‏ 38)‏.‏ ئاغرىققا مۇ‌پتىلا بولۇ‌پ كۆڭلىمىز چۈشكە‌ندە،‏ پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىسىلغاندا ياكى ياشىنىپ قالغاچ ئۆزۈمىزنى يارامسىزدە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ بىزنى ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ھېچنە‌رسە ئايرىۋېتە‌لمە‌يدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تايلى.‏—‏رىملىقلار 8:‏38،‏ 39-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

a سىز ئۆزىڭىزنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلغان كۈنلە‌ر بولغانمۇ؟‏ بۇ ماقالە،‏ يە‌ھۋا سىزنى قانچىلىك قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئېسىڭىزگە سالىدۇ ۋە ھاياتىڭىزدا مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلار بولسۇ‌ن،‏ ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمە‌تنى يوقاتماسلىققا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

يە‌ھۋا بىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌نۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداق كۆرە‌لە‌يمىز:‏

  • ئاغرىققا مۇ‌پتىلا بولغاندا؟‏

  • پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىسىلغاندا؟‏

  • ياشانغاندا؟‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش