كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 7-‏باپ 66-‏75 ب.‏
  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي ئۈمىد

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي ئۈمىد
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يېقىن كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە
  • ‏«لازار،‏ بۇ يە‌رگە چىق!‏»‏
  • تېرىلدۈرۈلۈشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خاتىرىلە‌ردىن قانداق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز
  • ‏«گۆرلە‌ردىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى»‏
  • تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىش
  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىز بىلە‌ن قايتا جە‌م بولىسىز!‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ‏«قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ!‏»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 7-‏باپ 66-‏75 ب.‏

7-‏باب

ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي ئۈمىد

  • قىيامە‌ت كۈنىدە تىرىلىشنىڭ راستتىنلا بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

  • ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش توغرىسىدا پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟‏

  • قىيامە‌ت كۈنىدە كىملە‌ر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟‏

1–‏3.‏ قانداق دۈشمە‌ن ھە‌ممىمىزنى قوغلايدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌لىملىرىنى مۇ‌لاھىزە قىلىش بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

سىز ياۋۇ‌ز بىر دۈشمە‌ننىڭ قولىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن قېچىپ كېتىۋاتقان مۇ‌نداق بىر كۆرۈنۈشنى خىيال قىلىپ بېقىڭ.‏ ئۇ سىزدىن كۆپ كۈچلۈك ۋە تېز يۈگۈرە‌يدۇ.‏ سىز ئۇ‌نىڭ ناھايىتى ياۋۇ‌ز ئىكە‌نلىكىنى بىلىسىز،‏ چۈنكى سىز ئۆز كۆزىڭىز بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ بە‌زى دوستلىرىڭىزنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ مە‌يلى سىز قانچە كۈچە‌پ ئۇ‌نىڭدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نغان بولسىڭىزمۇ،‏ ئۇ سىزگە داۋاملىق يېقىنلاپ كېلىۋاتقان،‏ سىزدە قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالىشىڭىزغا نىسبە‌تە‌ن ئۈمىد قالمىغان ئاشۇ پە‌يتتە،‏ توساتتىن سىز تە‌رە‌پتە تۇ‌رىدىغان بىر قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى پە‌يدا بولسا ۋە ئۇ سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزگە قارىغاندا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇ‌پ سىزگە ياردە‌م بېرىشكە ۋە‌دە بە‌رسە،‏ ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى قانچىلىك تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زىدۇ،‏ ھە!‏

2 مۇ‌نداقچە قىلىپ ئېيتساق،‏ دە‌ل شۇ‌نداق قە‌بىھ دۈشمە‌ن سىزنى قوغلىماقتا.‏ يالغۇ‌ز سىزنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بارلىق ئىنسانلارنى ئاشۇ دۈشمە‌ن قوغلاۋاتىدۇ.‏ ئالدىنقى بابتا ئۆگە‌نگە‌ندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئۆلۈمنى دۈشمە‌ن دە‌پ ئاتايدۇ.‏ ھېچ قايسىمىز ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايمىز ياكى ئۇ‌نى توسۇ‌پ قالالمايمىز.‏ ھە‌ممىمىز دېگۈدە‌ك،‏ بۇ دۈشمە‌ننىڭ بىزنىڭ ئە‌ڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنى بىزدىن ئېلىپ كە‌تكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ بىراق،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئاشۇ دۈشمە‌ن ئۆلۈمگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك.‏ خۇ‌دا بىر مېھر-‏شە‌پقە‌تلىك قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى،‏ ئۇ ئاللىقاچان ئاشۇ دۈشمە‌ننى مە‌غلۇ‌پ قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌نە ئۇ ئاشۇ دۈشمە‌ن ئۆلۈمنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ھە‌ممىدىن ئاخىرقى دۈشمە‌ندە‌ك ئۆلۈم ئۆزى يوقىتىلۇ‌ر» دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏26)‏.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن ئاجايىپ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر،‏ ھە!‏

3 قېنى بىز ھازىر ئاشۇ دۈشمە‌ن،‏ ئۆلۈم،‏ بىزنىڭ يېقىن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقان ۋە دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىمىزنى ئېلىپ كە‌تسە،‏ بىز قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ مۇ‌شۇ‌نى مۇ‌لاھىزە قىلىش يە‌ھۋانىڭ بىزنى خۇ‌شال قىلىدىغان ۋە‌دىسىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ قارىڭە!‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئۆلۈكلە‌رنى قايتا ياشايدۇ دە‌پ ۋە‌دە قىلغان (‏يە‌شايا 26:‏19)‏.‏ كە‌لگۈسىدە ئۆلۈكلە‌ر ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كېلىنىدۇ.‏ ئاشۇ دە‌ل تىرىلىش ئۈمىدىدۇ‌ر.‏

يېقىن كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە

4.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ئۆزى يېقىنىنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان ئىنكاسى بىزگە پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ھېسسىياتىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئە‌يسا كىم بىلە‌ن يېقىن دوست بولغان؟‏

4 سىزنىڭ بىرە‌ر يېقىن كىشىڭىز ئالە‌مدىن ئۆتكە‌ندە جۇ‌دالىق ئازابى قە‌لبىڭىزنى چىرمىغانمۇ؟‏ بىز يېقىن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلغاندا،‏ قە‌لبىمىز قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تكە تولۇ‌پ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ،‏ قويغان-‏تۇ‌تقىنىمىزنى ئۇ‌نتۇ‌لۇ‌پ قالىدىغان بولۇ‌پ قالىمىز.‏ ئاشۇ‌نداق ۋاقىتتا،‏ بىز خۇ‌دانىڭ سۆزىنىڭ كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للىي بېرىشىگە موھتاج بولىمىز ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏3،‏ 4)‏.‏ ئادە‌ملە‌ر ئۆلۈپ كە‌تسە،‏ يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۆز ئاتىسىنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن ئە‌يسا،‏ بىر كىشىنىڭ ئۆز يېقىنلىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە قانچىلىك قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ھە‌ر نۆۋە‌ت يېرۇ‌سالېم شە‌ھىرىگە كە‌لگىنىدە،‏ ئادە‌تتە ئۇ قوشنا كىچىك شە‌ھە‌ر بە‌يتانىياغا كىرىپ لازار ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌دىلىرى مە‌ريە‌م بىلە‌ن مارتانى يوقلاپ ئۆتە‌تتى.‏ ئۇ‌لار ھە‌ممىسى ئە‌يسانىڭ يېقىن دوستلىرى بولۇ‌پ قالغان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ھە‌زرىتى ئە‌يسا مارتا،‏ مە‌ريە‌م ۋە لازارنى بە‌ك ياخشى كۆرە‌تتى» دە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 11:‏5،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ لېكىن 6-‏​بابتا ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ لازار ئۆلگە‌ن ئىدى.‏

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا،‏ لازارنىڭ ھە‌سرە‌ت چېكىپ ئازابلىنىۋاتقان ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقان ۋە دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرى بىلە‌ن بىللە بولغاندا،‏ قانداق ھېسسىياتتا بولدى؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ھە‌سرە‌ت چېكىشى بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ؟‏

5 ئە‌يسا ئۆز يېقىن دوستى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە قانداق ھېسسىياتتا بولغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق خاتىرىلە‌نگە‌ن:‏ مە‌سىھ ئە‌يسا لازارنىڭ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى ۋە دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىنىڭ قېشىغا بارغاندا،‏ ئۇ‌لار لازارنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئازابلىنىپ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتقان ئىدى.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌لارنى كۆرۈپ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ ئۇ «روھدا قايناپ [غە‌زە‌پلىنىپ] بىئارام بولۇ‌پ» ئاندىن ئە‌يسا «يىغلىدى» دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 11:‏33،‏ 35)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھە‌سرە‌ت چېكىشى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈمىدسىز بولغانلىقىدىنمۇ؟‏ ھە‌رگىز ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئە‌يسا كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان ئىشنىڭ پات-‏ئارىدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى (‏يۇ‌ھاننا 11:‏3،‏ 4)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌نە يېقىن دوستىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌ن ئىدى.‏

6 ئە‌يسانىڭ ھە‌سرە‌ت چېكىشى،‏ مە‌لۇ‌م جە‌ھە‌تتىن ئېيتقاندا بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للىي بېرىش بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتىسى يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ ئاللا يە‌ھۋا ئاشۇ دۈشمە‌ن ئۆلۈم ئۈستىدىن غە‌لبە قىلىش كۈچ-‏قۇ‌درىتىگە ئىگە!‏ قېنى،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت ئارقىلىق نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

‏«لازار،‏ بۇ يە‌رگە چىق!‏»‏

7،‏ 8.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌تراپتىكى ئاشۇ ئىشلارنى كۆرگۈچىلە‌ر لازاردا ئۈمىد يوق دە‌پ قارىغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا نېمە ئىش قىلدى؟‏

7 لازار بىر ئۆڭكۈرگە دە‌پنە قىلىنغان ئىدى،‏ ئە‌يسا لازار دە‌پنە قىلىنغان ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ئىتىلگە‌ن تاشنى ئېلىۋېتىشنى ئېيتتى.‏ لازارنىڭ ئاچىسى مارتا قوشۇ‌لمىدى.‏ چۈنكى،‏ لازارنىڭ ئۆلگىنىگە تۆت كۈن بولغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭ جە‌سىتى ئاللىقاچان چىرىشكە باشلىغان ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 11:‏39)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌تراپتىكى ئاشۇ ئىشلارنى كۆرگۈچىلە‌ر لازاردا ئۈمىد يوق دە‌پ قارىغان.‏

لازار تىرىلدۈرۈلگە‌ندە،‏ ھە‌ممە كىشىلە‌ر خۇ‌شال بولۇ‌شقان —‏ يۇ‌ھاننا 11:‏38–‏44

8 ئۆڭكۈر ئېغىزدىكى تاش ئېلىۋېتىلدى،‏ ئە‌يسا يۇ‌قىرى ئاۋازدا:‏ «لازار،‏ مۇ‌ندا [بۇ يە‌رگە] چىققىن» دە‌پ توۋلىدى.‏ نېمە ئىش يۈز بە‌ردى؟‏ «ئۆلۈك قول ۋە پۇ‌تلىرى كېپە‌ن بىلە‌ن باغلىنىپ يۈزى ياغلىق بىلە‌ن يۆگە‌كلىك چىقتى» (‏يۇ‌ھاننا 11:‏43،‏ 44)‏.‏ سىز ئە‌تراپتا تۇ‌رۇ‌پ مۇ‌شۇ ئىشلارنى كۆرگە‌نلە‌رنىڭ قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏ مە‌يلى لازارنىڭ ھە‌دىلىرى،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى،‏ دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرى ياكى قولۇ‌م-‏قوشنىلىرى بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىسى لازارنىڭ ئۆلگە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ لېكىن،‏ مانا ئۇ‌لارنىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن ئادىمى قايتىدىن ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا تۇ‌ردى.‏ بۇ قارىماققا ئىشىنىش مۇ‌مكىن بولمايدىغان ئىش.‏ بىراق،‏ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ لازار بىلە‌ن خۇ‌شاللىق ئىچىدە قۇ‌چاقلاشقانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ ۋاھ،‏ بۇ ئۆلۈم ئۈستىدىن قىلىنغان نېمە دېگە‌ن چوڭ غە‌لبە،‏ ھە؟‏!‏

ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر تۇ‌ل ئايالنىڭ بالىسىنى تىرىلدۈردى —‏ 1-‏پادىشاھلار 17:‏17–‏24

9،‏ 10.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا،‏ لازارنى تىرىلدۈرگە‌ندىكى كۈچ-‏قۇ‌درە‌تنىڭ قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تىرىلدۈرۈشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خاتىرىلە‌رنى ئوقۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

9 مە‌سىھ ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتى ئارقىلىق مۇ‌شۇ ھە‌يران قالارلىق مۆجىزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.‏ دە‌ل لازارنى بۇ‌ياققا چىق دە‌پ چاقىرىشتىن ئىلگىرى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز دۇ‌ئايىدا ئادە‌منى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن كېلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 11:‏41،‏ 42)‏.‏ بۇ تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بىرىنچى قېتىم ئىشلىتىشى ئە‌مە‌س.‏ لازارنى تىرىلدۈرۈش،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خاتىرىلە‌نگە‌ن ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك توققۇ‌ز مۆجىزىنىڭ بىرلا خالاس.‏a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خاتىرىلە‌نگە‌ن مۇ‌شۇ مۆجىزىلە‌رنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۆگىنىش ئادە‌منى ئاجايىپ ھاياجانغا سالىدۇ.‏ ئاشۇ مۆجىزىلە‌ردىن بىز ئاللانىڭ ھە‌ممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.‏ چۈنكى،‏ ئاللا تىرىلدۈرگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدا ئە‌ر-‏ئايال،‏ قېرى-‏ياش،‏ ئىسرائىللار ۋە ئىسرائىل ئە‌مە‌سلە‌رمۇ بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاشۇ تىرىلدۈرۈش مۆجىزىسىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شال بولغانلىقى خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىر كىچىك قىزنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگە‌ندە،‏ قىزنىڭ ئاتا-‏ئانىسى ۋە «ئۇ‌لار ناھايىتى ھە‌يران قالدىلار» (‏ماركۇ‌س 5:‏42)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ مېھر-‏شە‌پقىتى ئۇ‌لار ئۈچۈن مە‌ڭگۈ ئۇ‌نتۇ‌لغۇ‌سىز،‏ چە‌كسىز خۇ‌شاللىق ئېلىپ كە‌لگە‌ن.‏

مە‌سىھنىڭ شاگىرتى پېترۇ‌س،‏ دوركاس ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى ئايالنى تىرىلدۈردى —‏ ئە‌لچىلە‌ر 9:‏36–‏42

10 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاشۇ ئە‌يسا مە‌سىھ تە‌رىپىدىن تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌ر ئە‌ڭ ئاخىرىدا يە‌نە ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌شۇ تىرىلدۈرۈلۈش ئۇ‌لار ئۈچۈن ئە‌ھمىيە‌تسىزمۇ؟‏ ياق ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاشۇ خاتىرىلە‌ر مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى ئىسپاتلىدى ۋە بىزگە ئۈمىد ئېلىپ كە‌لدى.‏

تېرىلدۈرۈلۈشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خاتىرىلە‌ردىن قانداق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز

11.‏ لازارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خاتىرىلە‌ر،‏ ۋە‌ز 9-‏​باب 5-‏​ئايە‌تنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى قانداق ئىسپاتلىدى؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئۆلۈكلە‌ر «ھېچ نېمە بىلمە‌س» دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ ئۆلۈكلە‌ردە ھاياتلىق مە‌ۋجۇ‌ت ئە‌مە‌س ھە‌م ھېچ قانداق سېزىم يوق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى لازار توغرىسىدىكى خاتىرە مۇ‌شۇ ھە‌قىقە‌تنى ئىسپاتلىدى.‏ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكە‌ن لازار كىشىلە‌رنى ھاياجانلاندۇ‌رۇ‌پ جە‌ننە‌ت توغرىسىدا سۆزلە‌پ بە‌ردىمۇ؟‏ ياكى كىشىلە‌رنى ۋە‌ھىمىگە سېلىپ ئۇ‌لارغا قورقۇ‌نچلۇ‌ق ئوت كۆيۈۋاتقان دوزاخ توغرىسىدا سۆزلە‌پ بە‌ردىمۇ؟‏ ياق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا لازارنىڭ ئاشۇ‌نداق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىگە‌ن ھېچقانداق بىر سۆزى ئە‌سلا خاتىرىلە‌نگە‌ن ئە‌مە‌س.‏ ئۇ تۆت كۈن ئۆلۈك ھالىتىدە «ھېچ نېمە بىلمە‌س» بولغان (‏ۋە‌ز 9:‏5)‏.‏ لازار ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا بولغان ئىدى.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 11:‏11.‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن،‏ بىز لازارنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌نلىكىگە جە‌زم قىلالايمىز؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى لازار توغرىسىدىكى خاتىرىلە‌ر تىرىلدۈرۈلىشنىڭ بىر ئە‌پسانىۋى رىۋايە‌ت بولماستىن،‏ بىر ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىھ ئە‌يسا لازارنى بىر توپ كۆرۈپ تۇ‌رغان كىشىلە‌رنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگە‌ن.‏ ھە‌تتا،‏ مە‌سىھكە ئۆچ بولغان دىنىي يېتە‌كچىلە‌رمۇ ئاشۇ تىرىلىش مۆجىزىسىنىڭ يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى ئىنكار قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار:‏ «نېمە قىلايلى؟‏ بۇ ئادە‌م [ئە‌يسا] تولا مۆجىزە قىلادۇ‌ر» دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 11:‏47)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌ن لازارنى كۆرگىلى بارغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ ئاللا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلىكىنى تىرىك ئىسپات لازار ئارقىلىق كۆردى.‏ مۇ‌شۇ ئىشلار باغرى تاش يە‌ھۇ‌دىي دىنىي يېتە‌كچىلە‌رنىڭ كۆز ئالدىدىكى روشە‌ن دە‌لىل-‏ئىسپات بولغاچ،‏ ئاشۇ يېتە‌كچىلە‌ر ھە‌زرىتى ئە‌يسا ۋە لازارنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 11:‏53؛‏ 12:‏9–‏11.‏

13.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە قانداق ئاساسىمىز بار؟‏

13 ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ تىرىلىشىگە ئىشىنىش ئە‌قىلگە سىغامدۇ؟‏ شۇ‌نداق سىغىدۇ.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مۇ‌نداق تە‌لىم بە‌رگە‌ن:‏ شۇ‌نداق بىر كۈن كېلىدۇ‌كى،‏ «گۆرلە‌ردىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى» تىرىلدۈرۈلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28)‏.‏ يە‌ھۋا پۈتكۈل مە‌خلۇ‌قاتنىڭ ياراتقۇ‌چىسىدۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتلىقنى قايتىدىن يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىنمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە بۇ‌لار ئۇ‌نىڭ ئە‌ستە ساقلىشىغا باغلىق.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمىزنى ئە‌سلىيە‌لە‌مدۇ؟‏ ساناپ تۈگە‌تكۈسىز چە‌كسىز يۇ‌لتۇ‌زلارنى ئاسمانغا تولدۇ‌رغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ر بىرىگە ئىسىم قويغان دە‌ل خۇ‌دا ئە‌مە‌سمۇ!‏ (‏يە‌شايا 40:‏26)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىمىز توغرىسىدىكى ھە‌ربىر كىچىك تە‌پسىلاتلارنى ئە‌سلە‌ش تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئۈچۈن ھېچ ئىش ئە‌مە‌س ھە‌مدە ئۇ ئۇ‌لارنى قايتا ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌ش قۇ‌درىتىگە ئىگە.‏

14،‏ 15.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ دېگە‌ن سۆزىگە قاراپ باقساق،‏ يە‌ھۋا ئۆلۈكلە‌رنى ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىشكە نىسبە‌تە‌ن قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟‏

14 لېكىن،‏ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈشكە نىسبە‌تە‌ن خۇ‌دا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئۇ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈشكە تە‌شنادۇ‌ر دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ ساداقە‌تمە‌ن پە‌يغە‌مبە‌ر ئايۇ‌پ:‏ «ئۆلگە‌ن ئادە‌م يە‌نە تىرىلە‌مدۇ‌ر؟‏» دە‌پ سورىغان.‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نى ئە‌سلە‌يدىغان ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگۈچە ئايۇ‌پ قە‌برە ئىچىدە ساقلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ۋاقتى كە‌لسە سە‌ن مېنى قىچقىرار ئىدىڭ مە‌نمۇ ساڭا جاۋاب بېرە‌ر ئىدىم .‏.‏.‏ سە‌ن بولساڭ قوللىرىڭنىڭ ئىشى بولغاننىڭ ئۆزىنى سېغىنىپ» سە‌ن.‏ —‏ ئايۇ‌پ 14:‏13–‏15.‏

15 ئويلاپ بېقىڭە!‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۆلگە‌ن ئادە‌ملە‌رنى سېغىنغاچقا،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىشكە تە‌شنادۇ‌ر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلگە‌نلە‌رنى سېغىنىپ ئۇ‌لارنى ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىشكە تە‌شنا ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا ئۆگىنىش بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زمامدۇ؟‏ بىراق،‏ قىيامە‌ت كۈنىدىكى تىرىلىش قانداق يۈز بېرىدۇ؟‏ كىملە‌ر تىرىلدۈرۈلىدۇ ۋە قە‌يە‌ردە؟‏

‏«گۆرلە‌ردىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى»‏

16.‏ كە‌لگۈسىدە ئۆلگە‌ن ئادە‌ملە‌ر تىرىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ قانداق تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتى بار بولىدۇ؟‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تىرىلدۈرۈشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خاتىرىلە‌ر بىزلە‌رنى كە‌لگۈسىدىكى تىرىلدۈرلۈش ھە‌قىقىدە بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ.‏ ئاشۇ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكە‌نلە‌ر يە‌ر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئۆز يېقىن كىشىلىرى بىلە‌ن جە‌م بولىدۇ.‏ كە‌لگۈسىدىكى تىرىلدۈرلۈشتە يە‌نە ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار ۋە دوست-‏بۇ‌رادە‌رلە‌ر قايتا جە‌م بولىدۇ.‏ بىز 3-‏​بابتا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ مە‌قسىتى بولسا پۈتۈن يە‌رشارىنى بىر جە‌ننە‌ت ماكانغا ئايلاندۇ‌رۇ‌ش بولغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئۆلگە‌ن ئادە‌ملە‌ر تىرىلگە‌ن ۋاقىتتا دۇ‌نيادا ئۇ‌رۇ‌ش،‏ جىنايە‌ت ۋە كېسە‌للىك دېگە‌نلە‌ر بولمايدۇ.‏ تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ تىنچلىق ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا تولغان مۇ‌شۇ يە‌رشارىدا مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتى بار بولىدۇ.‏

17.‏ كىملە‌ر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟‏

17 كىملە‌ر تىرىلدۈرۈلىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسا:‏ «گۆرلە‌ردىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ [ئە‌يسا] نىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلۇ‌ر» ۋە گۆردىن چىقار دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29)‏.‏ ئوخشاشلا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ھىيلە‌ر 20-‏​باب 13-‏​ئايىتى (‏ھ.‏ز.‏)‏:‏ «دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلە‌رنى،‏ ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلە‌ر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلە‌رنى تاپشۇ‌رۇ‌شتى» دە‌يدۇ.‏ «ئۆلۈكلە‌ر دىيارى» يە‌نى ھە‌يدىس بولسا ئىنسانلارنىڭ گۆرى.‏ (‏مۇ‌شۇ كىتابنىڭ «‏‏«شېئول» ۋە «ھە‌يدىس» دېگە‌نلە‌ر نېمە؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ مۇ‌شۇ گۆردە ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا ئارام ئېلىۋاتقان نە‌چچە مىليارد ئۆلۈكلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى قايتا ھاياتلىققا ئىگە بولۇ‌پ گۆردە ھېچكىم قالمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ياخشىلار بىلە‌ن يامانلار قۇ‌پادۇ‌ر» دېگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15)‏.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن گە‌پ؟‏

جە‌ننە‌تتە،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى تىرىلدۈرۈلۈپ يېقىن كىشىلىرى بىلە‌ن جە‌م بولىدۇ

18.‏ كە‌لگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدىغان «ياخشىلار» —‏ يە‌نى ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌ر كىملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ تىرىلىش ئۈمىدىنىڭ شە‌خسە‌ن سىز ئۆزىڭىزگە قانداق پايدىسى بار؟‏

18 «ياخشىلار» —‏ يە‌نى ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن ئىلگىرى ياشىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار نۇ‌ھ،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ تە‌قۋادار ئاياللاردىن رۇ‌ت ۋە ئە‌ستېر ۋە باشقىلار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خە‌ت 11-‏​بابىدا مۇ‌شۇ كىشىلە‌رنىڭ بە‌زىلىرىنىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى تىلغا ئېلىنغان.‏ كە‌لگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدىغان ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌ر ھازىر بىز ياشاۋاتقان زاماندا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئاشۇ تىرىلىش ئۈمىدى بىزنى ئۆلۈمنىڭ قورقۇ‌نچىدىن ئازاد قىلدى.‏ —‏ ئىبرانىيلار 2:‏15.‏

19.‏ كىملە‌ر «يامانلار» —‏ يە‌نى ھە‌ققانىي ئاتالمىغان ئادە‌ملە‌ر؟‏ مېھر-‏شە‌پقە‌تلىك تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق پۇ‌رسە‌ت بېرىدۇ؟‏

19 ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمىگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلماي ياشىغان بارلىق ئادە‌ملە‌رچۇ؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى تونۇ‌مىغان ياكى ئۆمرىدە ئۇ‌نى تونۇ‌ش پۇ‌رسىتى بولمىغان تۇ‌رسا؟‏ ئۇ‌لار تىرىلدۈرلە‌مدۇ؟‏ خۇ‌دا مىلياردلىغان «يامانلار» —‏ يە‌نى ھە‌ققانىي ئاتالمىغان ئادە‌ملە‌رنى ھە‌رگىز ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايدۇ.‏ ئۇ‌لارمۇ تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏ ئۇ‌لارغا ھە‌ق چىن خۇ‌دا توغرىسىدا ئۆگىنىش ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلىدۇ.‏ مىڭ يىل داۋامىدا ئۆلۈكلە‌ر تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇ‌لارغا يە‌ر يۈزىدىكى ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رگە قوشۇ‌لۇ‌پ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتى بېرىلىدۇ.‏ ئاشۇ ئاجايىپ مىڭ يىل ۋاقىتنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ قىيامە‌ت كۈنى دە‌پ ئاتايدۇ.‏b

20.‏ گە‌ھە‌ننا دېگە‌ن نېمە؟‏ كىملە‌ر ئاشۇ جايغا بارىدۇ؟‏

20 بۇ‌نىڭ مە‌نىسى دۇ‌نياغا كېلىپ ياشاپ ئۆلگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى تىرىلىدۇ دېگە‌نلىك بولامدۇ؟‏ ياق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۆلگە‌ندىن كېيىن «گە‌ھە‌ننا» يە‌نى ئۇ‌يغۇ‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «جە‌ھە‌ننە‌م» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان جايدا بولىدۇ دە‌يدۇ (‏لۇ‌قا 12:‏5)‏.‏ گە‌ھە‌ننا بولسا قە‌دىمكى يېرۇ‌سالېمنىڭ شە‌ھە‌ر سىرتىدىكى بىر ئە‌خلە‌ت دۆۋىسى بولۇ‌پ ئۆلۈكلە‌ر ۋە ئە‌خلە‌تلە‌ر ئۇ يە‌ردە كۆيدۈرۈلە‌تتى.‏ ئۇ يە‌رگە تاشلانغان ئۆلۈكلە‌ر يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ نە‌زىردە دە‌پنە قىلىشقا ۋە تىرىلىشكە مۇ‌ناسىپ كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ قارىلاتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ گە‌ھە‌ننا بولسا مە‌ڭگۈلۈك ھالاك قىلىنىشنىڭ ناھايىتى مۇ‌ۋاپىق سىموۋلى.‏ گە‌رچە ئە‌يسا مە‌سىھ كە‌لگۈسىدە تىرىكلە‌ر ۋە ئۆلۈكلە‌رنى سوت قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ لېكىن ئە‌ڭ ئالىي ھۆكۈم قىلغۇ‌چى يە‌نىلا يە‌ھۋا (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏42)‏.‏ رە‌زىل ۋە ئۆزگە‌رمە‌س دە‌پ ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلە‌رنى يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ تىرىلدۈرمە‌يدۇ.‏

تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىش

21،‏ 22.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قايسى باشقا بىر خىل تىرىلىشنى تىلغا ئالغان؟‏ (‏2)‏ كىم تۇ‌نجى بولۇ‌پ تىرىلدۈرۈلۈپ روھى ھاياتلىققا ئىگە بولدى؟‏

21 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە بىر خىل تىرىلىشنى تىلغا ئالىدۇ،‏ ئۇ بولسىمۇ تىرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ روھى زات بولۇ‌شتۇ‌ر.‏ مۇ‌شۇ خىل تىرىلىشنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا پە‌قە‌ت بىرلا مە‌سىھنىڭ تىرىلدۈرۈلگە‌نلىكى خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏

22 ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆلتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىسىنىڭ گۆر ئىچىدە قېلىشىغا يول قويمىغان (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏10؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 13:‏34،‏ 35)‏.‏ خۇ‌دا ئە‌يسا مە‌سىھنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئىنسان سۈپىتىدە ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى پېترۇ‌س:‏ ئە‌يسا مە‌سىھ «جىسىمچە ئۆلتۈرۈلگە‌ن بولسا ھە‌م روھچە تىرىلگۈزۈلدى» دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏18)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بىر ئاجايىپ مۆجىزە.‏ مە‌سىھ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە ئىگە روھى زات سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلدى!‏ ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏3–‏6)‏.‏ مە‌سىھ ئە‌يسا بولسا ئاشۇ شان-‏شە‌رە‌پلىك تىرىلىشنى تۇ‌نجى بولۇ‌پ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 3:‏13)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ ئە‌ڭ ئاخىرقىسى ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە باشقىلارمۇ بار.‏

23،‏ 24.‏ ئە‌يسانىڭ كىچىك پادىسى كىملە‌ر؟‏ ئۇ‌لارنىڭ سانى قانچە؟‏

23 مە‌سىھ ئۆزىنىڭ ئاسمانغا قايتىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ساداقە‌تمە‌ن ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ مە‌ن سىلە‌ر ئۈچۈن «جاي راسلىغىلى بارۇ‌رمە‌ن» دە‌پ ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏2)‏.‏ ئاسمانغا چىقىش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلىدىغان كىشىلە‌رنى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ «كىچىك پادىسى» دە‌پ تىلغا ئالغان (‏لۇ‌قا 12:‏32)‏.‏ مۇ‌شۇ نىسبە‌تە‌ن سانى ئازراق بولغان ساداقە‌تمە‌ن ئېتىقادچىلارنىڭ سانى قانچە؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ھىيلە‌ر 14-‏​باب 1-‏​ئايىتىدە:‏ «كۆرسە‌م مانا سىئون تېغى ئۈستىدە قوزا [ئە‌يسا مە‌سىھ] تۇ‌رادۇ‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆز پېشانىلىرىدە ئۇ‌نىڭ ئىسمى ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى پۈتۈكلۈك بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىمە‌رسە [كىشى] تۇ‌رۇ‌پتۇ‌ر» دېيىلگە‌ن.‏

24 بۇ 144000 كىشى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ساداقە‌تمە‌ن شاگىرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ ئۇ‌لار ئاسماندىكى روھى ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏ ئۇ‌لار قاچان تىرىلدۈرۈلىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ ئە‌يسا پادىشاھ بولۇ‌پ باشقۇ‌رۇ‌غان ۋاقىتتا ئۇ‌لارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگە‌ن (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏23)‏.‏ بىز دە‌ل ئە‌يسا پادىشاھ بولۇ‌پ باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتتا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى سىز 9-‏​بابتا ئۆگىنىسىز.‏ شۇ‌ڭا 144000 كىشىنىڭ كۆپىنچىلىرى تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسماندا روھى ھاياتلىققا ئېرىشتى.‏ لېكىن،‏ قالغان ئاز ساندىكىلىرى ھازىر يە‌ر يۈزىدە ياشاۋاتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار ھازىر ئۆلسە،‏ ئاسماندىكى روھى ھاياتلىققا قوشۇ‌لۇ‌پ ياشاش ئۈچۈن دە‌رھال تىرىلدۈرۈلىدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏51–‏55)‏.‏ بىراق،‏ كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلۈش ئۈمىدى بار.‏

25.‏ كېيىنكى بابتا نېمە توغرىسىدا ئۆگىنىمىز؟‏

25 ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا كە‌لگۈسىدە بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولغان ئۆلۈمنى مە‌غلۇ‌پ قىلىدۇ ۋە ئۆلۈم مە‌ڭگۈ يوقىلىدۇ!‏ ‏(‏يە‌شايا 25:‏8)‏.‏ لېكىن،‏ ‹تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسماندا ھاياتلىققا ئېرىشىدىغانلار ئاسماندا نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟‏› دە‌پ بىلگىڭىز كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار ئاسماندا پادىشاھلىق ھۆكۈمە‌ت ئۈچۈن ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزىدۇ.‏ بىز ئاشۇ ھۆكۈمە‌ت توغرىسىدا كېيىنكى بابتا تە‌پسىلىي ئۆگىنىمىز.‏

a باشقا تىرىلدۈرۈشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خاتىرىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ:‏ 1-‏پادىشاھلار 17:‏17–‏24؛‏ 2-‏پادىشاھلار 4:‏32–‏37؛‏ 13:‏20،‏ 21؛‏ مە‌تتا 28:‏5–‏7؛‏ لۇ‌قا 7:‏11–‏17؛‏ 8:‏40–‏56؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 9:‏36–‏42؛‏ 20:‏7–‏12 ئايە‌تلىرىدە خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏

b قىيامە‌ت كۈنى ۋە سوئال-‏سوراق قىلىنىشىنىڭ ئاساسى توغرىسىدا كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن «‏قىيامە‌ت كۈنى —‏ ئۇ قانداق كۈن؟‏‏» ناملىق قوشۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تىرىلىشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خاتىرىلە‌ر بىزگە ھە‌قىقىي ئۈمىد بېرىدۇ.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 11:‏39–‏44.‏

  • پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئۆلگە‌نلە‌رنى ھاياتلىققا قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىشكە تە‌شنادۇ‌ر.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 14:‏13–‏15.‏

  • گۆردىكى ئۆلۈكلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى كە‌لگۈسىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28–‏29.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش