8-قىسم
بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا قايتىش يولى
ئىنسانىيەت خۇدانىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، نەتىجىدە تۇرمۇشى جاپا-مۇشەققەتكە تولۇپ چىرىمەكلىك يولىغا يۈزلەنگەن. بىراق، خۇدا ئۇلارنى تاشلاپ ئۈمىدسىز قويغىنى يوق. مۇقەددەس كىتاب: «مەخلۇقاتلار چىرىمەكلىككە گىرىپتار بولغاندۇر لېكىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇنى چىرىمەكلىكنىڭ ئاستىغا سالغان كىمەرسە [شەخس] نىڭ ھۆكۈمى بىلەن شۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۈمىدى بار. چۈنكى مەخلۇقات ئۆزى چىرىمەكلىكنىڭ قۇللۇقىدىن خالاس بولۇپ خۇدانىڭ بالىلىرىنىڭ جالاللىق [شان-شەرەپلىك] ئازادلىقىغا يېتىشەدۇر» دەپ چۈشەندۈرىدۇ (رىملىقلار 8:20، 21). شۇنداق، خۇدا بىرىنچى بىر جۈپ ئىنساننىڭ ئەۋلادتلىرىغا بىر ئۈمىد بەرگەن. ئاشۇ ئۈمىد بولسا ئىنسانلار ئەجداتلىرىدىن مىراس ئالغان گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن شەكسىز ئازاد بولۇشتۇر. ئۇلار يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. ئۇنداقتا، قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق؟
خۇدا ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بەردى، شۇڭا ئۇلار گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولالايدۇ
2 ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا گۇناھ قىلغاندا، ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى يەر يۈزىدە مەڭگۈ بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈمىدىدىن مەھرۇم قىلغان. ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمە توغرا، نېمە خاتانى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئائىلىسىنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمگە قۇللۇققا ساتقان. ئاشۇ ئائىلىدە تۇغۇلغان ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خۇددى زالىم باشقۇرغۇچى پادىشاھلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يىراق بىر ئارالدا قۇل قىلىنىش ئۈچۈن سولاپ قويۇلغان قۇللارغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ھەقىقەتەن، ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆلۈم بىر پادىشاھ سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ ۋە گۇناھ يەنە بىر پادىشاھ سۈپتىدە ئىنسانىيەتنى قۇل قىلىۋاتىدۇ (رىملىقلار 5:14، 21). قارىماققا ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئەجداتلىرى نېمە دەپ ئۇلارنى قۇللۇققا سېتۋەتكەندۇ، ھە! بىراق، بىر خەير-ساخاۋەتلىك مەرد كىشى، قۇللۇقتىكى ھەممە كىشىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان تۆلەشكە تېگىشلىك بارلىق ھەقنى تۆلەش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتىدۇ. — زەبۇر 51:5؛ 146:4؛ رىملىقلار 8:2.
3 يۇقىرىدىكى مىسالدا سۆزلەنگەن قۇللارنى قۇتقۇزغان كىشى يەھۋا خۇداغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئازادلىق ئۈچۈن ھەق تۆلىگەن ئوغۇل بولسا ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ ئىنسان بولۇپ تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى خۇدانىڭ يالغۇز ئوغلى سۈپىتىدە مەۋجۇت ئىدى (يۇھاننا 3:16). ئۇ يەھۋانىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ياراتقان تۇنجى مەۋجۇداتى بولغان ۋە ئالەمدىكى بارلىق باشقا مەۋجۇداتلار ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن (كولوسىلىقلار 1:15، 16). يەھۋا خۇدا بىر مۆجىزە كۆرسىتىپ، بۇ روھىي ئوغلىنىڭ ھاياتىنى بىر پاك قىزنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگەن. شۇڭا، بوۋاق مۇكەممەل بىر ئىنسان بولۇپ تۇغۇلۇپ، خۇدانىڭ ئادىللىق تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ھەقنى تۆلىيەلىگەن. — لۇقا 1:26–31، 34، 35.
