كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 29-‏دە‌رس
  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن قە‌يە‌ردە بولىدۇ؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئۆلۈكلە‌ر ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئۆلۈم توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى بىلىش
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 29-‏دە‌رس
29-‏دە‌رس.‏ قە‌برە تېشى ئالدىدا دۇ‌ئا قىلىۋاتقان ئە‌ر-‏ئايال.‏

29-‏دە‌رس

ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

بۇ دۇ‌نيادا يېقىن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى ۋە دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىدىن ئايرىلمىغان ھېچكىم يوق.‏ شۇ‌نداق پە‌يتلە‌ردە،‏ بە‌لكىم سىز:‏ «بىز ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمىزنى قايتا كۆرە‌لە‌يمىزمۇ؟‏»—‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ بۇ ۋە كېيىنكى دە‌رستە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ شۇ سوئاللارغا تە‌سە‌للى بېرىدىغان جاۋابلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

1.‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏

ئە‌يسا ئۆلۈمنى قاتتىق ئۇ‌يقۇ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئۇ‌يقۇ‌غا سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ؟‏ قاتتىق ئۇ‌خلىغان كىشى ئادە‌تتە ئە‌تراپىدا نېمە ئىش بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى بىلمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنى ھېس قىلمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر ھېچنېمىنى بىلمە‌يدۇ».‏​—‏ۋە‌ز 9:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ئۆلۈم توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆلۈمدىن،‏ ھە‌تتا ئۆلۈكلە‌ردىن قورقۇ‌شىدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۆلۈكلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئە‌يسا:‏ ‏«ھە‌قىقە‌ت سىزلە‌رنى ئازاد قىلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 8:‏32)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن دىنلار ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ روھى داۋاملىق ياشايدۇ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىگە زىتتۇ‌ر.‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆلۈكلە‌ر بىزگە زىيان يە‌تكۈزە‌لمە‌يدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار ھېچنېمىنى بىلمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌رۋاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز ياكى دۇ‌ئا قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.‏

بە‌زىلە‌ر ئە‌رۋاھلار بىلە‌ن ئالاقە قىلالايمىز دە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بىز يۇ‌قىرىدا كۆرگە‌ندە‌ك،‏ ئۆلۈكلە‌ر ھېچنېمىنى بىلمە‌يدۇ.‏ ئە‌رۋاھلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىۋاتىمىز دە‌پ ئويلىغانلار،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە جىنلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىشىدۇ.‏ جىنلار ئۆلگە‌ن كىشىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆلۈم توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىزنى جىنلاردىن قوغدايدۇ.‏ يە‌ھۋا جىنلارنىڭ بىزگە زىيانكە‌شلىك قىلالايدىغانلىقىنى بىلگە‌چ،‏ بىزنى ئۇ‌لار بىلە‌ن ئالاقە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏—‏تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏10–‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆلۈم ھە‌ققىدە يە‌نە نېمىلە‌رنى يېزىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان خۇ‌دا ئۆلگە‌نلە‌رنى جازالىمايدىغانلىقىنى بىلىش ئىمان-‏ئېتىقادنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

ئايالىدىن ئايرىلىپ قالغان ئە‌ر كىشى ئىككى بالىسى بىلە‌ن ئورۇ‌ندۇ‌قتا ئولتۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلە‌ر ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى بېرىۋاتىدۇ.‏

3.‏ ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌ت

ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى كىشىلە‌رنىڭ كۆزقاراشلىرى ھە‌ر تۈرلۈك.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىر-‏بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشلىرىنىڭ ھە‌ممىسى توغرا بولۇ‌شى ناتايىن.‏

  • ئۆلگە‌ن ئادە‌م قانداق ھالە‌تتە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە سىز ياشاۋاتقان رايوندىكى كىشىلە‌رنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغان؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

فىلىم:‏ «ئۆلگە‌نلە‌ر قانداق ھالە‌تتە؟‏ —‏ ئۈزۈندە» (‏19:‏1)‏

كوللاژ:‏ «ئۆلگە‌نلە‌ر قانداق ھالە‌تتە؟‏» ناملىق فىلىمدىن كۆرۈنۈشلە‌ر.‏ 1.‏ دوختۇ‌رخانا كارۋىتىدا ياتقان بىر جە‌سە‌ت.‏ 2.‏ بىر كىشى پويىزدا سە‌پە‌ر قىلىۋاتقاندا،‏ ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا ئۇ‌خلاۋاتىدۇ.‏

ۋە‌ز 3:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئوقۇ‌لغان ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن نېمە بولىدۇ؟‏

  • ئوقۇ‌لغان ئايە‌تلە‌ردە ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ جېنى ياكى روھى چىقىپ،‏ باشقا بىر جايدا ياشايدۇ دە‌پ يېزىلغانمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ يېقىن دوستى لازارنىڭ ئۆلۈمى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ ئە‌يسا دوستىنىڭ ئۆلۈمىنى قانداق تە‌سۋىرلىگە‌ن؟‏ يۇ‌ھاننا 11:‏11–‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌يسا ئۆلۈمنى نېمە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان؟‏

  • ئە‌يسانىڭ بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌شى ئۆلۈكلە‌رنىڭ ھالىتى توغرۇ‌لۇ‌ق بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى ھە‌ققىدىكى تە‌سۋىرلە‌شلە‌ر مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌نمۇ؟‏

4.‏ ئۆلۈم توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت بىزنى ئە‌ركىن قىلىدۇ

ئۆلۈم توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بىلسە‌ك،‏ بىز ئۆلۈكلە‌ردىن قورقمايمىز.‏ ۋە‌ز 9:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئۆلۈكلە‌ر بىزگە زىيان يە‌تكۈزە‌لە‌مدۇ؟‏

بە‌زىلە‌ر ئە‌رۋاھلارنى چوقۇ‌م ھۆرمە‌تلىشىمىز،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارغا چوقۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك دە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرى شۇ‌نداق خاتا كۆزقاراشلاردىن بىزنى قوغدايدۇ.‏ يە‌شايا 8:‏19 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىزنىڭچە،‏ كىشى ئۆلۈكلە‌رگە چوقۇ‌نسا،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لاردىن ياردە‌م سورىسا،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

كوللاژ:‏ ئە‌رۋاھلارنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ر.‏ 1.‏ بىر كىشى قە‌برە تېشى ئالدىغا يېمە‌كلىكلە‌رنى تىزىپ قويۇ‌پ،‏ تىزلىنىپ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۈچ كىشى ئۆز قە‌بىلىلىرىنىڭ ئە‌نئە‌نىۋى ئۇ‌سۇ‌لىنى ئويناۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئۆلگە‌نلە‌رنى خاتىرىلە‌ش كۈنىدە بىر توپ كىشىلە‌ر يۈزلىرىگە ماسكىلارنى كىيىپ،‏ يوغان ھە‌يكە‌للە‌رنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ.‏

ئۆلۈم ھە‌ققىدىكى ھە‌قىقە‌ت بىزنى خۇ‌دا ئۆچ كۆرىدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ردىن ئازات قىلىدۇ

5.‏ ئۆلۈكلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تلە‌ر بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ

ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئىلگىرى قىلغان يامانلىقلىرى ئۈچۈن جازالىنىپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىدۇ دە‌يدىغان كۆزقاراشلار نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋېتىلگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ ھېچكىم،‏ ھە‌تتا يامانلىق قىلغانلارنىڭمۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدىغانلىقىنى بىلىش،‏ بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ رىملىقلار 6:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غىنىمىزدە‌ك،‏ بىر ئادە‌م ئۆلسە،‏ ئۇ گۇ‌ناھتىن ئازات بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆلگە‌نلە‌ر ئىلگىرى ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن جازالىنامدۇ؟‏

يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئالغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌رگىزمۇ ئۆلگە‌نلە‌رنى جازالىمايدىغانلىقىغا سىزمۇ ئىشىنە‌لە‌يسىز.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4 ۋە 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ندە‌ك،‏ شۇ‌نداق ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بار خۇ‌دا،‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نى جازالىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ ئۆلۈكلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تلە‌ر بىزگە تە‌سە‌للى بېرە‌مدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن گۆر ئازابىدىن قورقىمە‌ن».‏

  • شۇ‌نداق ئويلايدىغان ئادە‌ملە‌رگە،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى ئايە‌تلە‌رنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

خۇ‌لاسە

ئادە‌م ئۆلسە،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ.‏ ئۆلۈك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدۇ ۋە ھايات كىشىلە‌رگىمۇ زىيان يە‌تكۈزە‌لمە‌يدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏

  • ئۆلۈم توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت بىزنى نېمىدىن ئە‌ركىن قىلىدۇ؟‏

  • ئۆلۈم ھە‌ققىدىكى ھە‌قىقە‌ت بىزگە قانداق تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ تىلغا ئېلىنغان «جان» دېگە‌ن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«جان دېگە‌ن نېمە؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

خۇ‌دا يامانلىق قىلغان كىشىلە‌رنى دوزاختا جازالامدۇ؟‏

‏«دوزاخ بارمۇ؟‏»‏ (‏07:‏3)‏

بىز ئۆلگە‌ندە يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌ندە بىر كىشىنىڭ قانداق تە‌سە‌للىي تاپقانلىقىنى ئوقۇ‌ڭ

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئېنىق،‏ مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن جاۋابلىرى مېنى قايىل قىلدى»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2015-‏يىل،‏ 1-‏فېۋرال)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش