كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 8-‏باپ 76-‏85 ب.‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ ئۇ زادى نېمە؟‏
  • خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى نېمە ئىش قىلماقچى؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى يە‌ر يۈزىدە قاچان ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 8-‏باپ 76-‏85 ب.‏

8-‏باب

خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئىش قىلماقچى؟‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى يە‌ر يۈزىدە قاچان ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭدىن قانداق دۇ‌ئا قىلىشنى سورىغاندا،‏ ئۇ بىر ئۈلگىلىك دۇ‌ئانى ئۇ‌لارغا ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌شۇ دۇ‌ئا چوڭقۇ‌ر مە‌نىگە ئىگە.‏ مۇ‌شۇ دۇ‌ئادا ئە‌يسا،‏ يە‌ھۋادىن تىلىگە‌ن ئىشلار ئارىسىدىكى ئۈچ ئىشنى مۇ‌لاھىزە قىلىش سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زادى نېمە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

2.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا قايسى ئۈچ ئىش توغرىسىدا دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

2 ئاشۇ ئۈلگىلىك دۇ‌ئانىڭ باشلىنىشىدا،‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ئاڭلىغۇ‌چىلىرىغا مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىڭلار دە‌پ ئۆگە‌تكە‌ن:‏ «سىلە‌ر شۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىڭلاركى:‏ ئە‌ي ئاسمانلاردىكى ئاتىمىز!‏ سېنىڭ ئىسمىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولغاي،‏ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كە‌لگە‌ي،‏ سېنىڭ ئىرادە‌ڭ ئاسماندا قىلىنغىنىدە‌ك،‏ يە‌ردە ھە‌م قىلىنغاي» (‏مە‌تتا 6:‏9–‏13‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئۈلگىلىك دۇ‌ئادا ئاشۇ ئۈچ ئىشنى تىلىگە‌ن؟‏

3.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا بىز نېمىلە‌رنى بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 بىز ئاللىقاچان ئاللانىڭ خاس ئىسمى:‏ يە‌ھۋا،‏ توغرىسىدا كۆپ ئۆگىنىپ ئۆتتۇ‌ق.‏ ھە‌مدە بىز ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى توغرىسىدىكى بە‌زى مە‌لۇ‌ماتلارنى،‏ بولۇ‌پمۇ ئۆتمۈشتە ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى ۋە كە‌لگۈسىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى مۇ‌لاھىزە قىلغان ئىدۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا نېمىنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ بىزگە دۇ‌ئايىمىزدا:‏ «سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كە‌لگە‌ي» دە‌پ تىلە‌شنى ئېيتقان؟‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىدۇ؟‏ ھە‌مدە پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئوتتۇ‌رسىدا قانداق مۇ‌ناسىۋە‌ت بار؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ ئۇ زادى نېمە؟‏

4.‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىم؟‏

4 خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن قۇ‌رۇ‌لغان بىر ھۆكۈمە‌ت بولۇ‌پ ئۇ‌نىڭ پادىشاھىنى خۇ‌دا ئۆزى تاللىغان.‏ كىم خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھ.‏ پادىشاھ سۈپىتىدە ئە‌يسا بۇ دۇ‌نيادىكى ھە‌ممە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدىغان ئادە‌ملە‌ردىن ئۇ‌لۇ‌غ،‏ شۇ‌ڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان (‏1-‏تىموتىي 6:‏15)‏.‏ ھە‌رقانداق ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزگۈچى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لار ئارىسىدىكى ئە‌ڭ ياخشىسىغا قارىغاندا مە‌سىھ ئە‌يسا بىزگە زور بە‌خت-‏سائادە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش كۈچ-‏قۇ‌درىتىگە ئىگە.‏

5.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى قە‌يە‌ردە؟‏ ۋە كىملە‌ر ئۈستىدىن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ؟‏

5 خۇ‌دا پادىشاھلىقى قە‌يە‌ردە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا قە‌يە‌ردە؟‏ سىزنىڭ يادىڭىزدا بولسا،‏ ئە‌يسا تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگە‌ن ۋە قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن،‏ ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏33)‏.‏ دېمە‌ك،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاسمانغا ئورۇ‌نلاشقان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئۇ‌نى «ساماۋى پادىشاھلىق» دە‌پ ئاتايدۇ (‏2-‏تىموتىي 4:‏18)‏.‏ گە‌رچە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاسماندا بولسىمۇ،‏ ئۇ كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىدىكى ئىنسانلار ئۈستىدىن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏15.‏

6،‏ 7.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئە‌ڭ ياخشى پادىشاھ؟‏

6 نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئە‌ڭ ياخشى پادىشاھ؟‏ بىرىنچى سە‌ۋە‌ب،‏ ئە‌يسا مە‌ڭگۈ ئۆلمە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌سىھنى بۇ دۇ‌نيا پادىشاھلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۆلۈمسىزلىكنىڭ ۋاھىد [بىردىن-‏بىر] ئىگىسى بولۇ‌پ ھېچ كىم يېقىن كېلە‌لمە‌يدىغان نۇ‌ردا» ياشايدۇ (‏1-‏تىموتىي 6:‏16)‏.‏ دېمە‌ك،‏ كە‌لگۈسىدە ئە‌يسا جە‌زمە‌ن ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى مە‌ڭگۈ قىلىدۇ.‏

7 قېنى بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌سىھ توغرىسىدا ئېيتقان بېشارىتىنى ئويلاپ كۆرە‌يلى:‏ «مۇ‌نىڭ ئۈستىگە خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ روھى نازىل بولۇ‌پ ھېكمە‌ت ۋە پە‌منىڭ روھى،‏ مە‌سلىھە‌ت ۋە قۇ‌ۋۋە‌تنىڭ روھى،‏ مە‌رىپە‌ت ۋە خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ قورقۇ‌نچىسىنىڭ روھى ئۈستىدە ساكىن بولۇ‌ر [تۇ‌رار].‏ خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ قورقۇ‌نچىسى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ خۇ‌ش رىزايى [رازىلىقى] بولۇ‌پ ئۆزى كۆزلىرىنىڭ كۆرگىنىگە مۇ‌ۋاپىق ھۆكۈم قىلماس ۋە‌يا قۇ‌لاقلىرىنىڭ ئاڭلىغىنىغا مۇ‌ۋاپىق ئىتاب قىلماس [ئە‌يىبلىمە‌س]،‏ بە‌لكى پېقىرلارغا ئادالە‌ت بىلە‌ن ھۆكۈم قىلىپ يە‌رنىڭ مىسكىنلىرىنى ئىنساپ بىلە‌ن» ئە‌يىبلە‌يدۇ‌ر (‏يە‌شايا 11:‏2–‏4)‏.‏ مۇ‌شۇ بېشارە‌ت ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ۋە‌دە قىلىنغان،‏ يە‌ر يۈزىدىكى خە‌لقلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان ھە‌ققانىي پادىشاھ ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مۇ‌شۇ‌نداق بىر ھۆكۈمدارنىڭ بولۇ‌شىنى خالامسىز؟‏

8.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن كىملە‌ر بىرلىكتە باشقۇ‌رىدۇ؟‏

8 بۇ يە‌ردە خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا يە‌نە بىر ھە‌قىقە‌ت بار:‏ ئە‌يسا ئۆزى يالغۇ‌ز ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزمە‌يدۇ،‏ ئۇ باشقىلار بىلە‌ن بىرلىكتە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىيغا:‏ «سە‌ۋر قىلساق ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سە‌لتە‌نە‌ت ھە‌م قىلىمىز» دېگە‌ن (‏2-‏تىموتىي 2:‏12)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا پاۋلۇ‌س،‏ تىموتىي ۋە باشقا ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنى ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تاللىۋالغان.‏ ئاشۇ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلارنىڭ سانى قانچە؟‏

9.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدىغانلارنىڭ سانى قانچە؟‏ خۇ‌دا قاچان ئۇ‌لارنى تاللاشنى باشلىغان؟‏

9 مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 7-‏​بابىدا كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق بىر كۆرۈنۈشنى كۆرگە‌ن:‏ «كۆرسە‌م مانا سىئون تېغى [ئاسماندىكى پادىشاھلىق ئورنى] ئۈستىدە قوزا [مە‌سىھ ئە‌يسا] تۇ‌رادۇ‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆز پىشانىلىرىدە ئۇ‌نىڭ ئىسمى ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى پۈتۈكلۈك بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىمرىسە [كىشى] تۇ‌رۇ‌پتۇ‌ر».‏ ئاشۇ 144000 كىشى كىملە‌ر؟‏ يۇ‌ھاننا ئۆزى بىزگە:‏ «قوزا نە يە‌رگە بارسا ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشە‌رلە‌ر،‏ بۇ‌لار خۇ‌داغا ۋە قوزىغا يېڭىلىق بولماق ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدىن سېتىپ ئېلىنغانلاردۇ‌ر» دە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏1،‏ 4)‏.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ ساداقە‌تمە‌ن ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولۇ‌پ مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلىكتە ئاسماندا ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تاللانغان.‏ ئۇ‌لار ئۆلۈمدىن ئاسماندىكى ھاياتلىققا تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرگە يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏4،‏ 6)‏.‏ مىلادى 33-‏يىلى ئاللا يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن ئېتىقادچىلارنى تاللاشنى باشلىغان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ سانى 144000 غا تولغۇ‌چە تاللايدۇ.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ۋە 144000 كىشىنى ئىنسانىيە‌ت ئۈستىدىن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشكە قويۇ‌شى،‏ ئۇ‌نىڭ ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇ‌ر مېھرى-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌ش ئۇ‌سۇ‌لى دە‌يمىز؟‏

10 خۇ‌دانىڭ،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ۋە 144000 كىشىنى ئىنسانىيە‌ت ئۈستىدىن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشكە قويۇ‌شى ئۇ‌نىڭ ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇ‌ر مېھرى-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌شنىڭ ئۇ‌سۇ‌لىدۇ‌ر.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئىنسانلارنىڭ قانداق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «زە‌يىپلىكلىرىمىزگە ھە‌مدە‌رت بولالمايدىغان ئۇ‌لۇ‌غ كاھىنىمىز يوقتۇ‌ر،‏ بە‌لكى گۇ‌ناھ قىلماي بىزگە ئوخشاش ھە‌ر ئىشتا ئىمتىھان قىلىنغان بىر ئۇ‌لۇ‌غ كاھىنىمىز باردۇ‌ر» دە‌پ ئېيتقان (‏ئىبرانىيلار 4:‏15؛‏ 5:‏8)‏.‏ ئىككىنچىدىن،‏ مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدىغانلارمۇ يە‌ر يۈزىدە ياشىغان ۋاقتىدا كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى بېشىدىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار مۇ‌كە‌ممە‌لسىزلىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغان ۋە ھە‌رخىل كېسە‌للىك ئازابلىرىغا دۇ‌چار بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئىنسانلارنىڭ دۇ‌چار بولىدىغان ھە‌رخىل مە‌سىلىلىرىنى ئە‌لۋە‌تتە چۈشىنىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى نېمە ئىش قىلماقچى؟‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۆز دۇ‌ئالىرىدا تىلە‌ش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان؟‏

11 ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان ۋاقتىدا،‏ ئۇ يە‌نە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن ئۇ‌لار ئۆز دۇ‌ئاسىدا:‏ «سېنىڭ ئىرادە‌ڭ ئاسماندا قىلىنغىنىدە‌ك،‏ يە‌ردە ھە‌م قىلىنغاي» دە‌پ خۇ‌دادىن تىلە‌ش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ خۇ‌دا ئاسماندا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ردائىم ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر تە‌رىپىدىن ئاسماندا ئورۇ‌ندىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 3-‏​بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ بىر يامان نىيە‌تلىك پە‌رىشتىنىڭ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى توختىتىپ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ گۇ‌ناھكار بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌بچى بولغان.‏ بىز يە‌نە مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 10-‏​بابىدا،‏ بىز بىلىدىغان شە‌يتان ئىبلىس دە‌پ ئاتالغان ئاشۇ يامان نىيە‌تلىك پە‌رىشتە توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق تە‌لىملە‌رنى بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىشنى تاللىغان جىنلار دە‌پ ئاتالغان،‏ باشلىنىشىدا پە‌رىشتە سۈپىتىدە يارىتىلغان روھى ياراتمىلارنىڭ بىر مە‌زگىل ئاسماندا تۇ‌رۇ‌شىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئاسماندىكى پە‌رىشتىلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاسماندىكى ناچار ئە‌ھۋالنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا يېڭىدىن تە‌ختكە ئولتۇ‌رغان پادىشاھ ئە‌يسا شە‌يتانغا قارشى جە‌ڭ باشلىدى.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏7–‏9.‏

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ھىيلە‌ر 12-‏​باب 10-‏​ئايىتىدە قايسى ناھايىتى مۇ‌ھىم ئىككى ۋە‌قە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

12 تۆۋە‌ندە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن:‏ «ئاسماندا كۈچلۈك بىر ئاۋاز ئاڭلىدىم.‏ ئۇ ئېيتتىكى:‏ ئە‌مدى نىجات ۋە قۇ‌درە‌ت ۋە پادىشاھلىق خۇ‌دايىمىزنىڭكى ۋە سە‌لتە‌نە‌ت ئۇ‌نىڭ مە‌سىھنىڭكى بولدى،‏ چۈنكى كېچە-‏كۈندۈز خۇ‌دايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ‌رادە‌رلىرىمىزنىڭ تۆپىسىدە شىكايە‌ت قىلىپ تۇ‌رغان شىكايە‌ت قىلغۇ‌چى [شە‌يتان] تاشلاندى!‏» (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏10)‏.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تتە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ناھايىتى مۇ‌ھىم ئىككى ۋە‌قە‌گە دىققە‌ت قىلدىڭىزمىكىن؟‏ بىرىنچى،‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ باشچىلىقىدا ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشنى باشلىغان.‏ ئىككىنچى،‏ شە‌يتان ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە تاشلانغان.‏

13.‏ شە‌يتاننىڭ ئاسماندىن قوغلىنىشى قانداق نە‌تىجە ئېلىپ كە‌لدى؟‏

13 مۇ‌شۇ مۇ‌ھىم ئىككى ۋە‌قە‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولدى؟‏ نە‌تىجىدە ئاسماندا نېمە ئىش يۈر بە‌رگە‌نلىكى توغرىسىدا بىز ئوقۇ‌پ باقايلى:‏ «ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌ي ئاسمانلار ۋە ئۇ‌ندا ساكىن بولغانلار [تۇ‌رغانلار] خۇ‌رسە‌ن بولۇ‌ڭلار!‏» (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏12)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ئاسماندىكى ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر ھازىر ناھايىتى خۇ‌شال،‏ چۈنكى شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىپ يامان يولغا ماڭغان جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر ئاسماندىن قوغلىنىپ يە‌رگە تاشلاندى.‏ ھازىر ئاسماندىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌ن بولغانلاردۇ‌ر.‏ ئاسمان پۈتۈنلە‌ي تىنچ بولۇ‌پ ئىتتىپاقلىقنى بۇ‌زىدىغانلار يوق بولدى.‏ ھازىر خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌پ بولدى.‏

شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌ن جىنلار ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە تاشلانغاچ،‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىگە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت،‏ ۋاي،‏ دات-‏پە‌رىيات ئېلىپ كە‌لدى.‏ بىراق،‏ ئاشۇ قىيىنچىلىقلار پات-‏ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ

14.‏ شە‌يتان يە‌ر يۈزىگە قوغلاپ چۈشۈرۈلگە‌نلىك سە‌ۋە‌بتىن نېمە ئىشلار يۈز بە‌ردى؟‏

14 لېكىن يە‌رشارى قانداق بولدى؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ۋاي يە‌رگە ۋە دېڭىزغا چۈنكى ئىبلىس سىزلە‌رگە چۈشۈپ ۋاقتىنىڭ ئاز ئىكە‌نىنى بىلىپ چوڭ غە‌زە‌پ بىلە‌ن كە‌لدى» دە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏12)‏.‏ شە‌يتان ئاسماندىن قوغلانغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ۋاقىت-‏سائىتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى ئاچچىق غە‌زە‌پلە‌ندى.‏ ئۇ‌نىڭ ئاچچىق غە‌زىپى ھە‌رخىل ئېچىنىشلىق كۈلپە‌تلە‌رنى ۋە «ۋاي»،‏ دات-‏پە‌رىياتلارنى يە‌ر يۈزىدە پە‌يدا قىلدى.‏ بىز شە‌يتان پە‌يدا قىلغان ئاشۇ «ۋاي»،‏ دات-‏پە‌رىياتلار توغرىسىدا كېيىنكى بابتا ئۆگىنىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى كە‌لگۈسىدە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى يە‌ر يۈزىدە قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

15.‏ خۇ‌دانىڭ يە‌رشارىغا بولغان ئىرادىسى قانداق؟‏

15 بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 3-‏​بابىدا تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ يە‌ر شارىغا بولغان ئىرادىسى توغرىسىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ن.‏ سىزنىڭ ئېسىڭىزدىمۇ خۇ‌دانىڭ يە‌رشارىغا بولغان ئىرادىسى قانداق؟‏ خۇ‌دا ئېرە‌م بېغىدا كۆرسە‌تكە‌ندە‌ك،‏ جە‌ننە‌تنىڭ ئۆلمە‌ي مە‌ڭگۈ ياشايدىغان ھە‌ققانىي ئىنسانلار بىلە‌ن تولۇ‌شى ئۇ‌نىڭ يە‌رشارىغا بولغان ئىرادىسى ئىدى.‏ شە‌يتان ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ گۇ‌ناھ قىلىشىغا سە‌ۋە‌بچى بولغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئاشۇ گۇ‌ناھ خۇ‌دانىڭ يە‌رشارىغا بولغان ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا تە‌سىر كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌رشارىغا بولغان ئىرادىسىنى ئۆزگە‌رتە‌لىگىنى يوق.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھازىرمۇ ھە‌م شۇ‌نى مە‌قسە‌ت قىلغانكى:‏ «ئادىللار ئۆزى يە‌رگە ۋارىس بولۇ‌پ ئە‌بە‌دغىچە ئۇ‌ندا [ئۇ يە‌ردە] ئولتۇ‌رار» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29)‏.‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى كە‌لگۈسىدە خۇ‌دانىڭ ئە‌سلى ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

16،‏ 17.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانىيال 2-‏​باب 44-‏​ئايە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ دانىيال 2-‏​باب 44-‏​ئايە‌ت:‏ «بۇ پادىشاھلارنىڭ كۈنلىرىدە ئاسمانلارنىڭ تە‌ڭرىسى ئە‌بە‌دغىچە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى قۇ‌رادۇ‌ر.‏ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمىتى باشقا بىر خە‌لققە بېرىلمە‌يدۇ‌ر ئە‌مما ئۇ ئۆزى شۇ ھە‌ممە پادىشاھلىقلارنى سۇ‌ندۇ‌رۇ‌پ يوقۇ‌تۇ‌پ ئۆزى ئە‌بە‌دغىچە سابىت [تە‌ۋرە‌نمە‌ي] قالادۇ‌ر» دە‌يدۇ.‏ بۇ بىزگە خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدا نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

17 بۇ بېشارە‌ت بىزگە تۆۋە‌ندىكىدە‌ك ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ بىرىنچى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاشۇ «پادىشاھلارنىڭ كۈنلىرىدە» قۇ‌رۇ‌لىدۇ،‏ يە‌نى ئاشۇ ۋاقىتتا دۇ‌نيادىكى باشقا پادىشاھلىقلار يە‌نىلا مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ ئىككىنچى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى مە‌ڭگۈ داۋام قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى باشقا ھە‌رقانداق ھۆكۈمە‌ت بويسۇ‌ندۇ‌رالمايدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.‏ ئۈچىنچى،‏ بىز خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌ن دۇ‌نيادىكى باشقا پادىشاھلىقلار ئوتتۇ‌رىسىدا جە‌ڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى غە‌لبە قىلىدۇ.‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈستىدىن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدىغان بىردىن-‏بىر يالغۇ‌ز ھۆكۈمە‌ت بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئىنسانلار ئاشۇ ئە‌ڭ ياخشى ھۆكۈمرانلىق ئېلىپ كە‌لگە‌ن بە‌خت-‏سائادە‌تتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌پ خۇ‌شاللىققا چۆمۈشىدۇ.‏

18.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌ن بۇ دۇ‌نيادىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئوتتۇ‌رىسىدا بولىدىغان ئە‌ڭ ئاخىرقى جە‌ڭ نېمە دە‌پ ئاتالغان؟‏

18 خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌ن بۇ دۇ‌نيادىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئوتتۇ‌رىسىدىكى ئە‌ڭ ئاخىرقى جە‌ڭ توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۆپ مە‌لۇ‌ماتلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى جە‌ڭ بولۇ‌شقا ۋاقىت ئاز قالغانسېرى يامان روھلار «تامام دۇ‌نيادىكى پادىشاھلارغا» يالغاننى تارقىتىپ ئۇ‌لارنى ئازدۇ‌رىدۇ.‏ نېمە مە‌قسە‌تتە شۇ‌نداق قىلىدۇ؟‏ «ئۇ‌لار [پادىشاھلار] نى قادىرى مۇ‌تلە‌ق [ھە‌ممىگە قادىر] خۇ‌دانىڭ چوڭ كۈنىنىڭ جېڭىگە جە‌م قىلادۇ‌ر» ۋە يە‌ر يۈزىدىكى پادىشاھلار ھە‌ممىسى «ئىبرانىچە ھارماجىدون دېگە‌ن يە‌رگە» توپلىشىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 16:‏14،‏ 16)‏.‏ مۇ‌شۇ ئىككى ئايە‌ت،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌ن بۇ دۇ‌نيادىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئوتتۇ‌رىسىدا بولىدىغان ئە‌ڭ ئاخىرقى جە‌ڭنىڭ ھارماجىدون ياكى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى دە‌پ ئاتالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.‏

19،‏ 20.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى نېمە ئۈچۈن ھازىر يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشمايۋاتىدۇ؟‏

19 خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى ئارقىلىق قايسى ئىشنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏ بىز خۇ‌دانىڭ يە‌رشارىغا بولغان ئىرادىسىنى يە‌نە بىر قېتىم ئە‌سلە‌پ كۆرە‌يلى.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تنىڭ ھە‌ققانىي،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چى ئىنسانلار بىلە‌ن تولۇ‌شىنى ئىرادە قىلغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ئاشۇ ئىرادىسى ھازىر يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشمىدى؟‏ بىرىنچى،‏ بىز ئىنسانلار گۇ‌ناھكار،‏ بىز كېسە‌ل بولۇ‌پ ئۆلىمىز.‏ بىراق،‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 5-‏​بابىدا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇ‌ربان قىلغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك بىزدە مە‌ڭگۈ ياشاش مۇ‌مكىنچىلىكى بار دە‌پ ئۆگە‌نگە‌ن.‏ بىز يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ردە خاتىرىلە‌نگە‌ن مۇ‌نۇ ئايە‌تنى ئە‌سلە‌پ باقايلى:‏ «خۇ‌دا دۇ‌نيانى شۇ‌نداق دوست تۇ‌تتىكى [سۆيىدۇ‌كى،‏ ھ.‏ز.‏] ئۆز يالغۇ‌ز ئوغلىنى بە‌ردى تاكى ھە‌ركىم ئۇ‌نگا ئىشە‌نسە ھالاك بولمىغاي بە‌لكى ئۇ‌نىڭ ئە‌بە‌دىي تىرىكلىكى بولغاي».‏ —‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16.‏

20 خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ يە‌ر يۈزىدە تېخى ئە‌مە‌لگە ئاشمايۋاتقانلىقىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى:‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر رە‌زىل ئىشلارنى قىلىپ،‏ يالغان سۆزلە‌پ،‏ ئادە‌ملە‌رنى ئالداپ،‏ دۇ‌نيا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئە‌خلاقسىزلىقلار بىلە‌ن تولدى.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى خالىمايدۇ.‏ خۇ‌دا بارلىق رە‌زىل ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆز ئۇ‌رۇ‌شى ئارماگېدون مە‌زگىلىدە ھالاك قىلىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10)‏.‏ يە‌ر يۈزىدىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر كۈچسىز،‏ شە‌پقە‌تسىز ياكى چىرىكلە‌شكە‌ن بولۇ‌پ،‏ كىشىلە‌رنى خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رمايدۇ.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن ھازىر خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشمايۋاتقانلىقىنىڭ يە‌نە باشقا بىر سە‌ۋە‌بىدۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئېنىق قىلىپ:‏ «بىر ئادە‌م يە‌نە بىر ئادە‌منىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك كېلىپ ئۇ‌نىڭغا زە‌رە‌ر [زىيان] يە‌تكۈزگە‌ن» دە‌يدۇ.‏ —‏ ۋە‌ز 8:‏9.‏

21.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى يە‌ر يۈزىدە قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

21 ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن ئىنسانلار پە‌قە‌ت بىرلا ھۆكۈمە‌تنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا بولىدۇ.‏ ئۇ بولسىمۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقىدۇ‌ر.‏ ئاشۇ پادىشاھلىق خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ ۋە ئاجايىپ بە‌خت-‏سائادە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ پادىشاھلىق شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرىنىڭ تە‌سىرىنى يوق قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏1–‏3)‏.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇ‌رۇ‌پ ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌ر يە‌نە كېسە‌ل بولۇ‌پ ئۆلۈپ كە‌تمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ مە‌ڭگۈ ياشىيالايدۇ ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 22:‏1–‏3)‏.‏ كە‌لگۈسىدە يە‌رشارى بىر گۈزە‌ل جە‌ننە‌ت ماكانغا ئايلىنىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ خۇ‌دا پادىشاھلىقى يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىدۇ.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن گە‌پ؟‏ بۇ دېگىنىمىز ئە‌ڭ ئاخىردا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا بولغان ھە‌ربىر تىرىك جان،‏ يە‌ھۋا دېگە‌ن بۇ ئىسىمنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى يە‌ر يۈزىدە قاچان ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

22.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغان ۋاقىتتا ياكى تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسمانغا چىقىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى دە‌رھال يېتىپ كە‌لمىگە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

22 ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ «سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كە‌لگە‌ي» دە‌پ دۇ‌ئا قىلىشنى ئېيتقان.‏ شۇ‌ڭا بۇ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كە‌لمىگە‌ن.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئە‌يسا مە‌سىھ ئاسمانغا قايتقاندا كە‌لگە‌نمۇ؟‏ ياق.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ۋە پاۋلۇ‌سلار ئېيتقاندە‌ك،‏ ئە‌يسا تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ زە‌بۇ‌ر 110-‏​باب 1-‏​ئايە‌تتە خاتىرىلە‌نگە‌ن:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا داۋۇ‌تنىڭ خوجايىنىغا سۆزلە‌پ،‏ «مە‌ن سېنىڭ دۈشمە‌نلىرىڭنى پۇ‌تلىرىڭنىڭ تېگىگە قويماغۇ‌نچىلىك مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇ‌رغىن» دېگە‌ن بېشارە‌ت مە‌سىھ ئە‌يسادا ئە‌مە‌لگە ئاشتى (‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏32–‏35؛‏ ئىبرانىيلار 10:‏12،‏ 13)‏.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋالايمىزكى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن مە‌سىھ بىر مە‌زگىل ساقلىشى كېرە‌ك بولغان.‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئاشقانغا ئوخشاش،‏ يە‌ر يۈزىدىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ

23.‏ (‏1)‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى قاچان ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى باب نېمە توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىدۇ؟‏

23 قانچىلىك ئۇ‌زاق ۋاقىت ساقلاش كېرە‌ك؟‏ 19-‏ئە‌سىرنىڭ ئاخىرى 20-‏ئە‌سىرنىڭ دە‌سلە‌پكى مە‌زگىلىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌ستايىدىل ئۆگە‌نگۈچىلىرى مۇ‌شۇ ساقلاش ۋاقتىنىڭ 1914-‏يىلى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى يە‌نىمۇ ئىلگىرلىگە ھالدا تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن (‏مۇ‌شۇ توغرىسىدىكى تە‌پسىلىي مە‌لۇ‌ماتلار «‏1914-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارىتىدىكى مۇ‌ھىم يىل‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتا بېرىلدى)‏.‏ 1914-‏يىلىدىن باشلاپ،‏ دۇ‌نيادا نۇ‌رغۇ‌ن چوڭ ئىشلارنىڭ توختىماي يۈز بېرىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگە‌نگۈچىلىرىنىڭ ئاشۇ بېشارە‌تنى توغرا چۈشىنىپ يە‌تكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنىڭ 1914-‏يىلى ئە‌مە‌لگە ئېشىشى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى ۋە خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقىنىڭ ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى كۆرسە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز شە‌يتاننىڭ «ۋاقتىنىڭ ئاز» قالغان مۇ‌شۇ ھالقىلىق دە‌ۋردە ياشاۋاتىمىز (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏12؛‏ زە‌بۇ‌ر 110:‏2)‏.‏ بىزمۇ شۇ‌نى جە‌زملە‌شتۈرۈپ ئېيتالايمىزكى،‏ پات-‏ئارىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا تېزدىن ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ سىزنىڭچە،‏ بۇ ئاجايىپ ھە‌يران قالارلىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئە‌مە‌سمۇ؟‏ پات-‏ئارىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى يە‌ر يۈزىدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا تېزدىن ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏ كېيىنكى باب،‏ سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تە‌ن مۇ‌شۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆگۈتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاسماندىكى ھۆكۈمە‌ت،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دا پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى.‏ مە‌سىھ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ ئېلىنغان 144000 كىشى بىلە‌ن بىرلىكتە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏1،‏ 4.‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلدىن باشلاپ ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشنى باشلىدى،‏ شۇ ۋاقىتتا شە‌يتان ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە تاشلاندى.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9.‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى پات-‏ئارىدا يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار باشقۇ‌رىدىغان ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ،‏ ھە‌مدە يە‌رشارى بىر گۈزە‌ل جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 16:‏14،‏ 16.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش