كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 دېكابىر 31-‏ب.‏-‏32-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 دېكابىر 31-‏ب.‏-‏32-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏
ئه‌ر-‏ئايال توُغوُت چه‌كله‌ش ئوٰزوٰكىنی ئىشلىتىش هه‌ققىده ئىزدىنىۋاتىدوُ

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

مە‌سىھىي ئە‌ر-‏ئايال ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇ‌غۇ‌ت چە‌كلە‌ش دورا-‏سايمانلىرىنى قوللانسا بولامدۇ؟‏

بۇ مە‌سىلىدە خۇ‌دانىڭ ھە‌ربىر خىزمە‌تچىسى ئۆز ۋىجدانىنى پاك ساقلاشقا يول بېرىدىغان قارار قىلىشى كېرە‌ك.‏ مۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن،‏ ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈزۈك (‏«ھالقا» دە‌پمۇ ئاتىلىدۇ)‏ قانداق ئىشلە‌يدىغانلىقى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قانداق پرىنسىپلىرىنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە پۇ‌ختا ئويلىنىشى كېرە‌ك.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا ۋە كېيىنىرە‌ك نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىگە:‏ «ئە‌ۋلات كۆرۈپ كۆپىيىڭلار»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرىغان (‏يارىتىلىش 1:‏28؛‏ 9:‏1)‏.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ بۇ‌يرۇ‌ققا بويسۇ‌نۇ‌شى لازىم ئىكە‌نلىكى يېزىلمىغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھە‌ربىر ئە‌ر-‏ئايال بالا-‏چاقىسىنىڭ سانىنى چە‌كلە‌ش ئۈچۈن ياكى قاچان بالىلىق بولۇ‌شنى ئۆزلىرى تاللىشى ئۈچۈن تۇ‌غۇ‌ت چە‌كلە‌ش ئۈزۈكىنىڭ قانداقتۇ بىر تۈرىنى قوللىنىش-‏قوللانماسلىقنى قارار قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار قايسى ئامىللارنى قاراشتۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ھە‌ققىدە ھە‌رقانداق قارارنى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسە‌ن قىلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار تۇ‌غۇ‌ت چە‌كلە‌ش ئۈچۈن ھېچقاچان بالا چۈشە‌رمە‌يدۇ.‏ ئايال ئۆزى خالاپ بالا چۈشە‌رسە،‏ ھامىلدارلىق توختايدۇ،‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نداق قىلمىغاندا ۋاقىت ئۆتكە‌نسېرى ھامىلە يېتىلىپ بالا تۇ‌غۇ‌لاتتى.‏ ھامىلە چۈشۈرۈش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھاياتلىقنى ھۆرمە‌تلە‌ش ھە‌ققىدە يېزىلغانلارغا زىت كېلىدۇ.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ھە‌رگىزمۇ كە‌لگۈسىدە توغۇ‌لىدىغان بالىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇ‌رمايدۇ (‏چىقىش 20:‏13؛‏ 21:‏22،‏ 23؛‏ زە‌بۇ‌ر 139:‏16؛‏ يە‌رە‌مىيا 1:‏5)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۈزۈك ئىشلىتىش ھە‌ققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟‏

بۇ مە‌سىلە «كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ» (‏ئىنگل.‏)‏ 1979-‏يىل،‏ 15-‏ماي سانىدا (‏30،‏ 31-‏ب.‏‏)‏ قاراپ چىقىلغان.‏ شۇ چاغدا تۇ‌غۇ‌ت چە‌كلە‌ش ئۈچۈن كۆپىنچە بالىياتقۇ‌غا سولىياۋ نە‌رسىلە‌رنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ مە‌زكۈر ماقالىدە،‏ ئۇ ۋاقىتلاردا مۇ‌نداق ئۈزۈكنىڭ قانداق ئۈنۈمى بارلىقىنى كىشىلە‌ر ھېچقانداق چۈشە‌نمىگە‌ن،‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ كۆپ ئالىملار،‏ توغۇ‌ت چە‌كلە‌ش ئۈزۈكى ئە‌ركە‌كنىڭ سپېرمىسىنىڭ ئايال كىشىنىڭ تۇ‌خۇ‌م ھۈجە‌يرىسى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشپ ئۇ‌رۇ‌قلىنىشقا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىدۇ،‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ تۇ‌خۇ‌م ھۈجە‌يرىسى ئۇ‌رۇ‌قلانمىسا يېڭى ھايات پە‌يدا بولمايدۇ.‏

لېكىن،‏ بە‌زىدە توغۇ‌ت چە‌كلە‌ش ئۈزۈكى ئىشلىتىپ،‏ تۇ‌خۇ‌م ھۈجە‌يرىسى ئۇ‌رۇ‌قلىنىپ قالغانلىق ھە‌ققىدە ئىسپاتلار بار.‏ ئۇ‌رۇ‌قلانغان توخۇ‌م ھۈجە‌يرىسى بالىياتقۇ نە‌يچىسىدە ياكى (‏بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلە بولۇ‌ش)‏ ياكى بالىياتقۇ ئىچكى تېمىدا يېتىلىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بالىياتقۇ‌غا يە‌تكە‌ن ھالدا،‏ ئۈزۈكنىڭ ئۇ‌رۇ‌قلانغان توخۇ‌م ھۈجە‌يرىسىنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پە‌ردە تېمىدا ئورۇ‌ن ئېلىشىغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىپ،‏ يېڭى ماھىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئاخىرلاشتۇ‌رىدۇ.‏ بۇ بالا چۈشۈرۈشگە‌ن بىلە‌ن ئوخشاش.‏ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا:‏ «ئۈزۈكنى ئىشلىتىش ھە‌ققىدە ئويلىنىپ يۈرگە‌ن سە‌مىمىي خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھاياتنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە تېگىشلىك يېزىلغانلارنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ يۇ‌قىرىدىكى مە‌لۇ‌ماتنى چوڭقۇ‌ر ئويلاپ كۆرۈشى كېرە‌ك»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9)‏.‏

بىراق،‏ 1979-‏يىلدا شۇ ماقالە چىققاندىن بېرى تىبابە‌ت ۋە ئىلىم-‏پە‌ن ساھە‌سىدە كۆپ نە‌تىجىلە‌ر قول كە‌لتۈرۈلدى.‏

بۈگۈنكى كۈندە توغۇ‌ت كە‌چلە‌ش ئۈزۈكىنىڭ يە‌نە ئىككى تۈرى بار.‏ تە‌ركىبىدە مىس بار بىر تۈرى ئون يىل كېيىن پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ كە‌ڭ تارقالغان.‏ ئىككىنچى تۈرى بولسا 2001-‏يىلى سېتىلىشقا باشلىغان،‏ ئۇ بىر خىل ھورموننى پە‌يدا قىلىدۇ.‏ بۇ ئىككى تۈرلۈك تۇ‌غۇ‌ت چە‌كلە‌ش دورا-‏سايمانلىرى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏

تە‌ركىبىدە مىس بار ئۈزۈك.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ ئۈزۈك سپېرمىنىڭ بالىياتقۇ ئارقىلىق ئۆتۈپ،‏ تۇ‌خۇ‌م ھۈجە‌يرىسى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىشغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ مىس سپېرمىنى زە‌ھە‌رلە‌پ،‏ يە‌نى سپېرمىنىڭ ئۆزىدىن ئۆلۈشىنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ شۇ‌نداقلا ئۈزۈكنىڭ بۇ تۈرى بالىياتقۇ تېمىنى قېلىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏

ھورمون چىقىرىدىغان ئۈزۈك.‏ ئۈزۈكنىڭ يە‌نە بىر تۈرىدە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ تە‌ركىبىدە بولىدىغان ھورمونغا ئوخشاش ھورمون بار.‏ بۇ ئۈزۈك بۇ‌رۇ‌ن ئىشلىتىلگە‌ن ئۈزۈكلە‌رگە ئوخشاش ئىشلە‌يدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار بالىياتقۇ‌غا بىر ھورمون چىقىرىدۇ.‏ نە‌تىجىدە بە‌زى ئاياللاردا تۇ‌خۇ‌م ئىشلە‌پ چىقىرىش جە‌رىيانى چە‌كلە‌يدۇ.‏ تۇ‌خۇ‌م ئىشلە‌پ چىقىرىلمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ ئۇ‌رۇ‌قلىنىشى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ ئۈزۈكنىڭ بۇ تۈرى بالىياتقۇ تېمىنى نېپىزلاشتۇ‌رىدۇb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ ھورمون بالىياتقۇ بوينىدىكى شىلىمشىق سۇ‌يۇ‌قنى قويۇ‌قلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ سپېرمىنىڭ جىنسىي يولدىن بالىياتقۇ‌غا ئۆتۈشىگە يول بە‌رمە‌يدۇ.‏

كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئۈزۈكنىڭ بۇ ئىككى تۈرىمۇ بالىياتقۇ‌نىڭ تېمىنى ئۆزگە‌رتىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر ئايالنىڭ بە‌دىنى يە‌نىلا تۇ‌خۇ‌م ئىشلە‌پ چىقىرىپ،‏ تۇ‌خۇ‌م ھۈجە‌يرىسى ئۇ‌رۇ‌قلانسا،‏ ھامىلە بالىياتقۇ‌غا چۈشىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئۇ بالىياتقۇ‌دا تە‌بىئىي ھالدا ئورۇ‌نلىشالمىغانلىقتىن،‏ تۆرە‌لمە دە‌سلە‌پكى مە‌زگىلىدە ئۆلۈپ قالىدۇ.‏ بىراق،‏ ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌ت بە‌ك ئاز ئۇ‌چرايدۇ ۋە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىچكە‌ن چاغدىمۇ بە‌زىدە مۇ‌نداق ۋە‌قە يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن.‏

شۇ‌ڭا ھېچكىم تە‌ركىبىدە مىس بار ياكى گورمون چىقىرىدىغان ئۈزۈكلە‌رنى تۇ‌خۇ‌م ھۈجە‌يرىسىنىڭ ئۇ‌رۇ‌قلىنىشىغا پۈتۈنلە‌ي توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالايدۇ،‏ دە‌پ كېسىپ ئېيتالمايدۇ.‏ ئە‌مما ئىلمىي تە‌تقىقاتلارغا بىنائە‌ن،‏ ئۈزۈك يۇ‌قىرىدا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ندە‌ك رولى بولغانلىقتىن،‏ يە‌نى تۇ‌خۇ‌منىڭ ئۇ‌رۇ‌قلىنىشىغا توسالغۇ بولغانلىقتىن،‏ ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇ‌پ قېلىشى كە‌مدىن-‏كە‌م ئۇ‌چرايدۇ.‏

ئۈزۈك ئىشلىتىشنى ئويلىغان خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى بولغان ئە‌ر-‏ئايال،‏ بۇ مە‌سىلىنى دوختۇ‌رلار بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلسا بولىدۇ.‏ دوختۇ‌ر ئۇ‌لار تۇ‌رغان يە‌ردە ئۈزۈكنىڭ تۈرى بارلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالغا قانداق پايدا ياكى زىيان كە‌لتۈرۈشى مۇ‌مكىنلىكىنى ئېيتىپ بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌ر-‏ئايال ھېچكىمنىڭ،‏ ھە‌تتا دوختۇ‌رنىڭ،‏ ئۆزلىرى ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشىنى كۈتمە‌سلىكى ۋە بۇ‌نىڭغا يول بە‌رمە‌سلىكى كېرە‌ك (‏رىملىقلارغا 14:‏12؛‏ گالاتىلىقلارغا 6:‏4،‏ 5)‏.‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال سۈپىتىدە بىر جۈپنىڭ ئۆزلىرى شە‌خسىي قىلىدىغان قارارى.‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌قسىتى خۇ‌دانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىش ۋە پاك ۋىجداننى ساقلاپ قېلىش بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 1:‏18،‏ 19؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏3 سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏

a ئە‌نگىلىيە‌نىڭ دۆلە‌ت سە‌ھىيە-‏سالامە‌تلىك ساقلاش ئورنى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۈزۈكنىڭ تە‌ركىبىدە مىس كۆپرە‌ك بولسا،‏ ئۈنۈمى 99 پرويسېنتتىن يۇ‌قىرى بولۇ‌پ،‏ بۇ —‏ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۈزۈكنى ئىشلە‌تكە‌نلە‌رنىڭ كۈتۈلمىگە‌ندە ھامىلدار بولۇ‌پ قىلىشى ھە‌ر يۈز ئادە‌مدىن ھە‌تتا بىرىدىنمۇ ئاز بولىدۇ،‏ دېگە‌ن كۆرسىتىدۇ.‏ ئۈزۈكنىڭ تە‌ركىبىدە مىس ئازىراق بولسا،‏ ئۈنۈمىمۇ ئازىراق بولىدۇ».‏

b ھورمون چىقىرىدىغان ئۈزۈك بالىياتقۇ تېمىنى نېپىزلاشتۇ‌رىدىغانلىقتىن،‏ بە‌زىدە دوختۇ‌رلار ئۇ‌نى ھە‌يز كۆرۈش ۋاقىتىدا بە‌ك كۆپ قان كېلىدىغان ئاياللار ۋە تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىغان قىزلارنى داۋالاش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش