كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌ت 9-‏قىس.‏ 28-‏31 ب.‏
  • ھازىر ۋە كە‌لگۈسىدە مە‌ڭگۈ بە‌ختلىك ياشاڭ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھازىر ۋە كە‌لگۈسىدە مە‌ڭگۈ بە‌ختلىك ياشاڭ!‏
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش
بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش
ب‌ت 9-‏قىس.‏ 28-‏31 ب.‏

9-‏قىسم

ھازىر ۋە كە‌لگۈسىدە مە‌ڭگۈ بە‌ختلىك ياشاڭ!‏

خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق ئورناتسىڭىز،‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىن قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشىيالايسىز

م‍ۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خاتىرىلە‌ردە،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر ئىمان-‏ئېتىقادتا كامىل كىشى دە‌پ تە‌رىپلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ ئە‌سلىدە ئاۋات گۈللە‌نگە‌ن شە‌ھە‌ر ئۇ‌ردا راھە‌ت-‏پاراغە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌تتى.‏ كېيىن ئۇ يە‌ردىن ئايرىلىپ،‏ ھارانغا كېلىپ بىر مە‌زگىل ئۇ جايدا ئولتۇ‌راقلاشقان.‏ ئۇ قالغان ھاياتىنى سە‌رگە‌ردان كۆچمە‌ن بولۇ‌پ چېدىردا ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قىم تۇ‌رالغۇ جايى بولمىغان (‏يارىتىلىش 12:‏1–‏3؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 7:‏2–‏7؛‏ ئىبرانىيلار 11:‏8–‏10)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏‹ئىبراھىم تولا ياشىنىپ قېرىلىقىدا كامالىغا يېتىپ [قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ،‏ ي.‏د.‏] ئاخىرقى نە‌پىسىنى تارتىپ ۋاپات بولغان› دە‌پ بايان قىلىدۇ (‏يارىتىلىش 25:‏8)‏.‏ نېمە ئىبراھىمنى تۇ‌رمۇ‌شىدا قانائە‌ت ھاسىل قىلدۇ‌ردى؟‏ ئۇ پە‌قە‌ت ئۆز ھايات مۇ‌ساپىسىنى بېسىپ تۈگە‌تكە‌نلىكى ئۈچۈنلا ئاخىرقى نە‌پسىدە قانائە‌ت ھاسىل قىلمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌داغا بولغان كامىل ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك ئىبراھىم «خۇ‌دانىڭ دوستى» دە‌پ ئاتالغان (‏ياقۇ‌پ 2:‏23،‏ ھ.‏ز.‏؛‏ يە‌شايا 41:‏8)‏.‏ ئىبراھىمنىڭ ياراتقۇ‌چى ئىگە بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتى بولغان.‏ بۇ مۇ‌ناسىۋە‌ت ئىبراھىمنى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىدىن قانائە‌ت ھاسىل قىلدۇ‌رغان.‏

سىز تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ردىنمۇ كۆپرە‌ك قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشىيالامسىز؟‏

2 مۇ‌ندىن 4000 يىللار ئىلگىرى ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر قانداق قىلغان بولسا،‏ سىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق ئورناتسىڭىز،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرۈپ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىن قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشىيالايسىز.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئالە‌ملە‌رنىڭ ياراتقۇ‌چىسى بىلە‌ن دوست بولالايدىغانلىقىڭىزنى خىيالىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ باقمىغان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن،‏ لېكىن شۇ‌نداق قىلىش تامامە‌ن مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا قانداق قىلىپ؟‏ سىز ئۇ‌نى تونۇ‌شىڭىز ۋە ئۇ‌نى سۆيىشىڭىز كېرە‌ك (‏1-‏كورىنتلىقلار 8:‏3؛‏ گالاتىيالىقلار 4:‏9)‏.‏ ياراتقۇ‌چىڭىز بىلە‌ن شۇ‌نىڭدە‌ك مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش سىزنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى ئە‌ھمىيە‌تلىك ۋە بە‌خت-‏سائادە‌تلىك قىلالايدۇ.‏

3 ئاشۇ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشى ئۈچۈن يە‌ھۋا يېتە‌كچى پرىنسىپلار بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17)‏.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ ئادە‌م-‏ئاتا نېمە ياخشى،‏ نېمە ياماننى ئۆزى قارار قىلىش ئارقىلىق خۇ‌داغا قارشى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق ئىنسانىيە‌تتىن ئىبارە‌ت بۇ ئائىلىنى قايتۇ‌رۇ‌پ سېتىۋېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد بولۇ‌شنىڭ بىر يولىنى ئاچقان.‏ بىراق،‏ ھە‌ربىر كىشى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنى قوبۇ‌ل قىلىشى ۋە ئۆزى ئۈچۈن ياخشى-‏يامانلىق ئۆلچىمىنى بە‌لگىلە‌شنى توختىتىشى لازىم.‏ خۇ‌دا ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنى قوبۇ‌ل قىلغانلار ئۈچۈن تە‌مىنلىگە‌ن قانۇ‌ن-‏نىزام ۋە قائىدە-‏پرىنسىپلارغا بويسۇ‌نىشىمىز كېرە‌ك.‏

‏‹ماڭا ئۆز يولۇ‌ڭنى كۆرسىتىپ بە‌ر›‏

4 سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ ئۆگىنىش بىلە‌ن بىللە ئۇ‌نىڭدىكى قائىدە-‏پرىنسىپلارنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ بە‌لگىلىگە‌ن ياخشى-‏يامانلىق ئۆلچىمىنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى چوقۇ‌م كۆرۈۋالالايسىز ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن تە‌شە‌ككۈر ئېيتىسىز (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7–‏9)‏.‏ سىزمۇ خۇ‌ددى يە‌ھۋانىڭ پە‌يغە‌مبىرى مۇ‌سادە‌ك ھاياجانلىنىپ خۇ‌داغا:‏ ‹مە‌ن سېنىڭ كۆزلە‌رىڭنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقان بولسام سېنىڭ كۆزلە‌رىڭنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقىنىمنى تونۇ‌ماقىم ئۈچۈن ماڭا ئۆز يولۇ‌ڭنى كۆرسىتىپ بە‌ر›،‏ دە‌يسىز (‏چىقىش 33:‏13؛‏ زە‌بۇ‌ر 25:‏4)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلار بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ سىزنىڭ «ئاخىرقى كۈنلە‌ردىكى تە‌س ۋاقىتلار»دىكى ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىڭىزغا يول كۆرسىتىپ يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ (‏2-‏تىموتىي 3:‏1)‏.‏ سىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنىڭ ئېشىشى،‏ سىزنى يە‌ھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچە‌يتىشكە يېتە‌كلە‌يدۇ.‏

5 ئىبراھىم قېرىپ ھاياتىدا قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌نىلا ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمىغان.‏ ھاياتلىق ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ك قىسقا.‏ مە‌يلى بىز قانچە ياشقا كىرە‌يلى،‏ ھە‌ممىمىز ئۇ‌زۇ‌نراق ھايات كە‌چۈرۈشنىلا ئويلايمىز،‏ چۈنكى «[خۇ‌دا] ئە‌بە‌دىلىكنى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆڭۈللىرىدە قويۇ‌پتۇ‌ر.‏ ھە‌رقانداق بولسا ھېچ كىشى خۇ‌دانىڭ دە‌سلىپىدىن تارتىپ ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى دېرە‌ك قىلالمايدۇ‌ر [چۈشىنىپ تېگىگە يېتە‌لمە‌يدۇ]» (‏ۋە‌ز 3:‏11)‏.‏ بىز مە‌ڭگۈ ياشىغان تە‌غدىردىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ياراتقان بارلىق مە‌خلۇ‌قاتلىرىنى چۈشىنىپ تېگىگە يېتە‌لمە‌يمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ قىلغان ئىشلىرى ئارىسىدا،‏ بىز تە‌كشۈرۈپ كۆزىتىدىغان،‏ ئۆگىنىپ تە‌تقىق قىلىدىغان ۋە ھوزۇ‌رلىنىپ مە‌منۇ‌ن بولىدىغان مۆجىزىلىك ئىشلار چە‌كسىزدۇ‌ر!‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 19:‏1–‏4؛‏ 104:‏24؛‏ 139:‏14.‏

6 ئە‌گە‌ر يە‌رشارى بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈپ تۇ‌رۇ‌ۋاتقان قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن تولۇ‌پ كە‌تسە،‏ مە‌ڭگۈ ياشاش بە‌لكىم سىزنى ئانچە بە‌ك قىزىقتۇ‌رالماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى يوق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىسىگە مۇ‌ۋاپىق يېڭى ئاسمانلارغا ۋە يېڭى بىر يە‌رگە ئىنتىزاردۇ‌رمىز.‏ ئۇ‌لاردا ئادالە‌ت ساكىن بولادۇ‌ر [ئورۇ‌ن ئالادۇ‌ر]» دە‌يدۇ (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏13)‏.‏ «يېڭى ئاسمانلار» سۆز-‏ئىبارىسى يېڭى ئاسماندىكى ھۆكۈمە‌ت يە‌نى خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ «يېڭى بىر يە‌ر» سۆز-‏ئىبارىسى ئاشۇ ساماۋى پادىشاھلىقنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شىغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشايدىغان ئىنسانلاردىن تە‌ركىپ تاپقان يېڭى بىر جە‌مئىيە‌تنى كۆرسىتىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئىشلارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن خۇ‌دا ئۇ‌زاققا قالماي «يە‌رنى خاراب قىلغۇ‌چىلار»غا قارشى ھە‌رىكە‌تكە كېلىدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏18؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏10.‏

7 ئاشۇ ئىشلار قاچان بولىدۇ؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھ «بۇ ئالە‌منىڭ ئاخىرىنىڭ ئالامىتى» توغرىسىدا بىزگە كۆرسە‌تمە بېرىپ:‏ دۆلە‌تلە‌ر ئارا ئۇ‌رۇ‌شلار بولۇ‌پ،‏ «يە‌ردىن يە‌رگە ئاچارچىلىق ۋە زىلزىلىلە‌ر ۋە‌قە بولادۇ‌ر [يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر يۈز بېرىدۇ]»،‏ «ۋابالار بولۇ‌ر» ۋە ‹رە‌زىللىكلە‌ر كۆپىيە‌ر› (‏ھ.‏ز.‏)‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏3–‏13؛‏ لۇ‌قا 21:‏10،‏ 11؛‏ 2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5)‏.‏ ئە‌يسا يە‌نە مۇ‌نداق بېشارە‌تنى ئالدىن ئېيتقان:‏ «بۇ ۋە‌قە بولغىنىنى كۆرگە‌ندە خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن بولغىنىنى بىلىڭلار» (‏لۇ‌قا 21:‏31)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋا رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-‏سائە‌ت تېز يېقىنلاشماقتا.‏a

8 «قادىر مۇ‌تلە‌ق [ھە‌ممىگە قادىر] خۇ‌دانىڭ چوڭ كۈنى»دىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا يە‌ريۈزىدىكى رە‌زىللىكلە‌رنى تازىلاپ چىقىرىدۇ،‏ بىز ياشاۋاتقان يە‌رشارى بىر جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 16:‏14،‏ 16؛‏ يە‌شايا 51:‏3)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ «ئادىللار ئۆزى يە‌رگە ۋارىس بولۇ‌پ ئە‌بە‌دغىچە ئۇ‌ندا ئولتۇ‌رۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌رچۇ؟‏ مە‌سىھ ئە‌يسا:‏ «مۇ‌نىڭغا تە‌ئە‌ججۈپ قىلماڭلار چۈنكى گۆرلە‌ردىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ‌رغان ۋاقىت كېلۇ‌ر ۋە ئۇ‌ندىن چىقىپ ياخشىلىق قىلغانلار ھايات قىيامىتىگە ۋە يامانلىق قىلغانلار ھۆكۈم قىيامىتىگە كېتە‌رلە‌ر» دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىر كىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ،‏ ئۇ ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئۇ‌خلاۋاتقان ئۆلۈكلە‌رنى ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىدۇ.‏ ئېرسىيە‌ت تە‌تقىقاتچىلىرى ئېرسىيە‌ت قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنى كلونلاش توغرىسىدا ئىزدە‌نمە‌كتە.‏ بىراق،‏ ياراتقۇ‌چى ئىگىنىڭ كلونلاش تېخنىكىسنى قوللىنىشى ھاجە‌تسىز.‏ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شقا لايىق دە‌پ قارالغان ھە‌ربىر ئىنساننىڭ ئىنچكە تە‌پسىلاتلىرىنى ئۇ ئە‌سكە ئېلىشقا ۋە ئاشۇ‌لارنى ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىشكە قادىردۇ‌ر.‏ شۇ‌نداق،‏ سىزدە ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىز بىلە‌ن يە‌ريۈزى جە‌ننە‌تتە جە‌م بولۇ‌ش ئۈمىدى بار!‏

9 جە‌ننە‌تتىكى تۇ‌رمۇ‌ش قانداق بولىدۇ؟‏ يە‌ريۈزى خۇ‌شال-‏خورام كىشىلە‌ر بىلە‌ن تولىدۇ،‏ كۆپچىلىك بىرلىكتە ياراتقۇ‌چى ئىگىنى مە‌دھىيلە‌يدۇ.‏ «ھېچ كىشى:‏ مە‌ن كېسە‌ل دۇ‌رمە‌ن دېمە‌س» (‏يە‌شايا 33:‏24؛‏ 54:‏13)‏.‏ سالامە‌تلىككە زىيانلىق تۇ‌رمۇ‌ش بېسىمى ئاستىدا،‏ ھېسسىيات ۋە روھىي جە‌ھە‌تتە تۇ‌راقسىز بولىدىغان كە‌يپىيات ھېچ كىمنىڭ چىرايىدا ئىپادىلە‌نمە‌يدۇ.‏ ھە‌ممە كىشىلە‌ردە يە‌يدىغانغا يېتە‌رلىك تاماق بار بولىدۇ.‏ ھە‌مدە ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ مە‌قسىتىگە ماس كېلىدىغان ئە‌ھمىيە‌تلىك ئىشلارنى قىلىپ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق تېپىپ ياشايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 72:‏16؛‏ يە‌شايا 65:‏23)‏.‏ ئۇ‌لار ھايۋاناتلار بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاق بولىدۇ،‏ ئىنسانلارمۇ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاق ياشايدۇ.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ «خۇ‌دا بىلە‌ن ئىناق مۇ‌ناسىۋە‌تتە» بولىدۇ (‏رىملىقلار 5:‏1،‏ ھ.‏ز.‏؛‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏11؛‏ 72:‏7؛‏ يە‌شايا 11:‏6–‏9)‏.‏

10 كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شتىن تولۇ‌ق قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشاش ئۈچۈن چوقۇ‌م قانداق قىلىشىڭىز لازىم؟‏ مە‌سىھ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌بە‌دىي تىرىكلىك بۇ دۇ‌ركى سە‌ن ھە‌قىقىي ۋاھىد [بىردىن-‏بىر] خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن [ئە‌يسا] مە‌سىھنى تونۇ‌غايلار» (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ شۇ‌ڭا داۋاملىق يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ توغرىسىدا بىلىم ئېلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ سىزدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىڭ.‏ شۇ‌ندىلا سىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا مۇ‌يە‌سسە‌ر بولىسىز ۋە شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىز بە‌خت-‏سائادە‌تلىك بولۇ‌پ ئۇ‌نىڭدىن قانائە‌ت ھاسىل قىلىسىز.‏

a مۇ‌شۇ بېشارە‌ت توغرىسىدا «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ 9-‏​بابىدىن كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏

سىز قانداق قارايسىز؟‏

  1. 1،‏ 2.‏ قانداق قىلىپ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىن قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشىيالايسىز؟‏

  2. 3،‏ 4.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا يولىدا مېڭىپ ھايات كە‌چۈرۈش ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق؟‏

  3. 5.‏ تۇ‌رمۇ‌شتىن ھە‌قىقىي قانائە‌ت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش زۆرۈر؟‏

  4. 6،‏ 7.‏ غايىۋى شارائىت ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا قانداق قىلىپ ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟‏

  5. 8.‏ يە‌ھۋا ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

  6. 9.‏ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىنسانلارغا قانداق بە‌خت ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

  7. 10.‏ كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شتىن قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشاش ئۈچۈن چوقۇ‌م قانداق قىلىشىڭىز لازىم؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش