كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 6-‏باپ 57-‏65 ب.‏
  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن قە‌يە‌ردە بولىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن قە‌يە‌ردە بولىدۇ؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولىدۇ؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆلۈم توغرىسىدا نېمە ئېيتقان
  • ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ؟‏
  • ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش پايدىلىق
  • ئۇ‌لار شە‌يتاننىڭ سۆزىگە كىرىپ،‏ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟‏
    خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏
  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 6-‏باپ 57-‏65 ب.‏

6-‏باب

ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن قە‌يە‌ردە بولىدۇ؟‏

  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولىدۇ؟‏

  • نېمە ئۈچۈن بىز ئۆلىمىز؟‏

  • ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زالامدۇ؟‏

1–‏3.‏ ئۆلۈم توغرىسىدا كىشىلە‌ر قانداق سوئاللارنى سورىشىدۇ؟‏ ئوخشاش بولمىغان دىنلار قانداق جاۋابلارنى بېرىدۇ؟‏

يۇ‌قىرىدىكى سوئاللار توغرىسىدا كىشىلە‌ر نە‌چچە مىڭ يىل ئىزدە‌نگە‌ن.‏ ئاشۇ مۇ‌ھىم سوئاللاردۇ‌ر.‏ مە‌يلى كىم بولىشىمىزدىن ياكى قە‌يە‌ردە ياشىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئاشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى بىز ھە‌ربىرىمىز بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏

2 ئالدىنقى بابتا،‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى قانداق قىلىپ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا يول ئاچقانلىقى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلغان ئىدۇ‌ق.‏ بىز يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئالدىن ئېيتقان:‏ كە‌لگۈسىدە «ئۆلۈم يە‌نە بولماس» دېگە‌ن بېشارە‌تنى كۆرگە‌ن (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4)‏.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر ھە‌ربىرىمىز ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايمىز.‏ قە‌دىمدە ناھايىتى دانا پادىشاھ،‏ سۇ‌لايمان پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «ئۆلىمىز دە‌پ تىرىك تۇ‌رغانلار بىلە‌دۇ‌ر» دېگە‌ن (‏ۋە‌ز 9:‏5)‏.‏ ھە‌ربىرىمىز ئۇ‌زۇ‌ن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە ئۇ‌زۇ‌نراق ياشاشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ باقىمىز.‏ يە‌نە،‏ بىز ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھە‌م بىلگىمىز كېلىدۇ.‏

3 بىزنىڭ يېقىن ئادە‌ملىرىمىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ ناھايىتى قايغۇ‌رىمىز.‏ ھە‌مدە قە‌لبىمىزدە تۆۋە‌ندىكىدە‌ك سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن:‏ ‹ئۇ‌لارغا زادى نېمە بولىدىغاندۇ؟‏ ئۇ‌لار ئازاب چېكە‌مدىغاندۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌رۋاھلىرى بىزنى قوغدامدىغاندۇ؟‏ بىز ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ بىز ئۇ‌لارنى قايتا كۆرە‌لە‌مدۇ‌ق؟‏› مۇ‌شۇ سوئاللارغا دۇ‌نيادىكى ئوخشاش بولمىغان دىنلار ھە‌رخىل جاۋابلارنى بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى دىنلار:‏ ياخشى ئىش قىلغان ئادە‌ملە‌ر ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئاسمانغا ياكى جە‌ننە‌تكە بارىدۇ،‏ يامان ئىش قىلغان ئادە‌ملە‌ر ئۆلگە‌ندىن كېيىن دوزاخقا بارىدۇ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زى دىنلار:‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن روھلار دۇ‌نياسىغا بېرىپ ئۆز ئە‌جدادلىرى بىلە‌ن كۆرۈشىدۇ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ يە‌نە باشقىلىرى بولسا:‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن سوتلىنىپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ ۋە قايتا ھايات بولۇ‌پ شە‌كىللىنىدۇ —‏ يە‌نى قايتىدىن باشقا بىر ئىنسان تېنىدە دۇ‌نياغا تۇ‌غۇ‌لىدۇ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏

4.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان دىنلاردا ئۆلۈم توغرىسىدا قايسى ئاساسىي ئورتاق ئىدىيە بار؟‏

4 ئاشۇ دىنلارنىڭ دىنىي تە‌لىملىرىنىڭ ھە‌ممىسىدە بىر ئاساسىي ئورتاق چۈشە‌نچە بار.‏ ئۇ بولسىمۇ،‏ ئادە‌م بە‌دىنىدىكى مە‌لۇ‌م بىر نە‌رسە ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىنمۇ يە‌نە مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ داۋاملىق ياشايدۇ دېگە‌ندىن ئىبارە‌تتۇ‌ر.‏ قە‌دىمدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە،‏ بارلىق دىنلار دېگۈدە‌ك:‏ ئادە‌ملە‌ر مە‌لۇ‌م نۇ‌قتىدىن قارىغاندا مە‌ڭگۈ ياشايدۇ،‏ تە‌ن ئۆلسىمۇ بىز يە‌نە كۆرە‌لە‌يمىز،‏ ئاڭلىيالايمىز ۋە ئويلىيالايمىز دە‌پ قارايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ قانداقمۇ مۇ‌مكىن بولىدۇ؟‏ بىزنىڭ سە‌زگۈمىز ۋە ئوي-‏پىكىرىمىز مېڭىمىزنىڭ ئىقتىدارى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ ئۆلگە‌ندە مېڭە ئىقتىدارى ئىشتىن توختايدۇ.‏ بىزنىڭ ئە‌سلىمىمىز،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىز ھە‌مدە سە‌زگۈمىز داۋاملىق ئۆز ئىقتىدارىنى تە‌ندىن ئايرىلىپ ئالاھىدە سىرلىق يوللار بىلە‌ن ساقلاپ قېلىشى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى مېڭە ئۆلسە،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە ئىقتىدارى تە‌ڭ يوقىلىدۇ.‏

ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولىدۇ؟‏

5،‏ 6.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆلۈك ئادە‌منىڭ ئە‌ھۋالى توغرىسىدا بىزگە نېمە ئۆگىتىدۇ؟‏

5 ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئۈچۈن سىرلىق ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئىنساننى ياراتقان.‏ ئۇ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىدۇ.‏ ئۇ ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئۆلۈك ئادە‌منىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:‏ ئادە‌م ئۆلسە،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قى توختايدۇ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ قارمۇ-‏قارشىدۇ‌ر.‏ ئۆلۈك ئادە‌م كۆرمە‌يدۇ،‏ ئاڭلىمايدۇ ياكى ئويلىمايدۇ.‏ ھە‌تتا بىزنىڭ بە‌دىنىمىز ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌نە داۋاملىق مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ ياشايدىغان مە‌لۇ‌م كۆرۈنمە‌يدىغان بىر قىسىمىمىز بولمايدۇ.‏ بىزدە مە‌ڭگۈ ئۆلمە‌يدىغان روھ ياكى جان يوق.‏a

ئوت يالقۇ‌نى قە‌يە‌رگە غايىب بولدى؟‏

6 سۇ‌لايمان پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ ھايات كىشىلە‌ر ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ دە‌پ ئېيتقان.‏ يە‌نە ئۇ:‏ «ئۆلۈكلە‌ر ھېچ نېمە بىلمە‌س‏» دە‌پ يازغان.‏ ئۇ تېخىمۇ ئېنىقراق ئاساسىي ھە‌قىقە‌تنى ئېچىپ:‏ ئۆلۈكلە‌ردە نە مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ نە نە‌پرە‌ت يوق دە‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى —‏ گۆردە «خاھ [مە‌يلى] ئىش خاھ پىكىر قىلىش خاھ بىلىشلىك خاھ دانالىق يوقتۇ‌ر» دېگە‌ن ئايە‌تنى يېزىپ قالدۇ‌رغان ‏(‏ۋە‌ز 9:‏5،‏ 6،‏ 10)‏.‏ يە‌نە زە‌بۇ‌ر 146-‏​باب 4-‏​ئايە‌تتە:‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندە «مە‌سلىھە‌تلىرى يوق بولۇ‌پ كە‌تمە‌مدۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان.‏ مۇ‌شۇ‌لاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ بىز ئۆلىمىز ۋە ئۆلگە‌ندە ھە‌ممە نە‌رسە بىراقلا يوقىلىدۇ.‏ بىزنىڭ ھاياتىمىز خۇ‌ددى كۆيۈۋاتقان شامنىڭ يالقۇ‌نىغا ئوخشايدۇ.‏ شام ئۆچۈپ قالسا،‏ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇ‌نى يوقالغاندە‌ك بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ يوقىلىدۇ خالاس.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆلۈم توغرىسىدا نېمە ئېيتقان

7.‏ ئۆلۈمنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئە‌يسا مە‌سىھ قانداق چۈشە‌ندۈردى؟‏

7 ئە‌يسا ئۆلۈك ئادە‌منىڭ ئە‌ھۋالى توغرىسىدا سۆزلىگە‌ن.‏ ئۇ ئوبدان تونۇ‌يدىغان لازار ئىسمىلىك بىر كىشى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە:‏ «دوستىمىز لازار ئۇ‌خلاپتۇ‌ر» دېگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى ئە‌يسا مە‌سىھ لازارنىڭ كېسە‌لدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئارام ئېلىپ ئۇ‌خلىغانلىقىنى ئېيتقان ئوخشايدۇ دە‌پ ئويلاپ قالغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى كۆزدە تۇ‌تمىغان.‏ ئۇ:‏ «لازار ئۆلۈپتۇ‌ر» دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 11:‏11–‏14)‏.‏ دىققە‌ت قىلىپ باقساق،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆلۈمنى ئارام ئېلىش ۋە ئۇ‌يقۇ‌غا سېلىشتۇ‌رغان.‏ لازار جە‌ننە‌تتە ياكى ئوت كۆيۈۋاتقان دوزاختا بولمىغان.‏ ئۇ پە‌رىشتىلە‌ر ياكى ئە‌جدادلىرى بىلە‌ن كۆرۈشمىگە‌ن.‏ ئۇ باشقا بىر ئىنساننىڭ تېنىدە قايتىدىن بۇ دۇ‌نياغا تۇ‌غۇ‌لمىغان.‏ خۇ‌ددى چۈشمۇ كۆرمە‌ي قاتتىق ئۇ‌خلىغان ئادە‌مگە ئوخشاش،‏ ئۇ ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئارام ئالغان.‏ باشقا ئايە‌تلە‌رمۇ ئوخشاش ئۆلۈمنى ئۇ‌يقۇ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىستىپان ئىسىملىك بىر شاگىرت چالما-‏كېسە‌ك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌ن بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ ئۇ «ئۆلۈمدە ئۇ‌خلىدى» دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 7:‏60)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ھە‌م ئۆز خېتىدە ئە‌يسانىڭ بە‌زى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى توغرىسىدا:‏ ئۇ‌لار ئاللىقاچان «ئۆلۈمدە ئۇ‌خلاپتۇ‌ر» دە‌پ تىلغا ئالغان.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏6.‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىنسانلارنى يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ياشىسۇ‌ن دە‌پ ياراتقان

8.‏ ئاللانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن مە‌قسىتى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشى ئە‌مە‌سلىكىنى بىز قانداق بىلىمىز؟‏

8 ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆلۈشى،‏ ئاللانىڭ دە‌سلە‌پكى مە‌قسىتىمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ياق!‏ ئاللا يە‌ھۋا ئىنساننى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈچۈن ياراتقان.‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى بابلىرىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئاللا بىرىنچى بىر جۈپ ئىنساننى شاد-‏خۇ‌راملىققا تولغان جە‌ننە‌تكە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا بە‌خت-‏سائادە‌ت ئاتا قىلىپ ئۇ‌لارغا مۇ‌كە‌ممە‌ل ساغلام تە‌ن بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا پە‌قە‌ت ئۇ‌لارغا ياخشى بولۇ‌شنى خالىغان.‏ قايسى بىر مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتا-‏ئانا ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ ئازابلىق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈپ قېرىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالايدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ھېچقانداق ئاتا-‏ئانا خالىمايدۇ!‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىنى سۆيگە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ر يۈزىدە تۈگىمە‌س شاد-‏خۇ‌راملىقتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشىنى خالىغان ئىدى.‏ ئىنسانلار توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا «ئە‌بە‌دىلىكنى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆڭۈللىرىدە قويۇ‌پتۇ‌ر» دە‌پ ئېيتقان (‏ۋە‌ز 3:‏11)‏.‏ ئاللا بىزنى مە‌ڭگۈ ياشاش ئارزۇ-‏ئۈمىدى بىلە‌ن بىللە ياراتقان ۋە بىزنىڭ ئاشۇ ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىزنىڭ ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئايلىنىشى ئۈچۈن يول ئاچقان.‏

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ؟‏

9.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتىغا قانداق چە‌كلە‌ش بۇ‌يرۇ‌قى بە‌رگە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌شۇ بۇ‌يرۇ‌ققا ئىتائە‌ت قىلىش قىيىن ئە‌مە‌س ئىدى؟‏

9 ئۇ‌نداقتا،‏ ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ؟‏ جاۋاب تېپىش ئۈچۈن،‏ يە‌رشارىدا پە‌قە‌ت بىر ئە‌ر ۋە بىر ئايال بار بولغان ئاشۇ چاغدا نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «خۇ‌دا بولسا يە‌رنىڭ ئۆزىدە كۆرۈنىشى چىرايلىق بولۇ‌پ يېيىشكە ياخشى بولغان ھە‌ر قىسىم دە‌رە‌خنى .‏.‏.‏ ئۈندۈرۈپ چىقارغان ئىدى» دە‌پ چۈشە‌ندۈرىدۇ (‏يارىتىلىش 2:‏9)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىغا بىر چە‌كلە‌ش بۇ‌يرۇ‌قى بېرىپ:‏ «باغدىكى ھە‌ممە دە‌رە‌خلە‌ردىن خالىغىنىڭنى يېگە‌يسە‌ن.‏ ئە‌مما ياخشى يامانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىلىم دە‌رىخىدىن يېمىگىن.‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭدىن يېگە‌ن كۈنىڭدە جە‌زمە‌ن ئۆلۈرسە‌ن دېدى» (‏يارىتىلىش 2:‏16،‏ 17)‏.‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌ققا ئىتائە‌ت قىلىش قىيىن ئە‌مە‌س ئىدى.‏ چۈنكى،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا مېۋىسىدىن يېيىشىگە بولىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن باشقا دە‌رە‌خلە‌ر بار ئىدى.‏ بىراق ئۇ‌لارغا بېرىلگە‌ن ئاشۇ بۇ‌يرۇ‌ق مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا بېرىلگە‌ن ھە‌ممە نە‌رسە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالاھىدە بىر پۇ‌رسە‌تنى خۇ‌دا ئۇ‌لارغا يارىتىپ بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار ئاشۇ بۇ‌يرۇ‌ققا ئىتائە‌ت قىلغان بولسا،‏ ئۇ‌لار ئاسماندىكى ئاتىنىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىگە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن كۆرسە‌تمىلىرىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى كۆرسىتە‌لە‌يتتى.‏

10،‏ 11.‏ (‏1)‏ تۇ‌نجى بىر جۈپ ئىنسان قانداق قىلىپ خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغان؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئىتائە‌تسىزلىكى ناھايىتى ئېغىر گۇ‌ناھ؟‏

10 ناھايىتى ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ ئاشۇ تۇ‌نجى بىر جۈپ ئىنسان تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشنى تاللىغان.‏ شە‌يتان يىلان ئارقىلىق سۆزلە‌پ ھاۋا-‏ئانىدىن:‏ «خۇ‌دا باغدىكى دە‌رە‌خلە‌رنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمە‌ڭلار دېدىمۇ؟‏» دە‌پ سورىغاندا،‏ ھاۋا-‏ئانا جاۋاب بېرىپ:‏ «باغدىكى دە‌رە‌خلە‌رنىڭ مېۋىسىدىن يە‌رمىز.‏ ئە‌مما باغنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدىكى دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىنىڭ توغرىسىدا خۇ‌دا سۆز قىلىپ:‏ مۇ‌نىڭدىن يېمە‌ڭلار قولمۇ تە‌گكۈزمە‌ڭلار بولمىسا ئۆلۈپ قالۇ‌رسىز دە‌پ ئېيتتى دېدى».‏ —‏ يارىتىلىش 3:‏1–‏3.‏

11 شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىغا:‏ «ھە‌رگىز ئۆلمە‌يسىز بە‌لكى قايسى كۈن مۇ‌نىڭدىن يېسىڭىز كۆزلىرىڭىز ئېچىلىپ ياخشى يامانلىقنى بىلىشتە خۇ‌دادە‌ك بولۇ‌پ قېلىشىڭىزنى خۇ‌دا ئۆزى بىلۇ‌ر دېدى» (‏يارىتىلىش 3:‏4،‏ 5)‏.‏ شە‌يتان،‏ ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئاشۇ چە‌كلە‌نگە‌ن مېۋىنى يېيىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشە‌لە‌يمە‌ن دە‌پ ئىشىنىشىنى خالىغان.‏ شە‌يتاننىڭ دېگىنى بويىچە،‏ ھاۋا-‏ئانىدا ئۆزى ئۈچۈن نېمە توغرا ۋە نېمە خاتا ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇ‌قى بار بولغان؛‏ ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ‌نى قىلىش ھوقۇ‌قى بولغان.‏ شە‌يتان يە‌نە پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى ئاشۇ چە‌كلە‌نگە‌ن مېۋىنى يېيىشنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا يالغان ئېيتىدۇ دە‌پ خۇ‌داغا تۆھمە‌ت قىلغان ئىدى.‏ ھاۋا-‏ئانا شە‌يتانغا ئىشە‌ندى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ ئاشۇ چە‌كلە‌نگە‌ن مېۋىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ يېدى.‏ ئۇ يە‌نە ئاشۇ مېۋىدىن ئۆز ئېرىگە بە‌ردى.‏ ئۇ‌نىڭ ئېرىمۇ ئۇ مېۋىدىن يېدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاللانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا ئىتائە‌ت قىلماسلىقى ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌لارنىڭ بىلمىگە‌نلىكىدىن ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئاللا ئۇ‌لارنىڭ قىلىشىنى چە‌كلىگە‌ن ئىش ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئاشۇ چە‌كلە‌نگە‌ن مېۋىنى يېيىش ئارقىلىق ئۇ‌لار ئاددىي ۋە ئورۇ‌نلۇ‌ق ئاشۇ بۇ‌يرۇ‌ققا قە‌ستە‌ن ئىتائە‌تسىزلىك قىلغان.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسى ۋە ئۇ‌نىڭ ھوقۇ‌قىنى كۆزگە ئىلمىغان.‏ ئاشۇ‌نداق ھۆرمە‌تسىزلىك ئۇ‌لارنىڭ مېھرى-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىسىنىڭ كۆز ئالدىدا كە‌چۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر گۇ‌ناھ!‏

12.‏ نېمە بىزگە ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا قارشى چىققاندا ئۇ‌نىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ؟‏

12 مۇ‌نداق بىر مىسال قىلايلى:‏ ئە‌گە‌ر سىزنىڭ ناھايىتى جاپادا چوڭ قىلغان بىر ئوغۇ‌ل ياكى قىزىڭىز سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ سىزنى ھۆرمە‌تلىمىسە ياكى مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تمىسە قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟‏ ئاشۇ سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى پىچاق سانجىغاندە‌ك ئاغرىتىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا قارشى چىقىشى ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئاغرىتقان،‏ ھە!‏

ئادە‌م-‏ئاتا تۇ‌پراقتىن كە‌لگە‌ن ئۇ يە‌نە تۇ‌پراققا قايتقان

13.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتا ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا نېمە ئېيتقان،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى نېمە ئىشنى كۆزدە تۇ‌تقان؟‏

13 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ،‏ ئىتائە‌تسىز ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتتىن داۋاملىق بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شقا رۇ‌خسە‌ت قىلىشىغا سە‌ۋە‌ب قالمىدى.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا ئېيتقاندە‌ك ئۇ‌لار ئۆلدى.‏ ئە‌مدى ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا مە‌ۋجۇ‌ت ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لار ھە‌رگىزمۇ روھلار دۇ‌نياسىغا كە‌تمىدى.‏ بىز قانداق بىلىمىز؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغاندىن كېيىن ئۇ‌نىڭغا جازا ھۆكۈم قىلىپ،‏ ئادە‌م-‏ئاتىغا:‏ «سە‌ن يە‌ردىن ئېلىنىپ ئە‌سلىڭ تۇ‌پراق بولغاچ يە‌نە تۇ‌پراققا يانارسە‌ن دېدى» (‏يارىتىلىش 3:‏19)‏.‏ خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتىنى يە‌ردىكى تۇ‌پراقتىن ياراتقان (‏يارىتىلىش 2:‏7)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا يارىتىلىشتىن ئىلگىرى مە‌ۋجۇ‌ت ئە‌مە‌س ئىدى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ئادە‌م-‏ئاتىغا تۇ‌پراققا قايتىسە‌ن دېگىنى،‏ مە‌ۋجۇ‌ت ئە‌مە‌س ھالە‌تكە قايتىدىغانلىقىنى يە‌نى ئۆزى ياسالغان تۇ‌پراقتە‌ك جانسىز بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇ‌تقان.‏

14.‏ بىز نېمە ئۈچۈن ئۆلىمىز؟‏

14 ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا بۈگۈنگىچە ياشىيالايتتى،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار ئاللاغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشنى تاللاپ چوڭ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىك سە‌ۋە‌بلىك ئۆلدى.‏ بىزنىڭ ئۆلىشىمىزدىكى سە‌ۋە‌ب بولسا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئە‌ۋلادلىرى بولغان بىزلە‌ر گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمگە ۋارىس بولدۇ‌ق ‏(‏رىملىقلار 5:‏12)‏.‏ ئاشۇ گۇ‌ناھ خۇ‌ددى بىر قورقۇ‌نچلۇ‌ق ئىرسىيە‌تلىك كېسە‌لگە ئوخشاش بولۇ‌پ،‏ ھېچ كىم قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايدۇ.‏ گۇ‌ناھنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم بولغاچ،‏ ئۇ ئىنسانلارغا ئوقۇ‌لغان لە‌نە‌تتۇ‌ر.‏ ئۆلۈم بىر دۈشمە‌ندۇ‌ر،‏ ھە‌رگىزمۇ دوست ئە‌مە‌س (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏26)‏.‏ بىزنى مۇ‌شۇ قورقۇ‌نچلۇ‌ق دۈشمە‌ننىڭ قولىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان تۆلە‌م ئۈچۈن قانچىلىك مىننە‌تدارمىز،‏ ھە!‏

ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش پايدىلىق

15.‏ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش نېمە ئۈچۈن كۆڭۈلنى تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زىدۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى توغرىسىدا نېمە ھە‌قىقە‌ت بارلىقىنى بىلىش كۆڭۈلنى تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زىدۇ.‏ بىز كۆرۈپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئۆلۈك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدۇ ياكى كۆڭلى ئازابلانمايدۇ.‏ ئۇ‌لاردىن قورقۇ‌شنىڭ ھاجىتى يوق،‏ ئۇ‌لار بىزگە زىيانكە‌شلىك قىلالمايدۇ.‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج ئە‌مە‌س ۋە بىزگە ياردە‌م بېرە‌لمە‌يدۇ.‏ بىز ئۇ‌لار بىلە‌ن پاراڭلىشالمايمىز،‏ ئۇ‌لارمۇ ھە‌م بىز بىلە‌ن پاراڭلىشالمايدۇ.‏ بىراق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن دىنىي يېتە‌كچىلە‌ر يالغانچىلىق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئۆلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ ھە‌مدە ئاشۇ دىنىي يېتە‌كچىلە‌رگە ئىشە‌نگە‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌لارغا پۇ‌ل بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىزنى ئاشۇ‌نداق يالغاننى ئۆگىتىدىغان كىشىلە‌رنىڭ ئالداپ كېتىشىدىن قوغدايدۇ.‏

16.‏ نۇ‌رغۇ‌ن دىنلارنىڭ ئۆگىتىدىغان تە‌لىمىگە كىم تە‌سىر كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ قايسى ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن؟‏

16 كۆپلىگە‌ن دىنلارنىڭ ئۆلۈم توغرىسىدا ئۆگە‌تكە‌ن تە‌لىمى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌لىمى بىلە‌ن ئوخشاشمۇ؟‏ ياق.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌لىمى شە‌يتاننىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ شە‌يتان يالغان دىن ئارقىلىق كىشىلە‌رنى ئادە‌منىڭ جىسمى ئۆلگە‌ندىن كېيىن روھلار دۇ‌نياسىغا بېرىپ داۋاملىق ياشايدۇ دە‌پ ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ يالغانچىلىق ۋە باشقا يالغانچىلىقلىرىنى ئىشلىتىپ شە‌يتان كىشىلە‌رنى ئاللا يە‌ھۋادىن يىراقلاشتۇ‌رىدۇ.‏ شە‌يتان مۇ‌شۇ مە‌قسىتىگە قانداق يېتىدۇ؟‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن مە‌ڭگۈلۈك ئازابلاش توغرىسىدىكى تە‌لىم يە‌ھۋاغا قىلىنغان ھاقارە‌ت؟‏

17 ئالدىنقى ئابزاسلاردا ئۆگە‌نگە‌ندە‌ك،‏ بە‌زى دىنلار:‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى ھايات چېغىدا يامان ئىش قىلسا،‏ ئۆلگە‌ندىن كېيىن مە‌ڭگۈلۈك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت تارتىش ئۈچۈن ئوت يالقۇ‌نلاپ تۇ‌رغان جايغا بارىدۇ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ بۇ تە‌لىملە‌ر ئاللا يە‌ھۋانى ھاقارە‌تلىگە‌نلىك،‏ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىگىسى يە‌ھۋا ھە‌رگىز كىشىلە‌رنى يالقۇ‌نلاپ تۇ‌رغان ئوتتا ئازابلىمايدۇ ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8)‏.‏ بالىسىنىڭ ئىتائە‌تسىزلىكنى جازالاش ئۈچۈن ئۆز بالىسىنىڭ قوللىرىنى كۆيۈۋاتقان ئوتقا تىققان ئادە‌منى كۆرسىڭىز،‏ سىز قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟‏ سىز ئاشۇ ئادە‌منى ھۆرمە‌تلە‌مسىز؟‏ ھە‌مدە ئاشۇ كىشى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شنى خالامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ سىز ئېھتىمال ئۇ ئادە‌منى ناھايىتى شە‌پقە‌تسىز ئادە‌م ئىكە‌ن دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شە‌يتان دە‌ل بىزنىڭ يە‌ھۋانى ئادە‌ملە‌رنى يالقۇ‌نلاپ تۇ‌رىدىغان دوزاخ ئوتىدا مە‌ڭگۈ كۆيدۈرۈپ ئازابلايدىغان ئاللا دە‌پ ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ.‏

18.‏ ئۆلۈكلە‌رگە چوقۇ‌نۇ‌ش قايسى دىنىي يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇ‌رۇ‌لغان؟‏

18 شە‌يتان يە‌نە بە‌زى دىنلاردىن پايدىلىنىپ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئە‌رۋاھقا ئايلىنىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار بىز ھايات ياشىغۇ‌چىلار تە‌رىپىدىن چوقۇ‌م ھۆرمە‌تلىنىشى كېرە‌ك دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ مۇ‌شۇ تە‌لىملە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئۆلۈكلە‌رنىڭ روھلىرى كۈچلۈك دوستقا ياكى قورقۇ‌نچلۇ‌ق دۈشمە‌نگە ئايلىنالايدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر مۇ‌شۇ يالغانچىلىققا ئىشىنىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لار ئۆلۈكلە‌ردىن قورقىدۇ،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ ۋە ئۇ‌لارغا چوقۇ‌نىدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئۇ‌خلاۋاتقانلىقىنى ۋە بىزنىڭ پە‌قە‌ت ياراتقۇ‌چى ئىگىمىز،‏ بىزدە بار بولغاننىڭ ھە‌ممىسىنى بىزگە سېخىيلىق بىلە‌ن بە‌رگۈچى،‏ بىردىن-‏بىر ھە‌قىقىي خۇ‌دا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىىدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11.‏

19.‏ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى باشقا تە‌لىمنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

19 ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش سىزنى دىنىي يالغانچىلىقنىڭ ئازدۇ‌رۇ‌پ كېتىشىدىن قوغدايدۇ.‏ ھە‌مدە سىزنىڭ باشقا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن روھلار دۇ‌نياسىغا بېرىپ ياشىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يە‌تكە‌ندە،‏ ۋە‌دە قىلىنغان يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق سىز ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە بولىدۇ.‏

20.‏ كېيىنكى بابتا بىز قايسى سوئال توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

20 ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى ياشىغان ھە‌ققانىي ئادە‌م ئايۇ‌پ مۇ‌نداق سوئال سورىغان:‏ «ئۆلگە‌ن ئادە‌م يە‌نە تىرىلە‌مدۇ‌ر؟‏» (‏ئايۇ‌پ 14:‏14)‏.‏ ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئۇ‌خلاۋاتقان بىر ئۆلۈك ئادە‌م قايتا ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كېلىنە‌مدۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئالنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كۆڭۈلنى تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زىدىغان جاۋابى توغرىسىدا،‏ بىز كېيىنكى بابتا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

a ‏«جان» ۋە «روھ» مۇ‌شۇ سۆز توغرىسىدا بىر مۇ‌لاھىزە بار.‏ «‏ئىنسانلارنىڭ تېنىدە مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان ماددىي ئامىل بارمۇ؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • ئۆلۈك كۆرمە‌يدۇ،‏ ئاڭلىمايدۇ ۋە ئوي-‏پىكىر قىلمايدۇ.‏ —‏ ۋە‌ز 9:‏5.‏

  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئارامغا چىقىدۇ؛‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدۇ.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 11:‏11.‏

  • بىز ئۆلىمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھىنى مىراس ئالدۇ‌ق.‏ —‏ رىملىقلار 5:‏12.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش