كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 31-‏دە‌رس
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 31-‏دە‌رس
31-‏دە‌رس.‏ يە‌ھۋانىڭ پارلىغان شان-‏شۆھرە‌ت نۇ‌رى ئالدىدا،‏ ئە‌يسا ئاسماندا پادىشاھ سۈپىتىدە تۇ‌رىدۇ.‏

31-‏دە‌رس

خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

خۇ‌دا پادىشاھلىقى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي ماۋزۇ‌سى.‏ يە‌ھۋا بۇ پادىشاھلىقنى قوللىنىپ،‏ ئۆزىنىڭ يە‌ر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئە‌سلى ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ پادىشاھلىق دېگە‌ن نېمە؟‏ ئۇ ھازىر ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏ ئۇ ئاللىقاچان نېمىلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمە قىلىدۇ؟‏ مۇ‌شۇ ۋە كېيىنكى دە‌رستە،‏ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

1.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە ۋە پادىشاھى كىم؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى —‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا تىكلىگە‌ن ھۆكۈمە‌ت.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌نىڭ پادىشاھى،‏ ئۇ ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ (‏مە‌تتا 4:‏17؛‏ يۇ‌ھاننا 18:‏36)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسا ھە‌ققىدە،‏ ئۇ پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ مە‌ڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ،‏ دە‌پ يېزىلغان (‏لۇ‌قا 1:‏32،‏ 33)‏.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدىكى ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏

2.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن كىملە‌ر ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؟‏

ئە‌يسا يالغۇ‌ز ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.‏ ھە‌ر قە‌بىلە،‏ ھە‌ر تىل،‏ ھە‌ر مىللە‌ت،‏ ھە‌ر خە‌لقتىن تاللانغان ئىنسانلار پادىشاھلار سۈپىتىدە يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 5:‏9،‏ 10)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنىڭ سانى قانچە؟‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كە‌لگە‌ندىن باشلاپ،‏ مىليونلىغان كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌ت 144000 كىشى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏1–‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى باشقا بارلىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پۇ‌قرالىرى بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار قۇ‌رغان ھۆكۈمە‌تلە‌ردىن ياخشى؟‏

گە‌رچە بە‌زى ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى ياخشىراق ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تىرىشسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ ئىشلارنى ئۆزلىرى خالىغاندە‌ك قىلىشقا كۈچ-‏قۇ‌درىتى يە‌تمە‌يدۇ.‏ دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ ياخشى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئورنىنى ھامان بىر كۈنى باشقا ھۆكۈمرانلار ئالىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار شە‌خسىيە‌تچى بولۇ‌پ،‏ ئۆز پۇ‌قرالىرىنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزدە تۇ‌تمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئە‌يسانىڭ ئورنىنى ھېچكىم ئالالمايدۇ.‏ خۇ‌دا مە‌ڭگۈ يىقىلمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى تىكلە‌يدۇ (‏دانىيال 2:‏44)‏.‏ ئە‌يسا پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.‏ ئۇ بىرىنى ياخشى كۆرۈپ،‏ باشقىلىرىنى چە‌تكە قاقمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە ھە‌ممىسىنى تە‌ڭ كۆرىدۇ.‏ ئە‌يسا مېھرىبان،‏ ئاق كۆڭۈل ۋە ئادىل پادىشاھ.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگىمۇ ئاق كۆڭۈل،‏ مېھرىبان،‏ ئادىل بولۇ‌شنى ئۆگىتىدۇ.‏—‏يە‌شايا 11:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

خۇ‌دا پادىشاھلىقى نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار قۇ‌رغان ھە‌رقانداق ھۆكۈمە‌تتىن ياخشى ئىكە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

ئە‌يسا ئاسماندىكى پادىشاھلىق تە‌ختىدە يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلدىغانلار ئۇ‌نىڭ كە‌ينىدە ئولتۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ كە‌ينىدە شان-‏شۆھرىتىنىڭ نۇ‌رىنى چېچىۋاتىدۇ.‏

4.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ

ئىنسانىيە‌ت تارىخىدا،‏ ھېچقانداق بىر ھۆكۈمران ئە‌يساغا ئوخشاش كۈچلۈك ھۆكۈمران بولالمىغان.‏ مە‌تتا 28:‏18‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌يسانىڭ ھوقۇ‌قى باشقا بارلىق ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقۇ‌قىدىن قانداق ئۈستۈن تۇ‌رىدۇ؟‏

ئىنسانلار قۇ‌رغان ھۆكۈمە‌تلە‌ر دائىم ئالمىشىپ تۇ‌رىدۇ.‏ ھە‌ربىرى يە‌ر-‏يۈزىنىڭ پە‌قە‌ت مە‌لۇ‌م بىر قىسمىنى باشقۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىچۇ؟‏ دانىيال 7:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

  • بۇ پادىشاھلىق پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلسا،‏ نېمە ئۈچۈن ياخشى؟‏

5.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار قۇ‌رغان ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ

نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشاھلىقى چوقۇ‌م ئىنسانلار قۇ‌رغان ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ ئورنىنى ئېلىشى كېرە‌ك؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏ —‏ ئۈزۈندە» (‏41:‏1)‏

  • ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قانداق نە‌تىجە ئېلىپ كە‌لدى؟‏

ۋە‌ز 8:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىزنىڭچە،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار قۇ‌رغان ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ ئورنىنى ئېلىشى كېرە‌كمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

6.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىزنى چۈشىنىدۇ

پادىشاھىمىز ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ئىنسان بولۇ‌پ ياشىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلالايدۇ (‏ئىبرانىيلار 4:‏15)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ر قە‌بىلە،‏ تىل ۋە مىللە‌ت كىشىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان 144000 ساداقە‌تمە‌ن ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 5:‏9.‏

  • ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار يە‌ر يۈزىدە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ئىسسىق-‏سوغۇ‌قلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ بۇ سىزگە تە‌سە‌للى بېرە‌مدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

ئوخشىمايدىغان زامان ۋە ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مە‌سىھ قىلىنغان ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار.‏

يە‌ھۋا ھە‌رخىل مىللە‌تتىن بولغان كىشىلە‌رنى ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللىغان

7.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ قانۇ‌نلىرى مۇ‌كە‌ممە‌ل

ئادە‌تتە،‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئۆز پۇ‌قرالىرىنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلە‌پ،‏ ئۇ‌لارنى قوغداش ئۈچۈن قانۇ‌نلارنى چىقىرىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ قانۇ‌نلىرىغىمۇ ئۇ‌نىڭ پۇ‌قرالىرى چوقۇ‌م بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9–‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌گە‌ر ھە‌ممىلا ئادە‌م خۇ‌دا چىقارغان قانۇ‌نلارغا ئە‌مە‌ل قىلسا،‏ سىزنىڭچە بۇ دۇ‌نيا قانداق بولىدۇa‏؟‏

  • خۇ‌دا ئۆز خە‌لقىدىن قانۇ‌نلارغا بويسۇ‌نۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ سىزنىڭچە،‏ ئۇ‌نىڭ شۇ‌نداق تە‌لە‌پ قىلىش ھوقۇ‌قى بارمۇ؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نمىغانلارنىڭ ئۆزگىرىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏—‏11-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ.‏

بىر ساقچى تۆت كوچا ئېغىزىدا ماشىنىنى توختىتىۋاتىدۇ.‏ پە‌رقلىق ياشتىكى ئادە‌ملە‌ر يولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتىدۇ.‏

ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئۆز پۇ‌قرالىرىنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇ‌نلارنى ئورنىتىدۇ.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ئورناتقان قانۇ‌نلىرى ئە‌ڭ ياخشى

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى زادى نېمە؟‏»‏

  • سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

خۇ‌دا پادىشاھلىقى —‏ يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئاسماندىكى ھە‌قىقىي ھۆكۈمە‌ت.‏

تە‌كرارلاش

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى كىملە‌ر؟‏

  • نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلار قۇ‌رغان ھۆكۈمە‌تلە‌ردىن ياخشى؟‏

  • يە‌ھۋا ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پۇ‌قرالىرىدىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

خۇ‌دا پادىشاھلىقى قە‌يە‌ردە؟‏ ئە‌يسانىڭ بۇ ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى زادى قە‌يە‌ردە؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا سادىق بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ردىن مۇ‌ھىم؟‏

‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا سادىق قالغانلار»‏ (‏43:‏1)‏

يە‌ھۋانىڭ 144000 كىشىنى ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللايدىغانلىقى ھە‌ققىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«كىملە‌ر ئاسمانغا چىقىدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

دۇ‌نيادا ئادالە‌تنى پە‌قە‌ت خۇ‌دا ئورنىتالايدىغانلىقىغا تۈرمىدىكى بىر ئايالنى نېمە ئىشە‌ندۈرگە‌ن؟‏

‏«ئادالە‌تسىزلىكنىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدىم»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2011-‏يىل،‏ نويابىر)‏

a بە‌زى قانۇ‌ن-‏قائىدىلە‌ر بۇ كىتابنىڭ 3-‏قىسمىدا مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش