كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئىيۇ‌ل 21-‏26 ب.‏
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا پىلانلىرىڭىزنى بە‌رىكە‌تلىسۇ‌ن

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا پىلانلىرىڭىزنى بە‌رىكە‌تلىسۇ‌ن
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سىزنى بە‌ختلىك قىلىدىغان پىلانلار
  • شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى —‏ ئە‌ڭ ئاجايىپ ئىش
  • پلانلىرىڭىز سىزنى قە‌يە‌رگە يېتە‌كلە‌يدۇ؟‏
  • كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن قانداق پىلان تۈزىسىز؟‏
  • ‏«شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا»غا خىزمە‌ت قىلىدىغانلار بە‌ختلىك!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئىيۇ‌ل 21-‏26 ب.‏
ياش بوُراده‌رنىڭ بىر قولىدا تولوُق ۋاقىتلىق خىزمه‌ت قىلىشقا ئىلتىماس خه‌ت،‏ ئىككىنچی قولىدا ئالىي مه‌كته‌پ ۋاراقچىسی

يە‌ھۋا خۇ‌دا پلانلىرىڭىزنى بە‌رىكە‌تلىسۇ‌ن

‏«پە‌رۋە‌ردىگارنى خۇ‌رسە‌نلىكىڭ دە‌پ بىلگىن ۋە ئۇ ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىڭنى ساڭا بېغىشلايدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏4)‏.‏

ناخشىلار:‏ 11،‏ 140

سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

  • قانداق پىلانلار سىزنى بە‌ختلىك كېلە‌چە‌ككە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

  • ياش ۋاقتىڭىزدا تولۇ‌ق ۋاقىت خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئارقىلىق نېمىگە ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

  • پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش قانداق ئىمكانىيە‌تلە‌رگە يول ئاچىدۇ؟‏

1.‏ ياشلار كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى قارار قىلىشى كېرە‌ك؟‏ قاتتىق غە‌م قىلماسلىققا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

ياشلار،‏ سە‌ياھە‌تكە بېرىشتىن ئاۋۋال قە‌يە‌رگە بارىدىغانلىقىنى دانالىق بىلە‌ن پىلانلىشى كېرە‌ك،‏ دېسە قوشۇ‌لىسىلە‌ر قۇ‌شۇ‌نداقمۇ!‏؟‏.‏ ھاياتنى سە‌ياھە‌ت بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ،‏ مۇ‌شۇ ھايات يولىدا بولسا،‏ قە‌يە‌رگە بارغۇ‌ڭىز كېلىدىغانلىقىنى پىلانلاپ قويىدىغان ۋاقىت —‏ ياشلىق چېغىڭىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مۇ‌شۇ‌نداق پىلان تۈزۈش ئاسان بولماسلىقى مۈمكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خېيسىر ئىسىملىك قىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «پۈتۈن ھاياتىڭىزنى نېمىگە بېغىشلايدىغانلىقىڭىزنى ھازىر قارار قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئويلىغاندا،‏ قورقۇ‌پ كېتىسىز».‏ سىزمۇ مۇ‌شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغىدا بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ تۆۋە‌ندىكى سۆزلىرىنى ئېسىڭىزدا ساقلاڭ:‏ «قورقما،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ بىلە‌ن بىللىدۇ‌رمە‌ن،‏ ئۇ‌يان،‏ بۇ‌يان قاراپ ھودۇ‌قماڭلار،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن.‏ مە‌ن يە‌نە سېنى كۈچە‌يتىمە‌ن،‏ شۇ‌نداق،‏ مە‌ن ساڭا ياردە‌مدە بولىمە‌ن!‏» (‏يە‌شايا 41:‏10)‏.‏

2.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سىز كېلە‌چىكىڭىزنى پىلانلاپ،‏ بە‌ختلىك بولۇ‌شىڭىزنى خالايدىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىشكە بولىدۇ؟‏

2 يە‌ھۋا سىزنى كېلە‌چىگىڭىزنى دانالىق بىلە‌ن پىلانلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ۋە‌ز 12:‏1؛‏ مە‌تتا 6:‏20‏)‏.‏ ئۇ سىزنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏ ياراتمىلارغا نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ،‏ خۇ‌دا ياراتقان نە‌رسىلە‌رنىڭ تە‌مىنى تېتىش ئارقىلىق بۇ‌نىڭغا كۆز يە‌تكۈزىسىز.‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ غە‌مخورلۇ‌غى باشقىمۇ ئۇ‌سۇ‌للاردا كۆرۈنمە‌كتە.‏ ئۇ بىزگە مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىپ،‏ ئە‌ڭ ياخشى ھايات يولىنى تاللاشقا ئۆگىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھىتىنى رە‌ت قىلغاندا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا ياقمايدۇ.‏ يە‌ھۋا رە‌ھبە‌رلىكىگە بويسۇ‌نمايدىغانلارغا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ياقتۇ‌رمايدىغان ئىشنى تاللىغانسىلە‌ر.‏.‏.‏ مانا،‏ مېنىڭ قۇ‌للىرىم شاتلىنىدۇ،‏ سىلە‌ر شە‌رمە‌ندە قالىسىلە‌ر.‏ مانا،‏ كۆڭلىدىكى شات-‏خوراملىقتىن قۇ‌للىرىم ناخشا ئېيتىدۇ» (‏يە‌شايا 65:‏12—‏14)‏.‏ ھاياتتا دانا قارارلار چىقارساق،‏ بۇ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11)‏.‏

سىزنى بە‌ختلىك قىلىدىغان پىلانلار

3.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ نېمە قىلىشىڭىزنى خالايدۇ؟‏

3 يە‌ھۋا سىزنىڭ كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق پىلان قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟‏ بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانى تونۇ‌پ بىلىش،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا ئىنسان بالىسىنى شۇ‌نداق قىلىپ ياراتقان (‏زە‌بۇ‌ر 128:‏1؛‏ مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ ھايۋاناتلار پە‌قە‌ت يە‌پ-‏ئىچىشنى ۋە كۆپىيىشنى بىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا كېلە‌چىكىڭىزنى پىلانلاپ،‏ ھاياتىڭىزنىڭ بە‌ختلىك ۋە مە‌نىلىك ئۆتۈشىنى خالايدۇ.‏ ئىنساننى «ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقان» ياراتقۇ‌چىمىز —‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىكنىڭ خۇ‌داسى» ۋە «بە‌ختلىك خۇ‌دا» (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 13:‏11؛‏ تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 1:‏11؛‏ يارىتىلىش 1:‏27)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان خۇ‌دانى ئۈلگە قىلسىڭىز،‏ سىزمۇ بە‌ختلىك بولالايسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بە‌ختلىكىرە‌ك»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35)‏.‏ مۇ‌شۇ‌نى ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ كۆرگە‌نمۇ؟‏ بۇ —‏ ئىنسان ھاياتى توغرىسىدىكى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تتۇ‌ر.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋا سىزنىڭ كېلە‌چە‌ككە بولغان پىلانلىرىڭىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ۋە باشقىلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلىنىشىنى خالايدۇ ‏(‏مە‌تتا 22:‏36‏—‏39نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

4،‏ 5.‏ نېمە سە‌ۋە‌ب ئە‌يسا ئۆزىنى بە‌ختلىك سە‌زگە‌ن؟‏

4 ياشلار،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ سىلە‌ر ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇ‌ردى.‏ بالا چېغىدا ئۇ‌مۇ ئويناپ-‏كۈلۈپ يۈرگە‌ندۇ.‏ خۇ‌دا سۆزىدە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ «كۈلۈش ۋاقتى بار» ۋە «ئۇ‌سسۇ‌ل ئويناش ۋاقتى بار» (‏ۋە‌ز 3:‏4)‏.‏ شۇ‌نداقلا ئە‌يسا يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا يېقىنلاشقان.‏ ئۇ 12 ياشتا بولغاندا مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىدىكى دىنىي ئۇ‌ستازلار ئۇ‌نىڭ «ئە‌قلىگە ۋە جاۋابلىرىغا» ھە‌يران قالغان (‏لۇ‌قا 2:‏42،‏ 46،‏ 47)‏.‏

5 چوڭ بولغاندا ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئېيتقانلىرىنى ئورۇ‌نلاش ئارقىلىق بە‌ختكە ئېرىشكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ «خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى گادايلارغا جاكالىشىنى» ۋە «قارغۇ‌لارنىڭ كۆزى ئېچىلىشىنى» ۋە‌ز قىلىشىنى خالىغان (‏لۇ‌قا 4:‏18)‏.‏ زە‌بۇ‌ر 40:‏8دە ئە‌يسانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى مۇ‌نداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن:‏ «خۇ‌دايىم،‏ سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى بولسا،‏ ئۆزۈمنىڭ خۇ‌رسە‌نلىكىمدۇ‌ر».‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە ئاتىسى ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشتە قانائە‌ت تاپقان ‏(‏لۇ‌قا 10:‏21نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىر ئايال بىلە‌ن ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت ھە‌ققىدە سۆزلە‌شكە‌ندىن كېيىن ئۇ شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ تامىغىم —‏ مېنى ئە‌ۋە‌تكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ماڭا تاپشۇ‌رغان ئىشىنى تاماملاش» (‏يوھان 4:‏31—‏34)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ خۇ‌داغا ۋە ئادە‌ملە‌رگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكتىن ئۆزىنى بە‌ختلىك سە‌زگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسە‌تسىڭىز،‏ سىزمۇ بە‌ختلىك بولالايسىز.‏

6.‏ باشقىلار بىلە‌ن كېلە‌چە‌ك توغرىسدىكى پىلانلىرىڭىز ھە‌ققىدە سۆزلە‌شكە‌ننىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

6 كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ياش ۋاقتىدا پىدائىي ۋە‌ز ئېيقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان،‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئۆزىنى بە‌ختلىك سە‌زگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى بىلە‌ن پىلانلىرىڭىز ھە‌ققىدە سۆزلىشىپ كۆرە‌لە‌مسىز؟‏ «مە‌سلىھە‌ت بولمىغان جايدا ئىشلار ئالغا باسماس،‏ مە‌سلىھە‌تچى كۆپ بولسا،‏ ئىش مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولىدۇ» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏22)‏.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ‌لار سىزگە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان تە‌لىم ئېلىشىڭىز مۇ‌مكىنلىكى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ئە‌يسا ئاسماندا بولغاندا ئاتىسىدىن كۆپ نە‌رسە ئۆگە‌نگە‌ن.‏ يە‌ردىكى خىزمە‌ت ۋاقتىدا ھە‌م ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇ‌رىۋە‌رگە‌نىدى.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش ۋە قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاش ئارقىلىق زور بە‌ختكە ئېرىشتى ‏(‏يە‌شايا 50:‏4نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ئىبرانىيلارغا 5:‏8؛‏ 12:‏2)‏.‏ ھازىر تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت سىزنى قانداقلارچە بە‌ختلىك قىلالايدىغانلىقى ھە‌ققىدە سۆز قىلايلى.‏

شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى —‏ ئە‌ڭ ئاجايىپ ئىش

7.‏ نېمىشقا كۆپ ياشلار شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدىن خۇ‌شاللىققا چۆمىدۇ؟‏

7 ئە‌يسا بىزگە ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بېرىپ،‏ «شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشنى» بۇ‌يرىغان (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز مۇ‌شۇ ئىشقا ھاياتىڭىزنى بېغىشلىماقچى بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدىغان مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىسىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌رقانداق ئىشقا ئوخشاش بۇ ئىشتا ماھىر بولۇ‌ش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كېرە‌ك.‏ ياش چېغىدا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان تىموتىي ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دىدى:‏ «يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىش ماڭا بە‌ك ياقىدۇ،‏ چۈنكى شۇ‌نداق قىلىپ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمنى كۆرسىتە‌لە‌يمە‌ن.‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال ھېچكىم بىلە‌ن تە‌تقىق دە‌رىسىنى باشلالمىدىم.‏ لېكىن،‏ كېيىنىرە‌ك باشقا بىر تېرىتورىيىگە كۆچتۈم.‏ ئارىدا بىر ئاي ئۆتە-‏ئۆتمە‌يلا،‏ مە‌ن بىرنە‌چچە تە‌تقىق دە‌رىسىنى باشلىدىم.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرسى ئىبادە‌ت ئۆيىگە كېلىشنى باشلىدى.‏ كېيىنىرە‌ك،‏ ئىككى ئايلىق بويتاق بۇ‌رادە‌رلە‌رنى تە‌ربىيىلە‌يدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌كتىپىدە بىلىم ئالدىم.‏ ئاندىن يېڭىدىن بە‌لگىلە‌نگە‌ن جايدا تۆت تە‌تقىق قىلغۇ‌چىنى تاپتىم.‏ ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بېرىش ماڭا ئىنتايىن ياقىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلە‌ن كۆرە‌لە‌يمە‌ن»‏a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ.‏)‏.‏ (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏19)‏.‏

8.‏ كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن بە‌زى ياشلار نېمە قىلىدۇ؟‏

8 بە‌زى ياشلار باشقا تىلنى ئۆگىنىۋالغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ياقوب مۇ‌نداق دە‌پ يازدى:‏ «مە‌ن يە‌تتە ياشتا بولغاندا،‏ سىنىپداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ۋېتناملىقلار ئىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىشنى خالايتىم.‏ شۇ‌ڭا كۆپ ئۆتمە‌ي ئۇ‌لارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشقا مە‌قسە‌ت قويدۇ‌م.‏ بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپىنچىسىدە ئىنگلىز تىلىدىكى «كۆزىتىش مۇ‌نارىنى» ۋېتنام تىلىدىكى نە‌شىر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌راتتىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن قوشنا ۋېتنام تىلىدىكى جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن دوست بولدۇ‌م.‏ ئون سە‌ككىزگە تولغاندا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م.‏ كېيىنىرە‌ك بويتاق بۇ‌رادە‌رلە‌رنى چاقىرغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌كتىپىدە تە‌لىم ئالدىم.‏ بۇ تە‌لىم ماڭا ھازىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە بە‌لگىلە‌نگە‌ن جايىمدا زور ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌ن خىزمە‌ت قىلىپ يۈرگە‌ن ۋېتنام تىلىدىكى توپتا يالغۇ‌ز ئاقساقالمە‌ن.‏ كۆپ ۋېتناملىقلار ئۇ‌لارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىمنى كۆرۈپ،‏ ھە‌يران قالىدۇ.‏ ئۇ‌لار مېنى ئۆيىگە تە‌كلىپ قىلىدۇ ۋە ئادە‌تتە ئۇ‌لار بىلە‌ن تە‌تقىق قىلىشنى باشلايمە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏7،‏ 8نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏

9.‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىش ئارقىلىق نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

9 شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى ئارقىلىق سىز تە‌لىم ئېلىپ،‏ ياخشى خىزمە‌ت ئادىتىنى يېتىلتۈرۈپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن تىل تېپىشىشنى،‏ ئۆزىڭىزنى ئىشە‌نچلىك تۇ‌تۇ‌شنى ۋە سىلىق-‏سىپايە بولۇ‌شنى ئۆگىنىسىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏24)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى بولسا،‏ بۇ ئىش تۈپە‌يلىدىن سىز ئۆز ئېتىقادىڭىزنى يازمىلارغا ئاساسە‌ن ئىسپاتلاشنى ئۆگىنىپ،‏ زور خۇ‌شاللىققا ئېرىشىسىز.‏ شۇ‌نداقلا يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن زىچ ھە‌مكارلىشىشنى ئۆگىنىسىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏9)‏.‏

10.‏ قىيىن تېرىتورىيە‌دە خىزمە‌ت قىلسىڭىزمۇ،‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدىن قانداقلارچە خۇ‌شاللىق تاپالايسىز؟‏

10 تېرىتورىيىڭىزدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى خالىغانلار بە‌ك ئاز بولسىمۇ،‏ سىز شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدىن خۇ‌رسە‌ن بولالايسىز.‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش جامائە‌تنىڭ ئورتاق ئىشى.‏ گە‌رچە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن كىشىنى بىر جاكارلىغۇ‌چى تاپسىمۇ،‏ ئۇ‌نى ئىزدە‌شكە ھە‌ممىسى قاتناشقاچقا،‏ ھە‌ممىمىز خۇ‌شاللىققا ئورتاقلىشىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئانچە قىزىقمايدىغان تېرىتورىيىدە توققۇ‌ز يىل پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان براندون مۇ‌نداق دىدى:‏ «مە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاشنى ياخشى كۆرىمە‌ن،‏ سە‌ۋە‌بى مۇ‌شۇ ئىشنى بىزگە يە‌ھۋا تاپشۇ‌رغان.‏ مە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى مە‌كتە‌پنى پۈتۈرگە‌ندىن كېيىن باشلىدىم.‏ جامائىتىمىزدىكى ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رگە تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمغا ۋە ئۇ‌لارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدىن خۇ‌رسە‌ن بولىمە‌ن.‏ بويتاق بۇ‌رادە‌رلە‌ر تە‌ربىيلىنىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌كتىپىگە بارغاندىن كېيىن،‏ مېنى يېڭى بىر جايغا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە بە‌لگىلىدى.‏ تېرىتورىيە‌مدە چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكۈچە تە‌تقىق قىلىشنى خالايدىغان بىرىنى تاپالمىغانلىقىم راست،‏ لېكىن باشقىلار تاپتى.‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا پۈتۈنلە‌ي قاتنىشىشنى پىلان قىلغىنىمغا بە‌ك خۇ‌شالمە‌ن» (‏ۋە‌ز 11:‏6)‏.‏

پلانلىرىڭىز سىزنى قە‌يە‌رگە يېتە‌كلە‌يدۇ؟‏

11.‏ كۆپ ياشلار يە‌نە قانداق يوللار بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ؟‏

11 يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن يوللىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپ ياشلار قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىدا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏ ھازىر يۈزلىگە‌ن ئىبادە‌ت ئۆيىنى ياساش زۆرۈر بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏ بۇ ئىبادە‌ت ئورۇ‌نلىرى يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنى ياساشقا قاتنىشىش سىزنى خوشال قىلىدىغانلىقى سۆزسىز.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قېرىنداشلىرىڭىز بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشمۇ خۇ‌رسە‌نلىككە چۆمدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئىشنى ماھىرلىق بىلە‌ن قىلىشنى،‏ بېخە‌تە‌رلىك چارىلىرىنى قوللىنىشنى ۋە نازارە‌تچىلە‌ر بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىشنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز.‏

ياش قېرىنداشنىڭ تولوُق ۋاقىتلىق خىزمىتىدىكی ره‌سىمله‌ر بىله‌ن خاتىره بوُيوُمر

تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلغانلارنى كۆپلىگە‌ن بە‌رىكە‌ت كۈتمە‌كتە (‏11—‏13 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش قانداق باشقا ئىمكانىيە‌تلە‌رگە ئىشىك ئاچىدۇ؟‏

12 كېۋىن ئىسىملىق بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دىدى:‏ «يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشنى كىچىك چېغىمدىن ئارمان قىلاتتىم.‏ ئاخىرى،‏ 19 يېشىمدا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م.‏ بىر قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچى بۇ‌رادە‌رگە تولۇ‌ق ۋاقىت ئە‌مە‌س ئىشقا كىرىپ،‏ ئۆز تۇ‌رمۇ‌شۇ‌منى قامدىدىم.‏ چېدىر،‏ دېرىزە،‏ ئىشىكلە‌رنى ئورنىتىشنى ئۆگىنىۋالدىم.‏ كېيىنىرە‌ك مە‌ن ئىككى يىل داۋامىدا تە‌بىئىي ئاپە‌تكە ئۇ‌چراپ ئازاب چە‌ككە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىش گۇ‌رۇ‌پىسىغا قاتنىشىپ،‏ ئىبادە‌ت ئۆيى بىلە‌ن قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرىنى رىمونت قىلىشقا ياردە‌ملە‌شتىم.‏ جە‌نۇ‌بىي ئافرىقىدا قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش تە‌رە‌پتىن مۇ‌ھتاجلىق بار ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ ئىلتىماس خە‌ت تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ يە‌رگە چاقىرىلدىم.‏ ئافرىقىدا مە‌ن بىرنە‌چچە ھە‌پتىدە بىر ئىبادە‌ت ئۆيى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن يە‌نە باشقىسىغا بارىمە‌ن.‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش گۇ‌رۇ‌پپىدىكىلە‌ر بىر ئائىلە ئە‌زالىرىغا ئوخشاش.‏ بىز بىر يە‌ردە تۇ‌رىمىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىللە ئوقۇ‌يمىز،‏ ئىشنىمۇ بىللە قىلىمىز.‏ يە‌رلىك قېرىنداشلار بىلە‌نمۇ ھە‌ر ھە‌پتىدە ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىش ماڭا ياقىدۇ.‏ بالا چېغىمدا قىلغان پىلانلىرىم ھازىر مېنى زور خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرمە‌كتە.‏ شۇ‌نداق بولىدۇ دە‌پ ئويلىمىغان ئىدىم».‏

13.‏ نېمىشقا بە‌يتە‌لدىكى خىزمە‌ت كۆپ ياشلارغا خۇ‌شاللىق ئە‌كېلىدۇ؟‏

13 ئۆز ۋاقتىدا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان ياشلارنىڭ بە‌زىلىرى ھازىر بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ بە‌يتە‌ل خىزمىتى بە‌ختلىك ھاياتقا يولدۇ‌ر،‏ چۈنكى سىز ئۇ يە‌ردە نېمە ئىش قىلىڭ،‏ ھە‌ممىسىنى،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن قىلىسىز.‏ بە‌يتە‌ل ئائىلىسى ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشى ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن ماتېرىياللارنى چىقىرىشقا ھە‌سسە قوشىدۇ.‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغان داستىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «توققۇ‌ز يېشىمدا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشنى مە‌قسە‌ت قىلدىم ۋە مە‌كتە‌پنى پۈتۈرگە‌ندىن كېيىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىدىم.‏ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن مېنى بە‌يتە‌لگە تە‌كلىپ قىلدى.‏ ئۇ يە‌ردە باسما ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشنى،‏ ئاندىن كومپيۇ‌تېر پروگراممىلىرىنى يېزىشنى ئۆگە‌ندىم.‏ بە‌يتە‌لدە مە‌ن دۇ‌نيا يۈزلۈك شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنىڭ نە‌تىجىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلە‌ن كۆرە‌لە‌يمە‌ن.‏ بۇ يە‌ردىكى خىزمە‌ت ماڭا ئىنتايىن ياقىدۇ،‏ چۈنكى بىزنىڭ ئىشىمىز ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردە‌ملىشىدۇ».‏

كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن قانداق پىلان تۈزىسىز؟‏

14.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تكە ھازىردىن باشلاپ تە‌ييارلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

14 تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشقا قانداق تە‌ييارلانسىڭىز بولىدۇ؟‏ يە‌ھۋاغا ئە‌ڭ ياخشى يول بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن سىز مە‌سىھىيلە‌رگە خاس خىسلە‌تلە‌رنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شىڭىز ھاجە‌ت.‏ خۇ‌دا سۆزىنى مۇ‌نتىزىم ھالدا تە‌تقىق قىلىپ،‏ مە‌نىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىڭ ۋە جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىدا ئۆز ئىشە‌نچىڭىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشىڭ.‏ مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌پ يۈرگە‌ندە،‏ باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش قابىلىيىتىڭىزنى راۋاجلاندۇ‌رالايسىز.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ پىكىرلىرىنى سىلىق-‏سىپايىلىك بىلە‌ن سوراپ،‏ جاۋابىنى تىڭشاش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ جامائە‌تتە تازىلىق ئىشى ياكى ئىبادە‌ت ئۆيىنى ئاسراشقا ئوخشاش ئىشلارغا ياردە‌م بە‌رسىڭىز بولىدۇ.‏ يە‌ھۋا كىچىك پېئىل ۋە ئىشقا تە‌ييار ئادە‌ملە‌رنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 110:‏3نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 6:‏1—‏3)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىينى يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز قىلىش خىزمە‌تكە تە‌كلىپ قىلغان،‏ سە‌ۋە‌بى «ئۇ توغرىسىدا.‏.‏.‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياخشى ئىنكاسلارنى بە‌ردى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏1—‏5)‏.‏

15.‏ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدىغان ئىشنى قانداق تېپىشقا بولىدۇ؟‏

15 تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 18:‏2،‏ 3)‏.‏ بە‌لكىم،‏ مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌پ يۈرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدىغان كە‌سىپنى ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ.‏ پىلانىڭىز ھە‌ققىدە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ۋە باشقا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلىشىپ،‏ ئوي-‏پىكىرلىرىنى سوراپ كۆرۈڭ.‏ ئاندىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك «قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى پە‌رۋە‌ردىگارغا تاپشۇ‌رغىن،‏ ئۇ‌نداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏3؛‏ 20:‏18)‏.‏

16.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قانداقلارچە سىزنى كېلە‌چە‌كتىكى ۋە‌زىپىلە‌رگە تە‌ييارلايدۇ؟‏

16 يە‌ھۋا سىزنىڭ بە‌ختلىك كېلە‌چە‌كنى «مە‌ھكە‌م تۇ‌تۇ‌شىڭىزنى» خالايدۇ ‏(‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏18،‏ 19نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ سىز باشقا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىلە‌ر بىلە‌ن زىچ ھە‌مكارلىشىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن بولالايسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياش چېغىدىن باشلاپ،‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلغان كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ئائىلە قۇ‌رغاندىمۇ،‏ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن.‏ توي قىلماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلە قۇ‌رغاندىن كېيىنمۇ پىدائىي ۋە‌ز خىزمىتىنى بىللە داۋاملاشتۇ‌رىدۇ (‏رىملىقلارغا 16:‏3،‏ 4)‏.‏

17،‏ 18.‏ پىلان تۈزۈشنىڭ يۈرە‌ك بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بار؟‏

17 زە‌بۇ‌ر 20:‏4تە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق ئېيتىلغان:‏ «ساڭا كۆڭلۈڭدىكى تە‌شنالارنى ئاتا قىلغاي،‏ بارلىق پۈككە‌نلىرىڭنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغاي».‏ كېلە‌چىكىزنى پىلانلىغاندا،‏ ھاياتىڭىزدا زادى نېمە قىلماقچى ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندە نېمىلە‌رنى قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىشىغا قانداق ھە‌سسە قوشالايدىغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ ئاندىن ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىش بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشنى پىلان قىلىڭ.‏

18 ھاياتىڭىزنى پۈتۈنلە‌ي يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا ۋە ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌شكە بېغىشلىسىڭىز،‏ بە‌ك خوشال بولىسىز.‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋانى «خۇ‌رسە‌نلىكىڭىز دە‌پ بىلىپ»،‏ ئۇ «ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىڭىزنى» ئورۇ‌نلايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏4)‏.‏

a بۇ مە‌كتە‌پ پادىشاھلىق ۋە‌زچىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌يدىغان مە‌كتە‌پ بىلە‌ن قوشۇ‌ۋېتىلىدى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش