كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 دېكابىر 14-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«يە‌ھۋانى ئىزدىگە‌نلە‌رنىڭ ھېچبىر ياخشى نە‌رسىسى كە‌م بولماس»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 دېكابىر 14-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

داۋۇ‌تنىڭ زە‌بۇ‌ر 61:‏8-‏ئايە‌تتىكى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى «مە‌ڭگۈ» مە‌دھىيىلە‌يمە‌ن دېگە‌ن سۆزى مۇ‌بالىغە قىلىغانمۇ ؟‏

پادىشاھ داۋۇ‌ت ساز چېلىپ،‏ ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ.‏

ياق،‏ داۋۇ‌ت بۇ يە‌ردە ھە‌قىقە‌تنى ئېيتقان.‏

ھازىر ئۇ‌نىڭ بۇ ئايە‌تتە ۋە باشقىمۇ ئايە‌تلە‌ردە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلە‌رنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن سېنىڭ ئىسىمىڭنى مە‌ڭگۈ مە‌دھىيىلە‌يمە‌ن،‏ ھە‌ر كۈن قە‌سە‌ملىرىمنى ئورۇ‌نلايمە‌ن»؛‏ «ئە‌ي تە‌ڭرىم يە‌ھۋا،‏ پۈتۈن قە‌لبىم بىلە‌ن ساڭا مە‌دھىيە ئېيتىمە‌ن،‏ ئە‌بە‌دغىچە ئىسىمىڭنى ئۇ‌لۇ‌غلايمە‌ن»؛‏ «ئىسىمىڭغا ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د مە‌دھىيە ئوقۇ‌يمە‌ن».‏—‏زە‌بۇ‌ر 61:‏8؛‏ 86:‏12؛‏ 145:‏1،‏ 2.‏

داۋۇ‌ت بۇ سۆزلە‌رنى يازغاندا،‏ ھە‌رگىزمۇ ئۆلمە‌ي،‏ مە‌ڭگۈ ياشايمە‌ن دە‌پ ئويلىمىغان.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ گۇ‌ناھكار ئىكە‌نلىكىنى ۋە گۇ‌ناھى تۈپە‌يلىدىن ئۆلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگە‌ن ۋە ئۆزىنىڭمۇ گۇ‌ناھكار ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (‏يارىت.‏ 3:‏3،‏ 17–‏19؛‏ زە‌بۇ‌ر 51:‏4،‏ 5)‏.‏ ئۇ ھە‌تتا ئىبراھىم،‏ ئىسھاق،‏ ياقۇ‌پقا ئوخشاش سادىق خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ داۋۇ‌ت ئۆزىنىڭمۇ بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏25؛‏ 39:‏4)‏.‏ لېكىن،‏ زە‌بۇ‌ر 61:‏8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر داۋۇ‌تنىڭ خۇ‌دانى مە‌ڭگۈ مە‌دھىيىلە‌شنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ‌نىڭغا بە‌ل باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ داۋۇ‌ت ئە‌ڭ ئاخىرقى نە‌پىسى توختىغىچە شۇ‌نداق قىلىشنى قە‌تئىي قارار قىلغان.‏—‏2-‏سام.‏ 7:‏12.‏

داۋۇ‌ت بە‌زى چاغلاردا بېشىدىن كە‌چۈرگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر ھە‌ققىدە يازغان.‏ بۇ‌نى زە‌بۇ‌ر 18،‏ 51 ۋە 52-‏بابلاردىن كۆرۈۋالالايمىز.‏ داۋۇ‌ت پادىچى بولغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ زە‌بۇ‌ر 23-‏بابتا،‏ يە‌ھۋانى قويلىرىنى يېتە‌كلە‌يدىغان،‏ ئارام ئالغۇ‌زىدىغان ۋە قوغدايدىغان بىر پادىچى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق كۆيۈمچان پادىچى يە‌ھۋاغا «ئۆمۈر بويى» خىزمە‌ت قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالىغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 23:‏6.‏

شۇ‌نى ھە‌م ئە‌ستە تۇ‌تايلى،‏ داۋۇ‌تنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن بولغان.‏ ئۇ يازغان بە‌زى سۆزلە‌ر ئۇ‌زاق ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان بېشارە‌تلە‌ر ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت زە‌بۇ‌ر 110-‏بابتا ھە‌زرىتىمىز،‏ يە‌نى مە‌سىھنىڭ ئاسماندا خۇ‌دانىڭ ئوڭ تە‌رىپىدە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ زور كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە ئېرىشىدىغانلىقىنى يازغان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرىنى بېقىندۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ر يۈزىدىكى مىللە‌تلە‌رگە قارشى چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ.‏ داۋۇ‌ت مە‌سىھ سۈپىتىدە كېلىدىغان ئە‌يسانىڭ ئە‌جدادى ئىدى.‏ مە‌سىھ بولسا ئە‌رشتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ۋە مە‌ڭگۈ روھانىي بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 110:‏1–‏6)‏.‏ كېيىن،‏ ئە‌يسا زە‌بۇ‌ر 110-‏بابتىكى بۇ بېشارە‌تنىڭ ئۆزى ھە‌ققىدە ئېيتىلغانلىقىنى ۋە كە‌لگۈسىدە ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى تە‌ستىقلىغان.‏—‏مە‌تتا 22:‏41–‏45‏.‏

ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ داۋۇ‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ يېتە‌كلىشى بىلە‌ن ئۆز زامانى ۋە كېلە‌چە‌كتە تىرىلدۈرۈلۈپ،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى مە‌ڭگۈ مە‌دھىيىلىيە‌لە‌يدىغان ۋاقىت ھە‌ققىدە يازغان ئىدى.‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر شۇ‌لار يېزىلغان زامان ۋە كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە خە‌ۋە‌ر بە‌رگە‌نىدى.‏ شۇ بېشارە‌تلىك سۆزلە‌ر ئىسرائىل زېمىنىدا قە‌دىمدە ئە‌مە‌لگە ئاشقان ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا كېلە‌چە‌كتە پۈتۈن يە‌ر يۈزىدە ۋە‌دىلىرىنى ئورۇ‌نلىغاندىمۇ يە‌نە بىر قېتىم ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏—‏مۇ‌شۇ ژۇ‌رنالدىكى «مە‌ن بىلە‌ن بىللە جە‌ننە‌تتە بولىسە‌ن» ناملىق ماقالىنىڭ 8-‏ئابزاسىغا قاراڭ.‏

زە‌بۇ‌ر 61:‏8-‏ئايە‌ت ۋە ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش باشقا ئايە‌تلە‌ر،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئاخىرقى نە‌پىسى توختىغىچە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىمە‌كچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ سۆزلە‌ر يە‌ھۋا كە‌لگۈسىدە داۋۇ‌تنى تىرىلدۈرگە‌ندىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ نېمە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش