كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م23 مارت 14-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ك‌م23 مارت 14-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

نېمە ئۈچۈن «پالانچى» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان كىشى رۇ‌تقا ئۆيلە‌نسە،‏ ئۆز مىراسىنى ۋە‌يران قىلاتتى؟‏ (‏رۇ‌ت 4:‏1،‏ 6)‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا،‏ ئۆيلە‌نگە‌ن ئە‌ر كىشى ئە‌ۋلاد قالدۇ‌رماي ئۆلۈپ كە‌تسە،‏ ئۇ‌نىڭ زېمىنىغا كىم ۋارىسلىق قىلغان؟‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنىڭ نامى مە‌ڭگۈ ئۆچۈپ كە‌تكە‌نمۇ؟‏ مۇ‌شۇ‌نىڭدە‌ك سوئاللار پە‌يدا بولغان ۋە بۇ مە‌سىلىلە‌ر تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە ھە‌ل قىلىنغان.‏

ۋاپات بولغان كىشىنىڭ يە‌ر-‏زېمىنى ئۇ‌نىڭ قېرىندىشى ياكى يېقىن تۇ‌ققىنىغا مىراس قالاتتى.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر كىشى نامراتلىشىپ،‏ زېمىنىنى سېتىشقا مە‌جبۇ‌ر بولسا،‏ قېرىندىشى ياكى يېقىن تۇ‌ققىنى ئۇ‌نى قايتا سېتىۋېلىش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولغان.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ يە‌ر-‏زېمىنى يە‌نىلا شۇ ئائىلىگە تە‌ۋە بولۇ‌پ قالاتتى.‏—‏لاۋى.‏ 25:‏23–‏28؛‏ سانلار 27:‏8–‏11.‏

ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىنىڭ جە‌مە‌ت نامى قانداق ساقلانغان؟‏ رۇ‌تنىڭ ۋە‌زىيىتىدە بولغاندە‌ك،‏ يولدىشى ۋاپات بولسا،‏ ئايالى ئۇ‌نىڭ ئاكىسى ياكى ئىنىسىغا تۇ‌رمۇ‌شقا چىقىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن تۇ‌غۇ‌لغان ئە‌ۋلاد ئاشۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىنىڭ ئە‌ۋلادى بولۇ‌پ ھېسابلىناتتى ۋە ئائىلە مىراسى ئۇ‌نىڭغا قالاتتى.‏ بۇ چارە تۇ‌ل ئاياللارغا ھە‌م غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لغان.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 25:‏5–‏7؛‏ مە‌تتا 22:‏23–‏28‏.‏

نائومىنىڭ مىسالىنى ئالايلى.‏ ئۇ ئېلىمېلە‌ك ئىسىملىك كىشىگە تۇ‌رمۇ‌شقا چىققانىدى.‏ يولدىشى ۋە ئىككى ئوغلى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ نائومىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان ئە‌ر كىشى بولمىغان (‏رۇ‌ت 1:‏1–‏5)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ نائومى كېلىنى رۇ‌ت بىلە‌ن يە‌ھۇ‌داغا قايتقان.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئېلىمېلە‌كنىڭ يېقىن تۇ‌ققىنى بولغان بوئاز ئىسىملىك كىشىگە رۇ‌تنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئېلىمېلە‌كنىڭ يە‌ر-‏زېمىنىنى سېتىۋېلىپ،‏ تۇ‌ققان سۈپىتىدە بورچىنى ئورۇ‌نلاشنى ئۆتۈنگە‌ن (‏رۇ‌ت 2:‏1،‏ 19،‏ 20؛‏ 3:‏1–‏4)‏.‏ بىراق،‏ بوئاز ئۇ‌نىڭدىنمۇ يېقىن تۇ‌ققان بارلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ دېمە‌ك،‏ بىرىنچى نۆۋە‌تتە ئاشۇ يېقىن تۇ‌ققىنى ئۆز بورچىنى ئورۇ‌نلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏—‏رۇ‌ت 3:‏9،‏ 12،‏ 13.‏

شۇ پالانچى كىشى بورچىنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار بولغان ئىدى (‏رۇ‌ت 4:‏1–‏4)‏.‏ گە‌رچە ئېلىمېلە‌كنىڭ يە‌ر-‏زېمىنىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇ‌ل خە‌جلە‌شكە توغرا كە‌لسىمۇ،‏ پالانچى نائومى قېرىپ قالغاچقا،‏ پە‌رزە‌نتلىك بولالمايدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئېلىمېلە‌كنىڭ مىراسى ئۆز جە‌مە‌تىگە ئۆتىدىغان بولدى دە‌پ قارىغانىدى.‏

بىراق،‏ پالانچى زېمىننى قايتۇ‌رۇ‌پ سېتىۋالسا،‏ رۇ‌تقا ئۆيلىنىشى كېرە‌كلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ ئوي-‏پىكىرىنى دە‌رھال ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۇ‌نى سېتىۋالالمايمە‌ن،‏ چۈنكى مىراسىمنى ۋە‌يران قىلىشىم مۇ‌مكىن» (‏رۇ‌ت 4:‏5،‏ 6)‏.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېگە‌ن؟‏

پالانچى ياكى باشقا بىرى رۇ‌تقا ئۆيلىنىدىغان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن تۇ‌غۇ‌لغان ئوغۇ‌ل ئېلىمېلە‌كنىڭ مىراسىغا ۋارىس بولاتتى.‏ بىراق،‏ قانداقلارچە ئۇ مىراسىنى «ۋە‌يران» قىلىشى مۇ‌مكىن ئىدى؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلمىغان.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭغا بىرنە‌چچە ۋە‌زىيە‌تلە‌ر سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئىدى:‏

  • بىرىنچىدىن،‏ پالانچى ئېلىمېلە‌كنىڭ يېرىنى قايتۇ‌رۇ‌پ سېتىۋېلىش ئۈچۈن خە‌شلىگە‌ن پۇ‌لى يوق بولۇ‌پ كېتە‌تتى.‏ چۈنكى،‏ سېتىۋالغان بۇ يە‌ر ئاخىرىدا رۇ‌تنىڭ بالىسىغا تە‌ۋە بولاتتى.‏

  • ئىككىنچىدىن،‏ ئۇ نائومىغا ۋە رۇ‌تقا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

  • ئۈچىنچىدىن،‏ رۇ‌تتىن توغۇ‌لغان بالىلارمۇ،‏ ئۆزىنىڭ باشقا بالىلىرىمۇ پالانچىنىڭ مىراسىغا مىراسخور بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏

  • تۆتىنچىدىن،‏ پالانچىنىڭ ئۆز بالىلىرى بولمىغان بولسا،‏ رۇ‌تنىڭ بالىسىدا ھە‌م ئېلىمېلە‌كنىڭ،‏ ھە‌م پالانچىنىڭ يە‌ر-‏زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بولاتتى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ پالانچىنىڭ يە‌ر-‏زېمىنى ئۆزىنىڭكى ئە‌مە‌س،‏ ئېلىمېلە‌كنىڭ جە‌مە‌ت نامىنى داۋاملاشتۇ‌رغان ئوغۇ‌لغا تە‌ۋە بولاتتى.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ «مىراسىمنى ۋە‌يران قىلىشىم مۇ‌مكىن» دېگە‌ن ئوي بىلە‌ن نائومىغا ياردە‌م بېرىشنى خالىمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌رنى سېتىۋېلىش ھوقۇ‌قى بار يە‌نە بىر كىشىگە،‏ يە‌نى بوئازغا مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بۇ‌رچىنى ئۆتكۈزۈپ بە‌رگە‌ن.‏ بوئاز «ئۆلگە‌ن كىشىنىڭ ئىسىمى ئۇ‌نتۇ‌لۇ‌پ كە‌تمە‌سلىكى ئۈچۈن» تۇ‌غقان سۈپىتىدە ئۆز بورچىنى ئادا قىلغان.‏—‏رۇ‌ت 4:‏10.‏

ئېنىقكى،‏ پالانچى ئۆزىنىڭ جە‌مە‌ت نامى ۋە مىراسىنى ساقلاشقا كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ نامىمنى ساقلايمە‌ن دە‌پ،‏ ئە‌كسىنچە ئىسىمى تارىختىن ئۆچۈرۈلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئىنتايىن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پتىن ئايرىلىپ قالغانىدى.‏ بوئاز بولسا،‏ ئاشۇ چوڭ شان-‏شە‌رە‌پكە ئىگە بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمى مە‌سىھنىڭ ئاتا-‏بوۋىلىرىنىڭ نە‌سە‌بنامە تىزىملىكىدىن ئورۇ‌ن ئالغان.‏ پالانچى پە‌قە‌ت ئۆزىنىلا ئويلىغان ۋە مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان كىشىگە ياردە‌م بېرىش پۇ‌رسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان.‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى نە‌قە‌دە‌ر ئە‌پسۇ‌سلىنارلىق ئاخىرلاشقان-‏ھە!‏—‏مە‌تتا 1:‏5؛‏ لۇ‌قا 3:‏23،‏ 32.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش