كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌ت 6-‏قىس.‏ 20-‏21 ب.‏
  • يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بىزنى ياراتتى؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بىزنى ياراتتى؟‏
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش
ب‌ت 6-‏قىس.‏ 20-‏21 ب.‏

6-‏قىسم

يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بىزنى ياراتتى؟‏

سۇ‌لايمان پادىشاھ ھاياتلىقنىڭ ئە‌ھمىيىتى توغرىسىدىكى سوئال ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئىزدە‌نگە‌ن

يە‌ھ‍ۋانى تونۇ‌شنىڭ سىز ئۈچۈن نېمە ئە‌ھمىيىتى بار؟‏ ئە‌ھمىيىتى ناھايىتى كۆپ.‏ بۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى،‏ مىليونلىغان كىشىلە‌رنى گاڭگىرىتىپ قويغان بىر سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش:‏ «مە‌ن نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نياغا كە‌لدىم؟‏» بە‌لكىم،‏ سىز ھە‌م مۇ‌شۇ سوئالنى ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ باققانسىز؟‏ قە‌دىمدە بىر دانا پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ مال-‏دۇ‌نياسى ئۆز زامانىدىكى «يە‌ر يۈزىدىكى ھە‌ممە پادىشاھلاردىن ئاشۇ‌ر ئىدى» ھە‌مدە ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئە‌ھمىيىتى توغرىسىدىكى سوئال ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئىزدە‌نگە‌ن (‏2-‏تارىخنامە 9:‏22؛‏ ۋە‌ز 2:‏1–‏13)‏.‏ بۇ پادىشاھ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا ئۇ‌لۇ‌غ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت،‏ ھە‌ددى-‏ھېسابسىز مال-‏دۇ‌نيا ۋە تە‌ڭداشسىز ئە‌قىل-‏پاراسە‌تكە ئىگە سۇ‌لايمان پادىشاھتۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ ئىزدىنىشىنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئۇ:‏ «بۇ ھە‌ممە سۆزلە‌رنىڭ نە‌تىجىسىنى ئاڭلاپ خۇ‌دادىن قورقۇ‌پ ئۇ‌نىڭ ئە‌مىرلىرىنى تۇ‌تقىن چۈنكى بۇ ئۆزى ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنىڭ پە‌رزىدۇ‌ر» دە‌پ خۇ‌لاسە قىلغان (‏ۋە‌ز 12:‏13)‏.‏ چۈنكى سۇ‌لايماننىڭ كۆرگە‌ن-‏بىلگە‌نلىرى نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ردىن كۆپ بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ چىقارغان خۇ‌لاسىسىنى ئە‌ستايىدىل مۇ‌لاھىزە قىلشقا ئە‌رزىيدۇ.‏ —‏ ۋە‌ز 2:‏12.‏

2 سۇ‌لايمان تىلغا ئالغان خۇ‌دادىن قورقۇ‌ش،‏ نامە‌لۇ‌م بىر روھدىن قاتتىق ۋە‌ھىمە ئىچىدە قورقۇ‌شنى ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ ئۆزى سۆيىدىغان بىر كىشىنى رە‌نجىتىپ قويۇ‌شتىن ئە‌يمىنىپ قورقۇ‌شنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز بىرسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرسىڭىز،‏ ئە‌لۋە‌تتە سىز ھە‌مىشە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايسىز ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن خالىي بولىسىز.‏ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزگە كە‌لسە‌ك،‏ سىز ھە‌م شۇ‌نداق ھېسسىياتتا بولىسىز.‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش ئارقىلىق سىز ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى،‏ نېمىنى ياخشى كۆرمە‌يدىغانلىقى ۋە يە‌رشارىنى يارىتىش مە‌قسىتى توغرىسىدا ئۆگىنە‌لە‌يسىز.‏ يە‌ھۋا «يە‌رنى سۈرە‌تكە كە‌لتۈرۈپ ئۇ‌نى ياساپ» مە‌يدانغا كە‌لتۈرگۈچى دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌مدە خۇ‌دا يە‌رنى «مۇ‌قە‌ررە‌ر قىلىپ ئۆزى ئۇ‌نى بىكار ياراتماي بە‌لكى ئولتۇ‌رماق ئۈچۈن ئۇ‌نى ياراتقان» دە‌يدۇ (‏يە‌شايا 45:‏18)‏.‏ يە‌ھۋا يە‌رشارىنى ئىنسانلارنىڭ ئۇ‌نىڭدا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌رشارىدىن ۋە يە‌ريۈزىدىكى بارلىق جان-‏جانىۋارلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشى ئۈچۈن تە‌ييار قىلغان (‏يارىتىلىش 1:‏28)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلارنى يارىتىش مە‌قسىتى ئۇ‌لارنى پە‌قە‌تلا خە‌ۋە‌ر ئالغۇ‌چى قىلىشمۇ؟‏

ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا بولسا خۇ‌دا بىلە‌ن ئۆزگىچە مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان

4 ياق،‏ ناھايىتى ئۇ‌لۇ‌غۋار مە‌قسە‌ت بار بولغان.‏ بىرىنچى ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئۆزگىچە مۇ‌ناسىۋە‌تى بار ئىدى.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ياراتقۇ‌چى بىلە‌ن بىۋاستە ئالاقە قىلىشاتتى.‏ ئۇ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئېيتقان سۆزنى ئاڭلىيالاتتى ۋە ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى ھە‌م يە‌ھۋاغا ئاشكارا ئېيتالايتتى (‏يارىتىلىش 1:‏28–‏30؛‏ 3:‏8–‏13،‏ 16–‏19؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 17:‏26–‏28)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى ھاۋا-‏ئانىنىڭ يە‌ھۋانى ياخشىراق تونۇ‌شى ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن چوڭقۇ‌ر مۇ‌ناسىۋە‌تنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى بىر پۇ‌رسە‌ت بار ئىدى.‏ يە‌ھۋا ئۇ «شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا»،‏ ئۇ‌نى تونۇ‌ش ۋە ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ ياشاش ئارقىلىق ئۇ‌لار تۇ‌رمۇ‌شىدىن رازى بولۇ‌پ قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ ياشىيالاتتى (‏1-‏تىموتىي 1:‏11،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ «ئىشلىتىپ سۆيۈنمىكىز ئۈچۈن بىزگە بېرىلگە‌ن ھە‌ر نېمە‌تنى كە‌ڭرىچىلىك بىلە‌ن بە‌رگە‌ن» خۇ‌دادۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا بىرىنچى ئىنساننى مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بىلە‌ن ئېرە‌م باغ دە‌پ ئاتالغان جە‌ننە‌تكە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ —‏ 1-‏تىموتىي 6:‏17؛‏ يارىتىلىش 2:‏8،‏ 9،‏ 16،‏ 17.‏

ئادە‌م ھۈجە‌يرىسى توغرىسىدا يېقىنقى بايقاش نېمىنى ئاشكارا قىلىدۇ؟‏

5 مە‌ڭگۈ ياشاش؟‏ سىز بە‌لكىم مە‌ڭگۈ ياشاش ئوي-‏خىيالى بىمە‌نىلىك دە‌پ رە‌ت قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ راستىنلا بىمە‌نە ئوي-‏خىيالمۇ؟‏ تە‌تقىقاتچى ئالىملار ھازىر ھۈجە‌يرىنىڭ قېرىشىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگە‌ن ھالدا چۈشىنىپ يە‌تتۇ‌ق دە‌پ قارىماقتا.‏ ئۇ‌لار ھۈجە‌يرىنىڭ خروموسۇ‌مىنىڭ ھە‌ر ئىككى ئۇ‌چ قىسىمىدا ئېرسىيە‌ت ماددىسى تېلومېرنى بايقىغان.‏ ھۈجە‌يرە ھە‌ر قېتىم بۆلۈنگە‌ندە،‏ تېلومېر بىرئاز قىسقىرايدىكە‌ن.‏ ھۈجە‌يرە 50 دىن 100 قېتىمغىچە بۆلۈنگە‌ندىن كېيىن،‏ تېلومېر تۈگە‌پ كېتىپ ھۈجە‌يرە بۆلۈنىشىمۇ توختايدىكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئە‌ڭ يېقىنقى ئىلىم-‏پە‌ن بايقاش نە‌تىجىسى شۇ‌نى كۆرسە‌تتىكى،‏ تېلومېر ئېنزىمىنىڭ ياردىمىدە ئادە‌منىڭ ھۈجە‌يرىسى توختىماستىن بۆلۈنە‌لە‌يدىكە‌ن.‏ گە‌رچە بۇ بايقاش يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاشۇ ئالاھىدە ئېنزىم ئارقىلىق ئىنسانلارنى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ دېگە‌ن مە‌نىنى بىلدۈرمىسىمۇ،‏ ئە‌مما مۇ‌شۇ بىر نە‌رسىنى ئاشكارا قىلىدۇ:‏ مە‌ڭگۈ ياشاش ئوي-‏خىيالى بىمە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏

6 خۇ‌دانىڭ بىرىنچى بىر جۈپ ئىنساننى مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاشكارا قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بۇ خاتىرىلە‌ر ناھايىتى ئىشە‌نچىلىك.‏ ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى مە‌ڭگۈ راۋاجلاندۇ‌رالايتتى.‏ ئۇ‌لار ئاسماندىكى ئاتىسى بىلە‌ن كۈچلۈك رىشتە باغلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىنسانلار ۋە يە‌رشارىنى يارىتىش مە‌قسىتىدىن خە‌ۋە‌ردار بولالايتتى ۋە ئۇ‌نى ئورۇ‌ندۇ‌يالايتتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلىك بولمايتتى.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنىڭ يە‌رشارىنى بە‌خت-‏سائادە‌تكە تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شتە‌ك پارلاق كە‌لگۈسى بولغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈ قانائە‌ت ھاسىل قىلالىغان ۋە ئە‌ھمىيە‌تلىك خىزمە‌تنى قىلالىغان بولاتتى.‏ بۇ دە‌ل كىشىنى مە‌منۇ‌ن قىلىدىغان بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش!‏ —‏ يارىتىلىش 1:‏28.‏

سىز قانداق قارايسىز؟‏

  1. 1.‏ ھاياتلىقنىڭ ئە‌ھمىيىتى توغرىسىدا سۇ‌لايمان قانداق خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن؟‏

  2. 2.‏ خۇ‌دادىن قورقۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

  3. 3.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلارنى يارىتىشىدىكى مە‌قسىتى نېمە؟‏

  4. 4.‏ ئىنسان ھاياتىنى نېمە قانائە‌ت ھاسىل قىلدۇ‌رالايدۇ؟‏

  5. 5،‏ 6.‏ سىز مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا نىسپە‌تە‌ن قانداق كۆزقاراشتا؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش