كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 دېكابىر 27-‏30 ب.‏
  • خوجايىنىمىز مە‌سىھ ئە‌يساغا ئە‌گىشىش ئۈچۈن كۆپ نە‌رسىدىن ۋاز كە‌چتىم

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خوجايىنىمىز مە‌سىھ ئە‌يساغا ئە‌گىشىش ئۈچۈن كۆپ نە‌رسىدىن ۋاز كە‌چتىم
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خوجايىنىمىز ئە‌يساغا ئە‌گىشىشنى ئۈگە‌ندىم
  • ھە‌ممىنى تاشلاشنىڭ يە‌نە بىر مۇ‌مكىنچىلىكى
  • گىلىئاد مە‌كتىپىگە بېرىش ئۈچۈن فىلىپپىندىن كە‌تتىم
  • قولايلىق شە‌ھە‌رنى تاشلاپ كە‌تتىم
  • بە‌يتە‌لگە قايتا خىزمە‌ت قىلىشقا چاقىرىلدۇ‌ق
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا قارارىمنى مول بە‌رىكە‌تلىدى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 دېكابىر 27-‏30 ب.‏
نورا بىله‌ن فېلىكس فاخاردو

تە‌رجىمىھال

خوجايىنىمىز مە‌سىھكە ئە‌گىشىش ئۈچۈن كۆپ نە‌رسىدىن ۋاز كە‌چتىم

فېلىكس فاخاردو ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

16 ياشتا بولغىنىمدا،‏ دادام ماڭا:‏ «ۋە‌ز قىلىدىغان بولساڭ،‏ ئۆيگە كە‌لگۈچى بولما.‏ قايتىپ كە‌لسە‌ڭ،‏ پۇ‌تۇ‌ڭنى چاقىمە‌ن!‏»—‏ دېگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا مە‌ن ئۆيدىن كېتىشنى قارار قىلدىم.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مە‌ن دە‌سلە‌پكى قېتىم خوجايىنىمىز ئە‌يسانىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىش ئۈچۈن بە‌زى نە‌رسىدىن ۋاز كە‌چتىم.‏

نېمىشقا شۇ چاغدا دادامنىڭ شۇ‌نچىلىك ئاچچىقى كە‌لدى؟‏ مە‌ن 1929-‏يىلنىڭ 29-‏ئىيۇ‌ل كۈنى تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ،‏ فىلىپپىندىكى بۇ‌لاكان ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدا ئۆستۈم.‏ پۇ‌لۇ‌مىز ئاز بولغانلىقتىن،‏ بىز ئاددىي ھايات كە‌چۈرگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ ياش چېغىمدا ياپون ئە‌سكە‌رلىرى فىلىپپىنغا بېسىپ كىرىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌ش باشلاندى.‏ لېكىن،‏ تۇ‌رۇ‌ۋاتقان يېزىمىز يىراقتا بولغانلىقتىن،‏ ئۇ‌رۇ‌شتا ئانچە زىيان-‏زە‌خمە‌ت كۆرمىدۇ‌ق.‏ يېزىدا رادىئو،‏ تېلېۋىزور ۋە گېزىت بولمىغانلىقتىن،‏ ئۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە بىز باشقىلاردىن ئاڭلايتۇ‌ق.‏

مە‌ن سە‌ككىز بالىنىڭ ئىككىنچىسى ئىدىم.‏ سە‌ككىز يېشىمدا بوۋام بىلە‌ن مومامنىڭ قېشىغا باردىم.‏ كاتولىك بولساقمۇ،‏ بوۋام دىن توغرىسىدا بىمالال سۆزلىشە‌تتى.‏ دوستلىرى بە‌رگە‌ن دىنىي ماتېرىياللارنى يىغىپ يۈرە‌تتى.‏ بوۋامنىڭ ماڭا يالغان دىننىڭ ئىلىملىرىنى پاش قىلىدىغان تاگالوگ تىلىدىكى كىتابچىلارنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كۆرسە‌تكىنى ھازىرغىچە يادىمدا بار.‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى،‏ بولۇ‌پمۇ،‏ ئنجىلنى قىزىقىپ ئوقاتتىم.‏ ئوقۇ‌غانلىرىم ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىشكە بولغان ئىستىكىمنى ئويغاتتى (‏يوھاننا 10:‏27)‏.‏

خوجايىنىمىز ئە‌يساغا ئە‌گىشىشنى ئۈگە‌ندىم

ياپون ئە‌سكە‌رلىرى فىلىپپىندىن 1945-‏يىلى كېتىپ قالدى.‏ تە‌خمىنە‌ن شۇ ۋاقىتتا ئاتا-‏ئانام ئۆيگە قايتىشىمنى ئېيتتى.‏ بوۋام ھە‌م مېنى شۇ‌نداق قىلىشىقا ئۈندىدى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مە‌ن ئۆيۈمگە قايتتىم.‏

بۇ ۋە‌قە‌لە‌ردىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ 1945-‏يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا بىزنىڭ يېزىمىزغا ئانگات شە‌ھىرىدىن بىر توپ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە‌ز قىلىشقا كە‌لدى.‏ بىر يېشى چوڭ گۇ‌ۋاھچى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن «ئاخىرقى كۈنلە‌ر» ھە‌ققىدە يېزىلغانلارنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌ردى (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏5)‏.‏ ئۇ بىزنى قوشنا يېزىدا ئۆتىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش دە‌رىسىگە چاقىردى.‏ ئاتا-‏ئانام بارمىسىمۇ،‏ مە‌ن شۇ ئۇ‌چرىشىشقا قاتناشتىم.‏ ئۇ يە‌ردە 20گە يېقىن ئادە‌م يىغىلدى،‏ ئارىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرىسىدا سوئاللار قويغانلارمۇ بولغان.‏

ئۇ‌لار نېمە ھە‌ققىدە ئېيتقانلىرىنى چۈشە‌نمىگە‌نلىكتىن كە‌تكۈم كە‌لدى.‏ ئاندىن ئۇ‌لار پادىشاھلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى.‏ ناخشا ماڭا قاتتىق تە‌سىر قىلغانلىقتىن،‏ قېلىشنى قارار قىلدىم.‏ ناخشا بىلە‌ن دۇ‌ئادىن كېيىن،‏ كە‌لگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئانگات شە‌ھىرىگە كېلە‌ركى يە‌كشە‌نبە كۈنى ئۆتىدىغان ئۇ‌چرىشىشقا تە‌كلىپ قىلىندى.‏

ئۇ‌چرىشىش كرۇ‌س ئائىلىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتتى.‏ بە‌زىبىرىمىز بۇ يە‌رگە 8 كىلومېترچە پىيادە مېڭىپ كە‌لدۇ‌ق.‏ ئۇ‌چرىشىشقا 50كە يېقىن ئادە‌م يىغىلدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مۇ‌رە‌ككە‌پ ماۋزۇ‌لارغا قويۇ‌لغان سوئاللارغا كىچىككىنە بالىلارنىڭ ئۆزى جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ناھايىتى ھە‌يران قالدىم.‏ ئاندىن بىرنە‌چچە ئۇ‌چرىشىشقا قاتناشقاندىن كېيىن،‏ ياشانغان پىدائىي ۋە‌ز ئېيقۇ‌چىنىڭ بىرى،‏ بۇ‌رۇ‌ن شە‌ھە‌ر ھاكىمى بولغان دامىئان سانتوس بۇ‌رادە‌رىمىز مېنى ئۆيىگە قونۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدى.‏ شۇ كە‌چتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە يېرىم تۈنگىچە سۆزلىدۇ‌ق.‏

شۇ چاغدا ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پلا،‏ تېزلا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ئىدى.‏ مە‌ن پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە ئۇ‌چرىشىشقا قاتناشقاندىن كېيىن،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر مېنىڭدىن ۋە باشقىلاردىن:‏ «چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى خالامسىلە‌ر؟‏» دە‌پ سورىدى.‏ مە‌ن:‏ «خالايمە‌ن»،‏—‏ دېدىم.‏ چۈنكى مە‌ن «خوجايىنىمىز مە‌سىھكە قۇ‌لدە‌ك» بولغۇ‌م كە‌لگە‌نلىكىمنى نە‌ق بىلدىم (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏24)‏.‏ ئاندىن 1946-‏يىلنىڭ 15-‏فېۋرال كۈنى مە‌ن ۋە يە‌نە بىر كىشى يېقىن جايدىكى دە‌ريا ئېقىنىدا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۇ‌ق.‏

چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن كىشىلە‌ر ئە‌يساغا ئوخشاش دائىم ۋە‌ز قىلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ بىراق،‏ دادام باشقىچە ئوي-‏خىيالدا بولغان ئىدى.‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىشقا تېخى ياش ئىكە‌نلىكىمنى ۋە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌نلىكىم ۋە‌ز قىلىش جاۋاپكارلىقىنى يۈكلىمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ لېكىن،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈردۈم (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ مە‌ن خۇ‌داغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دە‌منى ئورۇ‌نلىشىم كېرە‌كلىكىنىمۇ ئېيتتىم.‏ شۇ چاغدا دادام ماڭا تە‌رجىمىھالنىڭ بېشىدا كە‌لتۈرۈلگە‌ن سۆزلە‌رنى ئېيتتى.‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىشىمغا قارشى ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن دە‌سلە‌پكى قېتىم كۆپ نە‌رسىدىن ۋاز كېچىش يە‌نى،‏ قۇ‌ربانلىق بېرىش زۆرۈر بولدى.‏

كرۇ‌س ئائىلىسى مېنى ئانگات شە‌ھىرىدە ئۆزلىرى بىلە‌ن بىللە تۇ‌رۇ‌شقا چاقىردى.‏ ئۇ‌لار مېنى ۋە كە‌نجە قىزى نورانى پېدائىي ۋە‌ز خىزمە‌تنى باشلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ ئاندىن 1947-‏يىلى 1-‏نويابردا ئىككىمىز پېدائىي ۋە‌ز خىزمە‌تنى باشلىدۇ‌ق.‏ نورا باشقا شە‌ھە‌ردە پېدائىي ۋە‌ز خىزمە‌تنى باشلىدى.‏ مە‌ن بولسام ئانگاتتا قالدىم.‏

ھە‌ممىنى تاشلاشنىڭ يە‌نە بىر مۇ‌مكىنچىلىكى

پېدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنىڭ 3-‏يىلى،‏ ئېرل ستېۋارت ئىسىملىك قېرىنداش بە‌يتە‌لدىن كېلىپ،‏ ئانگات شە‌ھىرىنىڭ مە‌يدانىدا 500دىن ئوشۇ‌ق ئادە‌مگە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتتى.‏ ئۇ نۇ‌تۇ‌قىنى ئىنگلىز تىلىدا ئېيتتى،‏ ئاندىن مە‌ن ئېيتقانلىرىنىڭ مە‌نىسىنى تاگالوگ‍ تىلىدا چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌ردىم.‏ مە‌كتە‌پتە پە‌قە‌ت 7 يىل ئوقۇ‌غان،‏ لېكىن مۇ‌ئە‌للىملە‌ر ھە‌ردائىم ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىگە‌ن.‏ مېنىڭ تە‌رجىمە قىلىشىمغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئىلگىرى ماتېرىياللار تاگالوگ تىلىدا بە‌ك ئاز بولغانلىقتىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىنگلىز تىلىدا ئوقاتتىم.‏ بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا نۇ‌تۇ‌قلارنى تە‌رجىمە قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

ئېرل قېرىنداش يە‌رلىك جامائە‌تكە يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز قىلىدىغانلارنىڭ (‏مىسسىئونېرلار)‏ «روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشى» دە‌پ ئاتىلىدىغان چوڭ يىغىلىشقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ بۇ كونگرېسس 1950-‏يىلى نيۇ-‏يوركتا ئۆتكۈزۈلمە‌كچى ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌يتە‌ل بىر ياكى ئىككى پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ بە‌يتە‌لگە ياردە‌مگە كېلىشىنى خالىغانىكە‌ن.‏ چاقىرىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا مە‌نمۇ بولدۇ‌م.‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌ن ئۆگىنىپ قالغان نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى تاشلىدىم.‏

مە‌ن بە‌يتە‌لگە 1950-‏يىلى 19-‏ئىيۇ‌ندا كە‌لدىم.‏ بە‌يتە‌ل بىر گېكتار يە‌ردە ئورۇ‌نلاشقان،‏ ئۇ‌نىڭدا يوغان كونا ئۆي بولۇ‌پ،‏ ئۆپ-‏چۆرىسى ئېگىز دە‌رە‌خلە‌ر بىلە‌ن قورشالغانىدى.‏ بۇ يە‌ردە تە‌خمىنە‌ن ئون ئىككى بويتاق بۇ‌رادە‌ر خىزمە‌ت قىلغان.‏ تاڭ سە‌ھە‌ردە مە‌ن ئاشخانىدا ياردە‌م بېرە‌تتىم.‏ توققۇ‌زدىن باشلاپ كىر يۇ‌يۇ‌دىغان بۆلمىدە كىيىملە‌رگە دە‌زمال سالاتتىم.‏ چۈشتىن كېيىن،‏ نە‌ق شۇ تە‌رتىپ بىلە‌ن ئىش قىلاتتىم.‏ مىسسىئونېرلار خە‌لقئارا چوڭ يىغىلىشتىن قايتقاندىن كېيىنمۇ،‏ مە‌ن بە‌يتە‌لدە خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇ‌ردۇ‌م.‏ بۇ‌رادە‌ر قانداق تاپشۇ‌رۇ‌ق بە‌رمىسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىسىنى ئورۇ‌ندايتىم.‏ پوچتا ئارقىلىق ئە‌ۋە‌تىلىدىغان ژۇ‌رناللارنى ئوراپ چاچىلاپ،‏ ژۇ‌رنالغا مۇ‌شتە‌رى بولغانلارغا يە‌تكۈزە‌تتىم ۋە قوبۇ‌لخانىدىمۇ خىزمە‌ت قىلدىم.‏

گىلىئاد مە‌كتىپىگە بېرىش ئۈچۈن فىلىپپىندىن كە‌تتىم

1952-‏يىلى گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ 20-‏سىنىپىغا فىلىپپىندىن مېنى ۋە ئالتە بۇ‌رادە‌رنى تە‌كلىپ قىلدى.‏ خۇ‌شاللىقىم ئىچ-‏ئىچىمگە پاتمىدى!‏ قوشما شتاتلارغا بارغاندا،‏ كۆپ نە‌رسە بىز ئۈچۈن يېڭى ۋە باشقىچە بولدى.‏ مە‌ن ئۆسكە‌ن كىچىككىنە يېزا بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ ئۇ يە‌ردە ھايات تامامە‌ن باشقىچە ئىدى.‏

فېلىكس فاخاردو گىلىئادتىكی سىنىپداشلىری بىله‌ن 1952-‏يىلی

گىلىئادتىكى سىنىپداشلىرىم بىلە‌ن

مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ‌رۇ‌ن بىز ھېچقاچان كۆرمىگە‌ن زامانىۋىي ئۈسكىنە ۋە ئە‌سۋاپلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كە‌لدى.‏ ھاۋا رايىنىڭ ئۆزى مۇ‌تلە‌ق باشقىچە ئىدى!‏ بىر كۈنى ئە‌تىگە‌نلىكى تۇ‌رسام،‏ تالادا ھە‌ممە يە‌ر ئاپپاق.‏ قارنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.‏ بۇ ئالاھىدە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ،‏ لېكىن،‏ يامان سوغ ئىكە‌نلىكىنى دە‌رھال چۈشە‌ندىم.‏

گىلىئادتىكى ئوقۇ‌شۇ‌م شۇ‌نچىلىك قىزىقارلىق بولدىكى،‏ بۇ ئۆزگىرىشلە‌ر ماڭا ھېچ قىيىن تويۇ‌لمىدى.‏ يېتە‌كچىلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى مۇ‌ئە‌للىملە‌ر ئىدى.‏ ئۇ‌لار بىزنى تە‌تقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە ئۆگە‌تتى.‏ گىلىئاد مە‌كتىپى يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى سۆزسىز.‏

مە‌كتە‌پنى تۈگە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ نيۇ-‏يورك شە‌ھىرىنىڭ برونكس ناھىيىسىگە مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە ۋاقىتلىق تە‌يىنلە‌ندىم.‏ ئاندىن 1953-‏يىلى ئىيۇ‌ل ئېيىدا مۇ‌شۇ ناھىيە‌دە ئۆتكۈزۈلگە‌ن «يېڭى دۇ‌نيا جە‌مئىيتى» دە‌پ ئاتالغان چوڭ يىغىلىشقا بېرىش مۇ‌مكىنچىلىكى بولدى.‏ چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن فىلىپپىنغا تە‌يىنلە‌ندىم.‏

قولايلىق شە‌ھە‌رنى تاشلاپ كە‌تتىم

بە‌يتە‌لدىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر مېنى رايونلۇ‌ق خىزمە‌تكە تە‌يىنلىدى.‏ بۇ خىزمە‌ت ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىشىمغا كۆپرە‌ك ئىمكانىيە‌ت ياراتتى.‏ سە‌ۋە‌بى ئە‌يسا يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن يىراقتىكى شە‌ھە‌رلە‌ر ۋە يېزىلارغا بارغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏21)‏.‏ خىزمە‌ت قىلىش بە‌لگىلە‌نگە‌ن رايون فىلىپپىندىكى ئە‌ڭ چوڭ لۇ‌سون دېگە‌ن ئارالنىڭ كۆپىنچە قىسمى ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭغا بۇ‌لاكان،‏ نۇ‌يۋا-‏يسىخا،‏ تارلاك ۋە سامبالېس دە‌پ ئاتىلىدىغان ئۆلكىلە‌ر كىردى.‏ بە‌زى شە‌ھە‌رلە‌رگە بېرىش ئۈچۈن تاشلىق سېررا-‏مادرې تاغلىرىنى ھالقىپ ئۆتۈش كېرە‌ك بولغان.‏ بۇ يە‌رلە‌رگە ھېچقانداق ئاپتۇ‌بۇ‌س ياكى پويىز بارمايتى،‏ شۇ‌ڭا،‏ ياغاچ توشۇ‌يدىغان ماشىنا بىلە‌ن بېرىشقا توغرا كېلە‌تتى.‏ ماشىنا شوپۇ‌رلىرىدىن ياغاچلارنىڭ ئۈسىتىدە ئولتۇ‌رۇ‌پ مېڭىشنى سوراتتىم.‏ ئادە‌تتە،‏ ئۇ‌لار رۇ‌خسە‌ت قىلاتتى،‏ لېكىن مۇ‌نداق مېڭىش ناھايىتى قولايسىز ئىدى.‏

جامائە‌تلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى يېڭىدىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن ۋە كىچىككىنە ئىدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن بۇ‌رادە‌رلە‌رگە جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىنى ۋە خىزمە‌تنى ياخشىراق ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگىنىمدە،‏ ئۇ‌لار بە‌ك مىننە‌تدار بولدى.‏

كېيىنىرە‌ك ئۆز ئىچىگە پۈتكۈل بىكولنى ئالىدىغان رايونغا تە‌يىنلە‌ندىم.‏ بۇ رايوندا يىراقتىكى گۇ‌رۇ‌پپىلار بار ئىدى.‏ شۇ گۇ‌رۇ‌پپىلاردا خىزمە‌ت قىلىدىغان مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار گۇ‌ۋاھچىلار تېخى ئاياق باسمىغان يە‌رلە‌ردە ۋە‌ز قىلىپ يۈردى.‏ بىر ئۆيگە بارسام،‏ ھاجە‌تخانىسى ئىككى تە‌رىپىگە ياغاچ تاشلانغان بىر كارىز بولغان.‏ پۇ‌تۇ‌منى ياغاچلارغا قويۇ‌شۇ‌م بىلە‌نلا،‏ ئۇ‌لار چۈشۈپ كە‌تتى ۋە مە‌نمۇ شۇ كارىزغا چۈشۈپ كە‌تتىم.‏ ئاندىن كېيىن ئۈستى-‏بېشىمنى تازىلاپ بولغىچە،‏ بىرتالاي ۋاقىت ئۆتتى!‏

شۇ رايوندا خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ مېنىڭ بىلە‌ن بىللە پېدائىي ۋە‌ز خىزمىتىنى باشلىغان نورا توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاشقا باشلىدىم.‏ شۇ چاغلاردا ئۇ دۇ‌ماگېتې شە‌ھىرىدە مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىپ يۈرگە‌ن ئىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا بېرىپ كېلىشنى قارار قىلدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن بىراز ۋاقىت خە‌ت يېزىشىپ تۇ‌ردۇ‌ق.‏ 1956-‏يىلى توي قىلدۇ‌ق.‏ ئۆيلە‌نگە‌ندىن كېيىنكى بىرىنچى ھە‌پتىمىزدە راپۇ-‏راپۇ دېگە‌ن ئارالدىكى جامائە‌تنى يوقلىدۇ‌ق.‏ بۇ يە‌رلە‌ردە تاغلارغا چىقىپ،‏ ئۇ‌زاق يول مېڭىشقا توغرا كە‌لسىمۇ،‏ بىز بىللە بولغىنىمىزغا ۋە يىراقتىكى قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىۋاتقىنىمىزغا خۇ‌شال بولدۇ‌ق.‏

بە‌يتە‌لگە قايتا خىزمە‌ت قىلىشقا چاقىرىلدۇ‌ق

تە‌خمىنە‌ن تۆت يىل رايونلۇ‌ق خىزمە‌تتە بولغاندىن كېيىن،‏ بىز بە‌يتە‌لگە تە‌كلىپ قىلىندۇ‌ق.‏ بە‌يتە‌لدىكى خىزمىتىمىزنى 1960-‏يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا باشلىدۇ‌ق.‏ شۇ يە‌ردە كۆپ يىللار داۋامىدا مە‌ن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈسىتىگە ئالغان قېرىنداشلار بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ ئۇ‌لاردىن كۆپ نە‌رسىگە ئۈگە‌ندىم.‏ ئايالىم نورامۇ بە‌يتە‌لدە ھە‌رخىل تاپشۇ‌رمىلارنى ئورۇ‌نداپ كۆپ خۇ‌شاللىق تاپتى.‏

فېلىكس فاخاردو 1963-‏يىلی

چوڭ يىغىلىشتا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقان ۋاقتىم،‏ قېشىمدا سېبۇ‌ئان تىلىنىڭ تە‌رجىمانى

فىلىپپىندا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان ئادە‌ملە‌رنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مېنىڭ ئۈچۈن زور بە‌رىكە‌ت بولدى.‏ بە‌يتە‌لدە ياش ۋە بويداق ۋاقتىمدا خىزمىتىمنى باشلىغاندا،‏ پۈتۈن دۆلە‌ت بويىچە 10000غا يېقىن جاكارلىغۇ‌چى بار بولغان.‏ ھازىر بولسا،‏ فىلىپپىندا 200000دىن ئوشۇ‌ق جاكارلىغۇ‌چى بار ۋە يۈزلىگە‌ن قېرىنداش بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىپ ۋە‌ز ئىشىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏

ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ بە‌يتە‌لنى كېڭە‌يتىش زۆرۈر بولدى.‏ شۇ چاغدا رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌ش بىزدىن چوڭراق بىنا سېلىش ئۈچۈن يە‌ر ئىزدە‌شنى ئېيتتى.‏ ئاندىن باسمىخانىغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بىلە‌ن ئىككىمىز كىمدۇ بىرلىرى يە‌رلىرىنى ساتامدۇ-‏ساتمامدۇ،‏ دە‌پ بە‌يتە‌لگە يېقىن ئۆيلە‌رگە كىرىپ سوراپ چىقتۇ‌ق.‏ ھېچقايسىسى سېتىشنى خالىمىدى.‏ بىر كىشى بىزگە:‏ «خە‌نرۇ‌لار ساتمايدۇ،‏ پە‌قە‌ت سېتىۋالىدۇ»،‏—‏ دېدى.‏

فېلىكس فاخاردو 1983-‏يىلی ئالبېرت شريودېرنىڭ نوُتوُقىنی ته‌رجىمه قىلىپ توُرىدوُ

ئالبېرت شىريودېر بۇ‌رادە‌رنىڭ نۇ‌تۇ‌قىنى تە‌رجىمە قىلىۋاتىمە‌ن

ئە‌مما،‏ بىر كۈنى كۈتمىگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىشكە باشلىدى.‏ بىر قوشنىمىز ئامېرىكغا كۆچمە‌كچى بولۇ‌پ،‏ يېرىنى سېتىۋېلىشمىزنى سورىدى.‏ ئاندىن باشقا بىر قوشنىمىزمۇ يېرىنى سېتىشنى قارار قىلدى ۋە ئۆپ-‏چۆرىدىكىلە‌رنىمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ ھە‌تتا،‏ «خە‌نزۇ‌لار يە‌ر ساتمايدۇ»،‏ دە‌پ ئېيتقان كىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىزگە يېرىنى سېتىپ بە‌ردى.‏ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بە‌يتە‌ل ئۈچ ھە‌سسە چوڭ قىلىپ ياسالدى.‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولغانلىقىغا ئىشىنىمە‌ن.‏

1950-‏يىلى بە‌يتە‌لنىڭ ئە‌ڭ ياش ئە‌زاسى ئىدىم.‏ ھازىر بولسا،‏ ئايالىم ئىككىمىز ئە‌ڭ چوڭلىرى.‏ خوجايىنىمىز مە‌سىھ قايسى يە‌رگە ئە‌ۋە‌تىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىپ يۈرگىنىمگە ئۆكۈنمە‌يمە‌ن.‏ ئاتا-‏ئانام ئۆيدىن قوغلاپ چىقارسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ماڭا چوڭ ئائىلە ھە‌دىيە قىلدى.‏ قانداق تاپشۇ‌رما بولمىسۇ‌ن،‏ ئۇ كېرە‌كلىك بولغان ھە‌ممىنى بېرىدىغانلىقىغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىمە‌ن.‏ نورا ئىككىمىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌ردائىم بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھرىبانلىقى ئۈچۈن چىن يۈرىكىمىزدىن مىننە‌تدار ۋە باشقىلارنىمۇ يە‌ھۋانى سىناپ كۆرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىمىز (‏مالاكى 3:‏10)‏.‏

ئە‌يسا.‏ لاۋىي دە‌پمۇ ئاتالغان باجگىر مە‌تتانى ئۆزىنىڭ كە‌ينىدىن مېڭىشقا چاقىرغانىدى.‏ شۇ چاغدا مە‌تتا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌ردى؟‏ ئۇ «ھە‌ممىنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ كە‌ينىدىن ماڭدى» (‏لۇ‌قا 5:‏27،‏ 28)‏.‏ مە‌نمۇ شۇ‌نداق ئىمكانىيە‌تكە ئېرىشتىم ۋە باشقىلارنىمۇ شۇ‌نداق يول تۇ‌تۇ‌پ،‏ كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىمە‌ن.‏

فېلىكس فاخاردو فىلىپپىندا باشتىن كه‌چوٰرگه‌ن ۋه‌قه‌لىرىنی سوٰره‌تتىن كورسىتىۋاتىدوُ

فىلىپپىندىكى خىزمىتىمنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىمە‌ن

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش