سىز بىلەمسىز؟
نېمە ئۈچۈن يەھۋا پاختەكلەرنى ۋە كەپتەرلەرنى قۇربانلىققا ئېلىپ كېلىشكە يول قويغان؟
تەۋرات قانۇنى بويىچە، پاختەكلەر ھەم كەپتەرلەرنى يەھۋا قۇربانلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ئىدى. تەۋراتتا قۇربانلىق ھەققىدە ئېيتىلغاندا، بۇ قۇشلار دائىم بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى قۇربانلىققا بېرىشكە بولاتتى (لاۋى. 1:14؛ 12:8؛ 14:30). بۇنىڭ قانداق پايدىسى بولغان؟ مەسىلەن، پاختەكلەرنى تېپىش دائىم ئاسانغا چۈشمىگەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
پاختەك
ئادەتتە پاختەكلەر ئىسرائىل زېمىنىدا ئىسسىق ئايلاردا ياشىغان. لېكىن، ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇلار جەنۇبتىكى ئىسسىقراق دۆلەتلەرگە ئۇچۇپ كېتەتتى. باھاردا بولسا، ئۇلار يەنە ئىسرائىلغا قايتىپ كېلەتتى (شېئىر. ش 2:11، 12؛ يەرەم. 8:7). شۇڭا، قەدىمدە ئىسرائىللارنىڭ قىشتا پاختەكلەرنى قۇربانلىققا ئېلىپ كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان.
كەپتەر
پاختەكلەرگە قارىغاندا، كەپتەرلەر ئادەتتە باشقا يەرگە ئۇچۇپ كەتمەتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلارنى ئىسرائىل زېمىنىدىن ھەمىشە تېپىش مۇمكىن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كەپتەرلەرنى كۆندۈرۈشكە بولاتتى (يۇھاننا 2:14، 16-نى سېلىشتۇرۇڭ). بىر كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «پەلەستىن زېمىنىدىكى شەھەر-يېزىلارنىڭ ھەممىسىدە كۆندۈرۈلگەن كەپتەرلەر بار ئىدى». ھەربىر ئۆي ئېگىسى كەپتەرلەر ئۈچۈن كەپتەرخانا ياكى تامنى ئويۇپ ئۇۋا ياساپ بېرەتتى («Bible Plants and Animals»).—يەشايا 60:8-نى سېلىشتۇرۇڭ.
ئۇۋىدىكى كەپتەر
كۆرگىنىمىزدەك، ئىسرائىللار يىل بويى ئاسانلا ئېرىشكىلى بولىدىغان قۇربانلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيتتى. بۇ يەھۋانىڭ كۆيۈمچان ۋە غەرەز ئۇقىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى ھەم بىزدىن مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەرنى ھەرگىز تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.