4 ئەيسا تەخمىنەن 30 ياشقا كىرگەن چاغدا، ئۇ ئىئوردان دەرياسىدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەندە، خۇدا مۇقەددەس روھى يەنى ھەرىكەت كۈچى ئارقىلىق ئۇنى تاللاپ ئالاھىدە ۋەزىپە ئورنىغا قويغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەسىھ بولغان (لۇقا 3:21، 22). ئەيسا يەر يۈزىدە ئۈچ يېرىم يىل ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى قىلغان. ئاشۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا، ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى» يەنى ئاسماندىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، ئىنسانىيەتنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەلىم بەرگەن (لۇقا 4:43؛ مەتتا 4:17). ئەيسا پەيغەمبەر ئىنسانلارنى بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا يېتەكلەيدىغان يولنى بىلگەن، شۇڭا ئۇ خۇشاللىق تېپىشنىڭ ئېنىق يېتەكچى پرىنسىپلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە ئېيتىپ بەرگەن. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئېچىپ مەتتا بايان قىلغان خۇش-خەۋەر 5-دىن 7-گىچە بابىدا خاتىرىلەنگەن تاغدىكى ۋەز ئېيتىش نۇتۇقىدىكى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئوقۇپ باقمايسىز؟
ئەگەر بىرسى سىزنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلسا، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرمەمسىز؟
5 ئەيسا ئادەم-ئاتىغا ئوخشىمىغان ئىدى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا خۇداغا ئىتائەتچان بولدى. «ئۇ ئۆزى گۇناھ قىلمىدى» (1-پېترۇس 2:22؛ ئىبرانىيلار 7:26). ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش ھوقۇقى بار ئىدى. بىراق ئۇ، ئادەم-ئاتا يوقاتقاننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ‹ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ› خۇداغا تۆلىدى. ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ھاياتىنى ئازابلىق تۈۋرۈك ياغاچتا قۇربانلىققا بەرگەن ئىدى (يۇھاننا 10:17؛ 19: 17، 18، 28–30؛ رىملىقلار 5:19، 21؛ فىلىپىلىكلەر 2:8). شۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەسىھ تۆلەم بەرگەن. يەنى ئىنسانلارنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەقنى تۆلىگەن (مەتتا 20:28). ئۆزىڭىزنىڭ قان-تەر تۆكۈپ قۇلدەك بىر زاۋۇتتا ئىشلەپ جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشىڭىزنى تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئەگەر بىرى سىزنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرسا ۋە يەنە بىرى ھاياتىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا، سىز ئۇلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرمەي تۇرالامسىز؟ ئاشۇ تۆلەم قۇربانلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش — سىزنىڭ گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولۇپ، خۇدانىڭ چوڭ ئائىلسىگە قايتىپ ھەقىقىي بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزگە يول ئاچقان. — 2-كورىنتلىقلار 5:14، 15.
6 يەھۋانىڭ سىزگە بەرگەن كەڭرى ئىلتىپاتىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش، سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتىن تېپىلغان ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئۆز تۇرمۇشىڭىزدا ئەمەلىي قوللىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، تۇرمۇشتا ئەمەلىي قوللىنىش قىيىن بولغان بىر قائىدە-پرىنسىپنى ئېلىپ ئېيتساق: باشقىلار سىزنى رەنجىتىپ قويغاندا، ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىش. ئىككىنچى دەرستە مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتكەن، كولوسىلىقلار 3-باب 12-دىن 14-گىچە ئايەتلەردىكى سۆزلەر سىزنىڭ يادىڭىزدا بارمىكىن؟ گەرچە سىزنىڭ باشقىلارغا ئاچچىقلىنىپ ئۇلاردىن ئاغرىنىشىڭىز ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ئاشۇ ئايەتلەر سىزنى ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئايەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى باشقا ئايەتلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ: «رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار» (ھ.ز.). يەھۋانىڭ ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى يۈرىكىڭىزدە مەھكەم ساقلىسىڭىز، باشقىلار سىزنى مەيلى قانداق رەنجىتسۇن، سىز ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىشكە تىرىشالايسىز. بولۇپمۇ، خاتالىقىنى تونۇغان ۋە ناماقۇل بولۇپ ئەپۇ سورىغانلارنى ھەم شۇنداق قىلالايسىز.