كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌ت 7-‏قىس.‏ 22-‏24 ب.‏
  • بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە قىيىن؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە قىيىن؟‏
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئادە‌م بىلە‌ن ھاۋا جە‌ننە‌تتە قانداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌ن؟‏
    خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏
  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن قە‌يە‌ردە بولىدۇ؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش
ب‌ت 7-‏قىس.‏ 22-‏24 ب.‏

7-‏قىسم

بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە قىيىن؟‏

نېمە ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تتە تىرىش-‏تىرمىشىپ،‏ ئۆز ھاياتىنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌ھمىيىتىنى تاپالمايدۇ؟‏ «خۇ‌تۇ‌ندىن توغۇ‌لغان ئادە‌م بىئاراملىق بىلە‌ن تولۇ‌پ بىر نە‌چچە كۈن ئۆمۈر كۆرۈپ چېچە‌كدە‌ك چىقىپ ئېچىلىپ ئاندىن بىر سايىدە‌ك ئۆچۈپ كېتىپ توختىمايدۇ‌ر» (‏ئايۇ‌پ 14:‏1،‏ 2)‏.‏ جە‌ننە‌تتىكى بىرىنچى بىر جۈپ ئىنسانغا مە‌لۇ‌م ئىش بولۇ‌پ ئىنسانىيە‌تنىڭ پارلاق كە‌لگۈسى ۋە‌يران قىلىنغان.‏

2 ئىنسانىيە‌تتىن ئىبارە‌ت بۇ ئائىلە ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇ‌م خۇ‌دا بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌ت باغلىشى كېرە‌ك؛‏ ئاشۇ مۇ‌ناسىۋە‌ت رازىمە‌نلىك بىلە‌ن بولىدۇ،‏ ھە‌رگىزمۇ مە‌جبۇ‌رىي ئە‌مە‌س (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 30:‏15–‏20؛‏ يە‌شۇ 24:‏15)‏.‏ كىشىلە‌رنىڭ ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببىتى يە‌نى چىن كۆڭلىدىن يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌شى ۋە ئىبادە‌ت قىلىشىنى خۇ‌دا خالايدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏5)‏.‏ شۇ‌ڭا ئېرە‌م بېغىدا،‏ يە‌ھۋا چە‌كلە‌ش بە‌لگىلمىسى چىقىرىپ،‏ بىرىنچى ئىنسانغا ئۆزىنىڭ سە‌مىمىي ساداقىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر پۇ‌رسە‌ت ھازىرلاپ بە‌رگە‌ن.‏ خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىغا:‏ «باغدىكى ھە‌ممە دە‌رە‌خلە‌ردىن خالىغىنىڭنى يېگە‌يسە‌ن.‏ ئە‌مما ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دە‌رىخىدىن يېمىگىن چۈنكى ئۇ‌نىڭدىن يىگە‌ن كۈنۈڭدە جە‌زمە‌ن ئۆلۈرسە‌ن» دېگە‌ن (‏يارىتىلىش 2:‏16،‏ 17)‏.‏ ئۇ بىر ناھايىتى ئاددى سىناق ئىدى.‏ يە‌ھۋا باغدىكى مېۋىلىك دە‌رە‌خلە‌ر ئارىسىدا،‏ پە‌قە‌ت بىر دە‌رە‌خنىڭلا مېۋىسىنى ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ يېيىشنى چە‌كلىگە‌ن.‏ ئاشۇ دە‌رە‌خ چە‌كسىز ئە‌قىل-‏پاراسە‌تكە تولغان ياراتقۇ‌چىنىڭ نېمىنىڭ توغرىلىقى ۋە نېمىنىڭ خاتالىقىنى بە‌لگىلە‌ش ھوقۇ‌قىغا سىمۋول قىلىنغان.‏ تۇ‌نجى ئىنسان خۇ‌دا چۈشۈرگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قنى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا «بىر ياردە‌م بە‌رگۈچى» سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن ئۆز ئايالى ھاۋا-‏ئانىغا يە‌تكۈزگە‌ن (‏يارىتىلىش 2:‏18)‏.‏ ئۇ‌لار ھە‌ر ئىككىسى بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شتىن يە‌نى خۇ‌دانىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا ياشاشتىن رازى بولۇ‌پ قانائە‌ت ھاسىل قىلغان.‏ ئۆز تە‌شە‌ككۈرلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇ‌نغان ۋە شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھاياتلىق بە‌رگۈچى ياراتقۇ‌چى ئىگىگە ئىپادىلىگە‌ن.‏

3 كېيىنچە بىر كۈنى،‏ بىر يىلان ھاۋا-‏ئانىغا سۆزلە‌پ ۋە ئۇ‌نىڭدىن «خۇ‌دا باغدىكى دە‌رە‌خلە‌رنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمە‌ڭلار دېدىمۇ؟‏» دە‌پ سورىغان.‏ ھاۋا-‏ئانا جاۋاب بېرىپ،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌قە‌ت «باغنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدىكى دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىنى» يە‌نى ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دە‌رىخىنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىنى چە‌كلىگە‌نلىكىنى ۋە شۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نسا،‏ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ —‏ يارىتىلىش 3:‏1–‏3.‏

4 ئاشۇ يىلان كىم؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ھىيلە‌ر قىسىمى «قە‌دىمكى يىلان» بولسا «بارچە دۇ‌نيانى ئازدۇ‌رغۇ‌چى ئىبلىس ۋە شە‌يتان» دە‌پ ئاشكارىلايدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9)‏.‏ ئىبلىس شە‌يتاننى خۇ‌دا ياراتقانمۇ؟‏ ياق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىشلىرى مۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە ياخشىدۇ‌ر (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىر روھىي زات ئۆزىنى ئىبلىس ۋە شە‌يتانغا ئايلاندۇ‌رغان.‏ ئىبلىس مە‌نىسى «تۆھمە‌ت قىلغۇ‌چى» ۋە شە‌يتان مە‌نىسى «قارشىلاشقۇ‌چى».‏ شە‌يتان ‹ئۆز ھە‌ۋە‌سلىرىنىڭ كە‌ينىگە كېرىپ›،‏ ئۆزىنى خۇ‌داغا تە‌ئە‌للۇ‌ق ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا ھە‌ۋە‌س قىلغان.‏ ئۇ ياراتقۇ‌چىسىغا قارشى ئىسىيان كۆتۈرۈشنى باشلىغان.‏ —‏ ياقۇ‌پ 1:‏14،‏ ھ.‏ز.‏

5 شە‌يتان ئىبلىس بېرىپ ھاۋا-‏ئانىغا:‏ «ھە‌رگىز ئۆلمە‌يسىز.‏ بە‌لكى قايسى كۈن مۇ‌نىڭدىن يېسىڭىز كۆزلىرىڭىز ئېچىلىپ ياخشى يامانلىقنى بىلىشتە خۇ‌دادە‌ك بولۇ‌پ قېلىشىڭىزنى خۇ‌دا ئۆزى بىلۇ‌ر» دېدى (‏يارىتىلىش 3:‏4،‏ 5)‏.‏ شە‌يتان ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دە‌رىخىنىڭ مېۋىسىنى قارىماققا جە‌لىپ قىلارلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ماھىيە‌تتە،‏ ئۇ:‏ ‹خۇ‌دا ياخشى نە‌رسىنى سە‌ندىن ئاياپ ساقلاپ قالدى.‏ دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن يە،‏ سە‌ن خۇ‌داغا ئوخشاش ئۆزۈڭ ئۈچۈن نېمە ياخشى ۋە نېمە ياماننى بە‌لگىلە‌شكە قادىر بولالايسە‌ن› دە‌پ مۇ‌نازىرە قىلغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ شە‌يتان ئاۋالقىدە‌كلا مۇ‌شۇ بە‌س-‏مۇ‌نازىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتىن توسۇ‌پ قالماقتا.‏ ئۇ:‏ «نېمە ئىش قىلىشنى خالىساڭ،‏ شۇ‌نى قىل.‏ سە‌ن ھايات بە‌رگۈچىگە قە‌رزدار ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭغا پە‌رۋا قىلما» دە‌پ ئۇ كىشىلە‌رنى قۇ‌تراتماقتا.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11.‏

6 ھاۋا-‏ئانىنىڭ كۆزىگە دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسى توساتتىنلا ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنۈپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن نە‌پسىنى تارتىش تە‌س بولغان بىر نە‌رسىگە ئايلانغان.‏ ھاۋا-‏ئانا مېۋىنى ئۈزۈپ ئۇ‌نى يېگە‌ن ۋە ئۇ مېۋىدىن ئېرىگە بە‌رگە‌ن.‏ گە‌رچە مېۋىنى يېيىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن تولۇ‌ق خە‌ۋە‌ردار بولسىمۇ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ئايالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مېۋىنى يېگە‌ن.‏ نە‌تىجىسى قانداق بولدى؟‏ يە‌ھۋا ئايالغا تۆۋە‌ندىكىدە‌ك ھۆكۈم ئېلان قىلدى:‏ «ھامىلە‌لىكىڭنىڭ مۇ‌شە‌ققىتىنى ناھايىتى زىيادە قىلۇ‌رمە‌ن.‏ سە‌ن بولساڭ دە‌رد بىلە‌ن بالا تۇ‌غۇ‌پ تېخى ئېرىڭگە ئىشتىياق تارتارسە‌ن.‏ ئۇ بولسا ئۈستۈڭگە خوجىلىق قىلماقچى بولۇ‌ر».‏ ئۇ‌نداقتا ئادە‌م-‏ئاتىچۇ؟‏ «يە‌ر سېنىڭ ئۈچۈن مە‌لئۇ‌ن [لە‌نىتى] بولۇ‌پ ئۆمرۈڭنىڭ تامام كۈنلىرىدە مۇ‌شە‌ققە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌نىڭدىن يە‌رسە‌ن.‏ ئۇ ساڭا تىكە‌ن بىلە‌ن يانتاق ئۈندۈرور ۋە سە‌ن يە‌رنىڭ گىياھلىرىنى يە‌پ يە‌رگە يانغۇ‌چىلىك يۈزۈڭنىڭ تە‌رى بىلە‌ن نان يە‌رسە‌ن چۈنكى سە‌ن يە‌ردىن ئېلىنىپ ئە‌سلىڭ تۇ‌پراق بولغاچ يە‌نە تۇ‌پراققا يانارسە‌ن».‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئۆزلىرىنىڭ ئۇ‌سۇ‌لى بىلە‌ن بە‌خت-‏سائادە‌ت ۋە قانائە‌ت ھاسىل قىلىشنى ئىزدىدى.‏ ئىنسانىيە‌ت خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ مە‌قسىتىنى ئورۇ‌نلىماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىنى بە‌خت-‏سائادە‌تلىك قىلىپ تۇ‌رمۇ‌شىدا قانائە‌ت ھاسىل قىلالامدۇ؟‏ ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق بىلە‌ن قىلدىغان خىزمىتى بار بولغان.‏ يە‌نى ئۇ‌لار گۈزە‌ل باغ جە‌ننە‌تتىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ،‏ ئاشۇ باغنى يە‌ر يۈزىنىڭ ھە‌ممە جايلىرىغا كېڭە‌يتە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر ئىنسانىيە‌تنىڭ جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌ت ئىچىدە تە‌رلە‌پ-‏پىشىپ ئىشلىشى پە‌قە‌ت قورساق تويغۇ‌زۇ‌پ جان ساقلاش ئۈچۈندۈر،‏ ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چى ئىگىگە شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمايدۇ.‏ —‏ يارىتىلىش 3:‏6–‏19.‏

7 ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دە‌رىخىنىڭ مېۋىسىنى يېگە‌ن ئاشۇ كۈندە،‏ بىرىنچى بىر جۈپ ئىنسان خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدە ئۆلگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌دىنىمۇ ئاستا-‏ئاستا قېرىپ ئاخىرىدا ئۆلگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى توغرىسىدا ئېنىق ئۇ‌چۇ‌رلارنى بېرىدۇ.‏ «ئۆلۈرمىز دە‌پ تىرىك تۇ‌رغانلار بىلە‌دۇ‌ر لېكىن ئۆلۈكلە‌ر ھېچ نېمە بىلمە‌س.‏ ئۇ‌لارغا يە‌نە ئە‌جىر يوقتۇ‌ر بە‌لكى ئۇ‌لارنىڭ زىكرى [ئە‌سلىمىسى] ئونۇ‌تۇ‌لۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 9:‏5؛‏ زە‌بۇ‌ر 146:‏4)‏.‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌نە ھايات ياشايدىغان «روھ» يوق.‏ گۇ‌ناھنىڭ جازاسى ئۆلۈم،‏ ھە‌رگىزمۇ دوزاختا مە‌ڭگۈ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك سوراققا تارتىلىش ئە‌مە‌س.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆلۈكلە‌ر ئاسمانغا چىقىپ مە‌ڭگۈ بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشمە‌يدۇ.‏a

8 ئىچىگە كىرىپ كە‌تكە‌ن ئويمان جايى بار تورت پۇ‌شۇ‌رۇ‌شتا ئىشلىتىلىدىغان پە‌تنۇ‌س قېلىپتا،‏ پە‌قە‌ت بىر ئويمان ئىز ياكى بە‌لگە بار تورتنى پۇ‌شۇ‌رغىلى بولغاندە‌ك،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ئە‌ر-‏ئايال پە‌قە‌ت مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س پە‌رزە‌نتلە‌رنى نە‌سىل قالدۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىشلارنىڭ مۇ‌شۇ جە‌ريانىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «يالغۇ‌ز بىر ئادە‌منىڭ ۋاستىسى بىرلە دۇ‌نياغا گۇ‌ناھ كىردى ۋە گۇ‌ناھنىڭ ۋاستىسى بىرلە ئۆلۈم كە‌لدى ۋە ھە‌ممىسى گۇ‌ناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە يېتىپتۇ‌ر» (‏رىملىقلار 5:‏12)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ھە‌ممىمىز تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىمىزدىن گۇ‌ناھكار بولۇ‌پ توغۇ‌لغان ۋە چىرىمە‌كلىككە دۇ‌چار بولغان.‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ كېيىنكى ئە‌ۋلاتلىرىنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى ئوڭۇ‌شسىزلىققا تولۇ‌پ جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلىك بولغان.‏ بىراق،‏ بىر چىقىش يولى بارمۇ؟‏

a يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ 6-‏​بابىدا ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى توغرىسىدا كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلار بار.‏

سىز قانداق قارايسىز؟‏

  1. 2،‏ 1.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا «ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دە‌رىخىدىن» يېيىشنى چە‌كلىگە‌ن؟‏

  2. 3–‏6.‏ ئىنسانىيە‌تتىن ئىبارە‌ت بۇ ئائىلىگە،‏ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنى جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلىك قىلىدىغان نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

  3. 7.‏ ئىنسانلار ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏

  4. 8.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھە‌ممىمىز ئۆلىمىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش