2-بۆلەك
ئىنساننىڭ جەننەتتىن مەھرۇم قېلىشى
بىرىنچى بىر جۈپ ئەر-ئايال، ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلىشىغا بىر ئىسيانچى پەرىشتىنىڭ سەۋەبچى بولۇشى. نەتىجىدە، گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇشى
ئىنسانلار يارىتىلىشتىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، خۇدا پەرىشتىلەر دەپ ئاتالغان نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان روھى مەخلۇقاتلارنى ياراتقان. ئېرەم باغدا، شەيتان ئىبلىس دەپ تونۇلغان ئىسيانچى پەرىشتە ھىيلە-مىكىرلىك بىلەن ھاۋا-ئانىنى خۇدا يېيىشنى چەكلىگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشكە قىزىقتۇرغان ئىدى.
شەيتان يىلاننى ئىشلىتىپ قارىماققا يىلان سۆزلەۋاتقاندەك قىلىپ سۆزلەپ، خۇدا ياخشى نەرسىلەرنى ھاۋا-ئانا ۋە ئۇنىڭ ئېرىدىن يىراق تۇتىۋاتىدۇ، دېگەننى يۇشۇرۇن كۆرسەتكەن ئىدى. ئاشۇ پەرىشتە، ئەگەر ھاۋا-ئانا ۋە ئۇنىڭ ئېرى چەكلەنگەن مېۋىنى يېسە، ئۇلارنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ شەيتان، ئاللا ئۆز بەندىلىرىگە يالغان سۆزلەيدۇ، دەپ تۆھمەت قىلغان ئىدى. يالغانچى شەيتان، خۇداغا بويسۇنماسلىقنى خۇددى پارلاق مەرىپەتكە ۋە ئەركىنلىككە يېتەكلەيدىغاندەك قىلىپ كۆرسەتكەن. بىراق، بۇنىڭ ھەممىسى بىر يالغانچىلىق، ئۇ يەر يۈزىدە سۆزلەنگەن تۇنجى يالغان گەپتۇر. مۇشۇ ۋەقە ئەمەلىيەتتە خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، راستىنلا خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟ خۇدا بەندىلىرىنىڭ پايدا-مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى توغرا يۈرگۈزەمدۇ-يوق؟ دېگەن سوئاللار ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.
ھاۋا-ئانا، شەيتاننىڭ يالغان گېپىگە ئىشەندى. ئۇ ئاشۇ مېۋىنى يېيىشىكە تەشنا بولۇشقا باشلاپ، ئاخىردا مېۋىدىن ئېلىپ يېدى. ھەمدە ئۇ مېۋىدىن ئۆز ئېرىگە بەردى، ئېرى ھەم مېۋىنى يېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار گۇناھكار بولدى. قارىماققا ئۇ ئاددىيغىنا ھەرىكەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر قارشىلىقنى ئىپادىلىگەن. خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا قەستەن ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى تاللاپ، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا ئۇلارغا ھەممە نەرسىنى، ھەتتا مۇكەممەل ھاياتلىقنى بەرگەن ياراتقۇچىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.
نەسىل «ئۇ ئۆزى سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ يانجىيدۇر. سەن بولساڭ ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقارسەن». —يارىتىلىش 3:15
خۇدا ئىسيانچىلار بىلەن ھىساپلىشىپ، ئۇلارنى جازاغا ھۆكۈم قىلدى ۋە شەيتانغا ۋەكىل قىلىنغان يىلاننى ھالاك قىلغۇچى نەسىلنىڭ يەنى قۇتقۇزغۇچى نىجاتكارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئاللا، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېخى توغۇلمىغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن رەھىمدىللىك كۆرسەتتى. ئاشۇ پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئەمدى بىر ئۈمىد پەيدا بولدى، چۈنكى ئاللا ئېرەم باغدىكى ئىسياننىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى يوق قىلغۇچى بىرىنى ئەۋەتمەكچى بولغان ئىدى. كەلگۈسىدە ئەۋەتىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى نىجاتكار كىم؟ ۋە ئۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مەقسەتلىرى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟ دېگەنلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ يېزىپ خاتىرىلىنىشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ئاشكارىلانغان ئىدى.
پەرۋەردىگار، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغنىڭ سىرتىدا، ئۇلار جان ساقلاش ئۈچۈن قان-تەر تۆكۈپ، يەرگە جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى. ھاۋا-ئانا ھامىلدار بولۇپ، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ تۇنجى ئوغلى قابىل تۇغۇلدى. ئۇلار يەنە ھابىل ۋە سېت قاتارلىق باشقا ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. سېت بولسا نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئەجدادى بولغان ئىدى.
—يارىتىلىش 3–5-باب؛ ۋەھىيلەر 12-باب 9-ئايەتكە ئاساسەن.