كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 7-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 7-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

7-‏دە‌رس

خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

1.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

1.‏ خوُدانىڭ پادىشالىقی ئاسماندا؛‏ 2.‏ موخو كېسىلىگه گىرىپتار بولغان ئاده‌منی ساقايتىۋاتقان ئه‌يسا

نېمىشقا ئە‌يسا ئە‌ڭ ياخشى پادىشا؟‏ (‏ماركۇ‌س 1:‏40—‏42)‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاسماندىكى بىر ھۆكۈمە‌ت.‏ ئۇ كە‌لگۈسىدە باشقا بارلىق ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ ئورنىغا دە‌سسە‌پ،‏ ئاسماندا ۋە يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندايدۇ.‏ خۇ‌دا كە‌لگۈسىدە ئۆز پادىشاھلىقىنى مۇ‌شۇ مە‌قسە‌ت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى بىز ئۈچۈن ئاجايىپ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏ يېقىن كە‌لگۈسىدە،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار مۇ‌ھتاج بولۇ‌ۋاتقان مۇ‌كە‌ممە‌ل ھۆكۈمە‌ت سۈپىتىدە،‏ بارچە كىشىلە‌رنى يە‌ر يۈزىدە تىنچ ياشاش ئۈچۈن جە‌م قىلىدۇ.‏​‏—‏ دانىيال 2:‏44؛‏ مە‌تتا 6:‏9،‏ 10؛‏ 24:‏14‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

پادىشاھلىقنىڭ چوقۇ‌م بىر پادىشاھى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا ئە‌ڭ يېقىن سىردىشى بولغان ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن.‏​‏—‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏15-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا پادىشاھ بولۇ‌شقا ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق؟‏

خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ يېقىن سىردىشى بولغان ئە‌يسا مە‌سىھ پادىشاھ بولۇ‌شقا ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق.‏ چۈنكى ئۇ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە ھە‌ققانىيلىقنى سۆيىدۇ (‏ئىبرانىيلار 1:‏9)‏.‏ ھە‌مدە ئۇ‌نىڭ ئىنسانىيە‌تكە ياردە‌م بېرىشكە قۇ‌ربىتى تامامە‌ن يېتىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ ئاسماندا پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئوڭ يېنىدا پادىشاھلىق تە‌ختىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈتكە‌نىدى (‏ئىبرانىيلار 10:‏12،‏ 13)‏.‏ ئاخىرى،‏ خۇ‌دا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشنى باشلاش ھوقۇ‌قىنى ئە‌يساغا بە‌ردى.‏​‏—‏ دانىيال 7:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏كىملە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ؟‏

بىر گۇ‌رۇ‌پپا مۇ‌قە‌ددە‌سلە‌ر،‏ دە‌پ ئاتالغانلار ئە‌يسا بىلە‌ن ئاسماندا ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ (‏دانىيال 7:‏27)‏ ئاشۇ مۇ‌قە‌ددە‌سلە‌ر قاتارىغا ئە‌يسانىڭ ساداقە‌تمە‌ن ئە‌لچىلىرى تۇ‌نجى بولۇ‌پ تاللانغان.‏ يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللارنى مۇ‌قە‌ددە‌سلە‌ر قاتارىغا تاللاشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇ‌رماقتا.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لار روھى شە‌خس سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 14:‏1–‏3؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏42–‏44-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

قانچىلىك كىشى ئاسمانغا چىقىدۇ؟‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنى كىچىك پادا،‏ دە‌پ ئاتىغان (‏لۇ‌قا 12:‏32)‏.‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا،‏ ئۇ‌لارنىڭ سانى 144000 غا يېتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ.‏​‏—‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏1-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ ئە‌يسا ھاكىميە‌ت يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندا،‏ نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُپ-‏ئوگىنىش

خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشنى باشلىغان.‏a پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسانىڭ تۇ‌نجى قىلغان ئىشى شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرىنى ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە تاشلاش بولغان.‏ شە‌يتان دە‌رغە‌زە‌پكە كېلىپ،‏ پۈتكۈل يە‌رشارىدا قىيىنچىلىقلارنى پە‌يدا قىلىشقا باشلىغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏7–‏10،‏ 12)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ ئىنسانىيە‌تنىڭ ۋاي-‏داد،‏ پە‌ريادلىرى كۆپىيىپ كە‌تتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ ئاچارچىلىقلار،‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌ر ۋە يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر كۆپە‌يمە‌كتە.‏ شۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پات-‏ئارىدا يە‌ر شارىدىكى ئىشلارنى تە‌لتۆكۈس بىر تە‌رە‌پ قىلىدىغانلىقىنى خە‌ۋە‌ر قىلىدىغان بىر ئالامە‌تتۇ‌ر.‏​‏—‏ لۇ‌قا 21:‏7،‏ 10،‏ 11،‏ 31-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى نېمىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

يە‌ر شارىنى قاپلىغان ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى ئارقىلىق،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان ھە‌ر مىللە‌ت كىشىلىرىدىن ئىناق-‏ئىتتىپاق زور بىر توپ خالايىقنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌ردى.‏ مىليونلىغان كە‌متە‌ر كىشىلە‌ر ئە‌يسا ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈۋاتقان پادىشاھلىقنىڭ پۇ‌قراسى بولۇ‌شماقتا.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى ۋە‌يران قىلغاندا،‏ ئۆز پۇ‌قرالىرىنى قوغدايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بارلىق خۇ‌دا پادىشاھلىقىدىن پاناھلىق ئىزدىگۈچىلە‌ر،‏ ئە‌يسانىڭ ئىتائە‌تچان پۇ‌قراسى بولۇ‌شنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك.‏​‏—‏​ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 14،‏ 16،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خوُدا پادىشالىقىنىڭ پوُخرالىری يه‌ردىكی جه‌ننه‌تته

بىر مە‌زگىل،‏ يە‌نى 1000 يىل داۋامىدا،‏ شۇ پادىشاھلىق خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئە‌ڭ دە‌سلە‌پتىكى ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌ت ماكانغا ئايلىنىدۇ.‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا،‏ ئە‌يسا پادىشاھلىقنى خۇ‌داغا قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏24–‏26)‏.‏ سىز كىمگە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بە‌رمە‌كچىسىز؟‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 8 ۋە 9-‏بابلىرىغا قاراڭ.‏

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ 1914-‏يىلى ھە‌ققىدىكى بېشارىتى توغرىسىدا تە‌پسىلاتلارنى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 216–‏218 گىچە بە‌تلىرىدىن كۆرۈڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش