كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئىيۇ‌ل 15-‏20 ب.‏
  • نېمىشقا «ياھنى مە‌دھىيىلىشىمىز» كېرە‌ك؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • نېمىشقا «ياھنى مە‌دھىيىلىشىمىز» كېرە‌ك؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • يە‌ھۋا قە‌لبى يارىلانغانلارغا شىپا بېرىدۇ
  • يە‌ھۋا ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ
  • خۇ‌دانىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈڭ
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئىيۇ‌ل 15-‏20 ب.‏
يېروُسالىمنىڭ سىرتىدا توُرغان زه‌بوُر يازغوُچىسی ئاسمانغا قاراپ يه‌هۋانی مه‌دهىيىله‌ۋاتىدوُ

نېمىشقا «ياھنى مە‌دھىيىلىشىمىز» كېرە‌ك؟‏

‏«ياھنى مە‌دھىيلە‌ڭلار!‏.‏.‏ چۈنكى مۇ‌نداق قىلىش شېرىندۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏1)‏.‏

ناخشىلار:‏ 9،‏ 152

قانداقلارچە 147-‏زە‌بۇ‌ر.‏.‏.‏

  • يە‌ھۋانىڭ سىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • خۇ‌دا سىزنى ھە‌ردائىم قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ؟‏

1—‏3.‏ ئا)‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 147-‏بابى قاچان يېزىلغان؟‏ ئە)‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 147-‏بابىنى تە‌تقىق قىلغاندا نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏

كىمدۇ بىرىنىڭ سۆزى ياكى ئىشى بىزگە تە‌سىرات قالدۇ‌رغاندا،‏ ئادە‌تتە ئۇ‌نى ماختاپ كېتىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دايىمىز بۇ‌نىڭدىنمۇ زور مە‌دھىيىگە لايىق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ بىز ئۇ‌نىڭ ياراتمىلىرىدىن روشە‌ن كۆرۈنگە‌ن چە‌كسىز قۇ‌درىتى ۋە ئۆز ئوغلىنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۈچۈن مە‌دھىيىلە‌يمىز.‏

2 زە‌بۇ‌رنىڭ 147-‏بابىنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۇ‌نى يازغان ئادە‌منىڭ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرىمىز.‏ ئۇ باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە قوشۇ‌لۇ‌پ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌شكە چاقىرغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 147:‏1،‏ 7،‏ 12نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

3 بۇ بابنى كىم يازغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ بىراق ئۇ‌نىڭ يازغۇ‌چىسى ئىسرائىللىقلار بابىلون قۇ‌للىقىدىن ئازات قىلىنىپ،‏ يېرۇ‌سالىمغا قايتقان ۋاقىتتا ياشىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏2)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى قايتىدىن ئۆز يۇ‌رتىدا ئىبادە‌ت قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى خۇ‌دانى مە‌دھىيىلىدى.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن ئۇ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شكە بۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپ سە‌ۋە‌ب كە‌لتۈرگە‌ن.‏ بۇ قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر؟‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىزدە «ياھنى مە‌دھىيلە‌ڭلار!‏» دە‌پ ئېيتىش ئۈچۈن قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر بار؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏1)‏.‏

يە‌ھۋا قە‌لبى يارىلانغانلارغا شىپا بېرىدۇ

4.‏ كورە‌ش پادىشا سۈرگۈندە بولغان ئىسرائىللىقلارنى ئازات قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان ۋە نېمىشكە؟‏

4 ئىسرائىللىقلار بابىلونغا سۈرگۈن بولغاندا،‏ ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ قۇ‌للۇ‌ققا ئېلىۋالغانلار ئۇ‌لارنى زاڭلىق قىلىپ:‏ «زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلار»،‏—‏ دېيىشتى.‏ لېكىن يە‌ھۇ‌دىيلار ناخشا ئېيتىشقا كۆڭلى باردە‌ك قىلمايتتى.‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ڭ زور خۇ‌شاللىقى بولغان يېرۇ‌سالىم ۋە‌يران بولغان (‏زە‌بۇ‌ر 137:‏1—‏3،‏ 6)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قە‌لبى يارىلىنىپ،‏ ئۇ‌لار تە‌سە‌للىيگە زار بولغان.‏ بىراق،‏ خۇ‌دانىڭ بېشارە‌تلىك سۆزىدە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە ياردە‌مگە كېلىدۇ.‏ قانداقلارچە؟‏ پارسنىڭ پادىشاھى كورە‌ش بابىلوننى بېسىۋېلىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق ئېيتتى:‏ «خۇ‌داۋە‌ندە.‏.‏.‏ يېرۇ‌سالىمدا بىر ئۆينى ياسىغىلى ماڭا بۇ‌يرىدى».‏ شۇ‌نداقلا ئۇ ئىسرائىللىقلارغا:‏ «سىلە‌رنىڭ ئاراڭلاردا ھە‌ركىم ئۇ‌نىڭ خە‌لقىدىن بولسا،‏ تە‌ڭرىسى خۇ‌داۋە‌ندە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغاي.‏ ئۇ ئاندا چىقسۇ‌ن»،‏—‏ دىدى (‏تارىخنامە 2-‏يازما 36:‏23)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر بابىلوندىكى ئىسرائىللىقلارنىڭ يۈرىكىگە قانداق تە‌سە‌للىي بە‌ردى دېسىڭىزچۇ!‏

5.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يە‌ھۋانىڭ ساقايتىش كۈچى ھە‌ققىدە نېمە ئېيتقان؟‏

5 يە‌ھۋا پە‌قە‌ت ئىسرائىل خە‌لقىگە ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ربىر ئىسرائىللىققا ھە‌م تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇ شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى خۇ‌دا ھە‌ققىدە:‏ «ئۇ كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارنى تېڭىپ قويىدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ بېرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏3)‏.‏ دېمە‌ك،‏ سالامە‌تلىكىمىز ناچارلاشقاندا ياكى چۈشكۈنلۈككە چۈشكىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋا يېنىمىزدا بولۇ‌پ،‏ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ كۆڭلۈمىزگە تە‌سە‌للىي بېرىپ،‏ قە‌لب يارىمىزنى ساقايتىشقا تە‌شنا (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18؛‏ يە‌شايا 57:‏15)‏.‏ بېشىمىزغا كۈن چۈشكە‌ندە قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىز ئۈچۈن ئۇ بىزگە دانالىق بىلە‌ن كۈچ بېرىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏

6.‏ زە‌بۇ‌ر 147:‏4-‏تىكى سۆزلە‌رنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

6 ئاندىن كېيىن زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ئاسمانغا قاراپ،‏ يە‌ھۋا «يۇ‌لتۇ‌زلارنىڭ سانىنى سانايدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىگە بىر-‏بىرلە‌پ ئىسىم قويىدۇ» دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏4)‏.‏ ئۇ ئاسماندىكى يۇ‌لتۇ‌زلارنى كۆرگىنى بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ سانى زادى قانچىلىك كۆپ ئىكە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌تلە‌ق خە‌ۋە‌رسىز بولغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بىزنىڭ سامان يول سېستىمىمىزدا مىلىياردلىغان يۇ‌لتۇ‌زلار بار.‏ كائىناتتا بولسا،‏ تىرىليونلىغان سامان يولى سېستىمىسى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن!‏ ئادە‌م بالىسى يۇ‌لتۇ‌زلارنى ھېسابلىيالمىغىنى بىلە‌ن،‏ ياراتقۇ‌چىمىزغا بۇ ھېچ قىيىن ئە‌مە‌س.‏ ئۇ ھە‌ربىر يۇ‌لتۇ‌زنى شۇ‌نچىلىك ياخشى بىلىدۇ‌كى،‏ ھە‌تتا ھە‌ربىرىگە ئىسىم بە‌رگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏41)‏.‏ ھە‌ربىر يۇ‌لتۇ‌زنىڭ قە‌يە‌ردە جايلاشقانلىقىنى بىلىدىغان خۇ‌دا سىزنىمۇ بىلىدۇ.‏ ئۇ سىزنىڭ نە‌ق قە‌يە‌ردە ۋە قانداق كە‌يپىياتتا ھە‌م نېمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىڭىزنى دائىم بىلىدۇ.‏

7،‏ 8.‏ ئا)‏ يە‌ھۋا بىزنى قايسى جە‌ھە‌تتىن چۈشىنىدۇ؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىمدىللىقىنى كۆرسىتىدىغان مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

7 يە‌ھۋا سىزنىڭ نېمىنى باشتىن كە‌چۈرىۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشىنىدۇ ۋە سىزگە ياردە‌م بېرىشكە قۇ‌درىتى يېتىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 147:‏5نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز مېنىڭ ئە‌ھۋالىم بە‌ك قىيىن،‏ بە‌ردە‌شلىق بە‌رگۈردە‌ك كۈچ قالمىدى،‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ خۇ‌دا كۈچىمىزنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى «تۇ‌پراقتىن ئىكە‌نلىكىمىزنى ئۇ يادقا ئالىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏14)‏.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ بىز بىر خاتالىقنى قايتا-‏قايتا قىلىمىز،‏ بە‌زىدە شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۆز گۆشىمىزنى ئۆزۈمىز يە‌يدىغاندىمىز.‏ بە‌زىدە رە‌نجىتىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتقىنىمىز،‏ يامان خاھىشلارغا ياكى ئىچ تارلىققا بېرىلگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن بە‌ك پۇ‌شايمان قىلىمىز!‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادا مۇ‌شۇ‌نداق كە‌مچىلىكلە‌ر بولمىسىمۇ،‏ ئۇ بىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىدۇ (‏يە‌شايا 40:‏28)‏.‏

8 سىز ئېغىر ئە‌ھۋالدا بولغىنىڭىزدا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ قۇ‌درە‌تلىك قولى بىلە‌ن سىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ھېس قىلغان چېغىڭىز بولغاندۇ؟‏ (‏يە‌شايا 41:‏10،‏ 13)‏.‏ كىيوكو ئىسىملىك پىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌نى ئالايلى.‏ يېڭى تېررىتورىيىگە تە‌يىنلگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالغان.‏ ئامما كىيوكو يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى نە‌دىن بىلدى؟‏ كىيوكو يېڭى جامائىتىدە ئۇ‌نىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىدىغان كۆپ ئېتىقادچىلار بىلە‌ن دوستلاشتى.‏ كىيوكوغا يە‌ھۋا مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقاندە‌ك بىلىندى:‏ «مە‌ن سىزنى پە‌قە‌ت پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغىنىڭىزغىلا ئە‌مە‌س،‏ مېنىڭ قىزىم بولغىنىڭىزغا،‏ ماڭا بېغىشلانغانلىقىڭىز ئۈچۈن ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ مېنىڭ گۇ‌ۋاھچىم سۈپىتىدە خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن ھايات كە‌چۈرىشىڭىزنى خالايمە‌ن!‏».‏ سىز ھاياتىڭىزدا يە‌ھۋانىڭ «چۈشىنىشى چە‌كسىز» ئىكە‌نلىكىگە قانداق كۆز يە‌تكۈزدىڭىز؟‏

يە‌ھۋا ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ

9،‏ 10.‏ يە‌ھۋا تۈنجى نۆۋە‌تتە قايسى جە‌ھە‌تتىن بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

9 ھە‌ممىمىزگە ئوزۇ‌ق،‏ كىيىم بىلە‌ن پاناھ جاي كېرە‌ك.‏ بە‌لكىم سىز ئە‌تىكى كۈندە نېمە يە‌يمە‌ن دە‌پ غە‌م قىلىدىغانسىز.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا يە‌رنىڭ ھوسۇ‌لى ھە‌ممىسىگە يېتىدىغان قىلىپ تە‌بىئە‌ت قانۇ‌نىيتى بىلە‌ن ياراتقان.‏ ئۇ ھە‌تتا «زارلىغان ياش تاغ قارغىلىرىغا ئوزۇ‌ق بېرىدۇ» ‏(‏زە‌بۇ‌ر 147:‏8،‏ 9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا قارغىلارنى ئوزۇ‌قلاندۇ‌رسا،‏ بىزنىڭ جىسمانىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قاندۇ‌رىدىغانلىقىغا كامىل ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏25)‏.‏

10 ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋا روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈپ،‏ بىزگە «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تىنچلىقىنى» بېرىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6،‏ 7)‏.‏ مۇ‌تسۇ‌ئو ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى،‏ يە‌ھۋانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىكىنىنى ھېس قىلدى.‏ 2011-‏يىلى ياپونىيە‌دە دېڭىز تاشقىنى يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار ئۆيلىرىنىڭ ئۆگۈزىگە ئۆملە‌پ چىقىپ ئاران ئامان قالدى.‏ شۇ كۈنى ھە‌ممە مال-‏مۈلكىدىن ئايرىلدى.‏ ئۇ‌لار كە‌چنى ئىككىنچى قە‌ۋە‌تتىكى قاراڭغۇ ۋە سوغۇ‌ق بۆلمىدە ئۆتكۈزدى.‏ تاڭ سە‌ھە‌ردە ئۆزلىرىگە روھىي تە‌سە‌للىي بېرىدىغان بىرنە‌رسە ئىزدە‌شكە باشلىدى.‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت 2006-‏يىلنىڭ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىلنامىسى دېگە‌ن كىتابنى تاپتى.‏ كىتابنى ۋاراقلاپ مۇ‌تسۇ‌ئو «تارىختىكى ئە‌ڭ دە‌ھشە‌تلىك دېڭىز تاشقىنى» دېگە‌ن ماۋزۇ‌نى كۆرۈپ قالدى.‏ شۇ ماۋزۇ‌دا 2004-‏يىلى سۇ‌ماترادا يە‌ر تە‌ۋرە‌شنىڭ تە‌سىرىدە تارىختا بولمىغان ئە‌ڭ دە‌ھشە‌تلىك دېڭىز تاشقىنى بولغانلىقى ئېيتىلغان ئىكە‌ن.‏ شۇ يە‌ردىكى قېرىنداشلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌نلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا،‏ مۇ‌تسۇ‌ئو بىلە‌ن ئايالى ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالماي باسالماي يىغلىدى.‏ ئىككىسى يە‌ھۋانىڭ نە‌ق ئۆزلىرىگە كېرە‌ك تە‌سە‌للىينى بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا باشقا تە‌رە‌پتىنمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلدى.‏ ياپونىيە‌نىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقاقلىرىدىن قېرىنداشلار ئۇ‌لارغا ئوزۇ‌ق بىلە‌ن كىيىم-‏كېچە‌ك ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى.‏ بىراق،‏ جامائىتىگە خۇ‌دا تە‌شكىلاتىنىڭ ۋە‌كىللىرى كە‌لگىنى ئۇ‌لارغا ئالاھىدە مە‌دە‌ت بە‌ردى.‏ مۇ‌تسۇ‌ئو مۇ‌شۇ‌نداق دىدى:‏ «يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقاندە‌ك بىلىندى.‏ نېمە دېگە‌ن چوڭ تە‌سە‌للىي بۇ،‏ ھە!‏» خۇ‌دا بىرىنچى نۆۋە‌تتە روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌يدۇ،‏ ئاندىن كېيىن،‏ جىسمانىي ئېھتىياجلىرىمىزغا ھە‌م غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈڭ

11.‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 يە‌ھۋا «مۆمۈنلە‌رنى يۆلە‌پ كۆتىرىدۇ».‏ ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھە‌رقاچان ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌شقا تە‌ييار (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏16)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنۇ‌تۇ‌پ،‏ كە‌متە‌رلىكنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شىمىز لازىم (‏سە‌فانىيا 2:‏3)‏.‏ كە‌متە‌رلە‌ر خۇ‌دانىڭ ھە‌رقانداق ئادالە‌تسىزلىكنى تۈزىتىپ،‏ ھاياتىدىكى ئازابنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏ يە‌ھۋا مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏

12،‏ 13.‏ ئا)‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمىدىن نېرى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا كىملە‌ر ياقىدۇ؟‏

12 ئە‌مما يە‌ھۋا «رە‌زىللە‌رنى يە‌رگىچە تۆۋە‌نلىتىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏6ە)‏.‏ بۇ بىزنىڭ بېشىمىزغا چۈشىشىنى خالىمايمىز!‏ بىزنىڭ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتىدىن ئايرىلغۇ‌مىز كە‌لمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا ئۇ نە‌پرە‌تلىنىدىغان نە‌رسىدىن بىزمۇ نە‌پرە‌تلىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقتىن نە‌پرە‌تلىنىشىمىز لازىم.‏ بۇ دېگىنىمىز،‏ بۇ‌نداق يامان ئىشلارغا قۇ‌ل بولۇ‌شقا باشلايدىغان،‏ جۈملىدىن شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌نلاردىكى ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن قېچىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏37؛‏ مە‌تتا 5:‏28‏)‏.‏ بۇ قىيىن بىر جە‌ڭ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ لېكىن يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا ئە‌رزىيدۇ.‏

13 بۇ جە‌ڭدە ئۆزۈمىزگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌ملە‌ر تايانغان نە‌رسىلە‌رگە تايانساق،‏ بۇ خۇ‌دانى خۇ‌ش قىلامدۇ؟‏ ياق،‏ يە‌ھۋا «ئات كۈچىدىن.‏.‏ زوق ئالمايدۇ».‏ بىز ئۆز كۈچىمىزگە ياكى باشقىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ يە‌ھۋا «ئادە‌منىڭ چە‌بدە‌س پۇ‌تلىرىنى خۇ‌رسە‌نلىك دە‌پ بىلمە‌يدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏10)‏.‏ ئۇ‌نداق بولسا،‏ بىز يە‌ھۋاغا مۇ‌نتىزىم دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئاجىزلىقلىرىمىزنى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىشنى يالۋۇ‌رۇ‌پ سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ مۇ‌شۇ‌نداق دۇ‌ئالارنى تىڭشاشتىن ھېچقاچان زېرىكمە‌يدۇ.‏ «پە‌رۋە‌ردىگار ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنى،‏ ئۆز ئۆزگە‌رمە‌س مۇ‌ھە‌ببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇ‌رسە‌نلىك دە‌پ بىلىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏11)‏.‏ مېھىر-‏شە‌پقىتى زور خۇ‌دايىمىز بىزگە يامان ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلايلى.‏

14.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى نېمىگە ئىشە‌نچ قىلغان؟‏

14 يە‌ھۋا قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ كە‌لگە‌ن ئىسرائىللىقلارغا يە‌ھۋا قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلىغاندا،‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى:‏ «ئۇ دە‌رۋازىلىرىنىڭ تاقاقلىرىنى مە‌ھكە‌ملە‌ندۈرىدۇ،‏ سېنىڭدە بولغان ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىڭگە بە‌خت مۇ‌بارە‌ك قىلدى.‏ چە‌ت-‏چېگارىلىرىڭدا ئارام-‏تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ناخشا ئېيتقان (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏13،‏ 14)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ شە‌ھە‌ر دە‌رۋازىلىرىنى مە‌ھكە‌م قىلىدىغانلىقىنى بىلگە‌نلىكى زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ كۆڭلىگە ئارام بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نى يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏

ئېری تاشپ كه‌تكه‌ن قېرىنداش چوٰشكوٰنلوٰككه چوٰشوٰپ كه‌تتی؛‏ ئاقساقالر يوقلاپ كه‌لگه‌نده،‏ ئوُ موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُپ ته‌سه‌للىي ئالماقتا

قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ئويلاپ تە‌شۋىشلە‌نگە‌ندە،‏ خۇ‌دا سۆزى قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏15—‏17 ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

15—‏17.‏ ئا)‏ قىيىنچىلىقلىرىمىز بە‌زىدە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن،‏ بىراق يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشى ئۈچۈن ئۆز سۆزىنى قانداق قوللىنىدۇ؟‏ ئە)‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بىزگە «تېز يۈگرە‌پ» ياردە‌مگە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

15 قىيىنچىلىقلىرىڭىز سىزنى تە‌شۋىشكە سالىدىغاندۇ.‏ لېكىن ئۇ‌لار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋا سىزگە دانالىق بېرىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى خۇ‌دا توغرىسىدا:‏ «ئۆز ئە‌مىر-‏بېشارە‌تلىرىنى يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تىدۇ،‏ ئۇ‌نىڭ سۆز-‏كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىن ئۇ قار،‏ قىراۋ،‏ مۆلدۈر ھە‌ققىدە ئېيتىپ:‏ «ئۇ‌نىڭ سوغىقى ئالدىدا كىم تۇ‌رالىسۇ‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئاندىن يە‌ھۋا «سۆزىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئېرىتىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏15—‏18)‏.‏ ھە‌ممىسىنى بىلىدىغان،‏ ھە‌ممىسى قولىدىن كېلىدىغان،‏ مۆلدۈر بىلە‌ن قارنى باشقۇ‌رىدىغان خۇ‌دائىمىز سىزگە ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە چوقۇ‌م ياردە‌م بېرىدۇ.‏

16 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا بىزگە ئۆز سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق يول كۆرسىتىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ئېيتقاندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزى بىزگە «تېز يۈگرە‌پ» ياردە‌مگە كېلىدۇ.‏ خۇ‌دا بىزگە كېرە‌كلىك باشچىلىقنى ئۆز ۋاقىت-‏سائىتىدە بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ «سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» تە‌مىنلە‌ۋاتقان ماتېرىياللار،‏ JW Broadcasting تېلېۋىزىيە‌سى،‏ jw.org توربېتى،‏ ئاقساقاللار ھە‌م قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قانداق ياردە‌م قىلىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭە!‏ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە دە‌رھال يول-‏يورۇ‌ق بېرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى ئۆز ھاياتىڭىزدا كۆردىڭىزمۇ؟‏

17 سىمونې ئىسىملىك قېرىندىشىمىز خۇ‌دا سۆزىنىڭ ياردىمىنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىنى ھېچنېمىگە يارىماس ھېس قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالمايمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن پە‌يتلىرىدە يە‌ھۋادىن دۇ‌ئادا يالۋۇ‌رۇ‌پ ياردە‌م سوراشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى توختاتمىغان.‏ سىمونې مۇ‌نداق دىدى:‏ «مېنىڭ يە‌ھۋانىڭ كۈچى بىلە‌ن رە‌ھبە‌رلىكسىز قالغان كۈنۈم بولمىغان».‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

18.‏ نېمىشقا يە‌ھۋانى ئۆزىڭىزگە يېقىن ھېس قىلىسىز ۋە «ياھنى مە‌دھىيلە‌ڭلار!‏» دە‌پ ناخشا ئېيتىشقا سىزدە قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر بار؟‏

18 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق خە‌لىقلە‌ر ئارىسىدىن قە‌دىمقى ئىسرائىلنى ئۆز خە‌لقى سۈپىتىدە تاللىۋالغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ پە‌قە‌ت شۇ خە‌لىققە خۇ‌دانىڭ «سۆز-‏كالامى» بىلە‌ن «بە‌لگىلىمىلىرى» بېرىلگە‌ن ئىدى ‏(‏زە‌بۇ‌ر 147:‏19،‏ 20نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۈگۈن بىزمۇ خۇ‌دانىڭ ئىسمى بىلە‌ن ئاتىلىش شە‌رىپىگە ئىگە بولدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋانى بىلگىنىمىز،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغۇ‌نىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزى بىزنى يېتە‌كلە‌يدىغانلىقى ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدارمىز.‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 147-‏بابىنى يازغان كىشىگە ئوخشاش،‏ سىزنى ۋە باشقىلارنى «ياھنى مە‌دھىيلە‌ڭلار!‏» دە‌پ ناخشا ئېيتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان كۆپلىگە‌ن سە‌ۋە‌ب بار.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھى

  • ياھنى مە‌دھىيلە‌ڭلار!‏ بۇ ئىبارە «ھاللىلۇ‌ياھ» دېگە‌ن ئىبرانىي سۆزدىن كېلىپ چىققان.‏ ياھ —‏ خۇ‌دا ئىسىمىنىڭ قىسقا يېزىلىش شە‌كلى.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكى ئۇ‌نىڭ نېمە قىلغانلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمە قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئۇ‌نىڭغا ئېيتىشقا ۋە ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقى توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتىشقا ئىنتىلىمىز

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش