كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 فېۋرال 30-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 فېۋرال 30-‏ب.‏
ئىسرائىل يىگىت كېلە‌چە‌كتىكى قېيىناتىسىغا تويلۇ‌ق سۈپىتىدە كالىنى بېرىۋاتىدۇ.‏

تويلۇ‌ق سۈپىتىدە مال-‏چارۋىلار بېرىلە‌تتى

سىز بىلە‌مسىز؟‏

نېمە ئۈچۈن قە‌دىمدە ئىسرائىللار تويلۇ‌ق بېرىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

قە‌دىمدە ئۆيلە‌نمە‌كچى بولغان يىگىت ياكى ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىن بىرى قىزنىڭ ئاتا-‏ئانىسىغا تويلۇ‌ق بېرىشى زۆرۈر ئىدى.‏ تويلۇ‌ق سۈپىتىدە قىممە‌تباھا بۇ‌يۇ‌م،‏ مال-‏چارۋىلار ياكى پۇ‌ل بېرىلە‌تتى.‏ بە‌زىدە يىگىت كېلىننىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ئىشلە‌پ بېرە‌تتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياقۇ‌پ راھىلە بىلە‌ن توي قىلىش ئۈچۈن يە‌تتە يىل ئىشلە‌پ بېرىشكە تە‌ييار بولغان (‏يارىت.‏ 29:‏17،‏ 18،‏ 20)‏.‏ بۇ ئۆرپ-‏ئادە‌تنىڭ مە‌قسىتى نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى كارول مېيرېس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئائىلىدىن بىر ئە‌مگە‌كچىنىڭ كېتىشى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئاسان بولمايتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ قىز ئۈچۈن تويلۇ‌ق بېرىلىشى زۆرۈر بولغان».‏ بۇ‌نداق ئۆرپ-‏ئادە‌ت قۇ‌دىلار ئارىسىدا تۇ‌غقانلىق مۇ‌ناسىۋىتىنى شە‌كىللە‌ندۈرۈپ،‏ ئۇ‌لار بېشىغا كۈن چۈشكە‌ندە،‏ بىر-‏بىرىگە يار-‏يۆلە‌ك بولالايتتى.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ تويلۇ‌ق بېرىش ئۆرپ-‏ئادىتى ئۇ‌لارنىڭ چېيى ئىچۈرۈلگە‌نلىكى ۋە ئە‌مدى قىزنى قوغداش ۋە ئۇ‌نى ھىمايە قىلىش ئاتىسىنىڭ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يولدىشىنىڭ مە‌سئۇ‌لىيىتى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتە‌تتى.‏

تويلۇ‌ق بېرىش ئۆرپ-‏ئادىتى —‏ بۇ قىزنى سېتىش ياكى سېتىۋېلىشقا بولىدۇ دېگە‌ننى بىلدۈرمىگە‌ن.‏ بىر كىتابتا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «كېلىننىڭ ئائىلىسىگە مە‌لۇ‌م مىقداردا پۇ‌ل ياكى شۇ‌نىڭغا تە‌ڭ قىممە‌تتە نە‌رسىلە‌رنى بېرىش،‏ ئىسرائىل خە‌لقى ئارىسىدا قىزنى سېتىۋالغىلى بولىدىغاندە‌ك كۆرۈنگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ تويلۇ‌ق بېرىش كېلىن ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھە‌ق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى كېلىننىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ئايرىلىپ قالغان ئە‌مگە‌ك كۈچى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھە‌ق دە‌پ قارالغان» (‏«‏Ancient Israel—Its Life and Institutions‏»)‏.‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە كىشىلە‌رنىڭ تويلۇ‌ق بېرىش ئۆرپ-‏ئادىتى تېخى داۋام قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان ئاتا-‏ئانا تويلۇ‌ق بېرىشنى سورىغاندا،‏ ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ تە‌لە‌پ قىلماسلىقى لازىم.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ‌لارنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكى باشقىلارغا ئايان بولىدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏5؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 10:‏32،‏ 33)‏.‏ بۇ‌نداق يول تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار پۇ‌لپە‌رە‌س ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏2)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌داغا ئىخلاسمە‌ن ئاتا-‏ئانا كۆپ تويلۇ‌ق تە‌لە‌پ قىلمىسا،‏ يىگىت ئۇ‌نى تۆلە‌ش ئۈچۈن توينى كېچىكتۈرۈشكە مە‌جبۇ‌ر بولمايدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ يىگىت تە‌لە‌پ قىلىنغان كۆپ تويلۇ‌قنى بېرىش ئۈچۈن،‏ تاڭ سە‌ھە‌ردىن تاكى كۈن ئولتۇ‌رغىچە ئىشلە‌يمە‌ن دە‌پ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدىن ۋاز كېچىشكە مە‌جبۇ‌ر بولمايدۇ.‏

بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە تويلۇ‌ق بېرىش قانۇ‌ن تە‌رىپىدىن بە‌لگىلە‌نگە‌ن.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغان ئاتا-‏ئانىلار شۇ قانۇ‌نغا بويسۇ‌نىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ خۇ‌دا سۆزى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ھۆكۈمە‌تكە بويسۇ‌نۇ‌شقا،‏ بولۇ‌پمۇ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا زىت بولمىغان قانۇ‌نلارغا بويسۇ‌نۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏—‏رىملىقلار 13:‏1؛‏ ئە‌لچى.‏ 5:‏29.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش