كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئو18 2 № 11-‏ب.‏
  • 8.‏ ئۈلگە كۆرسىتىش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • 8.‏ ئۈلگە كۆرسىتىش
  • ئويغىنىش!‏—‏2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • دېگە‌ن نېمە؟‏
  • نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏
  • نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏
  • ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىڭلار!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلە.‏ 2-‏قىسىم
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
ئويغىنىش!‏—‏2018
ئو18 2 № 11-‏ب.‏
بىر قىز قاردا دادىسىنىڭ ئىزىنی بېسىپ مېڭىۋاتىدوُ

پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئە‌گىشىپ مېڭىشى ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رۇ‌ۋاتىسىز؟‏

ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن

8.‏ ئۈلگە كۆرسىتىش

دېگە‌ن نېمە؟‏

ئاتا-‏ئانا ئۆزى ئۆگىتىۋاتقان نە‌رسىلە‌رگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىمدۇ-‏بىرسى ئىشىك چە‌كسە،‏ سىز كۆرۈشۈشنى خالىمىسىڭىز ھە‌مدە:‏ «مېنى ئۆيدە يوق،‏ دە‌پ قوي»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىڭىزنى ئوغلىڭىز ئاڭلىسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن راستچىل بولۇ‌شنى كۈتۈش قىيىن بولىدۇ.‏

‏«دېگىنىمنى قىل،‏ قىلغىنىمنى قىلما» دېگە‌ن سۆزلە‌ر كە‌ڭ تارقالغان.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نداق دېيىش ناتوغرا.‏ بالىلار خۇ‌ددى پاختىغا ئوخشاش،‏ قىلغان ھە‌ممە گە‌پ-‏سۆزلىرىمىزنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈپلاۋالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر قىلغان ئىشلىرىمىز ئۆگىتىۋاتقانلىرىمىزغا ماس كە‌لمىسە،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى چوقۇ‌م بىزگە ئېيتىدۇ» (‏دېيۋىد)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «سە‌ن باشقىسىغا ئۆگىتىپ،‏ ئۆزۈڭگە ئۆگە‌تمە‌مسە‌ن؟‏».‏—‏رىملىقلار 2:‏21.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

ئېنىقكى،‏ بالىلارغا ۋە ھە‌تتا ئۆسمۈرلە‌رگە باشقىلارنىڭ،‏ يە‌نى تە‌ڭتۇ‌شلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە قارىغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىلىرىنىڭ ئۈلگىسى كۆپرە‌ك تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىز بالىلىرىڭىزغا توغرا يول كۆرسىتىشتە مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا تۇ‌رىسىز ۋە ئۆگىتىۋاتقانلىرىڭىزغا چوقۇ‌م ئۆزىڭىزمۇ ئە‌مە‌ل قىلىشىڭىز زۆرۈر.‏

‏«سىز بىر نە‌رسىنى يۈز قېتىم قايتىلاپ،‏ بالام قۇ‌لاق سېلىۋاتامدۇ دە‌پ ئويلايسىز.‏ ئە‌مما،‏ بىر قېتىم ئۆزىڭىز دېگىنىڭىزدە‌ك قىلمىسىڭىز،‏ بالىڭىز بۇ‌نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ بالىلارنىڭ قىلىۋاتقان بارچە ئىشلىرىمىز بىلە‌ن چاتىقى يوق دە‌پ ئويلاپ يۈرسە‌كمۇ،‏ لېكىن ئۇ‌لار ھە‌ممىنى بايقايدۇ» (‏نىكول)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ بىر ئادە‌مدە «يۇ‌قىرىدىن چۈشكە‌ن دانالىق .‏.‏.‏ ساختىپە‌ز ئە‌مە‌ستۇ‌ر».‏—‏ياقۇ‌پ 3:‏17؛‏ ي.‏د‏.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

ئۆزىڭىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭ:‏ سىز قانداق فىلىملە‌رنى كۆرىسىز؟‏ سىز ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىسىز؟‏ سىزنىڭ دوستلىرىڭىز كىملە‌ر؟‏ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلە‌مسىز؟‏ بىر سۆز بىلە‌ن ئېيتساق،‏ بالىلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئوخشاش بولۇ‌شىنى خالامسىز؟‏

‏«ھە‌مراھىم ئىككىمىز بالىلىرىمىزدىن ئۆزۈمىز ئە‌مە‌ل قىلمايدىغان ئۆلچە‌ملە‌ر بويىچە ياشاشنى تە‌لە‌پ قىلمايمىز» (‏كرىستىن)‏.‏

خاتالىقلىرىڭىز ئۈچۈن كە‌چۈرۈم سوراڭ.‏ پە‌رزە‌نتلىرىڭىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىڭىزنى ياخشى بىلىدۇ.‏ جۈپتىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزدىن كە‌چۈرۈم سورىسىڭىز،‏ سىز راستچىل بولۇ‌ش ۋە باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌شتە ئۈلگە كۆرسىتىسىز.‏

‏«بالىلىرىمىز ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىمىزنى ئىقرار قىلغانلىقىمىزنى ۋە ئۇ‌لاردىن كە‌چۈرۈم سورىغىنىمىزنى ئاڭلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلمىساق،‏ ئۇ‌لار ئۆز خاتالىقلىرىنى ئىقرار قىلىشنى ئۆگە‌نمە‌يدۇ» (‏روبىن)‏.‏

‏«ئاتا-‏ئانا بولۇ‌پ،‏ بىز پە‌رزە‌نتلىرىمىزگە كۈچلۈك تە‌سىر قىلىمىز.‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشتە،‏ كۆرسە‌تكە‌ن ئۈلگىمىز ئە‌ڭ كۈچلۈك قورال.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى دائىم كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ بىز خۇ‌ددى دائىم ئوچۇ‌ق تۇ‌رىدىغان كىتابقا ئوخشاش،‏ بالىلىرىمىز قالدۇ‌رغان ئۈلگىمىزدىن دائىم ساۋاق ئالىدۇ» (‏ۋېندېل)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش