تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
قەلبىڭىزنى تەييارلاڭ
بىز مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغاندا، يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرىنىڭ قەلبىمىزگە، يەنى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا تەسىر قىلىشىنى خالايمىز. مەسىلەن، يەھۋانىڭ قانۇنىنى چۈشىنىش ئۈچۈن «ئەزرا ئۆز قەلبىنى تەييارلىغان ئىدى» (ئەزرا 7:10) ئۇ بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇنداقتا، بىز تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال، قەلبىمىزنى قانداق تەييارلىيالايمىز؟
دۇئا قىلىڭ. ھەر قېتىم ئۆگىنىشنى دۇئا بىلەن باشلاڭ. ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىش ئۈچۈن، يەھۋا خۇدادىن ياردەم سوراڭ.—زەبۇر 119:18، 34.
كەمتەر بولۇڭ. بەزىلەر ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىش ئۈچۈن خۇداغا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئەقلىگە تايىنىدۇ. لېكىن، خۇدا تەكەببۇر ئادەملەردىن ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ (لۇقا 10:21). تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پەقەت بىلىمىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن بولماسلىقى كېرەك. ئۆز ئوي-پىكىرىڭىزنىڭ خۇدانىڭ ئوي-پىكىرى بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىنى بايقىسىڭىز، كەمتەرلىك بىلەن دەرھال كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.
پادىشاھلىق مەدھىيە ناخشىلىرىنى تىڭشاڭ. مۇزىكا بىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا، ئەگەر تەتقىق قىلىشنىڭ ئالدىدا پادىشاھلىق ناخشىلىرىنى تىڭشىساق، بۇ بىزگە دىققىتىمىزنى يەھۋاغا قارىتىپ، قەلبىمىزنى تەييارلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.