3-بۆلۈم
ئادەم بىلەن ھاۋا جەننەتتە قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەن؟
پەرۋەردىگار يەھۋا ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە قىلغان. يارىتىلىش 1:28
يەھۋا خۇدا تۇنجى ئايال ھاۋا-ئانىنى يارىتىپ، ئۇنى ئادەم-ئاتىنىڭ ئايالى بولۇشى ئۈچۈن بەرگەن. — يارىتىلىش 2:21، 22.
يەھۋا ئۇلارنى ئەقىل-ھوشى جايىدا، تېنى ساغلام، مۇكەممەل قىلىپ ياراتقاچ، ئۇلاردا ھېچقانداق نۇقسان يوق ئىدى.
ئۇلارنىڭ يۇرت-ماكانى ئېرەم باغ بولۇپ، ئۇ جايدا دەريا ۋە ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخ ۋە ھايۋاناتلار بار بولۇپ، گۈزەل ماكان ئىدى.
يەھۋا ئۇلارغا سۆز قىلىپ تەلىم بەردى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغان بولسا، يەر يۈزىدىكى جەننەت ماكان ئېرەم بېغىدا مەڭگۈ ياشىغان بولاتتى.
خۇدا بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇغان. يارىتىلىش 2:16، 17
پەرىشتىلەر ئارىسىدىكى بىرى خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەن. شۇ يامان پەرىشتە بولسا ئىبلىس شەيتاندۇر.
يەھۋا باغدىكى بىر مېۋىلىك دەرەخنى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا كۆرسەتكەن، ھەمدە ئەگەر ئۇلار شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېسە، ئۇلارنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
شەيتان، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ خۇدا يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان. شۇڭا، ئۇ يىلاندىن پايدىلىنىپ، ھاۋا-ئانىغا ئەگەر ئۇ شۇ مېۋىدىن يېسە، ئۇنىڭ ئۆلمەي، ئەكسىچە خۇداغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يالغان ئېيتقانىدى. — يارىتىلىش 3:1–5.