كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 30-‏دە‌رس
  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىز بىلە‌ن قايتا جە‌م بولىسىز!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىز بىلە‌ن قايتا جە‌م بولىسىز!‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي ئۈمىد
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ‏«قېرىندىشىڭىز تىرىلىدۇ!‏»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ‏«خۇ‌داغا ئۈمىد باغلاپ ئىشىنىمە‌ن»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 30-‏دە‌رس
30-‏دە‌رس.‏ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌ن بىر ئوغۇ‌ل بالىنى ئائىلىسىدىكىلە‌ر قارشى ئېلىۋاتىدۇ.‏

30-‏دە‌رس

ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىز بىلە‌ن قايتا جە‌م بولىسىز!‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

ئۆلۈم ئىنسانلارنىڭ بېشىغا ئېغىر قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلە‌ر ۋە دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆلۈم دۈشمە‌ن دە‌پ ئاتالغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏26)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ دۈشمە‌ننى يوق قىلىدىغانلىقىنى،‏ سىز 27-‏دە‌رستە ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌رگە نېمە بولىدۇ؟‏.‏ بۇ دە‌رستە،‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌نە باشقا ئاجايىپ ۋە‌دىسى ھە‌ققىدە ئۆگىنىسىز.‏ ئۇ مىلياردلىغان كىشىلە‌رنى مە‌ڭگۈ شاد-‏خورام ياشاش ئۈچۈن قايتا ھاياتلىققا تىرىلدۈرىدۇ.‏ ئاشۇ ئىش ھە‌قىقە‌تە‌ن يۈز بېرە‌مدۇ؟‏ ئۇ‌لار تىرىلسە،‏ ئاسماندا ياشامدۇ ياكى يە‌ر يۈزىدىمۇ؟‏

1.‏ خۇ‌دا يېقىنلىرىمىزنى قايتا تىرىلدۈرۈشنى خالامدۇ؟‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرۈشنى ئىنتايىن خالايدۇ.‏ ساداقە‌تمە‌ن كىشى ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆزى ئۆلسە،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌مايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ:‏ ‏«سە‌ن چاقىرىسە‌ن،‏ مە‌ن ساڭا [گۆردىن] جاۋاب بېرىمە‌ن»،‏–‏ دېگە‌ن.‏—‏ئايۇ‌پ 14:‏13–‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئادە‌ملە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ 12 ياشتىكى بىر قىزنى ۋە بىر تۇ‌ل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرگە‌ن (‏ماركۇ‌س 5:‏41،‏ 42؛‏ لۇ‌قا 7:‏12–‏15)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ دوستى لازار ئۆلۈپ يە‌رلە‌نگىنىگە تۆت كۈن بولسىمۇ،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى تىرىلدۈرگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ قە‌برىگە قاراپ:‏ «لازار،‏ تاشقىرىغا چىق!‏»—‏ دە‌پ چاقىرغان.‏ كېيىن،‏ لازار تىرىلىپ قە‌برىدىن چىققان (‏يۇ‌ھاننا 11:‏43،‏ 44)‏.‏ لازارنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ!‏

3.‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىز ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئىنسانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15)‏.‏ ئە‌يسا ئۆتمۈشتە تىرىلدۈرگە‌ن كىشىلە‌ر ئاسمانغا چىقىپ كە‌تمىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 3:‏13)‏.‏ ئۇ‌لار تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ر يۈزىدە خۇ‌شال-‏خورام ياشىغانىدى.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ يېقىن كېلە‌چە‌كتە ئە‌يسا مىلياردلىغان ئىنسانلارنى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاشقا تىرىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌يسا قە‌برىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار كىشىلە‌رنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ بىراق خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ئە‌يسانىڭ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنىڭ بارلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە چوقۇ‌م شۇ‌نداق قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى كۆرۈڭ.‏ تىرىلدۈرۈلۈش سىزگە قانداق تە‌سە‌للى ۋە ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

ئە‌يسا دوستى لازارنى تىرىلدۈرگە‌ندە باشقىلار ھە‌يران بولۇ‌پ قاراۋاتىدۇ.‏

4.‏ ئە‌يسا ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان

ئە‌يسا دوستى لازارنى قانداق تىرىلدۈرگە‌نلىكى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىۋېلىڭ.‏ يۇ‌ھاننا 11:‏14،‏ 38–‏44-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • لازارنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۆلگە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏—‏39-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ.‏

  • سىزنىڭچە،‏ لازار ئاسماندىكى جە‌ننە‌تكە چىقىپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى تىرىلدۈرۈپ،‏ يە‌رگە قايتا ئېلىپ چۈشكە‌نمۇ؟‏

فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ئە‌يسا لازارنى تىرىلدۈرگە‌ن» (‏16:‏1)‏

5.‏ مىلياردلىغان ئىنسانلار تىرىلدۈرۈلىدۇ!‏

زە‌بۇ‌ر 37:‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مىلياردلىغان تىرىلدۈرۈلگە‌ن ئىنسانلار قە‌يە‌ردە ياشايدۇ؟‏

ئە‌يسا پە‌قە‌ت خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغانلارنى ئە‌مە‌س،‏ باشقا كىشىلە‌رنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىز كىمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈۋاتىسىز؟‏

بىر ئاتا ئوغلىنى ئاستىغىنە ئۇ‌يقۇ‌دىن ئويغىتىۋاتىدۇ.‏

بىر ئاتا ئوغلىنى ئۇ‌يقۇ‌دىن ئاسانلا ئويغاتقاندە‌ك،‏ ئە‌يسامۇ ئۆلگە‌نلە‌رنى ئاسانلا تىرىلدۈرىدۇ

6.‏ تىرىلدۈرۈش سىزگە تە‌سە‌للى ۋە ئۈمىد بېرە‌لە‌يدۇ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى يائىرنىڭ قىزى ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندىلە‌ر يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رگە تە‌سە‌للى ۋە ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ.‏ لۇ‌قا 8:‏40–‏42،‏ 49–‏56-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ھە‌قىقىي يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنى ئوقۇ‌پ بېقىڭ.‏

يائىرنىڭ قىزىنى تىرىلدۈرۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئە‌يسا قىزنىڭ دادىسىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قورقمىغىن،‏ پە‌قە‌ت ئىشە‌نگىن!‏» (‏50-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ)‏.‏ تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ تىرىلىش ئۈمىدى سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • يېقىن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌ققان،‏ دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىڭىزدىن ئايرىلغاندا

  • ھاياتىڭىز خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئاستىدا بولغاندا

فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «تىرىلىش ئۈمىدى ئادە‌ملە‌رگە جاسارە‌ت بېرىدۇ» (‏21:‏3)‏

كوللاژ:‏ «تىرىلىش ئۈمىدى ئادە‌ملە‌رگە جاسارە‌ت بېرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن فىلىمدىن كۆرۈنۈشلە‌ر.‏ 1.‏ بىر قېرىنداش فىلىسىتى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن بىر جامائە‌ت يىغىلىشىدا ئاپىسى ۋېرونىكىغا تە‌سە‌للى بېرىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ۋېرونىكا ۋە ئۇ‌نىڭ قىزلىرىدىن بىرى بىر ئايالغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ تە‌سە‌للى بېرىۋاتىدۇ.‏
  • تىرىلىش ئۈمىدى فېلىسىتىنىڭ ئاتا-‏ئانىسىغا قانداق تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن تىرىلىشكە ئىشە‌نمە‌يمە‌ن».‏

  • سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

  • تىرىلىشنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قانداق ئايە‌تلە‌رنى ئىشلىتىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مىلياردلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرۈشنى بە‌ك خالايدۇ ۋە ئە‌يساغا شۇ‌لارنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بە‌رگە‌ن.‏

تە‌كرارلاش

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرۈشنى خالايدۇ.‏ بۇ‌نى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

  • مىلياردلىغان تىرىلگە‌ن كىشىلە‌ر ئاسماندا ياشامدۇ ياكى يە‌ر يۈزىدىمۇ؟‏ بۇ‌نى قە‌يە‌ردىن بىلدىڭىز؟‏

  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىزنىڭ قايتا ياشىيالايدىغانلىقىغا سىزنى نېمە قايىل قىلدى؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلىرىڭىزنى يېڭىشنىڭ بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للىرىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلىرىڭىزنى يېڭە‌لە‌يسىز»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2018-‏يىل،‏ 3-‏سان)‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتقان كىشىگە ھە‌قىقە‌تە‌ن ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏

‏«يېقىن كىشىڭىزدىن ئايرىلغاندا»‏ (‏06:‏5)‏

يېقىنىدىن ئايرىلىپ قە‌لبى يارىلانغان سە‌بىيلە‌رگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

‏«تۆلە‌م»‏ (‏07:‏2)‏

ئادە‌ملە‌ر ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلە‌مدۇ؟‏ قانداق ئادە‌ملە‌ر تىرىلدۈرۈلمە‌يدۇ‏؟‏

‏«تىرىلىش دېگە‌ن نېمە؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش