كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 6-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • ئۆلۈكلە‌ر ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۆلۈكلە‌ر ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي ئۈمىد
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 6-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

6-‏دە‌رس

ئۆلۈكلە‌ر ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏

1.‏ ئۆلۈكلە‌ر توغرىسىدا قانداق خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بار؟‏

تىرىلدوٰروٰلگه‌ن زارنی قېرىنداشلىری مارتا ۋه مه‌رىيه‌م قارشی ئالماقتا

ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ لازار،‏ دە‌پ ئاتىلىدىغان دوستى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ يېرۇ‌سالېمغا يېقىن بە‌يتانىيا دېگە‌ن يېزىدا تۇ‌راتتى.‏ ئە‌يسا ئۇ يە‌رگە يېتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ لازارنىڭ ئۆلگىنىگە تۆت كۈنچە بولغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆلگە‌ن دوستىنىڭ يېقىن تۇ‌غقانلىرى مارتا ۋە مە‌ريە‌م بىلە‌ن لازار دە‌پنە قىلىنغان جايغا باردى.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ بىر توپ خالايىق ئۇ يە‌رگە يىغىلدى.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا لازارنى تىرىلدۈرگە‌ندە،‏ مارتا بىلە‌ن مە‌ريە‌منىڭ قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 11:‏21–‏24،‏ 38–‏44-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

مارتا ئۆلۈكلە‌ر ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ردىن ئاللىقاچان خە‌ۋە‌ردار ئىدى.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى يە‌ر يۈزىدە قايتا ياشاشقا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏​‏—‏ يە‌شايا 26:‏19-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولىدۇ؟‏

اده‌م ئاتىنىڭ يارىتىلىشی هه‌م كېيىنىره‌ك ئوُنىڭ ئولوٰمی

خۇ‌دا ئادە‌م ئاتىغا:‏ «توپىدىن يارىتىلدىڭ،‏ شۇ‌ڭا يە‌نە توپىغا قايتىسە‌ن!‏»—‏ دىدى (‏يارىتىلىش 3:‏19)‏.‏

ئىنسان توپىدىن يارىتىلغان (‏يارىتىلىش 2:‏7؛‏ 3:‏19)‏.‏ بىز روھلار ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى گۆش بىلە‌ن قاندىن تۈزۈلگە‌ن جىسمانىي مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆلگە‌ندىن كېيىن تېنىمىزدىن چىقىپ،‏ داۋاملىق مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان كۆرۈنمە‌يدىغان مە‌لۇ‌م بىر قىسىمىمىز بولمايدۇ.‏ بىز ئۆلگە‌ندە،‏ مېڭىمىز ھە‌م ئۆلۈپ،‏ ئوي-‏خىياللىرىمىز يوقىلىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ لازار ئۇ ئۆلگە‌ندە نېمە ئىشنى باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىكى ھە‌ققىدە بىر نە‌رسە دېگە‌ن ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئۆلۈكتە ھېچقانداق سېزىم بولمايدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 146:‏4؛‏ ۋە‌ز 9:‏5،‏ 6،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئادە‌ملە‌ر ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئازابلامدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆلۈكلە‌رنىڭ ھېچقانداق سېزىمى يوق دە‌پ كۆرسە‌تكە‌ن ئىكە‌ن،‏ دوزاخ ئوتى تە‌لىماتى بولسا ناھايىتى ئېنىقكى خۇ‌داغا قىلىنغان تۆھمە‌ت.‏ خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدە ئىنسانلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئازابلاش كۆزقارىشى بە‌كمۇ يىرگىنچلىكتۇ‌ر.‏​‏—‏ يە‌رە‌مىيا 7:‏31-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏ئۆلگە‌نلە‌ر قانداق ھالە‌تتە؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

3.‏ ئۆلۈكلە‌ر بىزگە گە‌پ قىلالامدۇ؟‏

ئۆلۈكلە‌ر گە‌پ قىلالمايدۇ ياكى ئاڭلىيالمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 115:‏17)‏.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زى ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر ئۆلگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ سىياقىدا كىشىلە‌رگە سۆز قىلىدۇ (‏يە‌ھۇ‌دا 6)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۆلۈكلە‌ر بىلە‌ن پاراڭلىشىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شتىن چە‌كلە‌يدۇ.‏​‏—‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ كە‌لگۈسىدە كىملە‌ر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟‏

هاياتقا قايتا تىرىلدوٰروٰلگه‌ن ئه‌ر كىشی خوُدا هه‌ققىده ته‌لىم ئېلىۋاتىدوُ.‏ ئاندىن كېيىن ئوُ ئه‌ر كىشی تىرىلدوٰروٰلگه‌ن باشقا ئاده‌مله‌رگه ته‌لىم بېرىشكه يارده‌م بېرىۋاتىدوُ.‏

مىليونلىغان ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌ر كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىدە ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ ھە‌تتا بە‌زى خۇ‌دانى تونۇ‌مىغان ۋە يامان ئىشلارنى قىلغانلارمۇ تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏​‏—‏​زە‌بۇ‌ر 37:‏29؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كە‌لگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدىغان كىشىلە‌ر خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ ۋە ئە‌يساغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئە‌يساغا ئىشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسىتە‌لە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏11–‏13)‏.‏ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ،‏ ياخشى ئىشلارنى قىلغۇ‌چىلار يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ھاياتلىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايدۇ.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ تىرىلىش بىزگە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

خۇ‌دا ھە‌زرىتى ئە‌يسانى بىز ئىنسانلار ئۈچۈن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى بېرىشكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ تۆلە‌م ھە‌تتا ئۆلۈكلە‌رنى ھە‌م ئۈمىدكە ئېرىشتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ تىرىلىش بىزگە يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ئۆلۈكلە‌ر ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ سىز كىمنى كۆرۈشنى بە‌كمۇ ئارزۇ قىلىسىز؟‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ رىملىقلار 6:‏23-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 6،‏ 7 ۋە 10-‏بابلىرىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش